كېتىپ قاپتىمەن قۇشلارغا قاراپ،
باشلارمىكىن دەپ يارنىڭ قېشىغا.
قۇشلار سۆزلىدى، تىزماڭ ھەي ئاشىق،
مەشۇقۇڭ ئۇندا كۈلپەت بېشىدا...
قەدىمىم شۇئان تىزلەشتى قەۋەت،
قىلار يۈرەكمۇ يۈگرەشكە دەۋەت.
يۈگۈردۈم مانا ئاپئاق دالىلار،
كۆردۈم ئاخىرى بىر ساراي ھەيۋەت.
ساراي دىن ئۆتۈپ كەزدىم چۆللەرنى،
چۆللەردىن ئۆتۈپ چوڭقۇر كۆللەرنى.
كۆللەردىن ئۆتۈپ چەكسىز گۈللەرنى،
كىچە جاڭگالدا كەزدىم تۈنلەرنى.....
ماڭدىم قانچىلىك، نامەلۇم ماڭا،
تەڭلارمۇ مۇ ئاتتى چۆلدە مەن يانا.
لېكىن ھەيرانمەن شۇ قۇشلار سايراپ،
بولدى ھەر ۋاقىت يولباشچى،ھەمراھ.
جاپالىق،مۈشكۈل يوللارنى كېزىپ.
ئاخىرى كەلدىم يارنىڭ قېشىغا .
يىغلىغان بولسا يايرىم ئازابتا،
قولياغلىق بىرەي ئاققان يېشىغا...
كۆردۈم ئەنە يار، داڭ قېتىپ قالدىم!
ياڭرايتتى كۈلكە شوخ جاراڭ بىلەن.
بىر يىگىت ياندا گويا بۇلبۇلدەك،
قىزغىن كەيپىيات،شوخ پاراڭ بىلەن.
......................
!!!!!!!!!! ئاھ
چۈشكەن بۇ ئەسلى قارا بېسىپتۇ،
قۇشلارمۇ يوققۇ ئاستا قېچىپتۇ.
ئۇنتىماق ئۇچۇن ئەسلىمىگەنتىم،
لېكىن ئۇ يەنە چۈشكە كىرىپتۇ.
قارا بېسىپتۇ،تۈف،تۈف،تۈف....
تېخى تەرلىتىپ يۈز كۆزلىرىمنى،
يەنە ئەسلىتىپ ئۆتمۈشلىرىمنى،
يۈرەك يارسىغا تۈزلار چېچىپتۇ.
ئۇنتۇل ھەي ئۆتمۈش كۆزۈم كۆرمىسۇن،
خىياللىرىممۇ سىنى سۈرمىسۇن.
قايتاي ئەسلىمگە، يۈرۈكۈم ياردار،
ئەمدى بېغىمغا يانتاق ئۈنمىسۇن !
مەنبە :
قەلب ئۇچقۇنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا MAYOR330 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-2-5 09:41 PM