مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 700|ئىنكاس: 8

ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدا تەنتەربىيە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73543
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3068
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 55 سائەت
تىزىم: 2012-1-20
ئاخىرقى: 2012-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 03:41:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدا تەنتەربىيە

يۈسۈپجان ياسىن

مەلۇمكى، ئىنسان توپلىرىنى مىللەت سۈپىتىدە تۇنۇتقان كۈلتۈر تەركىپلىرىدىن بىرى تەنتەربىيىدۇر. ئۇ خۇسۇسىيلىققا ئىگە بولغىنىدەك، يەنە ئىجتىمائىلىققىمۇ ئىگە بىر پائالىيەت. شۇنىڭدەك، ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىيلەر(تۈركىي مىللەتلەر)نىڭ ياشىغان جۇغراپىيىلىك مۇھىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە تارىخىنىڭ يۈزلىنىشى ئۇلارنىڭ تەنتەربىيە تارىخىنىڭ مەيدانغا كىلىشىدە بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ بوزقىردىكى ھاياتلىق كۆرەشلىرى ۋە ھەربىي تۇرمۇشى ئۇلاردا تەنتەربىيىنى ھەم جىسمانىي ھايات تەربىيىسى ھەم ھەربىي مەشىق سۈپىتىدە تەتبىقلاپ بۇ ئارقىلىك روھىي قۇۋۋەتنىمۇ مۇستەھكەملىشىدىكى مۇھىم ۋاسىتىغا ئايلانغاندۇرغانىدى.   

تارىخىي مەنبەلەر تۈركىيلەرنىڭ قەدىمدىن تارتىپ  تەنتەربىيىدە يۈكسەلگەن بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بۈگۈنكى كۈندىمۇ دۇنيا مىللەتلىرى ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن <>(<<تۈركتەك كۈچلۈك>> مەنىسىدە )  دېگەن سۆز تالاي ئەسىرلەرنىڭ تەنتەربىيە چۈشەنچىسىنى ئىپادە قىلىدىغان بىر ھىكمەتلىك سۆزدۇر. (1)

   تۈركىيلەرنىڭ جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ بوزقىردىكى ھەرىكەتچان ھاياتنى ئاساس قىلغان ياشاش ئۇسۇلى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەۋجۇت مۇشكۈل تۇرمۇش شەكلى ئۇلاردا قەھرىمانلىق ۋە جەڭگىۋارلىق ئەنئەنىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇلار تەنتەربىيىگە كۆپ ۋاقىت ئاجرىتىپ قەھرىمانلىق، يەنى ئالپلىق ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرغانىدى. ھۇنلار ۋە كۆكتۈركلەر دەۋرىدىلا تەنتەربىيىدە چوڭ ئىلگىرلەش بولغان. چېلىشىش، ئوۋچىلىق، مەرگەنلىك، مىنىكچىلىك، قىلىچۋازلىق، ئوقچىلىق، پىيادە يۈگرۈش، سەكرەش، تاغقا چىقىش، ئېغىرلىق كۆتۈرۈش، نەيزە -- دېسكا ئېتىش، گۈرزە ئىشلىتىش، جىرت(ئات ئۈستىدە ئوينىلىدىغان كالتەك ئويۇنى)، چەۋگەن(پولو)، كۆكبۆرە، تەپۈك(پۇتبۇل)، ياغاچ توپ، قاياق ۋە توم كالتەك قاتارلىق تەنتەربىيە تۈرلىرى ئۇيغۇرلاردا ئەنئەنىۋىي ۋە مۇسابىقە شەكلىدە قەدىمدىن بېرى ياخشى كۆرۈپ ئوينىلىپ كەلگەنىدى. مەھمۇد قەشقەرى تەنتەربىيىنىڭ 38 خىل تۈرىدىن سۆز ئاچقان. بۇ تەنتەربىيە تۈرلىرى ھەممىدىن بەكرەك ئۇلارنىڭ جىسمانىي قۇۋۋىتىنى ئاشۇرغان ۋە كۈرەش ئىرادىسىنى مۇستەھكەملىگەن.

تۈرك(ئۇيغۇر) دېيىلگەندە ئەقلىمىزگە دەرھال ئەسكەرلىك، جەڭگىۋارلىق ۋە قەھرىمانلىق خاراكتىرى كېلىدۇ. بۇلار بىۋاسىتە بەدەن كۈچىگە تايىنىدۇ. ۋۇجۇدى تەنھەرىكەت مەشقىدىن ئۆتمىگەن، بىلىكى ئېغىر قىلىچلانى كۆتۈرۈپ باقمىغان ۋە ئات ئۈستىنى تۆشەككە ئايلاندۇرۇپ باقمىغان بىر ئىنسان مۇشكۈلچىلىكلەرگە ۋە ئۇزۇن مۇساپىلىق ئاتلىق يۈرۈشلەرگە ھەرگىزمۇ بەرداشلىق بىرەلمەيدۇ. دۇنيادىكى ئاساسلىق  جەڭگىۋار خەلقلەردىن بولغان تۈركىيلەرمۇ ئۇزۇن مەزگىلدە ئاران ئادەتلىنىدىغان  تەنتەربىيە بىلەن شۇغۇللانمىغان بولسا ھەرگىزمۇ  بۇنداق جەڭگىۋار مىللەت دېگەن  سۈپەتكە ئىرىشمىگەن بولاتتى.

تۈركىيلەردە تەنتەربىيىنى جەڭگىۋار كۈچنىڭ تەسىرىدە ئوتتۇرىغا چىققان دېيىشكە بولىدۇ. ئۇرۇش بەدەن كۈچىگە تايىنىدىغان ئاشۇ قەدىمكى دەۋرلەردە ئۇلار تەنتەربىيە بىلەن شۇغۇللىنىش ئارقىلىق ئۇرۇشقا قارىتا بەدەن ۋە زېھنىي كۈچ تەييارلىقىنى ھازىرلايتتى. چۈنكى دەۋر بەدىنى كۈچلۈك ئەسكەرلەرگە مۇھتاج  بۇلاتتى.  تۈركىيلەر ھەم تەبىئەت بىلەن بولغان كۈرەشتە ھەم دۈشمەنلەر بىلەن بولغان ئۇرۇشتا  تەنتەربىيىنىڭ رولىنى ناھايىتى ياخشى چۈشەنگەن. بالىلارنى كۈچلۈك قىلىپ يىتىشتۈرۈش ئۈچۈن تەنتەربىيىگە پەۋقۇلئاددە ئەھمىيەت بەرگەن. ھۇنلار، كۆكتۈركلەر ۋە ئۇيغۇرلاردا بۇنىڭ ئېنىق ۋە جانلىق بەلگىلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ.

تۈركىيلەردە جۈملىدىن ئۇيغۇرلاردا بالىلار تەربىيىسى مىللەتنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىغا قاراپ بەلگىلەنگەن. بالىلار ناھايىتى كىچىك ۋاقىتلىرىدىن تارتىپلا مىنىكچىلىك، ئوۋچىلىق، چېلىشچىلىق ۋە ئۇرۇش قىلىشقا  ئادەتلەندۈرۈلگەن. ياغاچ ئاتقا مىنىش ۋە ياغاچ قىلىچ ئويناش شەكلى بىلەن باشلانغان بۇ تەنتەربىيە مەشىق سىستېمىسى بالىلارنىڭ يېشى چوڭايغانسىرى مۇكەممەللەشكەن ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتى سۈپىتىدە ئوق ئېتىش، ئاتقا مىنىش ۋە ئۆتكۈر قىلىچلارنى ئىشلىتىش مەشقىگە ئۆتكەن.

بالا ئاتنى تىزگىنلەش، قىلىچنى قولىغا ئېلىپ خالىغانچە ئىشلىتىش ۋە ئوقنى خالىغان نىشانغا تەككۈزۈشتىن ئالغان زوقنى ناھايىتى بالدۇرلا ھېس قىلىپ يەتكەچكە،   قۇرداشلىرى ئارىسىدا جاسارىتى ۋە باتۇرلىقى بىلەن تەڭداشسىز بولۇشقا ۋە ئۇلاردىن پەرقلىنىپ تۇرۇشقا تىرىشاتتى. ئۇيغۇرلاردا تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى بالىنىڭ ھارماي، زېرىكمەي، بەلكى قىلغانلىرىدىن زوق ئالغان ھالدا ئېلىپ بېرىشى شۇ دەۋر تەنتەربىيە سىستېمىسىنىڭ ئاساسىي پەلسەپىسىنى تەشكىل قىلغانىدى. شۇڭلاشقا،  تەنتەربىيە مەشقى بىلەن شۇغۇللانغان بىر ياش ئۇنىڭ ئۆزىنى چارچاتماي بەلكى كۈچلەندۈرگەنلىكىنى چۈشەنگەچكە، تەنتەربىيىنى ياخشى كۆرەتتى. تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىنىڭ چارچىتىش ئەمەس، بەلكى كۆڭۈل ئاچىدىغان بولۇشىغا دىققەت قىلىناتتى. قىزلارمۇ ئات  مىنىشنى بىلەتتى. بالا يېشى چوڭايغاندا ئوۋغا چىقاتتى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئوقيا ئىشلىتەلىگىدەك ياشقا كەلگەندە ئۇرۇشقا قاتنىشاتتى. قەدىمكى دەۋردە ئۇيغۇرلاردا بىر ئادەمنىڭ قىممىتى بەدەن كۈچى ۋە قورال ئىشلىتىشتىكى ماھارىتى بىلەن ئۆلچەنگەنلىكى ئۈچۈن، ئوق ئېتىشقا ياكى ئۇرۇشقا قاتناشقىدەك ياشقا كەلگەن ياشلار پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ماھارىتىنى كۆرسىتىشكە تىرىشاتتى.   

ئوغۇزلاردىن قالغان بىر رىۋايەتتە قىلىچنىڭ تۈركىيلەر تەرىپىدىن ئىجات قىلىنغانلىقى سۆزلىنىدۇ. قىلىچنىڭ شەرقتە مىڭ خىلدىن ئارتۇق ئىسمى ۋە تۈرلىرى بار. ھۇنلار، كۆكتۈركلەر، ئۇيغۇرلار، شۇنىڭدەك سەلجۇقلار ۋە ئوسمانىيلارنىڭ قىلىچ، نەيزە، ئوق ۋە قالقان قاتارلىق قۇراللارنى ئىشلىتىشتە كۆرسەتكەن ماھارىتى رىۋايەت بولماستىن، بەلكى دۇنيا قوبۇل قىلغان بىر ھەقىقەت سۈپىتىدە بىلىنمەكتە.(2) تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى، تەنتەربىيىنىڭ ھۆكۈمدارلىق شەرتلىرىدىن بىرى بولغانلىقىدۇر. خەنزۇ مەنبەلىرىدىكى كۆكتۈركلەرگە ئائىت بىر رىۋايەتتە، تۈركنىڭ  ئون خوتۇنىدىن تۇغۇلغان بالىلارنىڭ ئۆزلىرىگە قاغان سايلاش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بىر دەرەخنىڭ ئاستىغا يىغىلىپ كىمنىڭ دەرەخ بويلاپ ئەڭ ئىگىز سەكرىيەلىسە شۇنىڭ قاغان بولىدىغانلىقىغا كىلىشكەنلىكى ۋە ئاشىنا دېگەن ئوغۇلنىڭ ئەڭ ئىگىز سەكرەپ قاغان بولغانلىقى سۆزلىنىدۇ. (3) <<تۈركىي تىللار دىۋانى>> بىلەن <<قۇتادغۇ بىلىگ>>تە ئەلچىلەرنىڭ بىلىشى زۆرۈر بولغان نەرسىلەر ئىچىدە ئاسترونومىيە، گېئومېتىرىيە، تىبابەت، چەتئەل تىللىرى ۋە شاھمات بىلەن بىرلىكتە چەۋگەن ئويۇنىدىمۇ ماھارەت ئىگىسى بولۇش كىرەكلىكى زىكرى قىلىنغان.  خەنزۇ مەنبەلىرىدە <<دىڭلىڭ>> دەپ ئاتالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايىتى تىز يۈگرەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. (4)

مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇيغۇرلاردىكى ئەڭ قەدىمكى تەنتەربىيە تۈرلىرىنىڭ بىرى چېلىشىشتۇر. بۇ قەدىمكى تۈركىي تىلدا <<كۈرەش>> دەپ ئاتالغان. (5)  چېلىشىش تارىخىمىزنىڭ ھەر بىر دەۋرىدە چوڭ شەھەردىن تارتىپ يېزا – قىشلاق، مەھەلىلەرگە قەدەر يېيىلغان. يىگىتلىك ئويۇنى سۈپىتىدە خاراكتېرلەندۈرۈلگەن چېلىشىش يىغىلىش، كۆڭۈل ئېچىش، توي  ۋە بايراملارنىڭ، ھەتتا دەپنە ئىشلىرىنىڭ دائىملىق مۇراسىملىرىدىن بىرىگە ئايلانغان. شۇنىڭدەك، ئەڭ قەدىمكى دەۋرلەردىن باشلاپ ئەرلەرنىڭ ئۇرۇش قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن قوشۇن ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان تەنتەربىيە ۋە مۇسابىقىلەردە چېلىشىشقا مۇھىم ئورۇن بېرىلگەن. ئارخېئولوگىيىلىك تېپىلمىلار ئىچىدىمۇ چېلىشىشقا دائىر كۆرۈنىش ئىشلەنگەن بۇيۇملارمۇ تېپىلدى. ئىسكىت تۈركلىرى -- ساكلارغا ئائىت سۆڭەكتىن ياسالغان بىر بۇيۇم ئۈستىگە چۈشۈرۈلگەن چېلىشچى فىگۈرلىرى ئالاھىدە دىققەتنى تارتىدۇ.(6) 1955-1957- يىللىرى شىئەن شەھرىدىكى بىر ھۇن قەبرىسى بايقىلىپ قېزىلغان ۋە بۇنىڭدىن كۆپۈنچىسىنىڭ ھۇنلارنىڭ بۇيۇملىرى ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن ھەمدەپنە بۇيۇملار تېپىلغان. بۇ بۇيۇملار ئىچىدە ئىككى دانە تىكتۆت بۇلۇڭ شەكىللىك نەقىشلىك مىس بىزەك ئالاھىدە دىققەتنى تارىدۇ. بۇ بىزەكنىڭ ئوتتۇرىسدا قاڭشارلىق كەلگەن، ئۇزۇن چاچ قويغان، پاچىقى بوغماق ئىشتان كىيگەن ئىككى ئادەم بىر بىرىنىڭ بىلى ۋە پۇتىدىن تۇتۇشۇپ چېلىشىۋاتقان ھالەتتە تۇرغان. بۇ سۈرەتتە ئىپادىلەنگەن چېلىشىش شەكلى قومۇل، تۇرپان، توقسۇن ئۇيغۇرلىرىنىڭ ھازىرقى زامان چېلىشىش شەكلىگە ئوخشايدۇ. (7) 1983- يىلى بارچۇق(مارالبېشى) تەۋەسىدىكى مىلادى7-10- ئەسىرلەرگە مەنسۇپ چوڭ تىم خارابىلىقىدىن قەدىمكى  چېلىشچىلارنىڭ شەكلى چۈشۈرۈلگەن بىر ساپال ھەيكەل تېپىلغان.  ھەيكەلدىكى بۇ كۆرۈنىش ئۇيغۇرچە چېلىشىش شەكلى ئىدى.(8)  

خەنزۇ مەنبەلىرىدە چېلىشىش سۆزى <<كاللا بىلەن ئۈسۈش>> دېگەن مەنىدە <<جىياۋدى>> دەپ يېزىلغان ۋە ھەر يىلى يېڭى يىل كۈنى  يەنجى -- قاراشەھەردە ساۋۇت -- دوبۇلغا كىيگەن يىگىتلەرنىڭ بىر بىرى بىلەن ئۇرۇشىدىغانلىقى-- چېلىشىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. (9) بەزى غەرپلىك يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركلىرىدىن سۆز ئېچىلغاندا، <<بۇ ئەللەردە ئاتقا ياخشى مىنەلمەيدىغان ۋە چېلىشالمايدىغان يىگىتلەرگە قىز بىرىلمەيتتى >> دېيىلىدۇ. ھۇنلارنىڭ ھەر ئاينىڭ 15- كۈنى قەبرە بېشىغا يىغىلىپ چېلىشىدىغانلىقى بىلىنمەكتە.  سوڭ ۋېن قىۋىشقادا كۆرگەن تۈرك تەنتەربىيە بايراملىرىنى مۇنداق تەرىپلىگەن: <<ئىبادەتخانىلارغا قاراشلىق تەنتەربىيە قۇرۇلۇشلىرى ئۇدا ئۈچ كىچە--كۈندۈز داۋاملىشىدىغان تەنتەربىيە بايراملىرىنى ئورۇنلاشتۇراتتى. بۇ بايرامدا پالۋانلار چېلىشاتتى، كىشىلەر يۈگرىشەتتى، مىنىكچىلەر -- چەۋەندازلار ئات بەيگىسى قىلاتتى، جىرت ۋە توپ ئوينىلاتتى، ئوق ئېتىشاتتى.>> ھەقىقەتەن، بۇ مىللەتتە چېلىشسىز ئۆتكەن كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنىڭ خوشاللىقى چالا قالغان ھېساپلىناتتى. تۈرك ئەدەبىياتىدا قىزلارنىڭ چېلىشىدىغانلىقى، بەزى جەسۇر ۋە كۈچلۈك قىزلارنىڭ توي قىلماقچى بولغان يىگىتكە ئاۋۋال ئات بەيگىسىدە، ئوق ئېتىشىشتا ۋە چېلىشىشتا ئۆزىنى يېڭىۋېلىشىنى شەرت قىلىدىغانلىقىغا دائىر بايانلارمۇ ئۇچرايدۇ. (10)

دۇنيانىڭ ئەڭ قەدىمكى قۇراللىرىدىن بىرى بولغان ئوقچىلىققا  ئۇيغۇرلارمۇ  ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەن ۋە تارىختىكى دەۋرداش مىللەتلەرگە ئوقنى ھەيران قالغۇدەك دەرىجىدە يىراققا ئېتىش، نىشانغا دەل تەككۈزۈش ۋە ئوقنى پەۋقۇلئاددە بىر ماھارەت بىلەن ئېتىشتەك ئۈستۈنلىكى بىلەن  تۇنۇلغان.  ئۇلارنىڭ بۇ ماھارىتى خەنزۇ، ئەرەب، پارس، ئەرمەنى، گۈرجۈ ۋە ياۋروپالىق مۇئەللىپلەر تەرىپىدىن بىلدۈرۈلمەكتە.(11) بۇنىڭغا بىر مىسال ئالىدىغان بولساق، ئەرەب مۇتەپەككۇرى جاھىز مۇنداق دەيدۇ:<<ئەگەر تۈركلەردىن مىڭ ئاتلىق بىردىنلا ئاتلىنىپ باشقا مىڭ ئاتلىق خاۋارىجلارغا ھۇجۇم قىلسا، ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىدۇ. بۇ خۇسۇستا تۈركلەر بىلەن سېلىشتۇرۇشقا بولىدىغان باشقا بىر قوشۇن يوقتۇر. خاۋارىجلار بىلەن بەدەۋىي ئەرەبلەرنىڭ ئات ئۈستىدە تۇرۇپ ئوق ئېتىشىنى تىلغا ئېلىشقا ئەرزىمەيدۇ. تۈركلەر ئات ئۈستىدە تۇرۇپ ياۋايى ھايۋانلارنى، قۇشلارنى ئوۋلايدۇ. ھاۋاغا قارىتىلغاندەك ئېتىلغان ئوق نىشانغا ۋە خالىغان كىشىلەرگە، يوشۇرۇنغان ئوۋ ھايۋانلىرىغا، ئۇچۇۋاتقان يىرتقۇچ قۇشلارغا دەل تېگىدۇ. خاۋارىج نىشاننى قارىغا ئېلىپ بىر ئوق ئاتقۇچە تۈرك ئون ئوق ئاتىدۇ.>>(12) ئەمەلىيەتتىمۇ ئۇلارنىڭ ئۇرۇش بىلەن تۇرمۇش بىر گەۋدىگە ئايلانغان ياشاش ئۇسۇلىدا ئەرلەر تىنچ مەزگىللەردە ئوۋچىلىق، مۇسابىقە ياكى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق ئوق ئېتىشنى مەشىق قىلاتتى. ھۇنلاردا بالىلار قوي مىنىپ ئوقيا ئېتىپ، قۇشقاچ،  كۈسەتكە ئوۋلاش، سەل چوڭ بولغاندا بولسا تۈلكە، توشقان ئېتىپ ئوزۇقلىنىش ئارقىلىق ئوق ئېتىش مەشقى ئېلىپ باراتتى. ئەسكەرلەر ئۇچۇپ كىتىۋاتقان شۇڭقارنى ئېتىپ چۈشۈرۈش ئارقىلىق مەرگەنلەر قاتارىغا قوشۇلاتتى. (13)  سۈي سۇلالىسىنىڭ سارىيىدا بىر قېتىم كۆكتۈركلەر بىلەن خەنزۇلارنىڭ چوڭ كۆلەملىك بىر ئوق ئېتىش مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلغان. (14) 4-6- ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلار ھاۋا گۈلدۈرلىگەن چاغدا قىقاس – چۇقان كإتۈرۈپ، ئاسمانغا قارىتىپ ئوق ئاتاتتى ۋە ئۇ يەرنى تاشلاپ كإچۈپ كىتەتتى. (15) <<ئوغۇزنامە>> داستانىدا ئوغۇزخانىڭ توي ئۆتكۈزۈپ ئىككى تىرەك ياغىچى ئۈستىگە ئىككى توخۇ قوندۇرغانلىقى، ئۈچ ئوقلار بىلەن بوز ئوقلارنىڭ بۇ توخۇلارغا قارىتىپ ئوق ئاتقانلىقى سۆزلىنىدۇ. ئىىسلامىيەتتە ئوق ئېتىش مۇقەددەس بىر ۋەزىپە سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان. (16) ۋاڭ يەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىدا ئەرلەرنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىشى ئات مىنىش ۋە ئوق ئېتىشنى مەشىق قىلىش ئىدى. ئۇلار ھەر يىلى باھاردا بىر يەرگە توپلىشىپ بۇددا ئىبادەتخانىلىرىغا باراتتى. ئىبادەتخانىنى زىيارەت قىلىۋاتقان چاغدا، بىر مۇنچە كىشىلەر ئالدىغا ئۇچرىغان ھەر قانداق نەرسىلەرگە ئوق ئېتىپ، نەيزە سانجايتتى. بۇ ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق يامان روھلارنى قوغلىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. (17) مەھمۇد قەشقەرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئوق ئېتىش ماھارىتى ئۈستىدە توختىلىپ ئۇلارنىڭ ئوقنى ئالدىغا قانداق ئاتسا كەينىگىمۇ شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن ئاتىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، <<ئۇلار ئەڭ ئۇستا مەرگەنلەردۇر>> دەپ چۈشەندۈرگەن. ئۇ كىچىك بالىلارنىڭ سۆگەت ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش دەرەخلەرنىڭ نوتىسىدىن ياسالغان ۋە تۈپەك دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئويۇنچۇق مىلتىق بىلەن قۇچقاچ ئېتىپ ئويناش ئارقىلىق قارىغا ئېلىشنى ئۈگىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. يەنە كىشىلەر ئارىسىدا ئوزئارا ئوق ئېتىشىدىغان مۇسابىقىلارنىڭ بولغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، بۇنى<<ئۇ مىنىڭ بىلەن ئوق ئېتىشتى>> دېگەن سۆز ئارقىلىق چۈشەندۈرگەن. (18)   

ئوق ۋە يا ئۇيغۇرلارنىڭ چۈشەنچىسىدە ئاتقا ئوخشاش مۇقەددەس بىر مەنىگە ئىرىشكەن. <<ئۇيغۇر>> ۋە <<ئوغۇز> > دېگەن ناملارنىڭ <<ئوق>> سۆزىدىن كېلىپ چىققانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغىنىدەك، قەدىمكى تۈركىي قەبىلىلەر ئىچىدىمۇ <<ئۈچ ئوق>>، <<ئون ئوق>> دېگەن ئېتنىك ناملار ئۇچرايدۇ. ئوق ۋە يانىڭ ئىسمىنى ئاتاپ قىلىنغان  قەسەمنىڭ مەخسۇس بىر خىل ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى بىلىنمەكتە. ھەتتا ئۆلۈم جازاسىدا يانىڭ كىرىچىگە بوغۇپ ئۆلتۈرۈش بۇ جازاغا ئۇچرىغان كىشى ئۈچۈن بىر خىل ھۆرمەت ئىپادىسىنى بىلدۈرەتتى. (19)

قەدىمكى تۈركىيلەردە ئوۋچىلىقنىڭ ئورنى ۋە مەناسى كۆپ خىل ئىدى. راشىدىننىڭ چۈشەندۈرىشىچە، ئوغۇز قەبىلىلىرىدىن بىرنىڭ نامى بولغان <<ئاۋشار>> سۆزىنىڭ مەنىسى <<چاققان ۋە ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلاشقا ھەۋەس قىلىدىغان>> دېگەنلىكتۇر. ئوۋ ئۈچۈن كۆندۈرۈلگەن بۈركۈت، قارچىغا قاتارلىق يىرتقۇچ قۇشلار، تايغان ۋە زاغار جىنسىدىكى ئىتلار ئارقىلىق پىيادە ۋە ئاتلىق ئېلىپ بېرىلىدىغان ۋە <<سىغىر>> دەپ ئاتىلىدىغان سۈرگۈن (ئۇزۇنغا سۇزىلىدىغان) ئوۋلىرى ھۇنلار دەۋرىدىن بىرى تۈركىيلەرنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىدا ناھايىتى مۇھىم بىر ئورۇن تۇتقان. ھۇنلار، كۆكتۈركلەر ۋە ئۇيغۇرلار ئوۋچىلىقنى ئوزۇق ئېھتىياجلىرىنى قامداش ۋە ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىدىغان بىر تەنتەربىيە سۈپىتىدە قوبۇل قىلغان. ھۇنلار دەۋرىدە مۇشۇنداق بىر ئوۋغا 100مىڭ ئەسكەر قاتناشقان. (20)   

ئاتنى قولغا ئۈگەتكەنلەر ۋە تۇنجى بولۇپ ئات مىنگەنلەر تۈركىيلەرنىڭ ئەجدادلىرىدۇر. مەھمۇد قەشقەرىنىڭ <<ئات تۈركنىڭ قانىتى>> دېگەن سۆزى بۇ مىللەت تۈركۈمىنىڭ بۇ ئېسىل ھايۋانغا قانداق بىر نەزەر بىلەن قارىغانلىقىنى ۋە نەقەدەر زور ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى ناھايىتى گۈزەل ئىپادە قىلغان. جۇڭگو، غەرپ، ئەرەپ ۋە پارس مەنبەلىرىدە ھۇنلار، كۆكتۈكلەر ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئات مىنىشكە ناھايىتى ماھىرلىقى كۆپ تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇ ھەقتە كامىل كەپەجىئوغلۇ مۇنداق دەيدۇ: <<تۈركلەر بۆشۈكتىكى چېغىدىلا مىنىكچى(ئات چەۋەندازى) ئىدى. بالا بۆشۈكتىكى چېغىدا ئۇنىڭ ئىككى پۇتىنىڭ ئارىسىغا قىستۇرۇلغان بىر تال ياغاچ پارچىسى بولۇپ، بىر مىنىكچى ئاتنىڭ ئۈستىدە قانداق ئولتۇرغان بولسا، بالىمۇ بۇ ياغاچ پارچىسىنىڭ ئۈستىدە شۇ خىل ھالەتتە ياتاتتى. بالا ئۆمىلەشكە باشلىغاندا ياكى بىر قوينىڭ ياكى بىر ئىتنىڭ ئۈستىگە يامىشىدۇ. بەش ياشقا كىرگەن چاغدا قېرىنداشلىرى ۋە دوستلىرى بىلەن ئات مىنىشكە باشلايدۇ. سەككىز ياشقا كەلگەندە ھەقىقىي بىر مىنىكچىگە ئايلىنىدۇ. ئون ئىككى يېشىدا ياۋا ئاتلارنىمۇ بويسۇندۇرالايدىغان دەرىجىدە ماھارەتلىك بىر مىنىكچى بولۇپ يىتىلىدۇ.>> (21) تەتقىقاتچىلار ئۇلارنىڭ ئات مىنىش ئۇسۇلىنىڭ قىرىق خىلغا يەتكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

مەلۇم بولغىنىدەك، ھۇنلار، كۆكتۈركلەر ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى ئات ئۈستىدە ئۆتكەچكە، ئات بەيگىسى ئۆتكۈزۈش ئۇلارنىڭ ئۈچۈن مۇھىم بىر تەنتەربىيە سۈپىتىدە داۋاملىشىپ ماڭغان. ھۇنلار تۈرلۈك يىغىلىشلاردا ئات بەيگىسى، تۆگە سوقۇشتۇرۇش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگىنىدەك(22)، كۆكتۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرلاردىمۇ بۇ مۇسابىقىنىڭ داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى جەزىملەشتۈرەلەيمىز. كۆكتۈركلەر دەۋرىدە <<بەيگە ئېتى، مىنىش ئېتى، ھەربىي ئات، پوچتا ئېتى>> قاتارلىق ئاتلار بولغان. (23) مەھمۇد قەشقەرى ئات بەيگىسىنىڭ <<يارىش>> دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى، بەيگىدە ئۈزۈپ چىققان ئاتنىڭ <<يۈگرۈك ئات>> دەپ ئاتىلىدىغانلىقى ۋە بەيگىدە بىر ئات چېپىم يەرنىڭ <<بىر يارشىم يەر>> دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەھمۇد قەشقەرىنىڭ بايانلىرىدىن يەنە شۇ ۋاقىتتا بەيگە ئۈچۈن مەخسۇس ئات سورتلىرىنىڭ يىتۈشتۈرۈلگەنلىكى مەلۇم. مەسىلەن، <<ئارقۇن-- ئارغۇن، شالغۇت. ياۋا ئايغىر بىلەن ئۆي بايتىلىدىن تۇغۇلغان ئات. بەيگىدە كۆپىنچە مۇشۇنداق ئاتلار ئۈزۈپ چىقىدۇ>> دەپ چۈشەندۈرگەن. (24)

ئات بەيگىسى تۈرك مىفلىرىدىمۇ مۇھىم تەسۋىرلەرنىڭ بىرى ئىدى. ئومۇمەن ئىككى خىل ئات بەيگىسى بولغان. بىرى پەقەت مۇسابىقىلىشىش مەخسىتىدىكى ئات بەيگىسى ئىدى. بۇ خىل ئات بەيگىسى توي، يىغىلىش، نەزىرە-- چىراق ۋە بايرامنىڭ ئاساسلىق زىننىتىنىڭ بىرى ھېساپلىناتتى. يەنە بىر خىل بەيگە بولسا ئۇرۇش مەخسىتىدە ئإتكۈزىلەتتى. بەزىدە ئىككى قوشۇن ئۇرۇش ئۈچۈن بىر بىرى بىلەن ئۇچراشقاندا كېڭىشىش ئإتكىزىلەتتى. كإپىنچە ئىككى تەرەپتىن بىردىن باتۇر ياكى ئەسكەر ئوتتۇرىغا چۈشۈپ بىر بىر بىلەن سىمۋوللۇق ھالدا كإرەش قىلاتتى. قايسى تەرەپنىڭ كۈرەشچىسى غالىپ كەلسە، شۇ تەرەپ غەلىبە قىلغان ھېساپلىناتتى.

قاياق ئاسىيانىڭ كەڭ قارلىق رايونلىرىدا مەيدانغا كەلگەن قار ئۈستىدە تېيىلىدىغان تەنتەربىيە تۈرلىرىنىڭ بىرى ئىدى. بۇ ھەرىكەتنىڭ كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقى ۋە سوغۇققا چىداملىقىنى ئاشۇرۇشتا  رولى زور ئىدى. دەستلەپكى قاياق ئالتاي تاغلىرىدا قوللىنىلغان دەپ قارالماقتا. قاياق ئۇ چاغدا بىر بىر خىل قاتناش ۋاسىتىسى ئىدى. دەستلەپكى قاياق بۇغا تېرىسى بىلەن قاپلانمايتتى. ئۇ ياغاچتىن ياسالغان بولۇپ، بىر خىل قار ئايىغى ماھىيىتىدە ئىدى. (25) شىمالىي ياۋروپا مەملىكەتلىرىگە مىللەتلەرنىڭ چوڭ كۆچۈشىدىن بۇرۇن ئۇرال تاغلىرى ئەتراپىدا ياشىغان فىنلىقلارغا دەستلەپكى تۈركلەر تەرىپىدىن قاياقنىڭ ئۆگىتىلگەنلىكى ئالغا سۈرۈلمەكتە. ئۇيغۇرلاردا قاياق سۆزىنىڭ ئورنىغا <<چانا>>، چانا سۆزىنىڭ ئورنىغا <<چاناق>> سۆزى قوللىنىلغان. قورىقانلارغا ئائىت قىيا تاش رەسىملىرىدە ئۈستى كىگىز بىلەن قاپلانغان، ئات ۋە ئىتقا سۆرۈتىلگەن بىرمۇنچە قاياق-- چانا ئەترەتلىرىمۇ كۆرۈلگەن. (26)

قەدىمكى تۈركىيلەردە سۆڭەك ۋە ياغاچ قاياقنىڭ قوللىنىلغانلىقىغا دائىر دەستلەپكى مەلۇماتلار خەنزۇ مەنبەلىرىدە خاتېرىلەنگەن. بۇ مەنبەلەر ئوتتۇرا سىبىرىيە، ئالتاي، سايان تاغلىرى ۋە ئۇنىڭ شىمالىدىكى جايلاردا ياشىغان قەۋملەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. ئوتتۇرا سىبىرىيىدە ياشايدىغان كۆكتۈرك قەبىلىلىرى كالا سۆڭىكىدىن ياسالغان قاياقلار بىلەن مۇز ئۈستىدە تېيىلىدىغانلىقى ئۈچۈن <<كالا ئاياقلىق تۈركلەر>> دەپ ئاتالغان. بەزى كۆكتۈرك قەبىلىلىرى ياغاچتىن ياسالغان قاياقلار بىلەن يول يۈرگەنلىكتىن <<ياغاچ ئاتلىق تۈركلەر>> دەپ ئاتالغان. كۆكتۈركلەر مۇز ئۈستىدە <<ياغاچ ئات>>قا مىنىپ تېيىلىپ ئوينايتتى. پۇتىغا قاياق باغلايتتى. بىر تال ئەگرى تاياقنى قولىغا ئېلىپ قاياق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزەتتى ۋە قاياقنى تاياققا تايىنىپ ئىتتىرىپ ناھايىتى تىز سۈئەتتە تېيىلاتتى. خەنزۇ مەنبەلىرىدىن كۆكتۈركلەرنىڭ ئوۋچىلىق ۋە نەقلىياتچىلىق بىلەن بىرگە تەنتەربىيىلىك مەخسەتتىمۇ قاياق قوللانغانلىقى مەلۇم بولماقتا.(27)  خەنزۇ مەنبەلىرىدە <<ئۆزىنىڭ ئادىتى بويىچە ياغاچ ئاتقا مىنگەن، بولۇپمۇ ئاياقلىرىنىڭ ئاستىغا ئۇچى ئەگمە ياغاچنى قويۇپ بۇنىڭ بىلەن يۈز قەدەم يىراقلىققا قاڭقىيدىغان قىرغىزلار>>دىن سۆز ئېچىلىدۇ. قاياق باسمىللار بىلەن قىرغىزلاردا ئوۋچىلىق ۋاسىتىسى سۈپىتىدە قوللىنىلغان. ر.گرۇسسېت قاياقنىڭ ئوۋچىلىقتىكى رولى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: <<بارلىق ئوۋچى تۈرك – موڭغۇللار تۈرلۈك ناملاردىكى ئوۋچىلىق بىلەن شۇغۇللىناتتى. سۆڭەك ۋە ياغاچتىن ياسالغان ئاياقلىرىنى كىيىپ ئورمانلىقتا ياشىغانلار قىشنىڭ ئەڭ سوغۇق كۈنلىرىدىمۇ بۇلغۇن ۋە تىيىن ئوۋلاپ بۇلارنىڭ تېرىسنى ساتاتتى.>>(28)  مەھمۇد قەشقەرى ئەسىرىدە تاغلىق جايلاردا ياشايدىغان تۈركلەرنىڭ تاغقا يامىشىشقا ماھىر ئىكەنلىكىنى ۋە ئۆز ئىچىدە مۇسابىقىلەرنى ئۇيۇشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دېمەك، قاياق ياۋروپانىڭ شىمالىدىكى مەملىكەتلەردىن ناھايىتى بۇرۇنلا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي قەبىلىلەر تەرىپىدىن ئوۋچىلىق، قاتناش ۋە تەنتەربىيە ۋاسىتىسى سۈپىتىدە قوللىلغان. (29)

تارىخىي مەنبەلەرگە يانداشقان ھالدا تۇرپاندىن تېپىلغان يازمىلار ۋە يادىكارلىقلار ئارىسىدا بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋە توپ ئويناش ھەققىدىكى خاتېرىلەرمۇ بار. ئارخىئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەر داۋامىدا بەدەن چېنىقتۇرۇپ ئوينىغان توپ تېپىلغاندىن باشقا، ئاخىرەتلىك بويۇملار سۈپىتىدە ئۆلگىچى بىلەن بىللە قويۇلغان كىيىم -- كىچەك تىزىملىكىدە <<بىر دانە توپ قويۇلدى>> دېگەندەك سۆزلەرمۇ خاتېرىلەنگەن. << تۈركىي تىللار دىۋانى>>دا ئۇيغۇرلارنىڭ قوزا تىرىسدىن ياسىلىپ ئىچى ھاۋا بىلەن تولدۇرۇلغان توپنى تېپىش ئۇسۇلى بىلەن قارمۇ قارشى قەلئەلەرنىڭ ئىچىگە كىرگۈزىدىغان <<تەپۈك>> دەيدىغان بىر ئويۇننى ئوينايدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. <<تەپمەك>>، <<پەشۋا ئاتماق>> مەنىسىگە كەلگەن تەپۈكنىڭ بۈگۈنكى پۇتبۇل بىلەن تامامەن ئوخشاش ئويۇن ئىكەنلىكى مەلۇم. (30) ئىستانبۇلدىكى ئاياسوفىيا مۇزىيىدا ساقلىنىۋاتقان <<تارىخى تىمۇر>> دېگەن ئەسەردە تىمۇر دەۋرىدە ئوتتۇرا ئاسىيادا مۇشۇنداق توپنىڭ ئوينالغانلىقى، بۇ توپقا قول تەككۈزۈشنىڭ ۋە سىزىق -- پاسىلنىڭ سىرتىغا چىقىرىۋىتىشنىڭ چەكلەنگەنلىكى يېزىلغان.(31) دېمەك، پۇتبۇل ئويناشنىڭ ئاساسىي  قائىدىسى ھازىرقىدىن پەرقسىز بولغانىدى.  

چەۋگەن كۈنىمىزدە <<پولو>> دېگەن نام بىلەن تونۇلغان ۋە ئاتلىق ئوينايدىغان بىر تەنتەربىيە تۈرى بولۇپ، بۇ تارىختا ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركيلەرنىڭ  مەشھۇر ئويونى ئىدى. چەۋگەن بەزى يەرلەردە <<چۆگان>>، <<چۆگەن>>، <<چەۋگان>>، <<باندال >>، <<تۇبۇك>> ياكى <<تەپۈك>> دەپ ئاتىلىدۇ. تىبەتچە <<پولۇ>> سۆزى << توپ >> دېگەن مەنىدە كەلسە، تۈركىي تىلدا توپ <<تەپۈك>> دەپ ئاتىلاتتى. 1970- يىلى تۇرپاندىن مىلادى 7- ئەسىرگە مەنسۇپ چەۋگەن توپ ماھىرىنىڭ ھەيكىلى تېپىلغان. بۇ ھەيكەلنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلىقى 37 سانتىمېتىر بولۇپ، ئات ئۈستىدە بىر چەۋەنداز ئولتۇرغان (ئۇ بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش شاپ بۇرۇت قۇيۇۋالغان)، ئۇ بېشىغا دوپپا، ئۇستىگە تون، پۇتىغا ئۆتۈك كىيگەن. ئىككى كۆزىنى يەرگە تىكىپ، ئوڭ قولىدا توپ كالتىكىنى كۆتۈرۈپ، ئاق ئاتقا مىنىپ چېپىپ كىتىۋاتقان ھالەتتە تۇرغان. ئات بىلەن چەۋەندازنىڭ قىياپىتى تولىمۇ ساغلام يارىتىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئەينى ۋاقىتتىكى ئات توپ -- چەۋگەن مۇسابىقىسىكى جىددىي ۋە جۇشقۇن توپ تالىشىش كۆرۈنىشى تەسۋىرلەنگەن.(32) چەۋگەن ئويۇنى ئاتچىلىقنىڭ تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم بىر بەلگىسى بولۇپ، بۇ ئويۇن ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان  ئاتلار ئاۋۋال بەزى ئالاھىدىلىكلەر بويىچە تاللىنىپ ئاندىن  مەخسۇس كۆندۈرىلەتتى. ئاتنىڭ توپقا قاراپ ئېتىلىشى، تىز كىتىۋېتىپ دەرھال قىسقا ئارىلىققا بۇرۇلايدىغان بولۇشى، تۇيۇقسىز توختاپ، يەنە دەرھال تىز قەدەم ئېلىشى، ئۈستىدىكى كىشىنىڭ ئارزۇسىنى دەرھال چۈشۈنىشى ۋە شاۋقۇن -- سۈرەندىن ئۈركىمەسلىكى كىرەك ئىدى. چەۋگەن ئويۇنىدا ئاتنىڭ بىراز  دىقماق ۋە پاكارراق بولۇشى  پايدىلىق  ئامىل ئىدى.

<<تۈركىي تىللار دىۋانى>> بىلەن <<قۇتادغۇ بىلىگ>>تە ئەلچىلەرنىڭ بىلىشى زۆرۈر بولغان نەرسىلەر ئىچىدە ئاسترونومىيە، گېئومېتىرىيە، تىبابەت، چەتئەل تىللىرى ۋە شاھمات بىلەن بىرلىكتە چەۋگەن ئويۇنىدىمۇ ماھارەت ئىگىسى بولۇشى كېرەكلىكى زىكرى قىلىنىدۇ. <<قۇتادغۇ بىلىگ>>تىكى بىر بېيىت(1635-بېيىت) بىزگە قاراخانىيلار دەۋرىدىمۇ بەدەن تەنتەربىيىسىگە، شۇنىڭدەك چەۋگەن ئويۇنىغا قايسى دەرىجىدە ئەھمىيەت بىرىلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. (33) مەھمۇد قەشقەرى ئات بەيگىسىدە ۋە چەۋگەن ئويۇنىدا مەيداننىڭ چېتىگە تارتىلغان ئارغامچىنىڭ <<تالاس >> دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (34)

چەۋگەن -- پولو ئوتتۇرا ئەسىردە ۋىزانتىيىلىكلەردىمۇ بولغان. بۇ دەۋرىدىكى چەۋگەن ئالما چوڭلىقىدىكى بىر توپ بولۇپ، پالاق شەكلىدىكى تاياق ئارقىلىق ئوينىلاتتى. لېكىن بۇ ئويۇن ۋىزانتىيىگە ئىران ۋە ئانادولۇ ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن. ئىستانبۇلدىكى توپقاپى سارىيى ئەتراپىدا <> دەپ ئاتىلىدىغان بىر يەر بار ئىدى. بۇ يەر ساراينىڭ تۈرلۈك كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە ئايرىلغان بىر تەنتەربىيە مەيدانى ئىدى. شاھزادىلەر بۇ يەردە ئاتقا مىنەتتى، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزەتتى. بولۇپمۇ بۇ يەردە تۈركىيلەرنىڭ مەشھۇر ئويۇنلىرىدىن بىرى بولغان چەۋگەن ئوينىلاتتى. <> سۆزى تۈركچە <>(چۆگەن -- چەۋگەن) دېگەن نامدىن كەلگەن. (35)      

ئىنگلىزلار چەۋگەن(پولو) ئويۇنىنى 19- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ھىندىستاندا ئۈگىنىپ،1871- يىلى ئۆزىنىڭ مەملىكىتىگە ئېلىپ بارغان. ياۋروپا تارىخىدا تۇنجى قېتىم 1872- يىلى ئىنگلىز قوشۇنىدىكى ئەسكەرلەر تەرىپىدىن ئوينالغان.(36)  بابۇرشاھ ھىندىستاندا قۇرغان يېڭى دۆلىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيادىن يالغۇز تۇغقانلىرى بىلەن مۇھىم ئادەملىرىنى ئېلىپ بېرىش بىلەنلا چەكلەنگەن ئەمەس. ئۇ تۈركىيلەرنىڭ ئەنئەنە ۋە تۆرە- قانۇن ۋە تەنتەربىيىسىنىمۇ ئېلىپ بارغان. پاكىستاندا ھېلىھەم ناھايىتى ياخشى كۆرىلىدىغان <<پولو>> ئويۇنى بابۇرشاھنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئېلىپ بارغان تەنتەربىيە تۈرلىرىدىن بىرى ئىدى. چەۋگەن ئات ئۈستىدىكى تۈرلۈك ماھارەتلەرنى ئاشۇرىدىغان بىر خىل ئەسكەرلىك تەربىيىسى ئىدى. بۇ ئويۇن خەلق ئىچىدىمۇ ياشلارنىڭ ئاتلىق تەنتەربىيىسى سۈپىتىدە كۆرىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ياشلارنىڭ ئاتقا مىنىش ماھارىتىمۇ ئاشاتتى. چەۋگەن ئويۇنى ئوردا- سارايلاردا چوڭ تىپىتىكى مۇزىكىنىڭ، دالىلاردا كىچىك تىپتىكى مۇزىكىنىڭ تەڭكەش قىلىنىشى بىلەن ئۆتكىزىلەتتى. ئاتلىق ئويۇنلار ۋە مۇسابىقىلەر تۈركىيلەردە داقا -- دۇمباق ۋە سۇنايسىز ئۆتكۈزىلمەيتتى. ئەسلىدىمۇ سۇنايسىز تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى بولمايتتى.(37)  

جىرت ئات ئۈستىدە نەيزىلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدىغان بىر خىل ئۇرۇش مەشىقى بولۇپ، تۈركىيلەر تەرىپىدىن قەھرىمانلىق، جەڭگىۋارلىق ۋە تەنتەربىيە ئەنئەنىلىرى بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇلغان.(38) قەدىمكى رىملىقلارنىڭ نۇرغۇن ئەسىرلەردىن بېرى ئويناپ كەلگەن ترويا ئويۇنى ئەسلىدە تۈركىيلەرنىڭ ئەنئەنىۋى جىرت ئويۇنىغا تايىنىدۇ. (39)  

يەنە بىر تەرەپتىن يىراق قەدىمكى دەۋرلەردە تۈركىيلەردە جىسمانىي ساغلاملىقنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە ئالاھىدە ھورداقلارنىڭ بولغانلىقى مەلۇم. بۇ ھورداقلار مەخسۇس ئىسىتىلغان چىدىر ئۆينىڭ ئىچىدە  ئۈستى كىگىز ئەدىيال بىلەن قاپلانغان تەرلىنىش ئۆيلىرى ئىدى. بۇ ئىجادىيەتنىڭ فىنلار(فىن تۈركلىرى دەپمۇ ئاتالماقتا) تەرىپىدىن فىنلاندىيىگە ئېلىپ بېرىلىپ، ئۇ يەردە <<فىن مۇنچىسى>> دەپ ئاتالغان <<سائۇنا>> شەكلىگە ئۆزگەرگەنلىكى مەلۇم بولماقتا.(40)

ئومۇمەن، تەنتەربىيە ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى ۋە ھەربىي ئىشلار ساھەسىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان كۈچلۈك بىر مەدەنىيەت بەلگىسى ئىدى. تۈركىيە ئالىمى ئىبراھىم كافەسئوغلۇ تەنتەربىيىنىڭ ئەينى ساھەدىكى تەسىرىنى مۇنداق شەرھىيلەيدۇ: <<سەپەرلەر، ئۇزۇنغا سوزۇلغان ھۇجۇملار ۋە چاقماق تىزلىكىدىكى ھەرىكەتلەر ئىچىدە كىشىلىرى بىر خىل ھەربىي مۇھىت يىتىشكەن بوزقىر تۈرك خەلقلىرىنى داۋاملىق غەلىبىگە ئىرىشتۈرگەم خۇسۇسلاردىن بېرى ئەينى ۋاقىتتا ئۇرۇش ھازىرلىقى سۈپىتىدە بولغان دائىمىي تەنتەربىيە ھەرىكەلتىرى ئىدى. ئات مىنىش ۋە ئوق ئېتىش ھەممە كىشىنىڭ تەبىئىي مەشغۇلاتلىرى ئىدى. ئات بەيگىسى، جىرت، دېسكا ئېتىش، چېلىشىش، بۈركۈتچىلىك(يىرقۇچ قۇشلار بىلەن ئوۋ ئوۋلاش) ۋە باشقىلار ئۇلارنىڭ كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنى مۇستەھكەملەيتتى. ئاياللارمۇ قاتنىشىدىغان تۈرلۈك توپ ئويۇنلىرى(پۇتبۇل، گولف ۋە پولوغا ئوخشاش تۈرلەر) ھۇنلاردىن بېرى تۈركلەر ئارىسىدا ئوينالغان بولۇپ، كۆكتۈركلەر دەۋرىدە جۇڭگوغىمۇ تارقالغان. لېكىن تۈركلەرنىڭ بوزقىردا ئاپرىل ۋە ماي ئايلىرىكى دەستلەپكى ھاۋا گۈلدۈرلىگەن چاغلاردا باشلانغان ناخشا -- مۇزىكىلىق كۆڭۈل ئاچىدىغان باھار بايراملىرىدىمۇ ئۆتكۈزۈلگەن ئات بەيگىسى ۋە تۈرلۈك مۇسابىقىلەردىن باشقا ئەڭ مۇھىم تەنتەربىيسى ئوۋچىلىق ئىدى. بولۇپمۇ مىڭلىغان ياۋايى ۋە زىيانلىق ھايۋانلارنى يوقۇتۇش بىلەن ئاخىرلاشقان ئۇزۇنغا سۇزۇلغان  ئوۋلار ھەقىقىي بىر ئۇرۇش مانىۋېرى ماھىيىتىگە ئىگە ئىدى. مىلادىدىن بۇرۇنقى 62-يىلى ھۇن ئىمپېراتورىنىڭ باشقۇرىشىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان مۇشۇنداق بىر ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئوۋغا 100 مىڭ ئەسكەر قاتناشقان، يەنە بىر ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئوۋدا 700لى(تەخمىنەن 350 كىلومېتىرلىق)بىر دائىرە قورشاۋغا ئېلىنغان.>> (41)

مەنبەلەر:

(1) ئۆزباي گۈۋەن: <<تۈركلەردە سپورت كۈلتۈرى>>، تۈركچە،1-بەت، 1992- يىلى،  ئەنقەرە.

(2) مۇھاررەم ئەرگىن: <<دەدە قورقۇت كىتابى>>، تۈركچە، 34-،55-بەتلەر، 1986- يىلى، ئىستانبۇل.

(3) <<غەربىي يۇرت تارىخىغا دائىر ماتىرىياللار>>(<<جۇنامە>> قىسمى)، ئۇيغۇرچە، 666 - بەت، 2004- يىلى، ئۈرۈمچى.

(4) ۋ. ئېبىرخارد: <<جۇڭگونىڭ شىمالىي قوشنىلىرى>>، تۈركچە،71- بەت، 1996- يىلى، ئەنقەرە.

(5) مەھمۇد قەشقەرى :<<تۈركىي تىللار دىۋانى>>، ئۇيغۇرچە،1-توم،447-بەت، 1981- يىلى، ئۈرۈمچى.

(6) ئۆزباي گۈۋەن: <<تۈركلەردە پەھلىۋانلىق>>، <<تۈرك دۇنياسى تەتقىقاتلىرى>>، تۈركچە، 1988-يىلى، 56- سان، 52- بەت. <<تۈرك ئېنسىكلو پېدىيىسى>>(<<سپورت>> ماددىسى)، تۈركچە، 29-توم، 283- بەت، 1980- يىلى، ئەنقەرە.

(7) لىن گەن: <<ھۇنلارنىڭ ئومۇمىي تارىخى>>، ئۇيغۇرچە، 275- بەت، 2004- يىلى، ئۈرۈمچى. <<شىنجاڭ مىللىي تەنتەربىيىسى>>، ئۇيغۇرچە، 6- بەت، 1985- يىلى، ئۈرۈمچى.

(8) قۇربان ۋەلى: <<بىزنىڭ تارىخىي يېزىقلىرىمىز>>، ئۇيغۇرچە، 204 -، 205- بەتلەر، 1986- يىلى، ئۈرۈمچى.

(9) ۋ.ئېبىرخارد: <<جۇڭگو مەنبەلىرىگە كۆرە تۈركلەر ۋە ئۇلارنىڭ قوشنىلىرىدا سپورت>>، <<ئۈلكۈ>>، تۈركچە، 1940-يىلى،15 -توم، 210 - بەت.

(10) <<تۈرك ئېنسىكلوپېدىيىسى>>(<<كۈرەش -- چېلىشىش>> ماددىسى)، تۈركچە، 18- توم، 209- بەت، 1970- يىلى، ئەنقەرە.

(11) ئۆزباي گۈۋەن: <<تۈركلەردە سپورت كۈلتۈرى>>، تۈركچە،19-بەت.

)12) جەمال ئانادول، فازىلە ئابباسوۋا، نازىلە ئابباسلى:<<تۈرك كۈلتۈر ۋە مەدەنىيىتى>>، تۈركچە، 690-بەت، 2002- يىلى، ئىستانبۇل.

(13) سىماچيەن: <<تارىخىي خاتېرىلەر>>، ئۇيغۇرچە،391- بەت، 1989- يىلى، ئۈرۈمچى،  بەنگۇ: <<خەننامە>>، ئۇيغۇرچە، 325-بەت، 1994- يىلى، ئۈرۈمچى.

(14) ۋ.ئېبىرخارد: <<جۇڭگونىڭ شىمالىي قوشنىلىرى>>، تۈركچە،87-بەت.

(15) لى يەنشۇ: <<شىمالىي سۇلالىلەر تارىخى>>، ئۇيغۇرچە، 508- بەت، 2002- يىلى، ئۈرۈمچى.  

(16) ب.ئۆگەل: <<تۈركلەردە دۆلەت چۈشەنچىسى>>، تۈركچە، 99-،100 - بەتلەر، 1983- يىلى، ئەنقەرە.

(17) ب. ئۆگەل: <<تۈرك كۈلتۈرىنىڭ تەرەققىيات چاغلىرى>>، تۈركچە، 1- توم 126-، 127- بەتلەر، 1971- يىلى، ئىستانبۇل.

(18) مەھمۇد قەشقەرى: <<تۈركىي تىللار دىۋانى>>، ئۇيغۇرچە،1- توم،  151-، 152-، 243-،308-بەتلەر.

(19) ئۆزباي گۈۋەن: <<تۈركلەردە سپورت كۈلتۈرى>>، تۈركچە، 20- بەت.

(20) بەنگۇ: <<خەننامە>> ، ئۇيغۇرچە، 743 - بەت.

(21) كامىل كەپەجىئوغلۇ: <<تۈركلەردە سىپورت>>، <<ئۇلۇداغ>>، تۈركچە، 1935- يىل، 3- سان، 16  -،17-بەتلەر.

(22) فەنيى، سىما بياۋ: <<كېيىنكى خەننامە>>، ئۇيغۇرچە، 585 - بەت، 1996- يىلى، ئۈرۈمچى. سۆزۇڭجىڭ: <<جۇڭگو شىنجاڭنىڭ قەدىمكى ئىجتىمائىي تۇرمۇش تارىخى>>، خەنزۇچە، 95- بەت، 1997- يىلى، ئۈرۈمچى.

(23) <<شىنجاڭ مىللىي تەنتەربىيىسى>>، ئۇيغۇرچە، 46-بەت.

(24) مەھمۇد قەشقەرى: <<تۈركىي تىللار دىۋانى>>، ئۇيغۇرچە،1- توم، 146- بەت. 3-توم، 60-، 62-،97- بەتلەر.

(25) <<تۈرك ئېنسىكلوپېدىيىسى>>(<<قاياق>> ماددىسى)، تۈركچە،21 -توم، 415 - 416- بەتلەر، 1974- يىلى، ئەنقەرە.

(26) ب.ئإگەل: << ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى تۈرك كۈلتۈر تارىخى>>، تۈركچە، 204- بەت، 2003- يىلى، ئەنقەرە.

(27) ئا. زەكىي ۋەلىدى توغان: <<قەدىمكى تۈركلەردە قاياقچىلىق>>، <<ئەسكەرىي مەجمۇئە>> ، 1939- يىل،115 - سان، 1166-، 1167-، 1168- بەتلەر.

(28) ر.گرۇسسېت: <<بوزقىر ئىمپېرىيىسى>>، تۈركچە، 192- بەت، 1996- يىلى، ئىستانبۇل.

(29) ئۆزباي گۈۋەن: <<تۈركلەردە سىپورت كۈلتۈرى>>، تۈركچە، 40- بەت.

(30) <<تۈرك ئېنسىكلوپېدىيىسى>>(<<سپورت>>ماددىسى)، تۈركچە، 29- توم،383 - بەت.

(31) ئۆزباي گۈۋەن: <<تۈركلەردە سپورت كۈلتۈرى>>، تۈركچە،37- بەت.

(32) <<شىنجاڭ مىللىي تەنتەربىيىسى>>، ئۇيغۇرچە،67- بەت.

(33) يۈسۈپ خاس ھاجىپ: <<قۇتادغۇ بىلىگ>>، ئۇيغۇرچە،561-بەت، 1984- يىلى، بېيجىڭ.

(34) مەھمۇد قەشقەرى:<<تۈركىي تىللار دىۋانى>>، ئۇيغۇرچە،1-توم،474-بەت.

(35) ئۆزباي گۈۋەن: <<تۈركلەردە سىپورت كۈلتۈرى>>، تۈركچە، 34 - بەت.

(36) نىزامەتتىن كىرشان: <<پولو>>، <<تۈرك سپورت جەمئىيىتى ژورنىلى>>، تۈركچە، 1937- يىلى 73- سان، 6-،7 - بەتلەر.

(37) ب.ئإگەل: <<تۈرك كۈلتۈر تارىخىغا كىرىش>>، تۈركچە، 8- توم، 150- بەت، 2000- يىلى، ئەنقەرە.

(38)<<تۈرك ئېنسىكلوپېدىيىسى>>(<<جىرت>> ماددىسى)، تۈركچە،11- توم، 27-بەت، 1963- يىلى، ئەنقەرە.

(39) <<تۈرك ئېنسىكلوپېدىيىسى>>(<<سپورت>> ماددىسى)، تۈركچە، 29 - توم، 383 - بەت.

(40) <<تۈرك ئېنسىكلوپېدىيىسى>>(<<سپورت>> ماددىسى)، تۈركچە، 29- توم، 383- بەت.

(41) <<ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى>>(<<تۈركلەر>> ماددىسى)، 12 - توم،2 - جىلد، 238- بەت، 1988- يىلى، ئەنقەرە. ئىبراھىم كافەسئوغلۇ: <<تۈرك مىللىي كۈلتۈرى>>، تۈركچە،287-،289- بەت، 2004- يىلى، ئىستانبۇل .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Azizim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-27 04:37 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72732
يازما سانى: 296
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3464
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 157 سائەت
تىزىم: 2012-1-7
ئاخىرقى: 2015-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 04:38:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇنداقتا بىز ياشلار ھازىرمۇ چېنىقىشنى داۋاملاشتۇرايلى، ھەرگىز تاشلاپ قويمايلى   

ئاللاھ ئەڭ ئۇلۇغدۇر، بىز ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسىدىغان ئەڭ ياخشى ئۈممەت.
hekmat-uyghur بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 06:03:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43700
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3446
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 106 سائەت
تىزىم: 2011-6-9
ئاخىرقى: 2014-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 06:07:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلار نىمىلا دىگەن بىلەن ئۈتمۇشكە  ئايلاندى دە ....،   

سەن بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلد

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31520
يازما سانى: 1799
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5766
تۆھپە نۇمۇرى: 204
توردا: 721 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 07:13:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
:qiray190:qiray190

كىمىكى زەررچلىك ياخشلىق قىلدىكەن  ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى كۆرىدۇ !كىمىكى زەررچىلىك يامانلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ!

يۇقىرغا قاراپ پى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18610
يازما سانى: 1541
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3360
تۆھپە نۇمۇرى: 310
توردا: 5970 سائەت
تىزىم: 2010-11-23
ئاخىرقى: 2012-6-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 07:18:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر شەكىلگە قۇرۇلغان تەنتەربيە ئىدارىسلا قالدى.

ئنساننىڭ ئاساسى ھوقۇقى كۆز يېشى بىلەن ئەمەس،ئىسسىق قېنى بىلەن قولغا كېلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37634
يازما سانى: 444
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 9740
تۆھپە نۇمۇرى: 1265
توردا: 2303 سائەت
تىزىم: 2011-4-15
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 09:48:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەنتەربيەنى سۆيۇش ساغلاملىقنى سۆيۈشتۇر ماھىيەتتە بۇ بىر مىللەتنىڭ ساپاسىنى بەلگىلەيدىكەن

ئۆمۈر چەكلىك، ھايات چەكسىز

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4473
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8290
تۆھپە نۇمۇرى: 359
توردا: 1620 سائەت
تىزىم: 2010-7-22
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-28 01:15:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   چېنىقىش جەھەتتە مەن قازاق باللاغا قول قويىمەن، مەن بىلىدىغان كۆپىنچە قازاق باللا ئىزچىل بەدەن چېنىقتۇرىدۇ~!~!~!

[color=Blue]مەن ئۆلگەن ئادەمنىڭ قارچۇقىدا قېتىپ قالغان سۈرەت.
[color=Blue][b][url=http://bayqara.diandian.com/]http://bayqara.diandian.com/[/url][/b][/color][/color]

دىلى كور ئادەم ن

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5079
يازما سانى: 258
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11420
تۆھپە نۇمۇرى: 545
توردا: 3013 سائەت
تىزىم: 2010-7-29
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-28 03:00:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەتقىقاتچى، تەرجىمان يۈسۈپجان ياسىن ئاكىمىزنىڭ بۇ ئىلمىي ئەمگىكىگە باركاللاھ،  بۇ ئاكىمىزنىڭ توردا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئەسەرلىرىنى بىر يىغىپ باقسام ئەمگەكلىرى ھەقىقەتەن ئاز ئەمەسكەن، ئۆزىنىڭ ۋە تەرجىمە قىلغان ئەسەرلىرىنى بىر توپلام قىلىپ ئېلكىتاب قىلىپ ئىشلەش نىيتىدە بولدۇم. يۈسۈپجان ياسىن ئاكىمىزغا تېخىمۇ زور ئۇتۇق تىلەيمەنئ

بابۇر بىر مەشھۇر پادىشاھ ۋە ھەربى قۇماندان،  ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﺍﺗﻮﺭ،   1483 - ﻳﯩلى ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش