|
|
|
|
ئادەمنىڭ قىلقى ؟
سۇتۇق
( نەسىر )
جۈمە نامىزىغا ئالدىراپ مەسچىتكە مىڭىۋاتقان كىشىلەرنىڭ مەسچىت ئالدىدا ئولتۇرغان بىر توپ يىگىتكە كۆزى چۈشتى . بۇ چىرايلىق يىگىتلەر خۇددى ھىچ ئىش بولمىغاندەك مەسچىت ئالدىدىلا تاماكىلىرىنى پۇرقىرتىشىپ نەدىن تىپىۋالغان بىر تۇتۇرۇقسىز چاقچاقلىرارنى قىلىشىپ بىر - بىرىنىڭ چىرايىغا قاراپ كۈلۈپ تۇراتتى . ئالدىراپ كىتىۋاتقانلارنىڭ ئارىسىدىكى بەزەنلەر بۇرنىنى ئىتەي دىسە قۇلغىنى ئىتىشكە ئۈلگۈرمەي دىگەندەك ئۇلارنىڭ يىنىدىن ئالدىراپ ئۆتۈپ كىتىشتى . يىراق ماڭغانلار بولسا بىر - بىرىگە نىمىلەرنىدۇر دەپ ئۇلارغا لەنەت ئوقۇيتتى .
- قاچان چىقار بۇ ئاداش ؟ - گەپ باشلىدى ئارىدىن كىلىشكەن ، ئىشتىنى خۇددى دەزمالدىن ئەمدى چىققاندەك قىرلىرى تىخى ئۆچمىگەن ، تاماكىنى تەتۈر چىشلىۋالغان بىرى .
- ئەقاچان خۇدايىمنىڭ يوقلۇمىسىدىن تولۇق ئۆتۈۋىتىپ چىقىدۇ .
- ئولتۇرۇڭ دىسە دىسكۇخانا ، تانسا خانا ، قاۋاقخانىلاردىن باش تارىتمايدىغان نەرسە ئەمدى ئۆزچىلا جۈمە ئوقۇپ قالغىننى ئىچىمنى سىقىپ .... - جىلە بولۇپ قالغاندەك تۇراتتى ھىلىقى قىرلىرى پىچاقدىنمۇ ئۆتكۈر ئىشتان كىيىۋالغان يىگىت .
- ئۇنداق دىمەڭلا باللا ، شۇنچىلىك بولسىمۇ قىلپ تۇرغىنى ياخشى . - گەپ ئىچىپ قالدى ئارىسىدا چاچنى قىسقىراق قويغان ، يۇۋاش كۆرۈندىغان بىرى .
- ئۇنداق بولسا سەنمۇ كىرە ، ھىلىمۇ ئۈلگۈرىسەن ، ئەزان تولىمىدى تىخى ...
ئۇ گەپ قىلغىنىغا تويۇپ ، بوينىنى قىسىپ ، خۇددى كىچىك بالا ئىمىزگە ئەمگەندەك تاماكىنى كۈچەپ - كۈچەپ نەچچىنى شورىۋەتتى .
مۇڭلۇق ئەرزان ئاۋازى ھەممە يەرنى بىر ئالدى ، ئاياللار قىلىۋاتقان ئىشلىنى توختۇتۇپ بىرپەس سۈكۈتتە تۇردى ، يولنىڭ ھەممە يىرىدە ئالدىراش مەسچىتكە ماڭغانلارنى كۆرگۈلى بولاتتى . قولىدا جەينىماز ، بىشىدا دوپپا ، چىھرىدىن نۇر يىغىپ تۇرىدىغان بىرتوپ كىشىلەر .....
- قاچان چىقا ما ئاداش ؟ ھىلىقى قىزلا ساقلاپ كىتىدىغان بولدى دە ئەمدى ...
- شۇنى بىر دىمەمسەن ، تازا لاۋزىلىشىدىغان بولدۇق .
- ھە بوپتۇلا ئاداش ، كىچىكىپ قاپسىلارغۇ دىسە "جۈمە"گە بارغان دىمەمدۇق .
- كاللاڭ ئىشلەيدۇدە سىنىڭ ! ئەكىلە قولۇڭنى .- ئىككىسى خۇددى بىر - بىرىگە ئۆچى باردەك كۈچەپ بىرنى كۆرۈشىۋەتتكەندىن كىيىن ، بىر بىرىنىڭ كۆزلىرىگە مەنىلىك قالاپ كۈلۈپ كىتىشتى .
"جۈمە"مۇ تۈگىدى ، مەسچىتتىن خۇددى يىڭى توي قىلغاندەك خۇشال ، چىھرىدىن نۇرلار يىغىپ تۇرىدىغان بىرتوپ كىشىلەر بىر - بىرىنى قىستىشىپ دىگۈدەك چىقىشقا باشلىدى . ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مىڭىشمۇ شۇنچە تەس ياشقا چوڭىيىپ قالغان بوۋىلىرىمىزمۇ ، چىرايىدىن كۈچ قۇۋۋەت ، چاسارەت ، مەردانىلىك چىقىپ تۇرىدىغان يىگىتلىرىمىزمۇ بار ...
- ھەراست ئاداش ، ئالدىنقى قىتىم ماۋۇ تاسمىغا بىر قىز تونۇشتۇرۇپ قويسام ئۇنى كەلتۈرەلمىگىننى ئازدەپ ئىششەك گەپ قىلىپ يىغلىتىۋىتىپتۇ . ئۇ يىغلاپ ياتاققا كىرىپتىكەن ، مۇھاببىتىم شۇنداق دەيدۇ . "مۇشۇنداق نىمىلەر بىلەن دوس بولۇپ يۈرىيدىكەنسىز !"دەپ ماڭا خىلى بىر ۋاقىتقىچە چالۋاقىدى دەيمە .
- ۋاي سەنمۇ ، نىمە بۇنىڭغا بىرسىنى تونۇشتۇرىمەن دەپ يۈرتۈڭ ، بۇلمەمسەن بۇنىڭ شۇنداق نىمىلىكىنى ، قولىدىن شۇ كىتاپ ئوقۇشتىن باشقا ئىش كەلمىسە بۇنىڭ .
- ۋاي ھۆ جىما ! پۇلىنى دىمەيدىغان بولسام بۇنداق نىمىنى تونۇمدىمەن مەن .
بايامنىڭزى گەپ قىلماي بوينۇنى قىسىپ ئولتۇرغان يىگىتنىڭ غەزىپى قايتىلادىن ئۆرلىدى- يۇ ، ئۆزىنى قاتتىق تۇتۇۋىلىپ ئۇلارنىڭ گىپىنى تىڭشاپ ئولتۇردى .
"جۈمە" نامىزىنى تولۇق تاماملاپ دوسلىرىنىڭ ساقلاپ قىلىشىدىن خىجىل بولۇپ" پىشىن" نامىزىنىمۇ ئوقىماي ئالدىراپ چىققان ، بىشىغا ئاپئاق بىرچاغلاردا چوڭ دادىسى ھەرەمگە سەجدىگە بارغاندا ئالغاچ كەلگەن ، قارىماققا شۇنداق سىپتا نەقىشلىرى بىلەن كۆزگە چىلىقىپ تۇرىدىغان " شاپاق دوپپا " كەيگەن يىگىت ، مەسچىت ئالدىدا ئەتىراپىدىكىلەر خىيالىدا يوق ، توختىماي تىتىقسىز پاراڭلارنى قىلىپ تاماكىنى بولىشىغا پۇرقىرىتىپ چىكىۋاتقان دوسلىرىنى كۆرۈڭ كۆڭلى شۇنداق سەسكىنىپ كەتتى - يۇ ، زورىغا كۈلۈمسىرەپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا بىرىپ كۆرۈشتى .
بۇ بىرتوپ كىشىلەرگە قوشۇلۇپ كەتكەن بۇ تۆت يىگىتمۇ قارىماققا راستىنلا ھەممىسى نامازدىن يانغاندەك كۆرۈنىتى .
- ئالەۋە ماۋۇ ئاق شىلەپەڭنى ! - "دوستى" ئۇنىڭ بىشىدىكى شىلەپىسىنى ئالدىدە ، زەرىت بىلەن بىرنى ھومۇيۇپ قويۇپ قولىغا قاتتىقلا تۇتقۇزۇپ قويدى . - ئىشىڭمۇ تولكەن ، مايەدە نەچچە ئەدەم ساقلاپ تۇرغاندىكىن گاچ - گاچ دەسسەپ چىقساڭ بولىدۇ !؟
- ھىلىمۇ ئالدىراپ ئاغىنىلەر " پىشىن" نىمۇ ئوقىماي چىقتىم .
- ۋاي تىخى پىشىنمۇ ئوقۇشۇڭ بارمىتى ، بوسا مۇشۇ جۈمە ئوقۇغۇنىڭغا خۇدايىم ئۇدۇل جەننەتنىڭ ئىشىگىنى ئىچىپ بىرەتتى تايىنلىق ! ( ئەسەر مەزمۇنىنى تىخىمۇ جانلىق چىقىرىش ئۈچۈن ئامالسىز مۇشۇنداق ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولىۋاتىمەن . ئۇلۇغ اللا گۇناھىمدىن ئۆتكەيسەن! )
- لىكىن شششششششششششششۇ ............
ئۇلار شۇ پاراڭلاردا يولنىڭ بويىغا چىقتى دە ، كىرا ماشىنىسىدىن بىرنى توسۇپ ئالدىراپلا كىتىپ قىلىشتى ...
ئۇلارنىڭ كەينىدە قالغانلار بولسا " توۋا " دىگۈنچە ياقىلىرىنى چىشلىگىنىچە قاراپ قىلىشتى .....
2010يىل29-ئىيۇن
قەشقەر
قىستۇرما
توۋا دەيمەن بۇ بىر ئەۋلات كىملىشىپ كەتتى ،
ۋىژدانىنى زەي شور بىسىپ چىرمىشىپ كەتتى.
قەشقەر خوتەن ئاشتۇزىدا ئەتلەنگەن تۇرۇپ ،
يۈرۈش تۇرۇش ئوي پىكىردە غەملىشىپ كەتتى.
يىگىتلىرى " ئەر "دەك ئەمەس روھى زەيپانە ،
ئەقلىمۇ پەس غوررى دەس نىمەلىشىپ كەتتى .
قىزچاقلىرى قىزدەك ئەمەس شەرمى ۋاپا كەم،
بىشى چۇۋۇق كۆكسى ئوچۇق شىملىشىپ كەتتى
تەڭلا ئەبەت خۇسۇسىغا لەۋزە پاراڭ يوق ،
جىسمى كەيىپ - ئىشىرەت بىلەن يىملىشىپ كەتتى .
بىشارەتبۇ گۇمراھلىقدىن يىتىم غاپىللىق ،
تۇرقى تەمبەل شائىرتتىپ كىملىشىپ كەتتى .
( ئۇلۇغ ئاللا !..... مىللىتىمنى ، ئوغۇل قىزلىرىمنى ئۆز پاناھىڭغا ئالغايسەن !) |
.
|
|
|
|
|
|