مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4788|ئىنكاس: 47

دەقيانوس ھېكايىلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

دەقيانوس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85
يازما سانى: 408
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3862
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 566 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-6-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-16 09:46:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھېكايىلىرىم ئىلگىرى مۇنبىرىمىزدە ئېلان قېلىنغان، ئەمما ئايرىم- ئايرىم ھالەتتە ئېلان قىلىنغان ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە بۇلارنى ئايرىم-ئايرىم يوللىغاندىن كۆرە توپلام قىلىپ قۇيۇشنى لايىق تاپتىم.

قارمۇ ئادەمنى كۆيدۇرىدىكەن



يىقىندىن بۇيان ئۈزۈمنىڭ باھاسى ناھايتتى تىزلىك بىلەن ئۈسۈپ كەتتى، بۇ ئەھۋال ئۇخلىسام چۈشۈمدىمۇ كۆرمىگەنىدىم. يىغىپ قويغان ئون توننا ئۈزۈمدىن نەچچە تۈمەن پايدا ئىلىشىمدا گەپ يوق.چوڭ خۇجايىنلار كەلسىمۇ باھانى يۇقىرى قۇيىۋىلىپ، بازار كۆزىتىپ يۈردۇم، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا باھا يەنە ئۈسەرمىش، كىلوسى 20يۈەنگە چىقىدۇ دىگەن گەپلەرمۇ ئاۋۇغىلى تۇردى. راسىت شۇنداق بۇلۇپ قالسا بىر ھەسسە پايدا دىگەن گەپ. تاتلىق خىياللار بىلەن ئۈزۈمنىڭ يىڭى-يىڭى پىلانلىرىمنى تۈزۈپ چىقاتتىم.
شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۈرۈمچىدىكى كونا خېرىدارىمدىن تېلفۇن كەلدى.
-ئۈزۈم بارمۇ؟-دىدى سالام –سائەتتىن كىىيىن.
- ئون توننا ئۈزۈم بار
- بۇ ئۈزۈملەرنى ماڭىلا ساتقىن ئاداش.
-چاتاق يوق ، باھادا كىلىشسەك ساڭا ساتماي كىمگە ساتىمەن.
ئۇنىڭ قويغان باھاسى ھازىرقى بازار باھاسىدىن يۇقىرى ئىدى، مەن ئويلىنىپ بىقىپ ئەتە جاۋابىنى بېرەي دەپ تېلفۇننى قويدۇم. ئۆزۈمچە ئىككىلىنىپ قالدىم ، يىللاردىن بۇيان ئۈزۈم باھاسى تۇراقسىز بۇلىۋاتىدۇ، ئەگەر ئۈسۈپ قالدىغۇ پايدا بۇلار بىراق باھا تۈيۈقسىز چۈشۈپ مىنى گاڭسا –جىسا قىلىپ قويسا تىخىمۇ يامانراقى بوينۇمىچە قەرىزدار قىلىپ قويسا ئۇ چاغدا پۇشايمان قىلغان بىلەن ئورنىغا كەلمەس! ئويلىرىمنى باشقا ئىلىپ چىقالماي ئاتامدىن مەسلىھەت سورىدىم.
-ئاز يىگەن توق يەپتۇ دىگەن گەپ بار بىزدە بالام، شۇڭا پايدىنى چوڭ ئالىمەن دەپ يىقىلىپ چۈشمىگىن، ئۇنىڭ ئۇستىگە بۇ ئۈزۈمنى بالدۇرراق قولدىن چىقىرىپ يەنە ئۈزۈم ئالساڭ بۇلىدۇ ئەمەسمۇ!-دىدى ئاتام.
ئاتامنىڭ گىپىنى ئاڭلىغاندىن كۆڭلۈم يورۇپ قالغاندەك بولدى. ئۇنىڭ بۇ مەسلىھەتىنى لايىق كۆردۇم ۋە دەرھال تېلفۇن قىلىپ ئۈزۈمنى ئەتىلا ئۈرۈمچىگە ئىلىپ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتتتىم.
كىچىچە يولغا چىقىپ سەھەردىلا ئۈرۈمچىگە چىقتىم، جەنوبىي ۋوگزال ئەتراپىدىكى قۇرۇق ئۈزۈم بازىرىغا ئىىلىپ بارغىنىمدا ئۇ مىنى ساقلاپ تۇراتتى. نەچچە سائەت ھەپشىلىپ ئۈزۈمنى ئۇنىڭغا ئۈتكۈزۇپ،نەق پۇلنى قۇلۇمغا ئالغىنىمدا كۆزلىرىمگە ، يۈزلىرىمگە كۈلكە ئىختىيارسىز تىپىپ چىقتى. ئۇنىڭ خوش بۇپ تۇرغانلىقىنى كۆردۇم. يزۈنەچچە مىڭ يۈەن پۇلنى ياندا ئىىلىپ يۈرۇش ياخشى ئەمەستە، شۇڭا كارتىغا سىلىۋەتتىم. بۇ ئىشلارنى تۈگىتىپ ئەمدى بىر ياتاق تىپىپ ئارام ئالاي دەپ كىتىۋاتسام قار يىغىپ كەتتى. قار يىڭى چۈشكەندە ئۇششاق ئىدى شۇنداقلا چۈشۈپلا ئېرىپ كىتەتتى، كىيىن يۇغان-يۇغان چۈشۈشكە باشلىدى. تۇنجى قار! بۇ يىل قىش كىرىپ ئەمىلەتىن قار يىغىۋاتاتتى. قار تۇغىرسىدىكى خىياللىرىمنىڭ ئۇزرىشىغا ئەگىشىپ ئۇمۇ خىيالىمغا قىستۇرۇلدى. بىشىمنى كۆتۈرۇپ قارىسام ئالدىمدىن بىر قىز كىلىۋاتاتتى، بۇدرە چاچلىرىغا ئاپپاق قار چۈشكەن، زىلۋا قامىتىگە ئۇزۇن قىزىل مامۇق چاپان كىيىگەن، پۇتىدا تىزىغىچە ئۈتۈك كىيىگەن بۇ قىزنى كۆرۇپ، ئىختىيارسىز تۇرۇپ قاپتىمەن.《 دىلبەر،ئەجەبا دىلبەر تۈركىيەدىن كەلگەنمىدۇ؟》لىكىن ئۇ قىزيېنىمدىن ئۈتتىيۇ، پەرۋا قىلماي كىتىپ قالدى. چىرايىنى كۆرمىدىم شۇنداقتىمۇ كۆڭلۈم ئۇ ئەمەسلىكىنى تۇيدى.
مەن ئەسىلدىكى پىلانىمنى ئۆزگەرتىپ مېھمانخانىغا ماڭغان قەدەملىرىمنى توختىتىپ، ئارقامغا ياندىم. بىېرىپ 16-يول ئاپتۇبۇسىغا ئولتۇرۇپ، ئاشۇ كۆلگە قاراپ ماڭدىم.كۆلگە بېرىشقا ئاپتۇبۇستىن چۈشۈپ يەنە مىڭىشقا تۇغرا كىلەتتى.ئاپتۇبۇستىن چۈشۈپ، 《غىترىس-غىترىس》ئاۋاز چىقىرىپ قارنى دەسسەپ مېڭىپ كەتتىم، قار يەنە چۈشۈۋاتاتتى. چۈشىۋاتقان قارغا قاراپ ئىختىيارسىز يەتتە يىل بۇرۇنقى ئاشۇ دىلبەر بىلەن تۇنۇشقان كۈننى ئەسلەپ قالدىم.
ئۇ چاغلاردا ئەمدىلا ئالىي مەكتەپكە چىققان ئىدىم، دەسلەپكى يىلى بىر يىل مەخىوس تىل ئۆگىنەتتۇق، ئەگەر تىلدىن بەلگىلەنگەن سەۋىيەگە يەتمىسەك كەسىپكە چىقىپ ئۇقۇشىمىز مۇمكىىن ئەمەس ئىدى. مەندەك سەھرادىن كەلگەن ئۇقۇغۇچىنىڭ تىل سەۋىيەسى چاغلىق بولغاچقا، كۈندە دەرىستىن چۈشكەندىن كىيىن تەكرار قىلىشقا تۇغرا كىلەتتى، باشقا تىل بىلىدىغان بالىلار بولسا دەرس ۋاقىتلىرىدىمۇ دەرىسكە كەلمەي ئويناپ يۈرەتتى. بىر كۇنى يەنە شۇنداق تەكرار قىلىپ ئولتۇراتتىم. سىنىپتا مەندىن باشقا ئادەممۇ يوق ئىدى. بىر چاغدا دېرىزىدىن سىرىتقا قارىسام قار چۈشىۋىتپتۇ، دەرەىلەرنىڭ ئۇستىمۇ بىر قەۋەت ئاپپاق لىباس ئارتىپ قويغاندەك كۆرۇنەتتى.ھاياجانلىنپ قاپتىمەن، باشقىلارنىڭ شېئرىنى يادلىۋالغانمۇ ياكى ئۆزۈمنىڭ كالىسىغا دەرھال كەلدىمۇ بىلمىدىم، شېئر ئۇقۇپ كىتىپتىمەن.
ئەمدىلا ئىككىنچى مىسراسىنى ئۇقۇپ بۇلۇشىمغا كەينى ئىشىك تەرەپتىن بىر قىزنىڭ كۈلگەن ئاۋازى ئاڭلاندى. بۇ كۈلكە ئاۋازىنى ئاڭلاپ باياتىنقى ئىلھاملىرىممۇ ئۇچۇپ كىتىپلا قالماي ھەم سەل خىجىل بولدۇم ھەم ئاچچىقىم كەلدى. دەرھال چىقىپ ئۇ قىز بىلەن دىيىشىپ كىرەي دەپمۇ ئويلىدىم بىراق يەنىلا بولدى قىلىپ ئورنۇمغا كىلىپ ئولتۇردۇم، ئارىدىن بەش مىنۇت ئۈتمەي ئىشىك ئىچىلدى، باياتىن ئارقا ئىشىكنىڭ ئۇستىدىكى ئەينەكتىن چالا-پۇچۇق كۆرگەن ھىلقى قىز كىرىپ كەلدى.
-ھەي بالا، شېئرنى بەك ياخشى ئۇقۇيدىكەنسىز-دىدى ئالدىمغا كىلىپ.
.......
مەن ئۇنىڭ بۇ گىپىدىن يا مەسخىرە قىلغننى يا راسىت دىگىننى بىلەلمىدىم، يەنە كىلىپ ئۇنىڭ ئادەم مارلاپ يۈرگەنىلىكىگە ئاچچىقىم كىلىپ تۇرغاچقا جاۋاب بەرمىدىم.
-بىز پائالىيەتكە نۇمۇر تەييارلىماقچى، سىزنىڭ دىكلىماتسىيەرىڭىز ياخشى ئىكەن. سىزمۇ قاتناشسىڭىز بۇپتىكەن.-دىدى ئۇ ئەستايىدىل ھالدا.
ئۇنىڭ بۇنداق دىيىشىنى ئويلىماپتىمەن، بۇ جەھەتتە قابىليىتىم بار دەپمۇ ئويلىمايتتىم.
-مەن قىلالمايمەنمىكىن.-دىدىم تۆۋەن ئاۋازدا.
مىنىڭ بۇ گىپىمنى ئاڭلاپ ئۇ قايتىدىن سۆزلەشكە، مىنى رىغبەتلەندۇرۇشكە باشلىدى. ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ قايىل بۇپمۇ قالدىم ۋە ئاخىرى پائالىيەتكە قاتناشتىم. تەنىجەمغۇ بەك ياخشى بولمىدى، بىراق شۇنداق قىلىپ دىلبەر بىلەن تۇنۇشۇپ قالدىم.
كۆل بۇيىغا بارىدىغان يولدا بىرمۇ ئادەم يوق ئىدى. ھىلىلا ياغقان ئاپپاق قار يولدا يىيىلپ ياتاتتى. كۆلنىڭ ئەتراپنى قورشاۋغا ئىلىپ رىشاتكىلاپ قويغانىدى رىشاتكا يېنىغا كىلىپ ئىچىگە قارىدىم. پۈتكۈل ياز بۇيى ئادەمدىن خالىي بولمايدىغان بۇ جايدا ھازىر بىر سادامۇ يوق ئىدى. رىشاتكىنىڭ ئەڭ پاكار يېرىدىن ئىچىگە چۈشتۇم، دىلبەر بىلەن كەلگەنلىرىمدە ئولتۇرىدىغان قىيا ئۇستىدە تۇرۇپ تۆۋەنگە قارىدىم، سەل پەسراق جايدىكى 《د》ھەرپىنى شەكىلەندۇرگەن ھىلقى ئوت –چۆپلەر ئاللىقاچان سارغىيىپ، قۇرۇپ كەتكەنىدى.بىراق سەل دالدا يەر بولغاچقا ئۇستىگە جىق قارمۇ چۈشمەپتۇ. قار يەنىلا چۈشىۋاتاتتى، بۇ ئەلپازىدىن قارىغاندا كەچىكىچە ياغىدىغاندەك قىلاتتى. مەن بۇنىڭغا پەرۋا قىلماي قىيا ئۇستىدە ئولتۇردۇم.
بۇ كۆلگە دىلبەر بىلەن بىر قانچە قىتىم كەلگەنىدىم، بىراق بىرەر قىتىم قار ياغقاندا كىلىپ باقماپتىمەن. ئۇ چاغدا ئەمدىلا ئەتىياز ئاخىرلىشىپ قالاي دىگەن بولسىمۇ ھاۋا ئەمدىلا ئىسسىشقا باشلىغانىدى، كۆل بۇيىدىكى دەل-دەرەخ ئوت-چۆپلەر ئەمدىلا يىشىللىشقا قاراپ ماڭغانىدى. مەن مۇشۇ يەردە تۇرۇپ ئۇنىڭغا پەستىكى ھىلقى ئوت –چۆپلەرنى كۆرسىتىپ:
-قاراڭ، بۇ يەردە دىلبەردىكى د بار ئىكەن!- دىگىنىمدە ئۇ شۇنداقمۇ دەپ ھەيران بۇلۇپ ئۇزاققىچە قاراپ كەتكەنىدى.
كىيىن ئۇ تۈركىيەگە بارماقچى بۇلۇپ قالدى، بولمىسا قار ياغقاندىمۇ كىلىپ قالار بولغىيتۇق. ئۇنىڭ دىيىشىچە ئاتىسى تۈركىيەدە شىركەت قۇرماقچى ئىكەن شۇڭا ئائىلسى بۇيىچە كۆچۈپ كىتىدىكەن.
-سىزمۇ بىز بىلەن كىتەمسىز؟ دادامنىڭ شىركىتىدە ئىشلىسىىزمۇ بۇلىدۇ، ياكى ئايرىم ئىش قىلساقمۇ دادام قوللايدۇ-دىدى ئۇ بىر كۇنى.
ئۇنىڭ تۈركىيەگە كىتىمىز دىگەن گىپنى ئاڭلىغان چاغدىلا ئازاپتا قالغانىدىم، دەسلەپ يىڭى تۇنۇشقان چاغلىرىمىزدا شەھەردە چوڭ بولغان چىرايلىق، ھەم پۇلدار ئائىلىدە چوڭ بولغان بۇ قىز مەندەك سەھرالىقنى يارىتارمۇ دەپ ئويلايتتىم، بىراق ئەمدى كۆڭۈل چۈشىنىشىپ بولغاندا بولسا بۇ گەپ چىقتى. بىر قىزنىڭ كەينىدىن تۈركىيەگە چىقىپ كىتىش دىگەن بۇ گەپنى ئويلىسام كاللامدىن ئۈتمەيتتى. بىراق تارىختىكى ئاشىق - مەشۇقلارغا قارىساق، ئۇلار مۇھەببەت ئۈچۈن جاننىمۇ ئايىماپتىكەن.پەرھات شېرىننىڭ ۋەسلىگە يىتىش ئۈچۈن تاغنى تالقان قىلغۇدەك جاسارەت بىلەن جاپالارنى يەڭگەن. بىراق مەن تۈركىيەگە كەتسەم مىنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىمچۇ؟ مىنى ئالىي مەكتەپكە يولغا سالغان ئاتا-ئانامچۇ؟ ئۇ ئاخىرى مەكتەپتىكى رەسمىيەتلەرنىمۇ بىجىرىپ بولۇپ، مەكتەپكىمۇ كەلمەس بولدى. ئاخىرقى قىتىم ئۇچرىششىمىزدا مەن ئۇنىڭغا:
-تۈركىيەگە بارالمايمەن –دىدىم.
ئۇ گەپ-سۆز قىلمدى، بىراق كۆزلىرىدىن ياشلار مۆلدۈرلەپ ئىختىيارسىز تۈكۈلدى.يۈگۈرۇپ كىتىپ قالغىنى ھىلھەم كۆز ئالدىمدا.
دەسلەپ بەك ئازاپلىنىپ يۈردۇم، دەرىسلەرمۇ خۇشياقماي دىگەندەك ئۈتتى، كىيىن ۋاقىت ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ دەپ ئازاپلىرىم ئۇنتۇلۇشقا باشلىدى. بەزى-بەزىدە ئۇنى خىيال قىلىپ قالسام، دىلبەر ھازىر كۆك كۆز، يېشىل كۆز تۈركلەر ئارسىدا، قارا دىڭىز بويىدا يۈرەمدىغاندۇ ياكى ئىستانبولدىكى بىرەر داچىدا ئىسىل ھاياتتىن ھۇزۇرلىنىپ يۈرەمدىغاندۇ دەپمۇ قالاتتىم.
ئالىي مەكتەپنى پۇتتۇردۇم،بىراق مەكتەپتىن چىقىپلا خىزمەت تاپالمىدىم، ئېمتىھانلاردىن قالدىم، شىركەتلەردىن ئىش تاپتىم، بىراق ياراتقۇم كەلمىدى، شۇنداق قىلىپ بىر يىل ئۈتتى...
تۇيۇقسىز كەلگەن تېلفۇندىن خىياللىرىم ئۈزۈلۈپ قالدى. قارىسام ئۈرۈمچىلىك ساۋاقدىشىم ئىكەن. ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىمىز ئۈزۈلمىگەنىدى.
-سەن نەدە؟ دىلبەر قايتىپ كەپتۇ.-دىدى ئۇ ماڭا جىددىي بىر تۈستە،
-دىلبەر؟-دىدىم مەن ھەيرانلىقتا.
-تىز كەلگىن. دىلبەر بەك ئېغىر كىسەل ئىكەن، كۆرۇشىۋالغىن.-ئاخىرقى گەپنى دىگەندە ئۇنىڭ ئاۋازىمۇ تىتىرەپ كەتتى. مىنىڭ بىردەملىكتە پەيدا بولغان ھەيرانلىق، خۇشاللىقىم توزۇپ كەتتى،ئۇنىڭ سۆزىدىن بىر شۇملۇق پۇراپ تۇراتتى.
-ھە، مەن ھازىرلا باراي.- شۇنداق دەپ تېلفۇننى قويدۇم ۋە ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئالدىراپ مىڭىپ كەتتىم.كاللامدا جاۋاپسىز سۇئاللار ئۇچۇپ يۈرەتتى. قار يەنىلا لەپىلدەپ چۈشۈپ تۇراتتى.


تاتلىق ئالدىنىش



ھاياتىمنىڭ 27-يىلىدا توردا بىرەيلەننى ياخشى كۆرۇپ قىلىشىمنى پەقەت ئويلىماپتىمەن، يەنە كىلىپ بىر ئېرى بار ئايالنى ياخشى كۆرۇپ قىلىش ئۇخلىسام چۈشىمگىمۇ كىرىپ چىقمايتتى، ئۇنىڭ بىلەن تۇنۇشقىلى يېرىم يىلچە بولغان بولسىمۇ تىخىچە سۈرىتى تۇرماق ئاۋازىنىمۇ ئاڭلاپ باقمىدىم، ھەقىقىي ئىسمى نىمە بۇنىمۇ بىلمەيمەن. شۇڭا ئۆزۈمگە ھەيران بۇلىمەن، چىن تۆمۈر باتۇر چۆچىكىدە مۇڭغۇل شاھزادىسى مەختۇمسۇلانىڭ سۇدا ئىقىپ كەلگەن چېچىنى كۆرۇپ ئۇنىڭغا ئاشىق بۇلۇپ قالىدۇ، بىراق مەن ئۇنى نىمە ئۈچۈن ياخشى كۆرۇپ قالدىم؟ توردا يازغان ئىككى تۆت تال تېما ۋە ئىنكاسلىرى ئۈچۈنمۇ؟ ئەتراپىمدا - مەھەللەمدە، ئىدارەمدە توي قىلمىغان ياش، چىرايلىق قىزلار ئاز ئەمەس، بىراق مەن نىمە ئۈچۈن تور ئارقىلىق تۇنۇشقان بىر چوكاننى ياخشى كۆرىمەن دەپ ئويلاپ قالدىم؟ بۇ سۇئالغا جاۋابىم يوق ئىدى. بىراق ئۇنىڭ بىلەن دائىم سۆزلىشىپ تۇرۇشنى ئىزدەيتتىم. ئۇ بولمىسلا تورمۇ مەنىسىز بۇلۇپ قالاتتى. بەلكىم مەن ئۇنىڭ يازغانلىرىدىن گۈزەل بىر قەلىبنى كۆرگەندىمەن.

      توردا مۇنبەرنى بىلىپ يەتكەن ۋە ئەمدىلا كىرىپ ئىنكاس يىزىشنى ئۆگىنىپ يۈرگەن چاغلىرىمدا ئۇنىڭ بىلەن تۇنۇشۇپ قالدىم. ئۇنىڭ تېمىسىغا راسا ئۇزۇن ئىنكاستىن بىرنى يازدىم، گەپنىڭ راستىنى دىگەندە بۇ مىنىڭ تۇنجى قىتىم مۇشۇنداق ئەستايىدىل ئولتۇرۇپ يازغان ئىنكاسىم ئىدى. ئىنكاسىم يىزىلىپ ئەتىسى كەلگەن قىسقا ئۇچۇر مىنى قالتىس خوش قىلۋەتكەنىدى. بۇ قىسقا ئۇچۇردىن بەك ئىلھام ئالدىم ۋە ئۆزۈمگە بولغان ئىشەنچەممۇ ئاشتى. كىيىن بىز بارا-بارا تىخىمۇ كۆپ تېمىلاردا ئۇچرىشىپ قالىدىغان، گەپلىرىمىز بىر يەردىن چىقىدىغان بۇلۇپ قالدى. ئىككىمىزلا كۇندە دىگۇدەك توردا بۇلاتتۇق ۋە پاراڭلىشىپ قالاتتۇق. شۇنداق قىلىپ مەن ئۇنىڭ تېمىلىرىنى ئىزدەپ كۆرىدىغان بولدۇم ۋە ئۇنىڭ تېمىلىرىغا ئۇنتۇماي ئىنكاس قالدۇرۇپ قۇيىدىغان بولدۇم. كىيىن بىز چ چ دا پاراڭلىشىدىغان بولدۇق، بەزى كۇنلىرى يېرىم كىچىلىەرگىچە پاراڭلىشىپ كىتەتتۇق، پاراڭلىرىمىز تۈگەپ قالمايتتى بىراق ئەتىكى خىزمەتنى ئويلاپ خوشلىشاتتۇق، پەقەت ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشقان چاغدىلا ئۆزۈمنىڭ ھېرىپ ئاران قالغىنىمىنى ھىس قىلاتتىم ۋە يىتىپلا ئۇخلاپ قالاتتىم. بۇ جەرياندا ئۇنىڭ توي قىلىپ بولغىننى بىلدىم، توي قىلغان يات بىر ئايال بىلەن ئەلياتقۇدا پاراڭلىشىش توغرا ئەمەس ئىدى. مەن ئۆزۈمنى چەكلەشنى ئويلىغان چاغدا ئۇنىڭغا ئاللىقاچان كۆنۈپ قاپتىمەن. بىرەر كۇن كىرمىسەملا مۇھىم نەرسىنى يۈتتۇرۇپ قويغاندەك بىئاراملىقتا قالاتتىم ۋە ئەتىسىلا كىرۋالاتتىم. مۇشۇنداق كۇنلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئۆزۈمنى ئۇنى ياخشى كۆرۇپ قالغاندەك، ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايدىغاندەك ھىس قىلدىغان بۇلۇپ قالدىم. ئۆزۈمگە ئۇنى ياخشى كۆرۇشۇم ئۈچۈن قايىل قىلارلىق باھانە ئىزدىدىم. چىرايلىق، ياش توي قىلمىغان قىزلارنى ياخشى كۆرۇشكە باھانە ھاجەتسىز. پاھىشلەرنى ياخشى كۆرۇپ قالىدىغانلارمۇ بار، ئۇلار ئاشۇ پاھىشىنى تۇغرا يولغا كىرگۇزمەكنى باھانە قىلىدۇ. تۇل خۇتۇننى ياخشى كۆرۇپ قالىدىغانلار تۇل خۇتۇننى يۈلىمەكچى، قۇغدىماقچى بۇلىدۇ. توغرا يولدا كىتۋاتقان، يۈلەيدىغان قۇغدايدىغان ئادىمى بار بىر ئايالنى ياخشى كۆرۇپ قىلىشقا نىمە باھانە بۇلاتتى؟  پەقەت سېسىق ئۈچىنچى شەخىس بۇلاتتىم خالاس.  ئۇنىڭ يېرىم كىچىلەرگىچە ئېرى يوق ئادەمدەك بېغەم سۆزلەشكىنىدىن گۇمانلىنىپ قالدىم. ئۆزىدىن سورىسام كۇماندىرۇپكىغا كەتتى، ئاغىنىلىرىنىڭكىگە كەتتى دىگەندەك جاۋاپلارنى بېرەتتى. ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى ئەمەس ئىكەندە، ئېرى تازىمۇ بۇزۇق بىر نەرسە ئۇخشايدۇ، ئۇنى كۆڭۇلسىز تۇرمۇشتىن قۇتقۇزۇشۇم كېرەك دەپ ئويلاپ قالدىم. بىر تۇرۇپ ئۆزۈمنى بەكمۇ خىيالى بۇلۇپ كەتكەندەك، بۇ پەقەت ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغاندەك، مىنىڭ بۇ ئويلىرىمنىڭ سۇ ئۇستىدىكى كۆپۇككە ئۇخشاپ قالغاندەك ھىس قىلاتتىم.

       مەن شۇنداق چەك باسمايدىغان خىياللارنى قىلىپ يۈرگەن كۈنلەردە ئىدارىدىن مىنى ئۇ تۇرۇشلىق شەھەرگە مەلۇم بىر ئىش بىلەن ئەۋەتتى. مەن گۇگۇم بىلەن ئاشۇ شەھەرگە كەلدىم، ئاپتۇبۇستىن چۇشۇپلا كۆرگىنىم قاراڭغۇ چۇشۇش ئالدىدىكى غۇۋالىقتا ماشنا ۋە ئادەملەر ئۇيان-بۇيان مىڭىپ يۈرگەن شەھەر بولدى. بىكەتتىن ئانچە يىراق بولىمىغان بىر مېھمانخانىدىن ياتاق ئىلىپ قۇيۇپ كۇچىغا چىقتىم. ئۇ مۇشۇ شەھەردە ياشايدۇ دىگەن ئوي كاللامغا كىلىشى بىلەنلا ،ئۇنىڭ بىلەن بىر كۆرۇشۇپ بىقىش ئىستىكى تۇغۇلدى. ئەگەر بۇ شەھەرگە كەلمىگەن بولسام  بەلىكم ئۇنىڭ بىلەن مەڭگۈ كۆرۇشمەسمەن، خىيالى تۇيغۇمدا شەكىللەنگەن مۇھەببەت بىخى ئۆزىنى ئاشكارلىمايلا ۋاقىتنىڭ ئۈتۈشى بىلەن بارا-بار يىگىلەپ قۇرۇپ كىتىشى مۇمكىن ئىدى. بىراق ئەمدى ئۇنىڭ يېنىغىلا كەلگەنىكەنمەن بىر كۆرۇشۇپ كىتەي. مەن شۇ خىياللار بىلەن يىقىن ئەتراپتىكى تورخانىغا كىرىپ، ئۇنىڭ چ چ سىغا ۋە توردىكى قىسقا ئۇچۇر يوللايدىغان يېرىگە ، ئۆزۈمنىڭ بۇ شەھەرگە كەلگەنلىكىمنى  ئەگەر ۋاقتى بولسا ئەتە كەچقۇرۇن سائەت ئالتىدە بىكەت ئەتراپىدا ئۇچرىشىشىنى ۋە ئۆزۈمنىڭ تەققىي –تۇرقۇم ۋە كىيگەن كىيىملىرىمنىڭ رەڭگى دىگەنلەرنى قالدۇرۇپ قويدۇم. مېھمانخانىغا قايتىپ ئۇنىڭ ئۇچرىشىشقا كىلىدىغان ياكى كەلمەيدىغانلىقىنى پەرەز قىلىپ، دەككە – دۇككە ۋە بىر تاتلىق خىيال بىلەن ئۇخلاپ قالدىم.

       ئەتىسى بىكەتتە دىيىشكەن ۋاقتىمدا قارا كۆزەينەكنى تاقاپ ئۇيان- بۇيان قاراپ تۇرسام، بىر جۇپ قىزى-يىگىت ئالدىمدىن نەچچە ئۈتۈپ، يەنە نەچچە كەينىگە يىنىپ كىلىپ مىنىڭ يېنىمدا تۇختىدى ۋە قىز ماڭا يىقىنلاپ كىلىپ مەندىن سورىدى.

- سىز دەقيانوسمۇ؟

- ھەئە؟- دىدىم مەن كۆزەينەكنى قولۇمغا ئالغاچ.

- مەن كۈلگۈنچەك قىز.

      ئالدىمدىكى 25-26ياشلاردىكى زىلۋا،چىرايلىق قىزغا ھاڭۋاقتىلارچە قاراپ قالدىم. ئۇ مەن ئويلىغاندىن كىچىك كۆرۇندى.لىكىن ئاۋازى سەل بومراق چىقاتتى،

- سىز بىلەن كۆرۇشكىنىمدىن خۇشالمەن.

- مەنمۇ خۇشال - دىدىم مەن ئارانلا.

     بىز شۇ گەپلەرنى دىيىشۋاتقاندا باياتىن نېرىدا تۇرغان يىگىتمۇ كەلدى، ئېرىنىمۇ باشلاپ كەپتۇ دە بۇ قىز دەپ ئويلىدىم. قۇيۇق قارا بۇرۇتلۇق، بۇدرە چاچ، ئورۇق، ئىگىز يىگىت بىلەن قول ئىلىشىپ كۆرۇشۋاتقاندا.

-  كامىل! –دىدى قىز ئۇنى ماڭا تۇنۇشتۇرۇپ، ئاندىن كامىلغا مىنى تۇنۇشتۇردى- بۇ دائىم ساڭا گىپىنى قىلىپ بېرىدىغان يىقىن توردىشىم  دەقيانوس. ئەمما بۇ توردىكى ئىسمى . راسىت ئىسمىنى بىلمەيمەن. مانا بۈگۈن ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلاپ قىلىشىمىز مۇمكىن.

- ئىسمىم ھاكىم،- دىدىم مەن.

- مىنىڭ ئىسمىم شەھىدە- دىدى قىز.

- ھاكىم؟ قايسى ناھىينىڭ ھاكىمى سىز؟!- دىدى كامىل، ئۇنىڭ گەپ قىلغان ھالىتىدىن چاقچاق قىلغانلىقى چىقىپ تۇراتتى.

- ناھىينىڭ ھاكىمى ئەمەس، مۇشۇ تاپتا ئۆزۈمگىمۇ ھاكىم ئەمەسمەن.

-سىزگە قىزلار ھاكىممۇ ياكى باشلىقىڭىز ھاكىممۇ؟!- دىدى كامىل يەنە چاقچاق قىلىپ. ئۇنىڭ مىنىڭ بىلەن تۇنجى كۆرۇشۇپلا چاقچاق قىلارنى ئويلىمىغانىدىم. ئۆزۈم چاقچاققا ئۇستا بولمىساممۇ، چاقچاققا ئامراق بولغاچ ئۇنىڭ بۇ مىجەزىنى ياقتۇرۇپ قالدىم.

- ھەر ئىككىسى ھاكىم بۇلۇپ قىلۋاتىدۇ- دىدىم مەنمۇ خۇشچىراي.

-شەھىدەنى ياخشى كۆرۇپ قالمىغانسىز؟

......

      بۇ گەپ گويا ئايالىمنى ياخشى كۆرۇپ قالمىغانسىز؟ دىگەندەك ئاڭلىنىپ ئۇجۇقۇپلا كەتتىم. مەن نىمىنى خاتا قىلدىم، ئەجەبا چاندۇرۇپ قويدۇممۇ؟ شۇنداقتىمۇ بۇ ئاداش بەكلا تۈپتۈز سوراپ قالدىغۇ دەپ ئويلاپ ئەندىشىدە قالدىم.

-يىراقتىن كەلگەن ئادەمنى سوراققا تارتىۋېرەمسەن؟ ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى قىزلار تېلىۋىزوردىكى ئېلاندىن كۆپ. بولدى قىلە، بېرىپ تاماق يەيلى، قالغان گەپى تاماق يىگەچ پاراڭلاشمامدۇق، قىنى ماڭايلى! - دىدى شەھىدە .

       مەن كامىلنى قولتۇقلاپ كىتۋاتقان شەھىدەگە قاراپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ھەققىدە بۇرۇن ئويلىغانلىرىمنى خاتا ئىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم. ئۇلار يىڭى توي قىلغان، قىزغىن ئەر-خۇتۇنلاردەك چاقچاقلىشىپ كىتۋاتمامدۇ. مەن ئۈمىدسىزلىنىپ شۇيەردىنلا قايتىپ كەتمەكچى بۇلۇپ يەنىلا ئۆزۈمنى بىسۋالدىم. بىراق ئۇلار باشلاپ بارغان ھەشەمەتلىك بىزەلگەن تىز تاماقخانىنىڭ ئايرىم خانىسىغا كىرىپمۇ كەيپىياتىمنى ئوڭشىيالمىدىم. ئۇلار قىلغان چاقچاقلارغىمۇ ئارانلا ئۈلگۈرۇپ جاۋاپ ياندۇراتتىم. مىنىڭ بۇ كەيپىياتىمنى كۆرۇپ شەھىدەنىڭمۇ ئۆزگىرىپ كىتۋاتقىننى بىلىپ يەتتىم، ۋە ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ مېھمانخانىغا قايتتىم.

      ئارىدىن بىر قانچە كۇن ئۈتۈپ ،مىنىڭ ئىشلىرىممۇ ئاخىرلىشاي دەپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن قولۇم ئىشتىن سەل بۇشاپ تورغا چىقتىم. چ چ نىڭ يورىشى بىلەنلا ئۇنىڭ قالدۇرغان ئۇچۇرىنى كۆردۇم ، ئۇ ماڭا تېلفۇن نۇمىرىنى قالدۇرۇپ، چۇقۇم تېلفۇن قىلشىمنى يىزىپتۇ. ئەسلى ئۇنىڭ بىلەن قايتا ئالاقىلەشمەسلىكنى ئويلىغانىدىم، چۇنكى قايتا ئالاقىلشىش ھەر ئىككىمىزگە زىيانلىق ئىدى. لىكىن ئۇنىڭ ئۇچۇرىنى كۆرۇپلا بۇ ئويلىرىمدا تەۋرىنىش بولدى. ئازراق ئىككىلىنىشتىن كىيىن ئۇنىڭغا تېلفۇن قىلدىم. ئازراق ئەھۋاللاشقاندىن كىيىن كۆرۇشەيلى دىدى. مەن ماقۇل بولدۇم. تېلفۇننى قۇيۇپ سەل پۇشايمان قىلدىم. ئېرى بار ئايال بىلەن كۆرۇشۇپ نىمە قىلارمەن، يەنە كىلىپ ئائىلىسىنىڭ بەخىتلىك ئىكەنلىكنى كۆردۇم. ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن ئايالنىڭ بەخىتلىك بولغانلىقى مەن ئۈچۈن كۇپايە ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭ كۆرۇشۇش تەلىپىگە قۇشۇلغانلىقىم ئۈچۈن  ئۆزۈمنى ئەيىپلىدىم.

      شەھىدە تۈنۈگۇن بىز كۆرۇشكەن جايدا يىراقلارغا قاراپ تۇراتتى، ئۇنىڭ ئۇششاق بۇدرە چاچلىرى يىنىك شامالدا يەلپۇنەتتى. مەن ئۇنىڭغا يىقىنلاپ كىلىپ بوش يۈتىلىپ قويدۇم.

- كەلدىڭىزمۇ؟ يۈرۈڭ!-دىدى ئۇ ماڭا قاراپ.

      مەن ئۇنىڭدىن  نەگە بارىمىز دەپ سورىمايلا ئەگەشتىم. ئۇ مىنى بىر باغچىغا باشلاپ كەلدى. بىز پاكار رىشاتكىدىن ئاتلاپ ئىچىگە كىردۇق. ئىشتىن چۇشۇپ ئارام ئالدىغان چاغ بولغاچقا ، باغچىدا ئادەم كۆپ ئىدى. بىز تەستىرەك بىر بوش ئورۇندۇق تىپىپ ئولتۇردۇق. ئۇنىڭ نىمە ئۈچۈن مىنى بۇ يەرگە باشلاپ كەلگىننى بىلىشىنى شۇنچە خالىساممۇ يەنىلا ئۇنىڭ گەپ قىلشىنى كۈتۈپ ئولتۇردۇم. ئۇ گويا مىنى ئۇنتۇپ قالغاندەك قىياپەتتە ئولتۇراتتى، بىراق ھەربىر كۆزىتىشىمدە ئۇنىڭ يەنىلا خاتىرجەم ئەمەسلىكىنى بىلىپ تۇراتتىم. ئۇ ئاخىرى ئېغىز ئاچتى.



-سىز يۈسۈپ- زىلەيخانى بىلەمسىز؟- دەپ سورىدى ئۇ. مەن ئۇنىڭ بۇنداق سۇئالنى كۈتمىگەنىدىم.

-بىلىمەن. قىسسەسۇل-ئەنبىيادا ئۇقىغانىدىم، بىراق ئۇقۇغىلى بەك ئۇزۈن بولدى.-دىدىم مەن.

- ئۇنداقتا دەپ بىقىڭ، يۈسۈپ ئاۋۋال زىلەيخانى ياخشى كۆرۇپ قالغانمۇ ياكى  زىلەيخا ئاۋۋال يۈسۈپنى ياخشى كۆرۇپ قالغانمۇ؟

- زىلەيخا ئاۋۋال يۈسۈپنى ياخشى كۆرۇپ قالغان. زىلەيخا توي قىلىپ بولغان بولسىمۇ ئاللانىڭ قۇدرىتى بىلەن قىز پىتى قالىۋەرگەن. ئۇ يۈسۈپنى كۆرۇپلا چۇشىدىكى ئاشىقىنى تاپقاندەك بۇلۇپ،ئۇنىڭغا يىپىشۋالىدۇ. بىراق زىلەيخا توي قىلىپ بولغانلىقى ۋە بۇددىسىت بولغانلىقى ئۈچۈن يۈسۈپ ئۇنى رەت قىلىدۇ. بۇنىڭدىن خاپا بولغان زىلەيخا باي ئېرىنىڭ كۈچىدىن پايدىلنىپ ، يۈسۈپنى زىندانلارغا سىلىپ قىينايدۇ. شۇندىمۇ مۇھەببەت ئوتى ئۈچمەي، ئۆزى قىينىلىپ يۈرىدۇ، ئاقىۋەت يۈسۈپ مىسىرغا پادىشاھ بولغان كۈنلەردە زىلەيخا ئۇنىڭغا ئۇچرايدۇ، ئۇ چاغدا زىلەيخا دەرد- ھەسرەتتىن مومايدەكلا بۇلۇپ قالىدۇ. ئېرىدىن ئايرىلغان بىچارە زىلەيخانىڭ زارى ئاللاغا يىتىپ، يۈسۈپ سۇنغان قامچىنى تۇتقىنىدا ئۇنىڭدىكى ئوت يۈسۈپكە ئۈتۈپ كىتىدۇ. زىلەيخامۇ ياش، چىرايلىق ھالىتىگە قايتىدۇ...

- خىلى ئوبدان ئىسىڭىزدە بار ئىكەن ھە!- دىدى ئۇ ماڭا قاراپ.

- شۇنچىلىك بىلىدىكەنمەن.

- ئۈتكەندە سىز بىلەن ئۇچراشقاندىن كىيىن كۆپرەك مۇشۇنى ئويلايدىغان بۇلۇپ قالدىم. ئۆزۈمنىڭ سەل ئاشۇرۋەتكەنلىكمنى ھىس قىلۋاتىمەن.

......

مەن ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىگە نىمە دىيىشنى بىلەلمىدىم، پەقەت كۆڭلۈمدە ئۇنىڭ ئاللىقاچان مىنىڭ ئۇ ھەقتىكى ئويلىرىمنى بىلىپ بولغانلىقىنى جەزىملەشتۇردۇم.

-مىنى ياخشى كۆرەمسىز؟- دەپ سورىدى ئۇ ماڭا قاراپ.

- ياق، ئېرى بار ئايالنى قانداقمۇ ياخشى كۆرۇپ قالاي!

- ئەگەر مەن توي قىلمىغان بولسامچۇ! ئۇ چاغدا ياخشى كۆرەمتىڭىز؟

- بىراق سىز ئاللىقاچان توي قىلىپ بولدىڭىزدە شۇڭا ئەگەرگە ئورۇن يوق.

-مەن تور دۇنياسىدا شۇنچە يىل يۈرۇپ سىزدەك ساددا ئادەمنى كۆرۇپ باقماپتىمەن. سىز بەكلا ساددىكەنسىز، قىز بالا بولغان بولسىڭىز چۇقۇم ئالدىنىپ كىتىدىكەنسىز. گەپ- سۆزلىرىڭىزدىن كىچىك بالىدەكلا ...

     ئۇنىڭ بۇ گەپلىرى خۇددىي ئادەمنى گەپكە سىلىپ ئوينىغاندەك بىلىنىپ ئاچچىقىم كىلىپ قالدى، غۇژژىدە كەلگەن ئاچچىقتىن ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم.

-سىز مىنى شۇ گەپلەرنى دىگىلى چاقىردىڭىزمۇ؟ كىچىك بالا كۆرۇپ كولدۇرلىتاي دەپسىز دە! خانىم، مەن سىز ئويىلغاندەك ئۇنچىلا گولمۇ ئەمەس. خوش!

     ئاچچىقىمدا شۇ گەپلەرنى دەۋىتىپ تىز-تىز قەدەم ئىلىپ ئۇنىڭدىن ئايرىلدىم. ئۇ كەينىمدىن ئىسمىمنى چاقىردى. ئۇنىڭ كەچۇرۇم سورىغاندەك ئاھاڭدىكى چاقىرىشىغا كەينىمگە قاراپمۇ قويماي كىتىۋەردىم.

      شۇندىن كىيىن ئۇزاققىچە ئۇنى ئىزدىمىدىم ، تورغا چىقساممۇ بىشىمنى تىقىپ قۇيۇپلا چىقىپ كەتتىم. ئارىدىن بىر ئايچە ۋاقىت ئۈتتى. ئۈرۈمچىدە كۈزنىڭ ئالامەتلىرى بالدۇرلا كۆرۇلۇپ، كەڭ يۇمۇرماقلىق دەرەخلەرنىڭ رەڭگى ئۆزگىرىشكە باشلىدى. يول ياقىسىدىكى مەنزىرە گۈللىرىنىڭ جۇلاسىمۇ يۇقىلىپ، ئادەمگە قارىيىپ كىتۋاتقاندەك بىلىنەتتى. ئەمما بازارلار بارغانسىرى ئاۋاتلىشپ، ھەرخىل مېۋىلەرنىڭ باھاسى ئەرزانلاپ كەتتى. بىر كۇنى ئىشتىن قايتىپ ئۆزۈم ئامراق مېۋىدىن ئازراق ئىلىپ ئىجارە ئالغان ئۆيگە مېڭىش ئۈچۈن  ئاپتۇبۇس ساقلاپ تۇراتتىم. تۇيۇقسىز تېلفۇنۇم سايراپ كەتتى. قولۇمغا ئىلىپ ئېكرانىغا قارىسام شەھىدەنىڭ تېلفۇن نۇمۇرى پارقىراپ تۇراتتى. ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشمىغىلى بەك ئۇزۇن بۇپتۇ، راستىنلا ئۇنى سېغىنغانىدىم.

- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!-دىدىم تېلفۇننى ئىلىپ.

- ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! ياخشى تۇرۋاتامىسىز؟

-ياخشى.

- مەن ئۈرۈمچىدە، ھازىر خەلقئارا بازاردا كىلەلەمسىز؟ ئەپەندىمنىڭ ھەيكىلىنىڭ يېنىدا ساقلاپ تۇرىمەن.

- ھازىر باراي- دىدىم.

     كۆڭلۈمدە ئۇنىڭ بىلەن يەنە كۆرۇشۇپ بىر خاتالىققا يول قويدۇممۇ قانداق؟ دىگەن ئوي بار ئىدى. شۇنچە يىراقتىن كەلگەندە ئاتايىن مىنى ئىزدىگەندىن كىيىن كۆرۇشۇپ قويمامدىم. مەن بارغاندا شەھىدە يەنە ئېرى كامىل بىلەن بىللە تۇراتتى. ئۇلار يىراقتىن مىنى كۆرۇپ بىر-بىرگە چاقچاق قىلىشىپ كەتتى. مەن سەل ئەجەپلىنىپ ئۇلارنىڭ يېنىغا باردىم.

- ھاكىم ، سىز يەنىلا ئۆزىڭىزگە ھاكىم بۇلالماي يۇرەمسىز؟- دىدى كامىل بىز ئەھۋاللىشىپ بولغاندىن كىيىن يەنە چاقچاق بىلەن گەپ باشلاپ.

- شۇنداق دىسەكمۇ بۇلىدۇ.

- نەۋرە سىڭلىمنى سىزگە تاپشۇراي، بەلكىم ئۇ سىزنىڭ ھاكىمىڭىزدۇر، ياكى سىز ئۇنىڭ ھاكمىدۇرسىز.

- نىمە سىز ئۇنىڭ نەۋرە ئاكىسى؟- مەن قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمىگەندەك قايتا سورىدىم.

-شۇنداق.

- سىز ئۇنىڭ ئېرى ئەمەسمۇ؟

- دۇستۇم ئۇ تىخى توي قىلمىدى. ھە سىز مىنى... مەن ئۇنىڭ نەۋرە ئاكىسى. ئۆتكەن قىتىم مەن ئۇنىڭ ئىلتىماسى بىلەن سىز بىلەن بولغان كۆرۇشۇشكە بىللە چىققان. بىراق شۇندىن كىيىن ئۇ بۇ ئىش ئۈچۈن پۇشايمان قىلدى. ماڭا يالۋۇرۇپ ئۈرۈمچىگە بىللە كىلىپ سىز بىلەن كۆرۇشۇشنى ئېيتتى- دىدى كامىل. مەن شەھىدەگە قارىغانىدىم  ئۇ خىجىل بولغان ھالدا راسىت دىگەندەك باش لىڭشىتتى.

- سىلەر ئازراق پاراڭلىشۋىلىڭلار، بىراق ۋاقىت كۆپ ئەمەس، ھازىر ئازراق ئىشىم بار شۇنى بىجىرگىلى بارىمەن، بىراق يەنە بىر سائەتتىن كىيىن سىڭلىمنى ئىلىپ كىتىشىمگە رۇخسەت قىلىڭ ھاكىم.- كامىل شۇنداق دەپ بۇلۇپ كىتىپ قالدى.

- سىز نىمشقا باشتا ماڭا يالغان گەپ قىلدىڭىز؟- دەپ سورىدىم شەھىدەدىن.

- مەن تورغا ئىشەنمەيتتىم، يەنە كىلىپ توردا يىگىتلەرنىڭ ئاۋارە قىلشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇلارغا توي قىلدىم دەپ قۇياتتىم. بىراق ئويلىماپتىمەن، سىز بىلەن تۇنجى قىتىم كۆرۇشۇپلا ئۆزۈمنىڭ خاتا قىلغانلىقمنى  تۇنۇپ يەتتىم. كىيىنكى قىتىم كۆرۇشكەندە ئەينى ئەھۋالنى ئېيتاي دىگەنىدىم، بىراق سىز ئالدىراپ كىتىپ قالدىڭىز.سىزنى ئالداپ قويغانلىقىم ئۈچۈن كەچۇرۇم سورايمەن. مىنى كەچۇرەمسىز؟

- شۇنچە ۋاقىتتىن بۇيان ئازاپلىنىپ يۈرگىنىمنى بىلەمسىز؟! بىراق مەن يەنىلا سىزنى كەچۇرىمەن.

- مەن خاتالىشىپتىمەن، توردا كۆپ كىشلەرگە ئىشەنگىلى بولمايدۇ دەپ ئويلاتتىم، سىزنى كۆرگەندىن كىيىن  خاتا ئويلىغانلىقىمنى ھىس قىلدىم.-دىدى شەھىدە.

- مەنمۇ خاتالىشىپتىمەن. توردا كۆپ كىشلەرگە ئىشەنگىلى بۇلىدۇ دەپ ئويلاتتىم، مانا بۈگۈن خاتا ئويلىغانلىقىمنى ھىس قىلۋاتىمەن.- دىدىم مەن ئۇنىڭغا چاقچاق تەلەپپپۇزىدا.

ئۇ مىنىڭ گەپلىرىمنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتتى.بىز كۈلۈشكىنىمزچە ياندىشىپ ماڭغان چېغىمىزدا شەھەر كوچىسى قۇياشنىڭ ئاخىرقى نۇرىدا قىزىرىپ كەتكەنىدى.




قىزچاق، ئاڭلىغىنىڭىز يالغان ئەمەس!



    يىقىن ئاغىنەم دىلشاتنىڭ ئۆلۈمىدىن كيىن ، مەن ئۈچ يىلدىن بۇيان قىلىپ كىلۋاتقان يامان ئىشلاردىن قول ئۈزمەكچى بولدۇم، دىلشات بىلەن ئىككىمىز ھەمدەم بۇلۇپ نى-نى قان چىچىشلاردىن، نەچچە يۈز ئادەمنىڭ تاياقلىرى ئاستىدىن ئامان -ئىسەن چىقىپ، ھىلىلا باشقىلارنىڭ يانچۇقىدا تۇرغان قىپقىزىل پۇللارنى ئايىماي خەجلەپ يۈرگەنىدۇق، ئەمما ئۇنىڭ دەھشەتلىك ئۆلۈمى مىنى ئويلاندۇردى، ئۇنىڭ ھەتتا جەسىدىمۇ پۇتۇن قالمىغانىدى. مەن ئويلىرىمدىن شۇنداق يەكۇن چىقاردىمكى ئەگەر مەن داۋاملىق بۇ يولدا ماڭسام ئاقىۋىتىم دىلشاتتىن قىلشمايتتى. ئۈچ يىل بۇرۇن مەن ۋىلايەت بۇيچە ئىناۋىتى يۇقىرى بولغان ئوسمان قارىھاجىم مۇللىدىن ساۋاق ئىلىپ ، قۇرئاننىمۇ يادلاپ بولغان ئىدىم. ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە يەنە مۇللامىنىڭ نەسىھەتلىرىنى ئەسلەپ قالدىم. ئۇلۇغ جۇمە كۇنىدىن باشلاپ نامازنى باشلىماقچى  بولدۇم، تاھارەت ئىلىپ مەسچىتكە چىققىنىمدا نۇرغۇن كۆزلەرنىڭ ماڭا گۇمانى قاراۋاتقانلىقىنى كۆردۇم، مىنىڭ تىشىۋەتكۇدەك قاراشلىرىم  نەتىجىسىدە ئۇلار باشقا ياقلارغا قاراشقا مەجبۇر بولدى.
     ئۆيدىكىلەرنىڭ ماڭا ئىشەنمەيدىغانلىقنى سىزىپ تۇردۇم، مەندەك جان بىلەن ئوينىشىدىغان ئادەملەر باشقىلارنى كۆزىتىشكە ماھىر بۇلىشى كېرەك ئىدى. ئاتام مىنى دەسلەپ تۈرمىدىن كىپىل بۇلۇپ ئىلىپ چىققاندىلا ، ئۇنىڭ ساقال  باسقان چىرايىدىن، بېغىررەڭ كۆزلىرىدىن مەندىن پۇتۇنلەي ئۈمىد ئۈزگەنلىكنى بىلىپ يەتكەنىدىم. ئانامنىڭ بىرەر ئېغىز يامان گىپىنى ئاڭلىمىغان بولسامممۇ كۆڭلىدە مەندەك بالا-قازا تېرىپلا يۈرىدىغان بالىسىنى نىملەرنى دەپ يۈرگەنلىكنى پەرەز قىلاتتىم. شۇنداق بولسىمۇ مەن يەنىلا ئۆزگەرمەكچى بولدۇم ۋە ئۆزگىرىشكە تىرىشتىم.
      بىر كۇنى مەن باشقا مەھەللىگە بىر ئاغىنەمنى يۇقلاپ باردىم، ئۇ مىنىڭ بۇرۇنقى ساۋاقدىشىم ئىدى،بىز مەكتەپتىكى چاغلاردا يىقىن ئۈتەتتۇق كىيىن مەن ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلەشمىدىم، بىراق نىمىشقىكىن يىقىندىن بۇيان ئۇ مىنى ئىزدەيدىغان بۇلۇپ قالدى. مەنمۇ شۇنىڭغا يارىشا ئۇنى يۇقلاپ قويماقچى بۇلۇپ بارغانىدىم، قايتاشىمدا قاراڭغۇ چۇشۇپ كەتتى.  قاراڭغۇلۇقتا مەھەللە ئىچىدە موتونى گۈرۈلدىتىپ كىتىۋاتاتتىم تۇيۇقسىز بىرى كىلىپ مىنى چاقىردى.
- مۇرات، ھەي مۇرات!
     مەن موتونى تۇختىتىشقا مەجبور بولدۇم، قاراڭغۇلۇقتا پەيدا بولغان بىرى ئالدىمغا كەلدى. يىقىن كەلگەندە قارىسام بۇرۇنقى ئويناپ يۇرگەن چاغلاردىكى ئۆلپىتىم  ئالىم سېرىق ئىكەن ئۇنىڭ كۆكۈچ  تۇنۇش كۆزلىرى ماڭا تىكىلىپ تۇراتتى.
- ئالىممۇ سەن؟- دىدىم ئۇنىڭغا .
-ھەئە مەن، يۈرە ئۆيگە كىرەيلى!- دىدى ئۇ.
- ئىش بارمۇ؟
- بۇ نىمە دىگىنىڭ ئاداش! سورۇن بارتى شۇ، مانىڭغا چىققان،-دىدى ئۇ باشتا ئاچچىقى كەلگەندىك بۇلۇپ ئاندىن يېنىدىكى ئۇزۇن بۇيۇننى كۆرسىتىپ دىدى- تەلىيىڭ بار ئىكەن ئۇچراپ قالدىڭ.
- مەن بۇنى تاشلىدىم.
-تاشلىدىم، چاقچاق قىلمىغىنە ئاداش! گەپنى ئاز قىلىپ ماڭ! بولمىسا ئۇرۇشۇپ قالىمەن سەن بىلەن. ئىچمىسەڭمۇ ئۆيگە كىرىپ سورۇندا ئولتۇرۇشۇپ بەر. بىر قانچە ئاغىنەم ساقلاپ تۇرىدۇ يۈزۇمنى قىلغىن!
     مەن ئۇنىڭغا ھەر قانچە باھانە سەۋەب كۆرسەتكەن بولساممۇ ئۇ پەقەت مىنى قۇيۇپ بەرمىدى. مەن ئامالسىز، ياق، يەنىلا ئىرادەمنىڭ بوشلۇقىدىن ئۇنىڭ بىلەن ماڭدىم. موتونى ھويلىدا قۇيۇپ ، ئۇ باشلىغان ئۆيگە كىرگىنىمدە تاماكا ئىسى ۋە قاڭسىق ھاراق پۇرىقىغا تولغان ئۆيدە يەتتە-سەككىزچە بالا ئولتۇراتتى. كۆزۈم بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرىگە چۇشۇشى بىلەن كاللامغا بىر مۇدھىش خىيال كەلدى. ئۇ ماڭا تىكىلپ تۇراتتى، ئەمما مەن چاندۇرماي ھەممىسى بىلەن كۆرۇشۇپ چىقتىم، ئۇنىڭ قىساس ئۇتى يىنىپ تۇرغان كۆزلىرىنى قايتا كۆرگىنىمدە توۋۋا دىدىم. ئەگەر بۇرۇنقى چاغلىرىم بولسا ئۇنىڭدىن قورقۇپ قالمايتتىم بىراق ئۆزگىرىش پىلانىمنىڭ، ئۆزۈمگە بەرگەن قەسەمنىڭ بۇزۇلۇپ كىتىشىدىن ئەنسىرەيتتىم. لىكىن بۈگۈن بىر مەيدان جىدەلدىن ساقلانغىلى بولمايدىغاندەك تۇراتتى.
مەن بۇ سورۇندا ئۇزۇن ئولتۇرۇشقا بولمايدىغانلىقنى بولمىسا ئىشنىڭ تىخىمۇ چۇڭىيىپ كىتىدىغانلىقنى ھىس قىلىپ باھانە بىلەن سىرىتقا چىقىم. موتۇنى ئىلىپ ماڭسام ئۇلارنىڭ سورۇنننى تاشلاپ مىڭىش نىيىتىمنى بىلىپ قلىىشىدىن ئەنسىرەپ موتونىمۇ ئالماسلىقنى قارار قىلدىم. ئىشىك ئىتىلگەن ئىدى، مەن ھويلىنىڭ  باغ تەرەپتىكى پاكار  تاملىق جايدىن سەكرەپ چۇشتۇمدە ، ئىتتىك قەدەم ئىلىىپ مىڭىپ كەتتىم، ھاشىم بۆرىنىڭ مىنى ئەگىشىپ چىقىدىغانلىقنى قىياس قىلاتتىم شۇڭا پات-پات كەينىمگە قاراپ قوياتتىم.  باياتىن سورۇندا ماڭا ئاچچىقى بىلەن قارىغان ئاشۇ كۆزلەرنىڭ ئىگىسى ھاشىم بۆرە ئىدى. بىراق ئارىدىن خىلى ۋاقىت ئۈتتى، ئۆيدىنمۇ يىراقلاپ كەتتىم. كەينىمدىن بىرىنىڭ كىلۋاتقىننى بايقىمىدىم. ئۇھ! دەپ تىنىدىم بىر تۆت كۇچىدىن ئۈتۈپ، بىر جىدەلدىن قۇتۇلدۇم دەپ، ئۆزۈمنى يىنىك بۇلۇپ قالغاندەك بىلدىم. شۇنىڭدىن كىيىن بايىقى سەزگۇرلۇكۇممۇ قالمىدى. كەينىمگىمۇ قاراپ قويماي بىخىرامان مىڭىشقا باشلىدىم.
   قاراڭغۇلۇقتا ئۆز خىياللىرىم بىلەن كتۋاتاتتىم ، تۇيۇقسىز ئاڭلانغان تېلفۇن ئاۋازى مىنى سەگەكلەشتۇردى. چۇنكى بۇ ئاۋاز مىنىڭ تېلفۇنۇمدىن ئەمەس مىنىڭ كەينىمدىن كىلۋاتاتتى. كەينىمگە بۇرۇلۇپ قارىمىدىم، چۇنكى مىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى سەزگۇرلۈكۈم بۇ ئاۋازنىڭ مىىنى قەسىتلىمەكچى بولغان ئاشۇ ھاشىم بۆرىدىن كىلۋاتقانلىقىىنى بىلدۇرىۋاتاتتى. مەن شۇ چاغدا ئۇنىڭ مەندىن قانچىلىك يىراقلىقتا ئىكەنلىكىنىمۇ تۇيۇپ تۇراتتىم. ئۇ مەندىن كۆپ يىراق ئەمەس ئىدى، مەن يۈگۈرۇپ قىچىشىم كېرەكمۇ؟ ياكى ئۇنىڭغا يۈزلىىنىپ، ئۇرۇش يۇلىنى تاللىشىم كېرەكمۇ؟ قىچىپ كىتىش مۇمكىن ئەمەس، چۇنكى ئۇ مەندىن تىز يۈگۈرەيدۇ. ئۇرۇشسام ۋەدەم بۇزۇلىدۇ، ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ بۇلۇپمۇ ئاتام بىلەن ئاپامنىڭ مەڭگۇلۇك ئىشەنچىسىدىن قىلىشىم مۇمكىن. بەلكىم ئۇلار مۇشۇ تاپتىمۇ ماڭا ئىشەنمەي تۇرغان بولسا كېرەك. مەن ئارسالدىلىق ئىچىدە بىر پەس ئويلىنىپ ئاخىرى ئۇنىڭغا يارىشىپ قىلىش نەسھىيتى قىلماقچى، ئۇنىڭغا  قۇشۇلمىسا باشقا كەلگەننى كۆرمەكچى بولدۇم ۋە كەينىمگە بۇرۇلۇپ ئۇنىڭ كىلىشىنى كۈتتۇم. ئۇ راستىنلا ھاشىم بۆرە ئىدى. ئۇ بارا- بارا ماڭا يىقىنلاپ كەلدى. ئارلىقىمىز بەش مىتىرچە قالغاندا مەن ئۇنىڭ يىڭىدىن كۆرۇنۇپ تۇرغان پىچاق ئۇچىنى كۆرۇپ قالدىم.
ھاشىم ماڭا يىقىنلاپ كەلگەندە ئۇنىڭغا يارىشىپ قىلىش ھەققىدە گەپ قىلىپ بىقىشىنى ئويلاپ قالدىم، بۇ مۇمكىنچىلىكى ئەڭ كىچىك ئىش بولسىمۇ بىر سىناپ بىقىش قارارىغا كەلدىم.
- ھاشىم، تۇختا! - دىدىم مەن. بۇ چاغدا ئۇ ئاللىقاچان يىنىمغا كىلىپ بولغانىدى. ئاللىقاچان يەڭ ئىچىدىن چىقىرىلغان پىچاق  ئاي نۇرىدا تۇرۇپ - تۇرۇپ چاقناپ قلاتتى. ئۇ غەزەپتىن چەكچىيىپ كەتكەن كۆزلىرىنى ماڭا تىكتى. ئىنتىقام ئىلش ھاياجىنى بىلەن،  بەرىبىر قولۇمدىن قىچىپ قۇتۇلالمايسەن دىگەن مەغرورلۇق ئاشۇ كۆزلەردە، يېرىمى يورۇپ تۇرغان چىرايدا ئىپادىلىنىپ تۇراتتى.
- مەن بۇ يولدىن قايىتتىم، دىمەكچىمەنكى ئەمدى جودالىشىپ يۈرمەيمەن، تىنىچ ياشاپ ، بەش ۋاق نامازنى قويمايدىغان ئادەم بولماقچى. ئەجەبا سەن دىلشاتنىڭ ئۆلۈمىدىن ساۋاق ئالمىدىڭمۇ؟ ئەتراپىمىزدىكى ھەممەيلەننى قاقشىتىپ ئاخىرى ياخشى كۇن كۆرمەيدىكەنمىز. مەن بۇرۇنقى ئىشلاردا ساڭا ناماقۇل بۇلاي، ئەمدى دۇسىت بۇلۇپ...
- دۇسىت بۇلۇپ؟ ياخشى ئادەم بولماقچىمۇ سەن؟! - دىدى ئاچچىقىدا ۋارقىراپ . ئاندىن پىچاق تۇتقان قۇلىنى ئىگىز كۆتۈردى، ئۇزۇلۇپ كەتكەن بارمىقى ئۇچۇق كۆرۇندى.- كۆرگەنسەن! بۇ بارمىقىمنى ئەسلىگە كەلتۇرەلەمسەن؟
ئۇنىڭ گەپلىرىدىن تىنىم شۈركىنىپ كەتتى ، قارىغاندا ئۇ قىساس ئالماي قالمايتتى. لىكىن مەن يەنىلا نىيىتىمدىن يانىمىدىم.
- بۇنىڭغا مەن ئامالسىز. بىراق سىنىڭ باشقا تەلىپىڭ بولسا قولۇمدىن كەلسە قىلىپ بەرسەم، بىز رەقىبلەردىن ئەمەس دۇسىتلاردىن بولساق، سىنى بىلىمەن. سەنمۇ بىر ئەزىمەت.
- بولدى ئارتۇق گەپلىرىڭنى قوي! يارىشىپ قالايلى دىسەڭ بۇلىدۇ. ئەمما...
ئۇ شۇ گەپلەرنى قىلىپ تۇرۇپ، تۇيۇقسىزلا بىر پىچاق ئۇردى. تىزلىك بىلەن ئۇرۇلغان پىچاتىن ئۆزۈمنى قاچۇرغان بولساممۇ، ئۆزۈمنى پۇتۇنلەي قۇغداپ قالالمىدىم. پىچاق سالغان جايدىن بىردەمدىلا قان چىقتى.
- ئەمدى قەرزىڭ قالمىدى، سىنى كەچۇرۋەتتىم. كىيىنكى تەقدىرىمىزنى، دۇسىت بۇلۇش دۇشمەن بۇلۇشنى كىيىن بىر نەرسە دەرمىز.
ئۇ شۇنداق دىگىنىچە پىچاقتىكى قان يۇقىنى يىڭى بىلەن سۇرتۇۋىتىپ كەينىگە بۇرۇلۇپ كىتىپ قالدى. مەن  بۇرۇنقى چاغلار بولسا ئۇنى مۇشۇنداق ئاسانلا قۇيىۋىتەمتىم؟ ياق، ياخشى ئادەم بولماق ھەقىقەتەن تەس ئىكەن. ئەگەر قول ياندۇرسام ئۇنىڭغا كۇچۇم يىتىدىغىنىغا، باشقا بارماقلىرىنىمۇ سۇندۇرۋىتىشكە قۇربىم يىتىدىغىنىغا ئىشىنەتتىم. بىراق ئەگەر ئۇنىڭغا قول ياندۇرۇپ بىر نەرسە قىلىپ قويسام ئائىلەمدىكىلەر ماڭا ئۇ دۇنيادىمۇ ئىشەنمەس بۇلاتتى، ئەڭ مۇھىمى مەن يەنە ئاخىرى چىقماس جىدەلگە باغلىنىپ ، يەنە كونا يولغا مىڭىشقا مەجبور بۇلاتتىم. قوللىرىم بىردەمدىلا قان بۇلۇپ كەتتى. قارىغاندا يارا ئىغىزى كىچىك بولمىسا كېرەك. بۇ ھالىمدا ئۆيگە بارسام ئۇلار نىمە دەر؟  ئۇنىڭ ئۇستىگە ئۆزۈمنىڭ ھلسىزلىنىپ كىتۋاتقىنىمنى ئۆيگىمۇ بارالمايدىغانلىقمىنى ھىس قىلىپ يەتتىم. شۇڭا يىقىنلا يەردە تۇرغان تۇنۇر قىشىغا باردىم ۋە تۇنۇرغا يۈلىنىپ تۇرۇپ، بۈگۈن بۇ قىسمەتلەرگە سەۋەبچى بۇلۇپ قالغان، مەن ئىزدەپ كەلگەن ساۋاقدىشىم ھەم ئاغىنەمگە- قەيسەرگە تېلفۇن قىلدىم. ئۇنىڭغا قىسقىچە ئەھۋالنى بىلدۇرگەنىدىن  كىيىن تېزرەك كىلىشنى ئېيتتىم.
ئۇنى ساقلاپ تاقىتىم قالمايۋاتاتتى، قۇرسىقىمدىكى يارىدىن چىققان قان تامچىلاپ يەرگە چۇشۇشكە باشلىدى. مەن ئامالسىز چاپاننى سىلىپ بېلىمدىن باغلىۋالدىم بۇ سەل ئارام بەردى.بارا-بارا تۇنۇرغا يۆلىنىپ  ئولتۇرۇپ قالدىم ۋە ئاخىرى ئولتۇرالماي يىتىپ قالدىم. قەيسەر تىخىچە كەلمەيۋاتاتتى. كۆزلىرىم يۇمۇلۇپ كىتۋاتاتتى، بىراق ئۇخلاپ قالسام بولمايتتى. بۇ چەت جايدا ئۆيلەرمۇ شالاڭ، ئۇنىڭ ئۇستىگە بەك كەچ بۇلۇپ كەتكەچكە باشقىلارنىڭ كىلىپ قىلىشىمۇ تەس ئىدى. مۇشۇ تۇنۇرنىڭ يېنىدىكى ئۆيدىن ئادەم چىققاندەك قىلدىيۇ، ئاللىقاچان يىقىلىپ تۇنۇر كەينىگە ئۇتۇپ قالغان مىنى كۆرمىدى بولغاي ، بىردەمدىلا غايىپ بولدى.
]ئاخىرقى سەزگۇلىرىمدە ئاغىنەمنىڭ كەلگىننى بىلدىم. ئۇ نەدىندۇر تىپىپ كەلگەن ماشىنىسىغا شوپۇر بىلەن بىرلىكتە مىنى كۆتۈرۇپ سالدى. قانداقلارچە دۇختۇرخانىغا بارغىنىم، ئۇپراتسىيە قىلىنىشتىن ئىلگىرى ئىشلار ۋە ئۇپراتسىيەدىن چىقىپ نىمە ئىشلار بولغانلىقىنى بىلمىدىم، بىر چاغدا كۆزۈمنى ئاچسام كارۋاتتا يىتىپتىمەن. قۇلۇمغا سىلىنغان ئاسما ئۇكۇل ، ئۆگزىدىن تامچىلاۋاتقان قالدۇق يامغۇر سۈيىدەك ئېقىپ تۇختىماي تۇمۇرۇمغا كىرۋاتاتتى. ئەتراپىمغا بۇيۇنداپ قارىسام، بەش-ئالتە كىشلىك ياتاقتا مەندىن باشقا بىر قانچە ئادەم بولسىمۇ تۇنۇش بىرەرى يوق ئىدى. نېرىدا باشقا بىرىنىڭ تۈگىگەن ئۇكۇلىنى ئالماشتۇرىۋاتقان سېستىرا يېنىمغا كەلدى.
-ئۇيغاندىڭىزما؟ ھە راسىت ، ئاغىنىڭىز سىرىتقا چىقىپ كەتكەنىدى. ئۇ سەل تۇرۇپ كىلەرمىكىن كەلگۇچە نىمە لازىم بولسا ماڭا دەڭ!-دىدى ئۇ ماڭا.
- بۇلىدۇ- دىدىم ئارانلا. ئەمما ئىچىمدە ئۇنىڭدىن سورايدىغان نۇرغۇن سۇئاللار بار ئىدى، سوراشنى ئويلىغان بولساممۇ لىكىن بۇ ناتۇنۇش سېستىرا قىزدىن سورىغۇ م كەلمىدى. ئاغىنەم كۇن ئولتۇرۇشقا يىقىن كەلدى. ئۇنىڭ بىلەن ئۇزاق پاراڭلاشتىم. ئۇ ئۆزىنىڭ مىنى دۇختۇرخانىغا ئىلىپ كىلىش جەريانىنى ۋە بۇ ئىشلارنى بىزنىڭ ئۆيدىكىلەرنىڭ تىخىچە بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۆيدىلەرنىڭ بىلمەيدىغانلىقىنى ئاڭلاپ خوش بولدۇم چۇنكى ئۇلارنىڭ بىلىشى ماڭا ھىسداشلىق ئەمەس، ئۆچمەنلىك پەيدا قىلشى مۇمكىن ئىدى. ئۇنىڭغا قايتا- قايتا رەھمەت ئېيتتىم ۋە ساقايغاندىن كيىن ئۇنىڭغا ئۇنىڭدىن ئارتۇقراق قىلىپ قايتۇرماقچى بولدۇم.
دۇختۇرخانىدىكى كۇنلەر بىر خىلدا ئۈتمەكتە ئىدى، تەكشۇرۇش ، ئاسما سىلش، ئاغىنەمنىڭ بىردەمچىلىك ھەمرا بۇلۇپ كىتىپ قىلشى ئاندىن سېستىرالارنىڭ نۆۋەتلىشىپ قارىشى، زېرىكىشلىك كىسەل كارۋىتى، ئاشۇ سىزىقلىق بىمارلار كىيىمى دىگەنلەر ماڭا كۈنلۈك ئۈچ تاماق يىيىشتەكلا يات بۇلۇپ كەتتى. ئارىدىن ئىككى ھەپتە ئۈتۈپ مەنمۇ ساقىيىپ قالايلا قىلدىم، ئۆزۈم بىمالال مىڭىپ ياتاق ئىچىدە كارىدۇردا ئاخىرىدا دۇختۇرخانا قورۇسىدا ئايلىنىپ يۈرىدىغان بولدۇم، تىخى دۇختۇر ئىككى كۇندىن كيىن دۇختۇرخانىدىن چىقسام بۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ گەپلەرنى دۇختۇردىن تۇنجى ئاڭلىغىنىمدا خوش بولدۇم ئەمما بۇ خۇشاللىقىمنىڭ ئورنىنى بىردەمدىلا ئازابلىنىش ئالدى. نىمە ئۈچۈن ئازابلانغاندىمەن؟ ئۇزاق ئويلانمايلا بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلدىم. ئۇ دەل يىقىندا كەلگەن سېستىرا قىز ئىدى. ئەگەر دۇختۇرخانىدىن چىقىپ كەتسەم ئۇنى كۇنىدە كۆرۇپ تۇرالمايمەندە، ئۇ چاغدا قانداقمۇ قىلارمەن؟
بۇ قىزنىڭ ئىسمىنىڭ نۇسرەت ئىكەنلىكىنى تىخى بىر كۇن ئاۋۋال بىلدىم. ئاق يۈزلۈك، ئىگىز، ئەۋرىشىم بويلۇق بۇ قىز كىلىپ تۇنجى ئۇكۇل ئۇرغان ئادىمى مەن ئىدىم. ئۇ دەسلەپتىلا ئۇكۇلنى ياخشى ئۇرالمىغاچقىمۇ تەمتىرەپ قالدى بولغاي ماڭا:
- كەچۇرۇڭ! مەن باشقا سېستىرانى چاقىرىپ قۇياي- دەپ ئۇكۇل يىڭنىسى تارتىۋىلىنغان جايغا پاختا بىسىشنىمۇ ئۇنتۇپ چىقىپ كەتمەكچى بۇلۇپ ماڭدى.
- ھەي! -مەن ئۇنىڭغا يامان گەپ قىلاي دەپ ئويلىغانىدىم ، بىراق بۇرۇلۇپ قارىغاندىكى چىرايىغا قاراپ بولدى قىلدىم.- قولۇمغا قاراڭ!
ئۇ قان چىقۋاتقان قولۇمغا قاراپلا چۆچۆپ كەتتى ۋە يانچۇققىدىن بىر پاختىنى چىقىرىپ قولۇمغا باستى. ماڭا پاختىنى بىسىپ تۇرۇشنى ئېيتىپ ئۆزى باشقا سېستىرا ئىزدەپ ماڭدى. بىردەمدىن كىيىن كىرىپ:
-باشقىلار ئالدىراش ئىكەن.--دىدى ئۇ.
مەن ئالدىراپ تۇراتتىم، ئۇزاق ساقلاشقىمۇ تاقىتىم يوق ئىدى.
-يەنە بىر قىتىم ئۇرۇپ بىقىڭ. چۇقۇم ياخشى ئۇرالايسىز. ھە بۇلۇڭ! مانا قولنى بۇغۇڭ!
لىكىن ئۇ بۇ قىتىممۇ ئەپلەشتۇرەلمىدى. بىراق مەن ئۇنى يەنە بىر قىتىم ئۇرۇشقا دەۋەت قىلىپ تۇرىۋالدىم. ئۆزۈمنى شۇنچىلىك بىسۋالدىمكى بۇرۇنقى ۋاقتىم بولسا ئۇنى ئاللىقاچان بىرنىمە دەپ يىغلىتۋەتكەن بۇلاتتىم. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئۈچىنچى قىتىمدا قولۇمغا ئۇكۇل سالالىدى. سىلىپ بۇلۇپ تەرلەپ كەتكەن قىز ماڭا كۇلۇپ تۇرۇپ رەھمەت ئېيتتى.
شۇنىڭدىن كىيىنكى قىتىملاردىمۇ ئۇ ماڭا بىر قانچە قىتىم ئۇكۇل ئۇردى. ھەتتا بەزىدە باشقىلاردىن تالىشىپ ماڭا ئۇرغانلىقىنىمۇ بىر قانچە قىتىم بىلىپ قالدىم. دەسلەپ باشقىلارنىڭ ئۇنىڭدىن قاقشاپ ئۇكۇل سالدۇرۇشنى رەت قىلغانلىقىنىمۇ كۆردۇم. مىنىڭ بايقىشىمچە نۇسرەتمۇ ئەقىللق قىز ئىدى، ئۇ تىزلا ئوبدانلا ئۇكۇل سىلىشنى ، بىمارلارغا قانداق يۈلىنىشنى بىلۋالغانداك قىلاتتى.مەنمۇ ئۇنى بۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ياخشى كۆرۇپ قالغانىدىم.بۇلۇپمۇ ئۇنىڭ كۈلۈمسىرىشى خىيالىمغا تۇلا كىرەتتى.مۇللامدىن ساۋاق ئىلىپ يۈرگەن چاغلىرىمدا مەندىن ياشتا چوڭراق بىر ھەمساۋىقىم بار ئىدى، ئۇنىڭدىن « ئاللا، ھاۋا ئانىمىزنى ئادەم ئاتىمىزنىڭ بىر تال قورۋۇرىسغىدىن ياراتقاندىن كىيىن ئەرلەر مۇكەممەل بولماي قالغان، ئۇ مۇكەممەل بۇلۇش ئۈچۈن ئاشۇ قۇۋۇرغىسىنى يەنى ئۆزىگە لايىق ئايالنى ئىزدەيدۇ. ئۇ قۇۋۇرغىمۇ ئەسلى ئورنى بولغان ئەرنى ئىزدەيدۇ، ئىككىسى بىر-بىرنى تاپقاندىلا ئاندىن مۇكەممەل بۇلىدۇ. لىكىن خاتاتۇنۇپ قىلىش بۇلۇپ تۇرىدۇ، بىز بەزىدە باشقىلارنىڭ قۇۋۇرغىسىنى ئۆزىمىزنىڭ دەپ قالىمىز، ھاتتا ئۆزىمىزنىڭ قۇۋۇرغىسىنىمۇ باشقىلارنىڭمىدۇ دەپمۇ قالىمىز. شۇڭا ئىنسان ھاياتىدا مۇكەممەللىشىش جەريانىدىكى تىراگىدىيەلەر كۆپ يۈز بېرىدۇ.» دەپ ئاڭلىغانىدىم، نىمىشقىكىن نۇسرەتنى كۆرسەملا ئۇنىڭ گەپلىرى يادىمغا يىتىپ قالىدۇ. نۇسرەت مىنىڭ ئاشۇ  قۇۋۇرغاممىدۇ؟ دەپ ئويلاپ قالاتتىم. بىر قىتىم دۇختۇرخانا قۇرۇسىدا تاش ئورۇندۇقتا ئولتۇراتتىم، ئۇ ئىشتىن قايتىپتىكەن. ئۇ ھازىر سېستىرالىق كىيىمىدە ئەمەس ئىدى. پاھ! ئۇنىڭ سۇمبۇل چاچلىرى يەلكىسىدە لەرزان ئۇچۇپ تۇراتتى. مەن مۇشۇنداق چاچلارغا ئامراق ئىدىم. ئۇ كۈزلۈك قىزىل پەلتوسىنىڭ يانچۇقىغا قولىنى تىقىپ ماڭغانچە يېنىمدىن ئۈتتى. مەن ئەسلى گەپ قىلاي دىگەنىدىم بىراق، ئۇنىڭ تاتلىق كۈلۈمسىرىشىنى كۆرۇپ يەنىلا گەپمۇ قىلماي قاراپ تۇرۇپ قاپتىمەن. ئۇ كەتكەندىن كىيىنلا ئۇنىڭ يۈرىكىمدىن ئورۇن ئىلىپ بولغىننى ھىس قىلدىم. مەن بىر تاش يۈرەك ئادەمدىن تىزلا ھىسياتچان ئادەمگە ئايلىنىپ قىلۋاتىمەنمۇ قانداق؟ بۇ مەن شۇندىن كىيىن ئىزچىل ئويلاپ كىلۋاتقان ئىشلارنىڭ بىرى. مانا ئەمدى دۇختۇرخانىدىن چىقىدىغان بۇلىۋاتىمەن.
دۇختۇرخانىدىن چىقىپ كەتسەم ئۇنى كۆرەلەيمەنمۇ يوق؟ بۇ مىنىڭ ھازىرقى ئەڭ چوڭ ئەندىشەم ئىدى، چۇنكى مىنى ئۇنىڭ بىلەن باغلاپ تۇرغىنى پەقەت مۇشۇ دۇختۇرخانا ئىدى، ئۇنىڭدىن باشقا مەن ئۇنىڭ يا ئۆيىنى يا تېلفۇن نۇمىرىنى بىلمەيتتىم، ئويلاپ-ئويلاپ  ئاخىرى ئۇنىڭ تېلفۇن نۇمۇرىنى بىلىشنىڭ بىر ئامالىنى تاپتىم.
كىتەر چېغىمدا ئاغىنەم ئالغىلى كەلمەكچى ئىدى، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭغا تېلفۇن بېرىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق ، بىراق مەن، نۇسرەت ئاخىرقى قىتىم ئۇكۇل ئۇرغىلى كىرگەندە ئۇنىڭدىن تېلفۇنىنى سوراپ ئالدىمدە ئاغىنەمگە تېلفۇن قىلىپ تىزراق كىلىشنى ئېيتتىم، بىراق مىنىڭ مەقسىدىم پەقەتلا ئۇنىڭ تېلفۇن نۇمۇرىنى ساقلىۋىلىش ئىدى. شۇ چاغدا ئىنتايىن خۇش بولغانىدىم،ئۆزۈمنىڭ ئەقلىدىن بەكمۇ رازى بۇلۇپ كەتكەنىدىم. كىيىن ئاغىنەمدىن تېلفۇننى ئىلىپ ئۇنىڭ تېلفۇن نۇمۇرىنى بىلۋالدىم، بىراق تېلفۇن قىلىشنى ئويلىغىنىمدا كۇنۇپكا بىسىۋاتقان قولۇم ئىختىيارسىز تۇختاپ قالاتتى. تېلفۇن قىلىپ قالسام نىمە دىيىشىمنى بىلمەيتتىم. تۇرۇپلا بىلگەن بۇ نۇمۇر ئەھمىيەتسىز نەرسىگە ئايلانغاندەك بىلىندى، دۇختۇرخانىدىكى ھاياجانلىرىم  بىراقلا پەسلەپ قالغاندەك بولدى.  
ئۆيگە كەلگەندىن كىيىن ئاتا-ئانامنىڭ ماڭا بولغان پۇزىتسىيىسىدە ئۆزگىرىش بولدى.بۇ ئۆزگىرىش تۇلۇق بولمىسىمۇ كۆرۇنەرلىك ئىدى. مەن دەسلەپ ئۇلارنى مىنىڭ دۇختۇرغا كىرگىنىمنى بىلمەيدۇ دەپ ئويلايتتىم بىراق، بىر قىتىملىق پاراڭدا دۇختۇردا ياتقان چىقىملىرىمنى ئاساسەن ئۇلارنىڭ تۆلىگەنلىكنى  ئاغىنەمدىن ئاڭلىغىنىمدا ئىشلارنىڭ ھەقىقىتىنى چۇشەندىم، ئۇلارنىڭ بىر كۇنى مىنى توغرا چۇشىنىدىغىنىغا كۆزۈم يەتتى.
نۇسرەتنىڭ تېلفۇن نۇمۇرىنى بىلگىنىم كارغا كەلمىگەندىن كىيىن، تۇرۇپلا يەنە كىسەل بۇلۇشنى تىلەپ قالدىم، چۇنكى كىسەل بولساملا ئاندىن ئۇنى كۆرەلەيتتىم، شۇنىڭ بىلەن قۇرساق ئاغىرىتىدىغان، زۇكام قىلىدىغان تاماقلارنى ئىشلارنى قىلدىم تاماقلارنى يىدىم بىراق مەندە ھىچبىر كىسەللىك ئالامىتى كۆرۇلمىدى. كىسەللەرمۇ مەندىن قىچىپتۇدە! ئاخىرى بولماي ساق بولساممۇ دۇختۇرغا بېرىۋەردىم.
- نەرىڭىز ئاغرىيدۇ؟- دەپ سورىدى ياش ئەمما قىلىن كۆەينەك تاقىغان دۇختۇر.
-ھىچيىرىم ئاغرىمايدۇ.
-ئەمسە نىمشقا كەلدىڭىز؟
-ماڭا بىر ھەپتىلىك ئاسما يىزىپ بەرسىڭىز -دىدىم مەن.
ھىچيىرىڭىز ئاغرىمىسا، ئاسما سىلىپ نىمە قىلىمىز؟-دىدى دۇختۇر ماڭا قاراپ.
ئۇنىڭ قاراشلىرىدا مىنى كاللىسىدا بىر تاسقام بارمىكىن دەۋەتقاندەك، مىنى ساراڭلار دۇختۇرخانىسغا لايىق كۆرۋاتقاندەك بىلىندى.ئاچچىقىم شۇنداق كەلدى.
-زۇكام دەپ يىزىپ بەرمەمسىز!-دىدىم ئۆزۈمنى بىسىۋىلىپ.
-ساق ئادەمگە زۇكام دەپ يازسام ئاقۋىتىگە كىم ئىگە بۇلىدۇ؟
-مەن ئىگە! -ئەمدى رەسمىي ئاچچىقىم كەلگەنىدى، ئۇنىڭغا تىكىلپ قاراپ خىرىس قىلغانىدىم، بىردەمدىلا تەسلىم بولدى. ئالدىدىكى رىتسىپ قەغىزىگە شىتىرلاپ بىرنەرسىلەرنى يازدى ۋە قۇلۇمغا تۇتقۇزدى. مەن خۇشال ھالدا پۇل تاپشۇرۇپ، ئۇكۇل دورىلىرىمنى ئىلىپ ئۇكۇل سالىدىغان ئۆيگە كىردىم، نۇسرەت ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى. ئۇ مىنى كۆرۇپ ئىشلىرىنى ئالدىراپ تۈگەتتى ۋە يىنىمغا خۇشال كىلىپ:
- نىمە بولدىڭىز؟ يەنە تىزلا كىرىپسىزغۇ! -دىدى
- شۇ زۇكام، -دىيەلىدىم مەن.
-ئەكىلىڭ ئۇرۇپ قۇياي.
ئۇ ئۇكۇلنى شۇنداق ئەپچىللىك بىلەن سالدى، ئازراقمۇ ئاغرىش ھىس قىلمىدىم.
-تۈگىدى، سىز ھىچبىر زۇكامدەك قىلمايسىز، بىراق ئازراق تەرلەپ تۇرامسىز نىمە؟! -دىدى ئۇ سەل ھەيران بۇلۇپ.
-يىنىك زۇكام ، كىسەلنى يىنىك ۋاقتىدا داۋالاتسا ئاسان ساقىيىپ كىتىدۇ، كىيىن قالسا ئەدەپ كىتىدۇ دەپ ئاڭلىغانىدىم. شۇڭا كەلگەن.
-ھە، بۇدىگىنىڭىز توغرا. -ئۇ شۇنداق دەپ قۇيۇپ كىتىپ قالدى. مەن ئۇنىڭ بىمارلارغا ئۇكۇل ئۇرۇشىغا قاراپ ئولتۇردۇم ، ئۇ ھەر قىتىم يېنىمدىن ئۈتكەندە كۈلۈپ قۇياتتى.
شۇنداق قىلىپ كۈندە دۇختۇرخانىغا بارىدىغان بولدۇم، كۈندە  نۇسرەتنىڭ بىكار بۇلۇپ ئاسما ئۇرۇپ قۇيۇشىنى ساقلايتتىم ياكى ئاتايىن شۇ بارچاغدا ئۇكۇل ئۇردۇراتتىم، ئۇكۇل تۈگىسىمۇ مىڭىشقا ئالدىرىمايتتىم، ئۇنىڭ بلەن خوشلىشۋىلىپ مىڭىشنى ئۇنۇتمايتتىم. دۇختۇرغا قاتراۋاتقىنىمغا تۆت كۈن بولغاندا بىر كۈنى ئاسمىنى سىلىپ بۇلۇپ ئۇ مەندىن سورىدى.
-خىلى ياخشى بۇلۇپ قالغانسىز؟
-ھە، ئىشقىلىپ ياخشى. بۇرۇنمۇ ياخشى ئىدىم، زۇكاممۇ يوق ئىدى.
-ئەمسە نىمىگە كەلدىڭىز؟ قىزىققتە سىز!
-مەن... - ئۇنىڭغا نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەي قالدىم، راستىنى دىسەم باياتىن دىگەن گىپىمدىن ئۆزۈممۇ ھەيران، ئەجەپ ئويلىمايلا دەپ قاپتىمەن دىدىم.-مىنىڭ باشقا يېرىم ئاغرىسا كېرەك...
شۇ گەپنى قىلغان ۋاقتىمدا قولۇمدىكى يىڭنە سانجىلغان جايغا بىسىلغان پاختىنى تاشلاپ تۇراتتىم. تاشلاپ بۇلۇپ كەينىمگە قاراپ چۆچۈپ كەتتىم. قىز ماڭا تىكىلىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ئالدىدا سىرىم ئاشكارلاندى. يۈزلىرىم  ئوت بولدى. تۇرۇپلا ئۈزۈمگە ئاچچىقىم كەلدى. مەن شۇنچىلا يۈزى تۆۋەن بالىمۇ؟ بىر ئەركەك مەن. شۇ گەپلىرىم ئۈچۈن خىجىل بولسام بۇ نىمە گەپ! شۇلارنى ئويلاپ ، چىرايىمنى ئەسلىگە كەلتۇردۇم ۋە ئۇكۇلخانىدىن سىرىتقا چىقتىم.
-تۇختاپ تۇرۇڭ،- ئارقامدىنلا نۇسرەتنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. مەن بۇرۇلۇپ قارىدىم. ئۇ قولىدا بىرنەچچە بۇتۇلكا دورا سۇيۇقلۇقلىرىنى كۆتۈرگىنىچە يېنىمغا كەلدى.
-مىنى ساقلاپ تۇرۇڭ، ئىشتىن چۈشكەندە كۆرۇشەيلى.-دىدى ئۇ پەس ئاۋازدا.
ئۇنىڭ بۇ گىپىنى ئاڭلاپ ھەم خۇشاللىق ھەم ئىزتىراپ تەشۋىش ئىچىدە قالدىم. خۇشاللىقىم ئۇنىڭغا كۆڭلۈمدىكى گەپلەرنى دىيەلىشىمگە بولغان پۇرسەت كەلگەنىدى. تەشۋىش ئۇ مىنى رەت قىلارمۇ؟ ئۇنىڭ كۆڭلىدە قانداق خىياللار بار تىخى بىلمەيتتىم.
مەن دۇختۇرخانا يېنىدىكى كىچىككىنە تاللا بازىرىغا كىرىپ بىر تال ماروژنى ئىلىپ يىگەچ ئۇنى ساقلىدىم. ماروزژنىنىمۇ يەپ بولدۇم. ئاندىن بىر تال يۇغان كۆتەك ئۇستىدە ئولتۇرۇپ ئۇنىڭغا نىمە دىيىش، ئۇنىڭ نىمە دىيىشى دىگەندەك ئاخىرى چىقماس خىياللارغا چۈكۈپ ئولتۇردۇم.
بىر چاغدا بىر ئۈتۈكنىڭ تاكىلداپ مىكىپ ئالدىمغا كەلگىنىدىن خىيالىمدىن سەكرەپ چىقىپ باش كۆتىرىپ قارىسام ئۇ ئۇزۇن قارا چاچلىرىنى شامالدا ئۇچۇرۇپ ئالدىمدا تۇراتتى. قىزىل رەڭدىكى پەلتو، قىزىل رەڭدىكى پوسما ئۇنىڭغا بەكلا ياراشقانىدى.
ئۇ يېنىمغا كىلىشى بىلەن مەن ئورنۇمدىن تۇردۇم، بىز ياندىشىپ مىڭىپ كەتتۇق، خىلىغىچە ئۈن-تىنسىز ماڭدۇق، مەن گەپ قىلىشنى ئويلايتتىم ئەمما نىمە دىيىش، نەدىن باشلاشنى بىلمەي گاھ ئۇنىڭغا گەپ قىلماقچى بۇلۇپ چىرايىغا قارايتتىم گاھ بۇ ئىرادەمدىن يىنىپ ئالدىمغا ، يەرگە قارىۋالاتتىم. ئاخىرى جىمجىتلىقى ئۇ بۇزدى.
-باياتىن دۇختۇرخانىدا دىگەن گىپىڭىز مىنى ئويلاندۇرۇپ قويدۇ. كۆڭلۈم بىر نەرسىنى تۇيغاندەك قىلىدى -دىدى ئۇ
......
ئۇ سىزىپتۇدە. مەن يەنىلا گەپ قىلماي تۇرۇپ قالدىم، لىكىن گەپ قىلمىسام بولمايتتى، ئاغزىمدىن چىقىمىغان بىلەن كاللامدا مىڭ قىتىملاپ دىگەن گەپنى بىر دەۋەتسەمچۇ دەپ ئويلىدىم. ئاخىرى غەيرەتكە كىلىپ ئېغىز ئاچتىم.
-كۆڭلىڭىز تۇيغىنى توغرا، مىنىڭ دۇختۇرخانىغا كىلىشى پۇتۇنلەي سىز ئۈچۈن....- ئۇنىڭدىن ئارتۇق گەپمۇ قىلالمىدىم، شۇنىڭدىن كىيىن بىز يەنە جىمجىت مىڭىپ كەتتۇق. بىراق بۇ گەپلەرنى دەۋىلىپ شۇنداق خۇش بولدۇم، ئىشقىلىپ قانداقلا بولمىسۇن ئاخىرى ئېغىز ئىچىۋالدىم ئەمەسمۇ!
بىز ئەنە شۇنداق گەپ -سۆزسىز مىڭىپ بىردەمدىلا بىكەتكە كىلىپ قاپتىمىز، ئۇ ماڭا جايرىلىپ خوش دىگىنىچە ئاپتۇبۇسقا چىقىپ كەتتى. ئۇنىڭ چىرايىدا ئىنىقسىز بىر چىراي ئىپادىسىنى كۆرۇپ ھەيران بولدۇم خىجىللىقمۇ ياكى مىنىڭ گىپىم ئۇنى بىئارام قىلدىمۇ دەپ ئويلاپ قالدىم، بەلكىم گەپ قىلماي مىڭشىم ئۇنى زېرىكتۇرگەندۇ، ياكى بىزار قىلغاندۇ؟ نىمىشقىمۇ قەلبىمدىكى گگپلەرنى كۆپرەك دەۋالمىدىم ھە؟! ئەپسۇسلۇق ئىچىدە ئۇنى ئۇزىتىپ قويدۇم.
ئەمما بۇ تەشۋىشلىك ئويلىرىمنىڭ خاتا ئىكەنلكىنى ئەتىسى بىلدىم، ئەتىسى چۈشكە يىقىن ئۇ تېلغۇن قىپتۇ، ئۇىڭ ئاۋازى بەك يىقىملىق ئىدى. بۈگۈن تىخىمۇ يىقىمىلق بىلىنىپ كەتتى.
- بۈگۈن  ئۇكۇل سالدۇرغىلى كەلمەمسىز؟-دىدى ئۇ تېلفۇندا.
-ھە... ھەئە بارىمەن- دىدىممەن خۇشال بۇلۇپ. دىمەك ئۇ مىنى چاقىرۋاتاتتى. ئۇمۇ مىنى ياخشى كۆرىدىكەندە! ۋاھ، بەك ياخشى بولدى.
شۇنىڭدىن كىيىن بىز مۇھەببەت قاينىمىغا كىرىپ كەتتۇق، مەن ئۇنى كۈندە ئىشتىن چۈشكىچە ساقلايتتىم، ھەتتا بەزى كۈنلىرى دەم ئىلىش كۈنى ئىكەنلكىنىمۇ ئۇنتۇپ ساقلاپ كەتكەن ۋاقىتلىرىم بار ئىدى. شۇڭا دۇختۇرخانا گۈزەتچىسىگە ئايلىنىپ قالاي دىگەنىدىم. ئۇ ئىشتىن چۈشكەندىن كىيىن بىللە كوچا ئايلىناتتۇق، بەزى كۈنلىرى كىنو كۆرگىلىمۇ بىرىپ قۇياتتۇق، ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولسام دائىم ئۆزۈمنى يەنە بىر نەرسلەرنى ئۆگىنىشىم كېرەكلىنى ھىس قىلاتتىم، شۇنداق قىلىپ مەنمۇ كەچلىك كۇرىسقا تىزىملاتتىم، تىل ۋە كۇمپىيۇتىر ئۆگەنمەكچى ئىدىم. مەن بۇ جەرياندا ئۆزۈمدە بىر ئۆزگىرىشنىڭ بۇلىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىپ تۇردۇم. باشقىلارغا ئامال بار سىلىق مۇئامىلە قىلاتتىم، مەسىچىتكىمۇ بارغانسىرى كۆپ كىرىدىغان بولدۇم، بۇرۇن جۇمەگىلا كىرىدىغان بولسام ھازىر باشقا نامازلارغىمۇ كىرىپ قۇيىدىغان بولدۇم، جامائەتمۇ مىنى ئارىغا ئالىدىغان بولدى.
ئشقىلىپ ئۆزۈمنى ئىنتايىن بەخىتلىك ھىس قىلاتتىم، ئەمما بىر كۈنى ئەزەلدىن بۇنداق قاتتىق ياغقان قارنى كۆرۇپ باقمىغان بىر كۈنى ئۇ مەن بىلەن كۆرۇشكۈسى بارلىقىنى ئېيتتى.
مەن بىز دائىم دىگۈدەك كىرىپ تۇرىدىغان، يېزىمىز تەۋەسىدىكى بىردىنبىر بولغان پىشانىسىگە (بەخىت) دەپ يىزىلغان چايخانىغا كىرگىنىمدە ئۇ غەمكىن ئولتۇراتتى. يېنىدا كۆتۈرۇپ كەلگەن كۈنلۈكى يىيىقىلىق تۇراتتى.ئېرىگەن قاردىن  ھول بولغان چاچلىرىمنى سىلكىۋىتىپ ئۇنىڭ يېنىغا قاراپ ماڭدىم. ئۇ مىنى كۆرۇپ كۈلۈپ قويغان بولسىمۇ ، چىرايدىكى غەم بۇلۇتلىرى تاراپ كەتمىدى.
- تۈنۈگۈن مەن سىزنىڭ بەزى گەپلىرىڭىزنى ئاڭلىدىم - دىدى ئۇ ۋە گىپىنىڭ ئاخىرىنى دىمەي تۇرۇپ قالدى.
-ھە؟
- تۇنۇگۈن ئەتىگەندە ئىشقا ماڭغۇچە ئۆزىنى سىزنىڭ يىقىن تۇنۇشىڭىز دىگەن بىرى ماڭا سىزنىڭ بۇرۇنقى ئىشلىرىڭىزنى سۆزلەپ بەردى.مىنىڭ ئىشەنگۈم كەلمىدى.
مەن ئۇنڭ نىمە دىمكچى بولغانلىقىنى بىلىپ يەتتىم، بۇ گەپلەر ھامان ئالدىمغا قۇيۇلاتتى، ئەمما بۇنچە تىز بۇلار دەپ ئويلىمىغانىدىم، ھەم ئۆزئاغزىم بىلەن دىمەكچى ئىدىم، بىراق دىگەندىن كىيىنكى ئاقىۋەتتىن قورقۇپ دىمەي يۈرگەنىدىم. ئەمدى يالغان ئېيتىشنىڭ ئورنى يوق ئىدى، چۈنكى مەن ئۇنى سۆيەتتىم، ئۇنى ئالداش ئۆزۈمنى ئالداشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى.
-ھەئە ئۇنىڭ دىگەنلىرى راسىت. ئىشەنسىڭىز بۇلىدۇ.- شۇ گەپلەرنى قىلدىم ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قاراپ تۇرۇپ.
ئۇنىڭ چىرايىدا ،كۆزلىرىدە ئىشەنچىسلىك ئالامەتلىرى چىقىپ تۇراتتى. ئۇ گەپمۇ قىلماي ئولتۇرۇپ كەتتى، ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۈتتىكىن بىلمىدىم ماڭا بەك ئۇزۇن بىلىندى. بىر چاغدا ئۇ ئورنىدىن تۇردى.
- ئەسىلى بۇ گەپلەرنى سىزدىن ئاڭلىسام بۇلاتتى، خەيىر، مەن ئويلىنىپ بولغاندىن كىيىن تېلىفۇن قىلىمەن.- ئۇ شۇنداق دىگىنىچە يەردىكى
تىخى قۇرىمىغان كۈنلۈكنى ئىلىپ ماڭدى. مەن ئۇنىڭ كەينىدىن سىرتقا چىقىتىم. يۇغان-يۇغان قار تۇختىماي چۈشۈپ تۇراتتى، ئۇ كۈنلۈكنى باش ئۇستىگە تۇتۇپ بارا-بارامەندىن يىراقلاپ كىتىپ باراتتى. بىردەمدىلا ئۇ كۆرۇنمەي قالدى. .< ئىشىنىمەن، سەن چۇقۇم ماڭا تېلفۇن قىلىسەن، خۇشال كۈنلىرىمىز يەنە باشلىنىدۇ> دىدىم مەن ئۆز-ئۆزۈمگە. مەن چوڭقۇر نەپەس ئالدىم ۋە سىرتقا پۇۋلىدىم. ئاغزىمدىن چىققان ھور بىر مۇنچە قارنى ئېرىتۋەتتى.



سىڭلىمنىڭ خىتى



يىقىندىن بۇيان بىر دىكتور قىز پەيدا بۇلۇپ قالدى،ئۇنىڭ چىراي-تۇرقى بۇلۇپمۇ كۆزى سىڭلىمغا بەكمۇ ئوخشايدۇ،سىڭلىمنىڭ ئۇنىڭدەك كىيىنۋالغان ھالىتىنى ئەزەلدىن كۆرۇپ باقمىدىم، قاپقارا چاچلىرىنى ئۇنىڭدەك بۈدرە قىلغىننىمۇ كۆرۇپ باقمىغانىدىم.نىمشقىكىن ھەرقىتىم بۇ دىكتور قىزنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىسام سىڭلىمنى ئەسلەپ قالىمەن.
سىڭلىمنى يەرلىكىگە قۇيۇپ بىر ھەپتە بولغاندا، سېستىرا قىزدىن تېلفۇن كەلدى، قىزنىڭ ماڭا نىمە ئۈچۈن تېلفۇن قىلغانلىقىنى دەماللىققا بىلىپ يىتەلمىدىم. سىڭلىم كىتىپ قالدى، ئۇ سىڭلىم دۇختۇرخانىدا چاغدا ئۇنىڭغا قارىغان سېستىرا ئىدى، نىمە زۆرۆرىيەت ئۇنى ماڭا تېلفۇن ئۇرۇشقا مەجبور قىلغاندۇ؟
-ئەتە ۋاقتىڭىز بولسا بىر كۆرۇشسەك بۇلامدۇ؟-دىدى ئۇ ماڭا.
- كۆرۇشۇشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟-دىدىم سۇغۇقلا.
-سىزگە بېرىپ قۇيىدىغان خەت بار ئىدى، سىڭلىڭىز يازغان خەت، ئۇ سىزگە بېرىپ قۇيۇشۇمنى ئېيىتقان.-دىدى سېستىرا قىز مەندىن قىلچە رەنجىمەي.
-ھە؟...... ماقۇل. –دىدىم مەن.سىىڭلىم ماڭا خەت قالدۇرغانمىدۇ دەپ ھەيران بولدۇم.
مەن ئەتىسى ئۇنىڭ بىلەن – سېرىق چاچلىق سېستىرا قىز بىلەن كۆرۇشتۇم ، مەن ئەزەلدىن سېرىق چاچلىق قىزلارغا ئۆچ ئىدىم، بىراق بۇ قىز مەندە ئازراقمۇ ئۆچلۈك تۇيغۇسى پەيدا قىلمىدى، ئۇنىڭغا رەھمەتلەر ئېيتىپ خوشلاشتىم. ئۆيگە كىلىپلا سىڭلىم ماڭا قالدۇرغان خەتنى ئىلىپ ئۇقۇدۇم.خەت مۇنداق يىزىلغانىدى.
ئاكا! سىز مىنىڭ بۇ خەتلىرىمنى ئۇقۇۋاتقان چىغىڭىزدا مەن ئاللىقاچان ئۆزۈم قىسقىغىنا 20يىل ياشىغان ئالەمدىن خوشلاشقان بۇلىمەن،چۇنكى مەن ئۆزۈمنىڭ ساقايماس كىسەلگە گىرىپتار بولغىنىمنى بىلىمەن. سىز گەرچە ماڭا نەپرەت بىلەن قارىسىڭىزمۇ ،مەن يەنىلا سىزنى ئاكام دەيمەن، قان-قېرىنداشلىقنى ھىچنەرسە ئۆزگەرتەلمەيدۇ. ھايات ۋاقتىمدا سىزگە ۋە باشقا قېرىنداشلىرىمغا دىيەلمىگەن گەپلەرنى بۇ خىتىمگە يازماقچىمەن. ئەگەر سىز ئۆلۈپ كەتكەن مىنى ئەپۇ قىلالىسىڭىز خىتىم تۈگىگىچە تاقەت قىلىپ ئۇقۇپ چىقارسىز.
مەن كىچىكىمدە تاتلىق خىياللارنى كۆپ سۇرۇپتىمەن،گۈزەل ئارمانلىرىم ئارقىلىق ئۆز كۆڭلۇمنى خوش قىپتىمەن. بۇ شېرىن چۇشۇم تاكى تۇلۇقسىزنى پۇتتۇرگىچە داۋاملاشتى. مەن تۇلۇقسىزنى پۇتتۇرۇپ ئىچكىرىدىكى تۇلۇق ئۇتتۇرا مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەنىدىم ، ئەپسوس ئىمتىھان نەتىجەم چىقىپ ئىمتىھاندىن ئەلا نەتىجە بىلەن بېيجىڭدىكى بىر مەكتەپكە ئۈتكەن بولساممۇ، ئاپامنىڭ يالغۇز قالىمەن دەپ تۇسۇپ قۇيىشى بىلەن ئۇيەرگە بارالماي قالدىم. مىنىڭ داۋاملىق ئۇقۇپ ئالىي مەكتەپلەرنى پۇتتۇرگەندىن كىيىن، چوڭ شەھەردە ئىشلەپ قالسام ئاپامنى كىيىنىكى ئۆمرىدە جاپا تارتقۇزماي ،راھەت كۆرسەتسەم دىگەن خىياللىرىم شۇنىڭ بىلەن توزۇپ كەتتى. مەن شۇ قىتىم ئاپامغا پۇتۇن زىھنى-كۇچۇم بىلەن چۇشەندۇرگەن بولساممۇ ئۇ يەنىلا قەتئى قۇشۇلمىدى. تەلەيسىز ئىكەنمەن، ئاتام ھايات بولغان بولسا مەن ئۇقىيالىغان بۇلاتتىم دەپ ئويىلدىم، يىغلىدىم لىكىن ئامال يوق ئىدى. ئەمما كىم بىلسۇن ئاپام بىر يىلدىن كىيىن باشقا بىر مەھەللىدىكى بىرى بىلەن توي قىلدى.ئۇكىشى بىزنىڭ ئۆيگە كۆچۇپ كىردى، بىراق ئۇزۇن ئۆتمەي ئاپام ئۆگەي ئاتام بىلەن كۆچمەكچى بولدى.قارىماققا مىنىڭ بۇ يىڭى ئاتام ئوبدانلا ئادەمدەك قىلاتتى. بىراق ئاپام يوق چاغلاردا ئۇنىڭ بىلەن يالغۇز قىلشتىن قورقاتتىم، بىر كۇنى ئاپام سىرىتقا چىقىپ كىتىپ ئۇزاققىچە كىرمىدى. ئۆگەي ئاتام بىلەن يالغۇز قىلىپ نىمشقىدۇر ئىچىم تىتىلداپ،بىئارم بۇلۇپ كەتتىم. شۇنىڭ بىلەن چوڭ ھامماملارنىڭكىگە چىقتىم، ئۇ ئاپامنىڭ ئاچىسى بۇلۇپ، ئاپامنىڭ يىقىن تۇققانلىرىمۇ شۇلار ئىدى. ئاپامنى يەنە شۇ يەرگە كىرىپ پاراڭ بىلەن ئولتۇرۇپ قالدىمىكىن دەپ ئويلدىم.راسىت دىگەندەك ئاپام شۇ يەردە ئىكەن، بىراق مەن ئۇلارنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ قالغانلىقىم ئۈچۈن،بۇسۇغا ئاتلىغان پۇتۇم كەينىگە يىنىشقا مەجبور بولدى.چۇنكى مەن ئۇلارنىڭ گىپدىن ئۆزۈمنىڭ ھازىرقى ئاپام سائادەتخاننىڭ قىزى ئەمەس، بەلكى ئاپامنىڭ ئاچىسى يەنى ئاكا سىزنىڭ ئاپىڭىزنىڭ رەناخاننىڭ قىزى ئىكەنلىكىمنى ئاڭلاپ قالغانىدىم، بۇ قانداقمۇ مۇمىكن بولسۇن دەپ ئويلايتتىم، بىراق بۇ گەپلەرنى باشقا كىشلەرنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىمىغانىدىم.تۇرۇپلا ئۆزۈمنى شۇنچىلىك بىچارە،باشقىلار تەرىپىدىن تاشلىۋىتىلگەندەك ھىس قىلدىم،بۇرۇن ئاپامنىڭ ماڭا بەرگەن تەنبىھلىرىنى ھەق دەپ ئويلايتتىم، ھازىر ئۆزەمنى ئۇنىڭ ئۆز بالىسى بولمىغاچقا بىكاردىن بىكار تىل ئاڭلىغاندەك ھىس قىلدىم.ئون ياش چاغلىرىمدا ئاتام ئۆلگەندە ئايىسى يوق يىتىم بولدۇم دەپ تازا يىغلىغانىدىم،ئەمما ئەمدى ئويلىسام بۇ بىر ئەخمىقانە ئىش بۇپتۇ، ئەسلى ئاتام ھايات ئىكەن ئەمەسمۇ، بىر ۋاقىتلاردا باشقىلارغا بوزەك بولغاندا، قېرىنداشلىرىم بولغان بولسا كۆزۈمدىن ياش ئاققۇزۇپ يىغلاپ ئولتۇرمايتتىم دەپ ئاھ ئۇرغانىدىم ،ئەمەلىيەتتە ئۈچ ئاچام، تۆت ئاكام بار ئىكەن.
تىخى تۇلۇقسىزنى پۇتتۇرۇپ ئىمتىھان بەرگەندە ،ئىمتىھاندىن ئۈتكەن بولساممۇ بارالمىدىم، ئەگەر يىتىم قىز، تۇل خۇتۇن بۇلۇپ ئولتۇرمىغان بولساق، مەن ئارزولىرىمغا يىتەر بۇلاتتىم. شۇ ئىشتىن كىيىن ئۆيدىن رايىم تىخىمۇ يىنىپ كەتتى، ئاپام سائادەتخانغا گەپ قىلماي دىگۇدەك بىر قانچە كۇننى ئۈتكۈزدۇم ۋە تىككۇچىلىكنى ئۆگىنىش باھانىسى بىلەن ناھىيەگە كىرىپ كەتتىم.
ناھىيەدە يېرىم يىل تىككۇچىلىكنى ئۆگىنىپتىمەن، بۇ جەرياندا كىسىش، پىچىش جەھەتتە ئوبدانلا يىتىشىپ ، ھەرخىل كىيىملەرنى مۇستەقىل تىكەلەيدىغان بولدۇم.ئوستاممۇ شاگىرىتلار ئىچىدە ماڭا ئامراق ئىدى. ئۇنىڭ ئەڭ قابىل ياردەمچىلىرىدىن بۇلۇپ قالدىم. بىراق بۇ يەردىكى قىزلارنىڭ قىلىقلرى ماڭا ياقمىغىلى تۇردى، بىر ياتاقتىكى قىزلارنىڭ تۇلىسى كىچىلىرى نەلەرگىدۇر كىتىپ ،يېرىم كىچىدە قايتىپ كىلىدىغان بۇلۇۋالدى. تىخى بۇغۇ ياخشى ، بىر كەتسە نەچچە كۇن يۇقاپ كىتىدىغان بىرى بۇلۇپ،ئۇنىڭ ھاياسىز چاقچاقلىرىنى ئاڭلاشقا تاقەت قىللالماي قالدىم.شۇنىڭ بىلەن بىر نەچچە دۇستۇم بىلەن سىرىتتىن ئۆي ئىجارە ئىلىپ تۇردۇم.لىكىن بۇ كۇنلەرمۇ ئۇزۇنغا بارمىدى. بۇ يېرىم يىل جەريانىدا مىنىڭ يىڭى ئاتامنىڭ مىجەزىدە ئۆزگىرىش تىز بۇپتۇ، ئاپام سائادەتخان ئۇنىڭ ئۆيىگە يىڭى بارغان چاغلىرىدا ۋاي دەپتۇ، تىخى بەش ۋاق ناماز ئۇقۇپ ياخشى ئادەم بۇپتۇ. بىراق ئارىدىن نەچچە ئاي ئۆتكەندە نامازنىغۇ تاشلاپتۇ، ھەتتا ھاراق ئىچىدىغان بۇلۇۋاپتۇ. ئاخىرى شۇ دەرىجىگە بېرىپتۇكى بەزىدە ئاپامنى ئۇرىدىغان بۇپتۇ، بۇ ئىشلارغا چىدىماي ئاپام يىقىندىلا ئاجرىشىپتۇ، ۋە مىنى قايتىپ كەل دەپ تېلفۇن قىپتۇ.مەن رەت قىلالمىدىم. چۇنكى ئۇ مىنى بىقىپ ئۇستۇرگەن ئايال، گەرچە مىنى تۇغمىغان بولسىمۇ، يەنە كىلىپ مەن ئۇنىڭ ھاياتىغا ئىچىناتتىم.
مەن ئاپامنى بەخىتسىز ئايال دەپ قارايتتىم، چۇنكى ئۇنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلىشىمچە، ئۇ 16 ياش چاغلىرىدا،تىخى تۇلۇقسىزنى پۇتتۇرىدىغان يىلى پىداگوگىكا مەكتىپىگە ئىمتىھان بەرگەنىكەن، لىكىن تىخى ئىمتىھان نەتىجىسى چىقمايلا، ياتلىق قىلنغانىكەن،كىيىن ئۇنىڭغا چاقىرىق قەغىزى كەلگەن چاغدا بىر نەس باسقان ئايالغا ئايلىنىپ قالغانىكەن. چۇنكى ئۇنىڭ ئېرى ھاراقكەش، بۇلۇپ كۇندىلا ھاراق ئىچىپ ئاپامنى ئۇرىدىكەن. ئوغلى ئىككى ياشقا كىرگەن چاغدا، رەھىمسىزلىك بىلەن ئۆيدىن قوغلىنىپتۇ،كۆز ياشلىرىنى يامغۇردەك تۈكۈپ بۇۋامنىڭ يىنىغا –تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە ، بۇۋام ئۆزىمۇ ئاشۇ نىكاھ ئۈچۈن ئازاپلىنىپ ئۇزۇنغىچە ئۆزىنى ئەيىپلەپ يۈرگەنىكەن. كىيىن مەن ئۆز ئاتام دەپ يۈرگەن ئادەم بىلەن توي قىپتۇ. مىنىڭ ئۇ ئاتام ياخشى ئادەم ئىدى. بىراق مەرھومنىڭ ئۈمرى قىسقا بۇلۇپ قالدى. مەن ئون ياشلارغا كىرگەن يىلى كىچىككىنە بىر ۋەقە بىلەن ئۆلۈپ كەتتى.يېزا يەرلىرىدە تول خۇتۇنلارنىڭ كۇنى تەس، بۇلۇپمۇ ئەسقاتقۇدەك ئۇغلى بولمىسا تىخىمۇ شۇنداق. گەرچە سىلەرنىڭ ئۆيدىكلەر پات-پات ياردەم قىلىپ تۇرسىمۇ ،پۇتۇنلەي باشقىلارغا يۆلىنۋالغىلى بولمايدۇ دە! پىژغىرىم ئىسسقتا ئەرلەردەك كەتمەن چىپىۋاتقان ئاپامنى كۆرسەملا ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىيتتى.مانا ئەمدى ئۇنىڭ ئۈچىنچى قىتىملىق نىكاھىمۇ مەغلوپ بولدى.
مەن يۇپۇرماقلار يەرگە چۇشۇپ خازان بولغان كۈز پەسلىدە ئۆيگە قايتىپ كەلدىم. بىر ئانا بىلەن قىز-گەرچە ھەقىيىقى بولمىسىمۇ ئازراق قانداشلىقى بۇلغان بىزلەر مانا شۇنداق گەپ –سۆزسىز بىز كۈزنى ئۈتكۈزدۇق. ئاكا سىلەرنىڭ ئۆيۇڭلەرگە بەزى –بەزىدە كىرىپ قۇيىمەن. رەناخان ئاپام ماڭا شۇنچىلىك مىھىربانلىق كۆرستىدۇ. بەزىدە ئاپا دىگۇم كىلىدۇ.بىراق مىنىڭ ئۇنداق ھۇقۇقۇم يوق ئىدى. نىمە ئۈچۈن ئاتا-ئانامنى ۋە قېرىنداشلىرىمنى،ئاپا! ئاتا! ئاكا! ئاچا! دەپ چاقىرالمايمەن دەپ خۇدادىن سوراپ كىتىمەن.
شۇ يىلى قىشتا ئاپام تۆتىنچى قىتىمىلق نىكاھىنى كۇتۇۋالدى، بۇ قىتىم تۇنجى ئېرى يەنى ھىلقى ھاراقكەش بىلەن توي قىلغانىدى. بۇ تويغا ئۇنىڭ ئاشۇ بىردىنبىر ئوغلى سەۋەپچى بولغانىدى. ئۇنىڭ سالاچىلىقى بىلەن تويمۇ بولدى. لىكىن مەن يەنە سەرسان بولدۇم. بۇ قىتىم نەۋرە ئاچام( ئاپامنىڭ يەنە بىر ئاچىسىنىڭ قىزى) بىلەن ئۈرۈمچىگە چىقتىم. بىر ئاشخانىدا ئىشلىدۇق. سەن شىنجاڭ ئونۋىرىستىتىنىڭ ئۇقۇغۇچىسى بولغاچقا ئۈرۈمچىدە ئىدىڭ. بىر كۇنى سەن تىلفۇن قىلىپ كىلىدىغانلىقىڭنى ئېيتتىڭ. سەن سالاپەت بىلەن كىلىپ خۇجايىن بىلەن كۆرۇشۇپ كەتكەندىن كىيىن، خۇجايىننىڭ بىزگە بولغان مۇئامىلىسى ياخشىلاندى.پۇتكۇل ئاشخانىدىكلەر سىنىڭ ئۆز ئاكام ئىكەنلىكىڭنى پەرەز قىلىپ بۇلۇشتى . مەن نەۋرە ئاكام دەپ شۇنچە دىسەممۇ ئىشەنمىدى. مەيلى نىملا بولسۇن مەن سىنىڭ كەلگىنىڭدىن بەك خوش بولغانىدىم، قېرىنداشلىق مېرىنى ھىس قىلغاندەك بۇلدۇم.بەلكىم سەن ئاڭلىمىغانسەن، ئاپام سائادەتخان مەن ئۈرۈمچىدە چاغدا مىنىڭ بىلەن ئۆز ئوغلىنىڭ يەنى شۇنچە ۋاقىتتىن بۇيان ئاكام دەپ يۈرگەن نەۋرە ئاكامنىڭ تويىنى قلماق خىيالىنى قىلىپتۇ. بىراق بۇنىڭغا نەۋرە ئاكام قۇشۇلماپتۇ، ئەگەر قۇشۇلغان بولسا مىنىڭ تەغدىرىم نىمە بۇلار ئىكىن تاڭ؟ كىيىن نەۋرە ئاكام باشقا بىر قىز بىلەن توي قىلدى. ئاپامنىڭ تارىخى ۋەزىپىسى توشقان نىكاھىمۇ تىزلا ۋەيران بولدى. ھىچقانداق داۋراڭسىز، جىمجىتلا ئاجرىشپتۇ.
ئۆزۈڭ بىلسەن، ئۈرۈمچىدىمۇ ئۇزۇن تۇرالمىدىم.كىيىن يۇرتىمىزغا قايتىپ ئۇيەر-بۇيەردە ئىشلەپ دىگۇدەك يۈردۇم. مەن بۇ چاغدا بىر رەسىدە بولغان قىزغا ئايلانغانىدىم. مەن ئۆزۈمنى تۆۋەن كۆرۇپ، خەستە كەبى بىر ئىنسان دەپ يۈرگەن چاغلىرىمدا بىر يىگىت ئەتراپىمدا پەرۋانە بۇلۇشقا باشلىدى. ئۇ بىر باشقا يۇرىتتىن كەلگەن يىگىت ئىدى. ئۇنىڭ قىزىقارلىق چاقچاقلىرىنى ئاڭلاشقا ئامراق ئىدىم. مەن بۇ يىگىت تۇغىرسىدىكى گەپلەرنى ئاپامغا ئېيتقان چىغىمدا ئۇ قۇشۇلمىدى، ھەتتا ئۇ سوۋغا قلغان ئۈزۈكنى ھازىرلا قايتۇرۇپ بېرىشىمنى ئېيتتى. ئاپامنىڭ شۇ چاغدا ئېيتقان گەپلىرى دىلىمنى رەنجىتتى. مەن ئۇنىڭدىن ئايرىلشىنى خالىمايتتىم، چۇنكى مەن پەقەت ئۇنىڭدىنلا مىھىر- مۇھەببەتنى ھىس قىلغاندەك ئىدىم. بىز بەختىمىز ئۈچۈن قىچىپ كەتمەكچى بولدۇق، ۋە ماي ئايلىرىنىڭ بىر كۇنى ئاپتۇبۇسقا چىقىپ يۇرتۇم بىلەن خوشلاشتۇق.
مەن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ،ئۆيىگە بارغان چىغىمدا بىر خارابە ئۆينى كۆردۇم،ئۇنىڭدىن ئاڭلىغان بولساممۇ بۇنچىلىك ئەمەستۇ دەپ ئويلىغانىدىم. بىز ئۇنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ قاتنىشش بىلەن مۇللامنى چاقىرىپ نىكاھ ئۇقۇتۇپ ،توي قىلدۇق.توي قىلىپ ئۇزۇن ئۈتمەي ئۇنىڭ قىمار ئوينايدىغان ئادىتىنى بىلىپ قالىدىم، ئىخلاس بىلەن قىلغان نەسىھەتلىرىم ئارقىسىدا سەل ئوڭشالدى. دوسىتلىرىمدىن ئاڭلىشىمچە مەن قىچىپ كەتكەندىن كىيىن ئاتام بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ يىقىلىپ چۇشۇپتۇ ۋە ئارىدىن ھەپتە ئۈتمەي ۋاپات بۇپتۇ. بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ بەكمۇ ئازاپلاندىم، ئاتام ھەجگە بېرىپ كەلگەن ئادەم بولغاچقا ، يۇرىتتا يۈزى چوڭ ئادەم ئىدى. مىنىڭ بۇ ئىشىم ئۇنىڭغا قاتتىق تەسىر قىلىشى تۇرغانلا گەپ.شۇنىڭدىن كىيىن سىلەرمۇ مەندىن نەپرەتلىنىپ كىتىشىڭلار ئىنىق ئىدى. مەن ئۆزۈمنى سىلەرنى كۆرۇشكە يۈزى يوق دەپ ئويلايتتىم بىراق، يىڭى بىر جان ۋە ماڭا كەلگەن ئەجەل. سىلەر بىلەن يۈز كۆرۇشۇشتىن ئىبارەت بىر قىيىن ئىشقا قەدەم بىسشقا مەجبور قىلدى. ئانا بۇلۇش خۇشاللىقىدا يۈرگەن كۇنلىرىمدە دۇختۇرخانىغا كۆپرەك بارىدىغان بۇلۇپ قالدىم. دۇختۇردىن تاسادىبىي ئاڭلاپ قالغان ئۆلۇم خەۋىرى مىنى يەنە قايتىدىن پاراكەندە قىلدى. قۇرساقتىكى بالا تۇغۇلۇپ ئۇزۇن ئۇتمەي مەن كىتىپ قالاتتىم.ئەمدى بالامنىڭ كىيىنلىكى ئۈچۈن غەم يىدىم، بۇ بالىنى يېنىمدىكى ئادەمگە تاپشۇرۇپ خاتىرجەم بۇلالمايتتىم. يۇرتۇم ۋە ئاپام قېرىنداشلىرىم يادىمغا كەلدى.ئىككىمىز،قۇرسىقىمدىكىنى قۇشساق ئۈچىمىز يۇرتىمىزغا كۆچۇپ كەلدۇق، بىراق ئۆيگە كىرمەي باشقا بىر مەھەللىدىن ئۆي ئىجارە ئالدۇق. مەن ئويىلغانلىرىمنى ئۇنىڭغا دىگەنىدىم، ئۇ مىنىڭ ئارزۇيۇمغا قۇشۇلدى. مەن بۇ يەردىكى دۇختۇرخانىغا بېرىش جەريانىدا بىر سېستىرا ئاچاش بىلەن تۇنۇشۇپ قالدىم. ئۇ ناھايتتى ياخشى ئىكەن، بىز تىزلا دوسىتلاردىن بۇلۇپ قالدۇق، مەن ئۇنىڭغا باشتىن كەچۇرگەنلىرىمنى تەپسىلى سۆزلەپ بەردىم.ئۇمۇ ماڭا ئۆز ھىكايىلىرىنى سۆزلەپ بەردى. ئاخىرقى كۇنلىرىمنى ئاساسەن دۇختۇرخانىدا ئۈتكۇزدۇم، مىنى يۇقلاپ كىلىدىغان ئادەملەرمۇ يوق،پەقەت ئۇنىڭ بىلەن ھىلقى سېستىرا ئاچام ھەمرا ئىدى. ئۆزۈمنىڭ خاتا قىلغانلىقىمنى بىلەتتىم، مەن ئەسلى قىچىپ كەتمەي ،ياخشى چۇشەندۇرگەن بولسام ، قان بىلەن گۆشتىن پۇتۇلگەن ئادەم بولغاندىن كىيىن تۇغقانلىرىم يەنى سىلەر قۇشۇلغان بۇلاتتىڭلار،ئاتام بۇنچە بالدۇر كىتىپ قالمىغان، مەنمۇ غېرىپسىنىپ ياتمىغان بۇلاتتىم، يىقىندا سائادەتخان ئاپامىنىڭ يەنە توي قىلىپ يىراقلارغا كىتىپ قالغىننى بىلدىم، قارىغاندا ئۇنىڭ ئۆمرى مۇشۇنداق يىلتىزسىز قامغاقتەك ئۇتىدىغان ئوخشايدۇ. مەن ئۇنىڭ ئەمدى ئاشۇ يىڭى ئۆيىدە بەخىتكە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاخىرى بالام تۇغۇلدى، سېستىرا ئاچام مۇبارەك بولسۇن ،قىز ئىكەن دەپ كىرگەندە نىمشقىدۇر كۆڭلۇم يېرىم بولدى. بىچارە قىزىم ،مەندىن ئۈتە بەخىتسىز بۇلىدىغان بولدى، چوڭ بولغاندا ئاپىسىنىڭ چىرايىنىمۇ ئەسكە ئالالمايدۇ. مەن شۇلارنى ئويلاپ ئىختىيارسىز ياش تۇكتۇم.
ئاكا! ئاخىرىدا ساڭا دەيدىغىنىم ، مەن قىزىمنى بىقىش پۇرسىتىدىن مەھروم بولدۇم. ئاپام بولسا ياشىنىپ قالدى. قىزىم ساڭا قالدى، مەن ياشىيالمىغان ئۇ ئۆيدە قىزىم چوڭ بولسۇن سىنىڭ ئۇنىڭغا ياخشى قارىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەن سىڭلىمنىڭ خىتىنى ئۇقۇپ بۇلۇپ، بىشىمنى كۆتەرگىنىمدە دېرىزىدىن ئاپامنىڭ ئولتۇرۇپ نەۋرىسىنى ئەركىلتىۋاتقان ھالىتىنى كۆردۇم، كىچىككىنە بۇۋاقنى ئاسمانغا ئىتىپ-ئىتىپ ئەركىلتىۋاتقان ئاپام نەۋرىسىنىڭ بەختىنىڭ شۇنداق ئۆزىدىن يۇقىرى بۇلۇشىنى ئويلىغانمىدۇ، كىچىكلا يولغا سىلىپ قويغان قىزىنى ئەسلەۋاتقانمىدۇ، كۆزىدىن سىرغىغان ياشلارنى كۆرۇپ قالدىم. شۇ چاغدا قۇشنىمىزنىڭ تېلۋىزورنىڭ يۇقىرى ئاۋازى ئاڭلاندى، ھىلقى سىڭلىمغا ئوخشايدىغان دىكتور قىزنىڭ ئاۋازى ھاۋاغا تارقىلشقا باشلىدى.





بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Dakyanos تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-16 09:52 PM  


ھازىرغىچە 12 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
zvmrat + 614 يارايسىز
بەرگى + 100 ماختاشقا تېگىشلىك
ansar1013 + 50 ماختاشقا تېگىشلىك
شاتئاي + 500 تەپەككۇرى كۈچلۈك
oxkantag + 50
axkar + 220 مۇشۇ ئىسىم ئاشۇ ئىسىم .
1kurdax + 300 تەپەككۇرى كۈچلۈك
musilina + 400 ماختاشقا تېگىشلىك
parwin + 500 تەپەككۇرى كۈچلۈك
fatima + 300 ماختاشقا تېگىشلىك
hazniqi + 206
زامانى + 500 تېتىملىق ھېكايىلىرىڭ.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 3740   باھا خاتىرىسى

سەن ۋەتەن، مىللەت دىسەڭ، تارىختا نامىڭ قالغۇسى،
بول جەسور، ئالىي نىشان ،كۆلچەك بۇلاققا قانمىغىل!

كۈلۈپ ياشاشنى بى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23208
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6666
تۆھپە نۇمۇرى: 301
توردا: 2545 سائەت
تىزىم: 2010-12-21
ئاخىرقى: 2013-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-16 10:43:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاتلىق ئالدىنىش بەكلا ياخشى يېزىلپتۇ! قالغىننى ساقلىۋېلىپ ئۇقۇي! دەقيانۇس قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن! بۇرۇن نىمىشقا كۆرمىگەندىمەن بۇ ھىكايىللىرىڭىزنى؟

كۈلۈپ ياشاشنى بىلەمسىز؟

مەنىسىز ھايات

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49
يازما سانى: 1222
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7081
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 6485 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-6-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-16 10:50:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹تاتلىق ئالدىنىش› دىگەن ھىكايىنى ئوقۇپتىكەنمەن،بەك ياخشى يېزىلىپتىكەن....قالغانلىرىنى يېڭى كۆرۈشۈم...تېتىملىق تېمىلىرىڭىزنىڭ توختاپ قالماسلىقىغا تىلەكداشمەن...

مۇشت ئاتمىغان ئادەمنى كىم ئاجىز دەيدۇ؟بەلكىم ئۇنىڭ قوينىدا خەنجەر بولىشى مۈمكىن.

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 6649
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى : 36653
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 2895 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-6-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-16 11:29:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹قىزچاق،ئاڭلىغىنىڭىز يالغان ئەمەس››دېگەن ھېكايىدىن باشقىسىنى ئوقۇماپتىكەنمەن....
بىر -بىرىدىن ياخشى يېزىلغان ھېكايىلەركەن...
‹‹نادىر ››دېگەن باھانى بەردىم..

تىرىكلىك پەيتىنى غەنىيمەت بىل،دەم -ئۇشبۇ دەمدۇر،بۇ بىھۇدە ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتنى ياندۇرغىلى بولىدىغان دۇنيا ئەمەس.

ئەقىلسىز دوستۇڭ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 3055
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 30507
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3452 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2013-6-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-16 11:59:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ياخشى ھىكايىلەرنى بۇرۇن كومەپتىكەنمە دىسە ، ھەممىسى ياخشى يىزىلىپتۇ، قەلىمىڭىز ھارمىسۇن.

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

ئەقىلسىز دوستۇڭ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 3055
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 30507
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3452 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2013-6-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-16 11:59:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەراس ، بۇنى بىر توپلام قىلىپ بىرە مەتبۇئاتقا بىرىشنى ئويلاپ باقمىدىڭىزمۇ ؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nazila998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-17 12:01 AM  


كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

دەقيانوس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85
يازما سانى: 408
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3862
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 566 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-6-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-17 12:13:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nazila998 يوللىغان ۋاقتى  2012-1-16 11:59 PM
ھەراس ، بۇنى بىر توپلام قىلىپ بىرە مەتبۇئاتقا بىرىشنى  ...

ياق، بۇ ئەسەلەر ئۇنچە بەك ياخشى چىققانمۇ ئەمەس. توردا ئېلان قىلىنغانلىقنىڭ ئۆزى كۇپايە.

سەن ۋەتەن، مىللەت دىسەڭ، تارىختا نامىڭ قالغۇسى،
بول جەسور، ئالىي نىشان ،كۆلچەك بۇلاققا قانمىغىل!

كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم سۇ بۇلاي

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 644
يازما سانى: 634
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15867
تۆھپە نۇمۇرى: 1527
توردا: 3880 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2013-6-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-17 12:46:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بۇ دەقيانۇس دىگەن ئىسىمنى نىمىگە ئاساسلىنىپ قويغانسىز ئەگەر ئەسھابۇل كەھبىدىكى دەقيانۇسنى ئۆرنەك قىلىپ قويغان بولسىڭىز ، بۇ بەكمۇ ئەپسۇسلىنىدىغان ئىش بولغىدەك.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   altun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-17 01:00 AM  


دىن دېمەڭ روھىيەتتۇر.
پەلسەپە دېمەك پاراسەتتۇر،
ئېلىم -پەن دېمەك ئەقىلدۇر.
ئۇلار مەنىۋى تەرەققىياتنىڭ ئۈچ شېخى،مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنىڭ ئۈچ بەلگىسى.

كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم سۇ بۇلاي

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 644
يازما سانى: 634
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15867
تۆھپە نۇمۇرى: 1527
توردا: 3880 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2013-6-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-17 12:53:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
http://video.baidu.com/v?word=gh ... =0&db=0&s=0&fbl=800
بۇ ئادرىستا سىزگە كىرەك بەزى نەرسىلەر بوپ قالسا ئەجەب ئەمەس .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   altun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-17 12:55 AM  


دىن دېمەڭ روھىيەتتۇر.
پەلسەپە دېمەك پاراسەتتۇر،
ئېلىم -پەن دېمەك ئەقىلدۇر.
ئۇلار مەنىۋى تەرەققىياتنىڭ ئۈچ شېخى،مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنىڭ ئۈچ بەلگىسى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 55818
يازما سانى: 283
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5086
تۆھپە نۇمۇرى: 538
توردا: 1099 سائەت
تىزىم: 2011-9-10
ئاخىرقى: 2012-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-17 12:14:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھېكايىلەرنىڭ ھەممىنى ئوقۇپ چىقتىم.......راستىنلا بەك ياخشى چىقىپتۇ.....چىنلىقى كۈچلۈك بوپتۇ................ئاپىرىن !!.....:qiray121

ئەسلىدىنلا ئۆزى مەتو خەق ئىدى،
پىتلارنىمۇ تېرىپ-تېرىپ يەر ئىدى.
ئەمدى دەيدۇ بىز خەقلەرنى مەتو دەپ،
ئۆتمۈشىنى ئۇنتۇپ قالغان پەس ئىدى.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش