مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1522|ئىنكاس: 23

سېنى ئۇنتۇپ كەتكۈچە ئەسلەيمەن.....! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12410
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32471
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4469 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-30 12:38:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   سېنى ئۇنتۇپ كەتكۈچە ئەسلەيمەن.....! چۈنكى ئۆزۈمنى سېنى ئەسلىمەسلىككە ،كۆڭلۈمدىن چىقىرىۋېتىشكە  مەجبۇرلاپ باقتىم، لېكىن ئامال بولمىدى، ئويلىماي دېگەنسېرى قىلىۋاتقان ئىشلىرىمنىڭ ھەممىسىدە سېنىڭ ئەكسىڭ كۆرۈنۈپ تۇرىۋاتىدۇ،ئۆزۈمنى قاچۇرغانسېرى خىيالىمغا تېخىمۇ بەكراق كېلىۋالدىڭ......بولدىلا ،سېنى ئويلىمايمەن دەپ ئۆزۈمنى بۇنچىۋالا قىيناپ،مەجبۇرلاپ  نېمە قىلاي....؟ ئۆزۈمنى قاچۇرغانسېرى ،كۈچىگەنسېرى كاللامنىڭ قات -قېتىغا شۇنچە يېپىشىۋالغان تۇرساڭ......سېنى خىيالىمدىن قاچۇرىمەن دەپ ،بەك چارچاپ كەتتىم.....شۇنىڭغا قارىغاندا چىن يۈرىكىدىن ياخشى كۆرگەن ،سۆيگەن بىرسىنى ئۇنتۇش ئۇنچە ئاسان ئەمەسكەن.... !
   سېنى ئۇنتۇپ كەتكۈچە ئەسلەيمەن ....! سېنى ئۇنتۇپ كېتىمەن دەپ ئۆزۈمنى چارچىتىپ قىينىماي ،سېنى خىيالىمنىڭ  ئىختىيارىغا قويۇپ بېرەي، شۇنداق قىلغاندا ئۆزۈمنى مەجبۇرلاپ چارچاتقاندىن،سېنى خىيالىمدىن نېرى قىلىمەن دەپ تېخىمۇ ئازاب چەككەندىن ،كۈنلىرىمنى يىغىغا ھەمراھ قىلىپ ئۆتكىنىمدىن ياخشىراق بولىدىغان ئوخشايدۇ ......!

سۆيگۈنى تۇنجى رەت تونۇتقان ماڭا،

مۇھاببەتتە سۆيدۈرگەن ئىدىڭ.

ئىشقى ئوتۇڭنى يېقىپ يۈرىككە ،

يۈرىكىمنى كاۋاپتەك كۆيدۈرگەن ئىدىڭ. 


   سېنى ئۇنتۇپ كەتكۈچە ئەسلەيمەن.....!سېنى ئويلىماي ،ئەسلىمەي قانداق چىدايمەن....؟چۈنكى ئەتراپىمدىكى جىمىكى مەۋجدات كۆزۈمگە سېنىڭ سىمايىڭنى نامايەن قىلىپ بېرىۋاتسا......!ئەتراپىمدا ئىككىمىز ماڭغان يوللار ،ھېرىپ كەتكەندە ئولتۇرغان ئورۇندۇقلار،تاماق يېگەن ئاشخانىلار.....ھەممىسىنى قانداقمۇ ساناپ بولالاي.....؟! ئىشقىلپ  سېنى ماڭا ئەسلىتىدىغان شۇنچە كۆپ نەرسىلەر كۆز ئالدىمدا تۇرسا،ئەستىلىكلەرگە گۇۋاھ بولغان  بۇ نەرسىلەرنى يىراقلارغا تاشلىۋېتىشنىڭ  ئامالى يوقتە......!
    سېنى ئۇنتۇپ كەتكۈچە ئەسلەيمەن.....! چۈنكى سەن ماڭا مۇھاببەتنى ،مۇھاببەتنىڭ قۇدرىتىنى ،سۆيۈشنى ھەم سۆيۈلۈشنى، سۆيگۈنىڭ شېرىن تەمىنى ھېس قىلدۇرغان ئىدىڭ، سېنى ياخشى كۆرگەندىن باشلاپ جاھان ماڭا تېخىمۇ كەڭرى ،ئادەملەر شۇنداق كۆيۈمچان ھەم ئاقكۆڭۈل ،قۇياش تېخىمۇ نۇرلۇق، ئاي تېخىمۇ يورۇق ھەم چىرايلىق ، يۇلتۇزلار تېخىمۇ پارقىراق ھەم يارقىن ،كېچە شۇنچە گۈزەل كۆرۈنگەن ئىدى......!
    سېنى ئۇنتۇپ كەتكۈچە ئەسلەيمەن.... !چۈنكى ئىككىمىزگە تەۋە بولغان ئەسلىمىلەر يۈرەكتىن ئۇنچە ئاسان ئۆچمىگىدەك، شۇنداق بولغاندىكىن ،بۇ ئەسلىمىلەرنى يۈرىكىمدىن چىقىرىمەن دەپ ئۆزۈمنى زورلاپ ،تېخىمۇ ئېغىر قايغۇنى ھەمراھ قىلىپ، كۈنلىرىمنى قايغۇ ئىچىدە ئۆتكۈزۈپ نېمە  قىلاي...! 

ئەسلىمە چۆرىدەپ تۇرسا ئەتراپتا،

ئۇنتۇشقا ئۆزۈمنى قىيناپ نە قىلاي؟

ئۇنتۇش شۇنچە تۇرسا ئازابلىق،

ئۇنتۇپ كېتىشكە قانداقمۇ چىداي؟

 



ئەسلىمە ئىچىدە  قىسىلدى يۈرەك ،

ئوتقا چۈشكەن قىلدەك تولغۇنۇپ،

ھېجرانىڭغا بېرەلمەي بەرداش،

مىسكىن يۈرەك كېتەرمۇ يېرىلىپ .



 ئەتراپتا سىمايىڭ يۈرسە ئايلىنىپ،

قارىماي مەن قانداقمۇ قىلاي؟

يۈرىكىم قېتىغا ئورنىغان تۇرساڭ،

ئەسلىمەي سېنى قانداقمۇ چىداي؟

 


  سېنى ئۇنتۇپ كەتكۈچە ئەسلەيمەن....سېنىڭدىن ئايرىلىش ۋە سېنى سېغىنىپ كۆز ياشلار بىلەن ئەسلىمىلەرنى ئۆزۈمگە ھەمراھ قىلىش مېنىڭ پىشانەمگە پۈتۈلگەن ئىكەن، بۇمۇ اللاھ تەرىپىدىن ماڭا بېرىلگەن بىر خىل سىناق بولسا كېرەك ...... شۇنداق ئىكەن بۇ سىناقنى قوبۇل قىلماي،ھېجران ئازابىنى  تارتماي ،نە چارەم بولسۇن....!
   سېنى ئۇنتۇپ كەتكۈچە ئەسلەيمەن...!سېنى ئۇنتۇپ كېتىشكە ئۆزۈمنى مەجبۇرلىماي،سېنى قاچان ئۇنتۇپ كەتكۈچە  سېنى ئەسلەپ تۇراي..... ئەسلىمە گەرچە ئازابلىق بولسىمۇ،  مىسكىن يۈرىكىمگە ئازىراقچە بولسىمۇ  تەسەللى بولسۇن......    !

 

ئەسلىمە جىسمىمنى تۇرىدۇ ئوراپ ،

يۈرەكنى گەرچە قىينسىمۇ ھېجران.

ئۇنتۇش ئۈچۈن قىينالدىم شۇنچە،

لېكىن ئۇنتۇش ئەمەسكەن ئاسان.




سېنى ئۇنتۇپ كەتكۈچە ئەسلەيمەن.....!ئەسلەشنىڭ ئۆزىمۇ ھەم كۆڭۈلنى ئاۋۇندۇرىدىغان ھەم كۆڭۈلنى ئازابلايدىغان ھەم ئاچچىق ھەم تاتلىق بىر خىل تۇيغۇ.....جۇدالىق بولمىغان بولسا سۆيگۈنىڭ مۇشەققەتلىك يوللىرىنى بىلمىگەن ،چىن سۆيگۈنىڭ قەدرىگە يەتمىگەن بولاتتىم.....
 

 مەنبە : ئۆز قەلىمىم





ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
suzuk-ay + 50 ئىسىل يازما...................ئىجادىيىتى
تارىم + 100

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 150   باھا خاتىرىسى

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48
يازما سانى: 268
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 28024
تۆھپە نۇمۇرى: 469
توردا: 486 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-30 12:56:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىنى ئۇنتۇشنى بۈگۈن رەسمې قارار قىلدىم...

گەرچە سىنى سۆيسەممۇ شۈنچە،
قىلغانلىرىڭ كەتتى بەك ئىشىپ.
بىر ئىدىغۇ ئەسلى يولىمىز ،
ئىككى بولدى يوللار ئازغىشىپ.

ئاخىرىنى دىمەيلا قوياي... [s:46]

http://www.sawrim.com
مېھرىزا بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-30 12:57:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

تـــۈن - شــامــ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 643
يازما سانى: 794
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13102
تۆھپە نۇمۇرى: 401
توردا: 2609 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-30 01:10:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |






تولدى بۈگۈن بارچە دىلغا ئىشقى پىراق ، لىكىن كەمدۇر بىر - بىرىگە مىھرى ۋاپا . تىپىلمايدۇ ھىچ كىشىدىن ئىنساپ بىراق ، تارقالدىغۇ ئەجەپ  بىر خىل نىجىس ۋابا . .....بەھرام

باشقىلار كىتاب ئوقۇۋاتىدۇ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4026
يازما سانى: 1963
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18664
تۆھپە نۇمۇرى: 411
توردا: 1073 سائەت
تىزىم: 2010-7-15
ئاخىرقى: 2015-1-7
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-30 01:13:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر-بىرىدىن لېرىك ئىنكاسكار چىقىۋىتىپتىغۇ~~!

يۇرتۇم__ توققۇزتارا تاشتۆپە    ئىملاغا دېققەت قىلايلى قېرىنداشلار!!!!

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12410
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32471
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4469 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-30 01:14:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۈرەككە مۇڭ بولۇپ تېگىدىغان لېرىك ناخشىلىرىڭلارغا كۆپ رەھمەت.... بۇ ناخشىلار لېرىكىغا شۇنداق ماس كەپتۇ....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48
يازما سانى: 268
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 28024
تۆھپە نۇمۇرى: 469
توردا: 486 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-30 01:14:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئىنكاس "ئالى ئەزا" بەھرام تەرىپىدىن تەھرىرلەندى...

http://www.sawrim.com

بار دەپ تۆكمە،يوق دەپ كۆپمە!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79
يازما سانى: 5671
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18654
تۆھپە نۇمۇرى: 1591
توردا: 904 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-30 01:18:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىماندا جىق ناخشا بۇ؟قالايمىقانچىلىق چىقتىغۇ،
ئۇنتۇش ئاسان ئەمەس.ئەمما ئەرزىمەيدىغان ئادەمنى ئۇنتۇپ كىتىش ئۇنچە تەسمۇ ئەمەس..

مەززىىسى يوق گەپتىن، پاقىنىڭ كۇرۇلدىشى ياخىشى!!

تـــۈن - شــامــ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 643
يازما سانى: 794
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13102
تۆھپە نۇمۇرى: 401
توردا: 2609 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-30 01:19:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

6(SawRi)  نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس

ھاھاھاھاھا تانسىخانا ئەمەس بۇ تانسا ئوينايدىغان  [s:34]  [s:34]  [s:35]

تولدى بۈگۈن بارچە دىلغا ئىشقى پىراق ، لىكىن كەمدۇر بىر - بىرىگە مىھرى ۋاپا . تىپىلمايدۇ ھىچ كىشىدىن ئىنساپ بىراق ، تارقالدىغۇ ئەجەپ  بىر خىل نىجىس ۋابا . .....بەھرام

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 971
يازما سانى: 1640
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 15404
تۆھپە نۇمۇرى: 352
توردا: 2015 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-30 01:32:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇنتۇش بەك تەس، مانا مەنمۇ ئۇنتالماي يۈرمەمدىم...................
[s:38]  [s:38]  [s:38]

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش