يۇمۇر
يۇسۇپجىان0903 100مىڭ سۇملوق ماشىنىدىن بىرنى ئالماقچى بوپتۇ ، يېنىنى ئاختۇرسا 99مىڭ998سۇم بار ئىكەن. يۇسۇپجىان0903 ،دۇكاننىڭ يېنىدىكى بىر دىۋانىنىڭ قېشىغا بېرىپ، ماڭا 2 سۇم بېرىپ تۇرسىڭىز ماشىنا ئالماقچىتىم دەپتۇ .بۇنى ئاڭلىغان دىۋانە ئالدىرماي يېنىدىن 4 سۇمنى چىقىرىپ، ماڭىمۇ بىرنى ئالغاچ كەلسىڭىز دەپتۇ .
يۇمۇر
بىر مۇئەللىم ئوتتۇزدەك ساۋاتسىزنى يىغىۋىلىپ دەرىس ئۈتىدىكەن,مۇئەللىمنىڭمۇ سەۋىيەسى چەكلىك ئىكەن ، لىكىن بۇ ساۋاتسىزلارنى بىر ئايغا قالماي،خەت يازالايدىغان. خەت ئوقۇيالايدىغان سەۋىيەگە كىرگۈزۈپ قۇيۇپتۇ.بىر كۈنى مۇئەللىم بۇ ساۋاتسزلارغا دەرس ئۈتۈپ سوراپ قاپتۇ:خەت يازالايدىغان بولدۇڭلار،بۈگۈن سىلەرگە دۇنيادىكى غەيرى ئىشلار توغۇرلۇق سوئال سۇرىماقچى جاۋاپ بېرىسىلەر دەپتۇ . ساۋاتسىزلار ھە ماقۇل دەپتۇ.مۇئەللىم سوراپ قاپتۇ.«پەۋقۇلادە بىر كىشى 15-قەۋەتتىن چۈشۈپ كىتىپ ھايات قالسا بۇنى نىمە دەيمىز .» دەپ سوراپتۇ . ھىلىقى ساۋاتسىزلار ھۇدۇقۇپ كىتىپتۇ ، لىكىن ئارىدا بۇرۇتلۇق، قاملاشقان بىر بالا ئورۇنىدىن تۇرۇپ « مۇئەللىم بۇنى مۆجىزە دىسەك قانداق بۇلار؟»دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ،مۇئەللىم « توپتۇغرا،مۆجىزىدە بۇ ، ياخشى جاۋاپ بەردىڭىز ئولتۇرۇڭ»دەپتۇ،مۇئەللىم يەنە سوراپتۇ،«يەنە شۇ ئادەم ئىككىنىجى قېتىم شۇ 15-قەۋتتىن چۈشۈپ ھايات قالسا،بۇنى نىمە دەيمىز.» يەنە ھىلىقى بالا ئورنىدىن تۇرۇپ « مۇئەللىم بۇ گۇينىڭ تەلىيى بار دىسەك قانداق بۇلار ؟ » دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ . مۇئەللىم« توپتۇغرا جاۋاپ بەردىڭىز ، ئىككىلا قېتىمدا ھايات قالغاندىن كېيىن تەلىيى بار دەيمىز ، ياخشى ئولتۇرۇڭ.»دەپتۇ،مۇئەللىمنىڭ باشقا سۇئالى يوقمۇ يەنە شۇ سۇئالنى سوراپتۇ«يەنە شۇ ئادەم 15-قەۋەتتىن ئۈچىنجى قېتىم چۈشۈپ كىتىپ ھايات قالسا ، بۇنى نىمە دەيمىز ؟» ھىلىقى بالىنىڭ جۇدۇنى ئۆرلىدىمۇ قانداق ، ئورنىدىن شاپلا تۇرۇپ « مۇئەللىم بۇ شىياۋچىغا ئادەت بوپ قالدىمۇ نىمە » دەپتۇ .
يۇمۇر
بىر يەردە بىر ماتىماتىكا ئالىم بولغانىكەن ، ئۇ ئادەم ماتىماتىكىنىلا تەتقىق قىلىدىكەن ، ئەدەبىيات دىگەندەكلەرنى ئۇقمايدىكەن شۇڭا بىرەرسى بىلەن سوقۇشۇپ قالسىمۇ تىللىيالمايدىكەن . شۇنداق تۇرسىمۇ كاللىسىدا ماتىماتىكا بار ئىكەن ، بىر كۈنى بۇ ئادەم كوچا ئاپتۇبۇسقا چىقىپ ئىھتىياتسىزلىقتىن بىر خەنزۇ يولداشنىڭ پۇتىنى دەسسەپ قۇيۇپتۇ . ھىلىقى خەنزۇ يولداش مەكتەپ يۈزى كۆرمىگەنمۇ ، ھىلىقى ئادەمگە قاراپ « ما لى گې پى » دەپ تىللاپتۇ ، ھىلىقى ماتىماتىكا ئالىمنىڭمۇ ئوتتەك تېللىغىسى باركەن ، بىراق تىللايدىغان گەپ تاپالماي ، ھىلىقى خەنزۇ يولداشقا قاراپ « ما لى گې پى دې پىڭپاڭ » دەپ تىللاپتۇ .
يۇمۇر
بىر يەردە بىر تاز ئۆتكەنىكەن ، بۇ تازنىڭ بىشىدا ئارانلا ئۈچ تاللا چاچ باركەن ، بۇ تاز بىرسىگە قەرىز بولۇپ قاپتۇ ، بىر كۈنى قەرىز ئىگىسى كىلىپ ، بۇ تازدىن قەرىز سۈيلەپتۇ ، « ھوي ، پۇلنى ئالغاندىن كىيىن بەرمەمسە ، قاچانغىچە مۇشۇنداق سۈيلەپ يۈرىمەن سىنى .» دەپتۇ ، ھىلىقى تاز « ئالدىرمىغىنە ، قۇلۇمدىكى ئىشنى پۈتتۈرۈپلا قەرىزنى قايتۇرمەن .» دەپتۇ . ھىلىقى ئادەمنىڭ ئاچچىقى كىلىپ ، « ھەي . قاچانلا قارسا ئىشىم بار ئىشىم بار دەپلا كەينىگە چىكىندۈرىسەن » دەپ ۋالاقلاپتۇ ، ھىلىقى تازمۇ بوش كەلمەي « ھوي ، ھەممە ئادەم ساڭا ئوخشاش بىكارچىمۇ ، مۇشۇ كۈنلەردە چىچمدىن تولا ئىشىم جىق مىنىڭ» دەپتۇ ، ھىلىقى قەرىز سۈيلەيدىغان ئادەم قىززىقكەن ، بىشىغا شۇنداق قارسا ئۈچ تاللا چىچى بار ، « ۋاي ئىشىڭ چۈشتىن كىيىنگىچە تۈگەيدىكەنغۇ . » دەپ كىتىپ قاپتۇ .
يۇمۇر
بىر قاتناش ساقچىسى ، تىز سۆرەتلىك تاش يولغا چۈشۈپ خىزمەت قىلىدىكەن . بىر كۈنى بۇ قاتناش ساقچىسى موخۇركا چەككەش موتوسىكىلىتقا يۈلىنىپ تۇرسا ، ئالدىدا بىر پىكاپ 180لىك سۆرەت بىلەن ئالدىدىن چىۋىندەك ئۈتۈپ كىتپتۇ ، قاتناش ساقچىسى ئالاقزادە، ئالاقە ئاپىراتىنى چىقىرىپ ، ئالدى تەرەپتىكى قاتناش ساقچىسىغا « بىر گۇي 180 سۆرەت بىلەن تىكىۋەتتى ، ئاسان سۆرەت ئەمەس ماۋۇ»دەپ خەۋەر قىپتۇ ، ئالدىدىكى قاتناش ساقچىسى خەۋەرنى تاپشۇرۇپ بۇلۇپ ، موتوسىكىلىتىنى ئوتالدۇرۇپ بولغۇچە ، ھىلىقى 180دە كىتىپ بارغان پىكاپ ئالدى تەرەپتىن كىلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ ، ئاران تەستە قولىنى پۇلاڭلىتىپ توساپتۇ ھەم ئالدىغا بېرىپتۇ ، پىكاپنىڭ ئىگىسى ئەينەكنى چۈشۈرۈپ ، ساقچىغا قاراپ « نىم بولدى ؟ » دەپتۇ . قاتناش ساقچىسى ئاچچىقىدا « پىراۋا !...» دەپ ۋاقىراپتۇ ، ھىلىقى شۇپۇر ساقچىغا كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ، « ۋاي ئاكا ، خاپا بولماڭە ، مانا پىراۋا .» دەپ پىراۋىنى كۆرسىتىپتۇ ، ھىلقى قاتناش ساقچىسى پىراۋىغا قاراپ « بۇنى دىمىدىم ، ئايرۇپىلاننىڭكىنى دەيمەن .» دەپتۇ ، ھىلىقى شوپۇر بۇ گەپنى ئاڭلاپ چۈچۈپ كىتىپتۇ ھەم « ۋاي ئاكا ، مەن ماشىنا ھەيدەۋاتىمەن ، مەندە نەدە ئايرۇپىلاننىڭ پىراۋىسى بولسۇن .» دەپتۇ . ھىلىقى قاتناش ساقچىسى بىشىنى ئەينەككە تېقىپ شوپۇرنىڭ چىرايىغا تىكىلىپ تۇرۇپ ، «باياتىن ئۇچۇۋاتقانتىڭغۇ شىياۋچى » دەپتۇ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا attirgul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-7 10:52 PM