مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1396|ئىنكاس: 13

مۇھەببەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7021
يازما سانى: 541
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12890
تۆھپە نۇمۇرى: 1934
توردا: 626 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-21 10:12:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مۇھەببەت
پاك ھەم مۇقەددەس .
ئۇنىڭدا بىمەنە ھەۋەس ،
مۇھەببەت باغدا ئايدىڭدا ،
قۇچاقلىشىپ سۆيۈشۈش ئەمەس .
مۇھەببەت
قىزغا گۈزەللىك يىگىتكە قامەت .
مۇھەببەت
قىزغا خوشاللىق  يىگىتكە ئامەت .
مۇھەببەت
تۈگمەس بىر داستان .
مۇھەببەت
ئۆچمەس بىر گۈلخان .
مۇھەببەت
دىلغا ساپ ھاۋا .
مۇھەببەت
مۇڭلۇڭ خۇشناۋا .
مۇھەببەت ،
پاك ھەم مۇقەددەس .
مۇھەببەت دېسە ،
ھەركىم تۇرار دەست .

ئاپتورى مىليونىر

ئۇنتۇش مومكىنمۇ تۇنجى سۆيگەننى


ئۇنتۇش مومكىنمۇ تۇنجى كۆيگەننى ،
ئايدىڭدا مۇڭدۇشۇپ خوشال كۈلگەننى ،
باغلاردا ئايلىنىپ ئويناپ يۈرگەننى ،
ئۇنتۇش مومكىنمۇ تۇنجى سۆيگەننى .

يامانلىق شۇملۇقنى تىلەپ تۇرسىمۇ ؟
باغرى تاش بىۋاپا مىشچان بولسىمۇ ؟
كەتسىمۇ يىراققا ياكى ئۆلسىمۇ ؟
ئۇنتۇش مومكىنمۇ تۇنجى سۆيگەننى .

كۈلسىمۇ ،يۈرسىمۇ  باشقىلار بىلەن .
ئۇچىراپ قالسىمۇ ئۇنىڭدىن بەلەن .
قالدۇرغان بولسىمۇ ھەسرەت ۋە ئەلەم .
ئۇنتۇش مومكىنمۇ تۇنجى سۆيگەننى .

ئاپتورى مىليونىر

كۆيۈپ قالدىممۇ كۆيدۈرۋالدىڭمۇ

كۆيۈپ قالدىممۇ كۆيدۈرۋالدىڭمۇ ،
تۇرار سىمايىڭ كۆزئالدىمدىلا .
سېنىڭ بۇلاقتەك كۆزلىرىڭ گۈلۈم ،
تۇرۇدۇ ھەرۋاق خىيالىمدىلا .

كۆيۈپ قالدىممۇ كۆيدۈرۋالدىڭمۇ  ،
سەندىن باشقىنى كۆرگۈم كەلمەيدۇ .
سەن ئۈچۈن بىرەر ئەشئار پۈتمىسەم ،
كۆزۈمگە پەقەت ئۇيقۇ كەلمەيدۇ .

كۆيۈپ قالدىممۇ كۆيدۈرۋالدىڭمۇ  ،
سېنى كۆرىمەن كۆرگەن چۈشۈمدە .
سېنىڭ ھەسەلدەك سۆزلىرىڭ گۈلۈم ،
جاراڭلار دائىم قۇلاق تۈۋۈمدە .

كۆيۈپ قالدىممۇ كۆيدۈرۋالدىڭمۇ  ،
كۆزلىرىم نىچۇن ساڭا قارايدۇ ؟
كۆڭلۈم تەلمۈرۈپ سېنىڭ كۆڭلۈڭگە ،
سەندىن مۇھەببەت سۆيگۈ سورايدۇ ؟ .

ئاپتورى مىليونىر

                              بىلەلمىدىم ئايرىلىمىز نە ئۈچۈن ؟؟؟

   شۇچاغلاردا  يېنىمدا سەن بولغاچ كۈنلىرىم خوشال ئىدى .شۇچاغلاردا سەن مېنى چىن دىلىڭدىن سۆيگەچكە كۆڭلۈم پۈتۈن ئىدى .
شۇچاغلاردا  سەن ماڭا ئىشەنگەچكە مەن ئىنتايىن خاتىرجەم ئىدىم . بىراق  بۇ كۈنلىرىم ئۇزاققا بارمىدى مەن سېنى چىن قەلبىمدىن سۆيگەن قەدىرلىگەن ئىدىم . ۋىژدانىم ، يۈرۈگۈم ،روھىم ساڭا تەئەللۇق ئىدى.   بىر كۈنى تۇيۇقسىزلا  بىز ئايرىلىپ كېتەيلى دېدىڭ . مەن قوشۇلمۇدۇم .  قايتا قايتا سەبىنى سورۇدۇم . سەندىن پەقەت بىرلا جاۋاپ كېلەتتى،- مېنى كەچۈرۈڭ مىليونىر ‹‹مەن سىز ئويلىغاندەك ياخشى قىز ئەمەس››. ،-شۇنداق دەپلا سەن كېتىپ قالدىڭ  ئۆزۈمدىن ۋە سېنىڭدىن قايتا -قايتا  سورۇدۇم .  ئېيتقىن گۈلۈم ئايرىلىمىز نە ئۈچۈن ؟؟؟ كاللامدا تۈمەنمىڭ سۇئال ئۇ مەن بىلەن  كۆڭۈل خوشى قاتارى مۇھەببەتلىشىپ قويدىمۇ يە ؟  ياق دەيتىم ئۆز-ئۆزۈمگە ، ئۇنداق قىزلاردەك ئەمەستى . ئاتا-ئانىسى باشقا بىرىگە مەجبۇرىي ياتلىق قىلۋەتمەكچى  بولدىمۇ يە ؟ياق دەيتىم ئۆز-ئۆزۈمگە ، ئۇ بۇتوغۇرسىدا ئۇ ماڭا بىرەر قېتىم ئېغىز ئېچىپ باقمىغان تۇرسا .  مەن خاپا قىلىپ قويدۇممۇ يا ؟ ياق دەيتىم ئۆز-ئۆزۈمگە ، شۇنداق بولغاندىمۇ ئايرىلىپ كەتمەس .مېنى كەچۈرۈڭ مىليونىر ‹‹مەن سىز ئويلىغاندەك ياخشى قىز ئەمەس››. دېگەن سۆزۈڭ قۇلاق تۈۋۈمدە جارڭلاپ  كاللامغا قورقۇنۇشلۇق بىر  سۇئال كەلدى  گۈلۈم سېنىىڭ  سەن ئىپپەتسىز قىزمۇ يە ؟

ئېيتقىن گۈلۈم ئايرىلىمىز نە ئۈچۈن ؟؟؟
شۇ چاغلاردا گۈزەل يارىم ئىدىڭغۇ ،
ئازاپلاردا كۆز ياشلىرىم ئىدىڭغۇ .
بەخت بەرمەي كەتتىڭ نىچۈن يېنىمدىن ،
ۋاپادارىم  گۈل نىگارىم  ئىدىڭغۇ .

سەپىرىمدە ماڭا ھەمدەم ئىدىڭغۇ ،
مۈشكۈللەردە ماڭا ياردەم ئىدىڭغۇ .
ئازار بېرىپ قويدۇممۇ يا كۆڭلىڭگە ،
چۆلدە قالسام ماڭا زەم زەم ئىدىڭغۇ .

يۈرۈگۈمنىڭ  خوشاللىغى ئىدىڭغۇ ،
بۇ كۆڭۈلنىڭ ئىنتىزارى ئىدىڭغۇ .
كۆزلىرىڭگە قاراپ ،قاراپ تويماستم ،
ھاياتىمنىڭ نەۋباھارى ئىدىڭغۇ  ،

ئايرىلماسقا ۋەدە بەرگەن ئىدىڭغۇ ،
ئەزىزەم دەپ مېنى سۆيگەن ئىدىڭغۇ .
ئېيتقىن گۈلۈم ئايرىلىمىز نە ئۈچۈن ؟؟؟
بىللە يىغلاپ بىللە كۈلگەن ئىدىڭغۇ .

ئاپتورى مىليونىر


ئويلان ئۇيغۇر ، ئۇيغۇر دېگەن ئىسمىڭ بىر  .
ئويلان ئۇيغۇر  مەدىنيىتىڭ ، تىلىڭ  بىر  .
ئويلان ئۇيغۇر يېزىقىڭ بىر  ،  دىنىڭ بىر  .
ئويلان  ئۇيغۇر  قاچان بولۇر دىلىڭ  بىر .

قايغۇرما دۇنيا

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64415
يازما سانى: 496
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6462
تۆھپە نۇمۇرى: 499
توردا: 695 سائەت
تىزىم: 2011-11-10
ئاخىرقى: 2013-12-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-22 10:33:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قولىڭىزغا دەرت بەرمىگەي ،توي قىلغاندا خەت بەرمىگەي ...ھى ھى چاق چاق جۇمۇ مىليونىركا ...
[mp3=1]http://www.cs.cmu.edu/~hulya/sarkilar/Candan%20Ercetin%20-%20Sensizlik.mp3[/mp3]

بىللەيىغلاپ بىللە كۈلگەن ئىدوققۇ،
ئەمدى قاچنىڭ مىنى تاشلاپ نەلەرگە.
ۋۇجۇدىمغا ئورناپ كەتكەن سىمايىڭ ،
توزغاق كەبى ئۇچۇپ كەتتى ھەر يەرگە.

ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا بەل قويىۋىتىش،مەغلوبىيەتنىڭ ئىككى ھەسسىلىنىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60437
يازما سانى: 187
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4175
تۆھپە نۇمۇرى: 239
توردا: 1213 سائەت
تىزىم: 2011-10-14
ئاخىرقى: 2011-12-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-22 10:36:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۈركىيەنىڭ مۇھەببەت ھىكايىسى سۆزلىنىپ ئېيتىدىغان ناخشىلىرىنىڭ پۇرىقى كېلىۋاتامدۇ؟ سىز سۆيگەن قىز نىمىدىگەن ئىسىل، ۋاز كىچىشنىڭ ئۆزىمۇ مۇھەببەت.

تىزىملاتقان ئىسمىمنى ئامىلەگە ئۆزگەرتكۈم بار ئىدى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65382
يازما سانى: 180
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8267
تۆھپە نۇمۇرى: 1490
توردا: 528 سائەت
تىزىم: 2011-11-16
ئاخىرقى: 2012-12-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-22 10:45:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوبرازلىق بوپتۇ..

بەگزادە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20185
يازما سانى: 235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6360
تۆھپە نۇمۇرى: 510
توردا: 1941 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2015-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-22 10:49:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھەببەت ھەر بىر ئادەم قەلبىدە ھىس قىلىدىغان بىر تاتلىق تۇيغۇ، مۇھەببەت ۋاقتى كەلسە ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش بەدىلىگە ئېرىشىغان ساپ ۋە مەڭگۈلۈك بەىت، مۇھەببەت چىكى يوق گۈزەل بىر چىغىر يول، مۇھەببەت مەڭگۈ قۇرىماس بۇلاق...
مۇھەببەت بىر شىرىن ئازاپ، مۇھەببەت مەڭگۈلۈك يىڭىلدۈرگۈچى، مۇھەببەت  بەزىدە بولسا ھالاك قىلغۇچى...
ئويلايمەن، ھەقىقى  ۋە ساپ مۇھەببەت ئىنساننى ئۈمىت ۋە ئىستەكلەرگە باشلىغۇچى، روھنى پاك، جىسمىمىزنى تاۋلىغۇچى.

سەمىمىيلىك ئەڭ ئېسىل ئەخلاق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16221
يازما سانى: 678
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8930
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 1963 سائەت
تىزىم: 2010-11-4
ئاخىرقى: 2015-2-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-22 11:30:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ شىېر مىنى يېقىندا ۋاپات بۇلۇپ،مىنى قاتتىق ئازاپتا قۇيۇپ كىتىپ قالغان ئەڭ مىھىرىبان،ئەڭ كۈيۈمچان،ئەڭ ۋاپادار ئايالىم نۇرنىساخاننى چۇڭقۇر ئەسلەتتى،شۇڭامىليونىر ئەپەندىگە چىن دىلىمدىن رەىمەت ئىيتىمەن!قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن!

ئۆزۈم ئۈچۈن ياشا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 70494
يازما سانى: 119
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4065
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 96 سائەت
تىزىم: 2011-12-16
ئاخىرقى: 2012-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-22 12:11:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھەببەت ......
بەك ئىچىمنى سىقىۋەتتى بۇ مۇھەببەت

...؟...!!!

تەركىن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2059
يازما سانى: 624
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10204
تۆھپە نۇمۇرى: 962
توردا: 475 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-22 12:35:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

6قەۋەتتىكى(umar184) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇ

سەۋىر قىلىڭ قىرىندىشىم.ھەممىسى اللاھنىڭ ئىلكىدىكى ئىش. ئىگىمىز سىزگە يەنە بىر ۋاپادار ھەمراھنى ئىۋەتىپ قالار.

ئىمان روھنىڭ قاراۋۇلى،ئەخلاق ئىززەتنىڭ سەرمايىسى.

تەركىن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2059
يازما سانى: 624
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10204
تۆھپە نۇمۇرى: 962
توردا: 475 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-22 12:35:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

7قەۋەتتىكى(omak~layla) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قال

قانداق دەيسىز؟

ئىمان روھنىڭ قاراۋۇلى،ئەخلاق ئىززەتنىڭ سەرمايىسى.

ئۆزۈم ئۈچۈن ياشا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 70494
يازما سانى: 119
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4065
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 96 سائەت
تىزىم: 2011-12-16
ئاخىرقى: 2012-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-22 01:12:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

9قەۋەتتىكى(TaRKiN) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇ

ئازاپتىن باشقا ئىش يوق ...
ۋاقىت ئىسراپچىلىقى ،مۇھەببەتكە كەتكەن ۋاقىتنى باشقا ئىشقا قاراتسا كۈنى تىخىمۇ مەنىلىك ئۆتىدۇ ئەمەسمۇ ...
توي قىلىپ بولغاندىن كىيىن مۇھەببەتلەشسىمۇ كىچىكمەيدۇ ،تويدىن بۇرۇنكى مۇھەببەتنىڭ .ايىغى چىقىشى ناتايىن ...
ئالداش -ئالدىنىش ...ئازاپ ،ھەسرەت ،يىغا ...ئاغرىنىش ...

...؟...!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش