مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 992|ئىنكاس: 9

ئەرلەر ساغلاملىقدىكى ‹‹ 7 چوڭ قاتىل ›› نىڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 5612
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 113768
تۆھپە نۇمۇرى: 2593
توردا: 6828 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2012-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-10 12:08:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

3 – قاتىل:  يەللىك بوغۇم ئاغرىقى ( 痛风性关节炎 )

يەللىك بوغۇم ئاغرىقى بولسا ئاستا خاراكتېرلىك مېتابولىزم قالايمىقانلىشىش كېسىلى، ئاساسى ئالاھىدىلىكى بەدەن ئىچىدىكى بورات (سۈيدۈك كىسلاتا تۇزى) كۆپ مىقداردا ھاسىل بولۇشى ياكى بۆرەكنىڭ بورات كىسلاتانى چىقىرىشىنىڭ كېمىيىشى تۈپەيلى قان سۇيۇقلۇقى بورات كىسلاتاسىنىڭ قويۇقلۇقىنىڭ ئارتىپ كېتىشىنى كۆرسىتىدۇ . كلىنىكىدا يۇقىرى سۈيدۈك  كىسلاتالىق قان كېسىلى دەپ ئاتىلىدۇ .

ئاساسلىق ئالامەتلىرى : بوغۇم ياللۇغى قايتا-قايتا قوزغىلىش ، بۆرەك سانجىقى ، قان سىيىش ، بۆرەك جامىغا قان يىغىلىش .

تەھدىتكە ئۇچراۋاتقان كىشىلەر : 40 ياشلار ئۆپچۆرىسىدىكى ئەرلەر .

يەللىك بوغۇم ئاغرىقى بولسا قەدىمكى كېسەل بولۇپ ھەم يېقىنقى يىللاردىن بويان كۆپ كۆرۈلۈۋاتقان بىر خىل سۇزۇلما كېسەلىك، كېسەللىك جەريانى ئون نەچچە يىلدىن يۇقىرى ھەمدە مۇددەتلىك قوزغىلىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، كىشىلەر ھەمىشە بۇ خىل كېسەلگە ئېتىبار بېرىپ كەتمەيدۇ، ئۇنىڭ خەتىرىگە بولغان تونۇشىمۇ يېتەرلىك ئەمەس .  يەللىك بوغۇم ئاغرىقى ھەرقايسى ياشلىقلاردا ئوخشاشلا كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بار، ئەڭ كۆپ كۈرۈلىدىغانلىرى بولسا 40 ياشتىن ئاشقان ئوتتۇرا ياش ئەرلەر .

4-قاتىل : راك كېسىلى ( 癌症 )

ئاشقازان راكى ئەرلەر ئاسان گىرىپتار بولىدىغان راك كېسىلىدۇر . دۆلىتىمىزدە ئاشقازان راكى بىلەن ئۈلۈش نىسبىتى ھەر قايسى راك كېسەللىكلىرىگە نىسبەتەن ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ . بۇ خىل كېسەل ئاشقازاندىكى مەلۇم كېسەللىكلەر ، يېمەكلىك تەركىبىدىكى راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلار ۋە ئىرسىي ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك .

ئاساسلىق ئالامەتلىرى : ئۈستۈنكى قورساق كۆپۈپ ئاغرىش، يوشۇرۇن ئاغرىش، تاماقتىن سەسكىنىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، ئېغىرلاشما كەمقانلىق كېسىلى ۋە ئۇرۇقلاش، ئېغىرلاش مەزگىلىدە يۇقىرىقى قورساق قىسمىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق مۇنەكچىنى بىلگىلى بولىدۇ، تەرەتتىكى يوشۇرۇن قان مۇسبەت بولىدۇ .

تەھدىتكە ئۇچراۋاتقان كىشىلەر : جەمەت خاراكتېرلىك كېسەللىك تارىخى بار ئەرلەر ، 30 ياشتىن 50 ياشقىچە بولغان ئەرلەر ، ئاشقازان راكى بىلەن «قېرىنداش» بولغان قىزىل ئۆڭگەچ راكى، چوڭ ئۈچەي راكى، يامان سۈپەتلىك لىمفا راكىغا ئوخشاشلا گىرىپتار بولغان بىمارلار ئىچدە ئاياللارغا قارىغاندا ئەرلەرنىڭ سانى خېلىلا كۆپ. قىزىل ئۆڭگەچ راكى كۈپ ئۇچرايدىغان ھەزىم قىلىش راكى بولۇپ، دۆلىتىمىزدىكى كېسەلىك قوزغىلىش نىسبىتى پۈتۈن دۇنيانىڭ %60 نى ئىگىلەيدۇ؛ چوڭ ئۈچەي راكى بوغماق ئۈچەي راكى ۋە تۈز ئۈچەي راكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەر-ئايالنىڭ كېسەللىك كۆرۈلۈش نىسبىتى 2:1 ؛ يامان سۈپەتلىك لىمفا راكىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ،پۈتۈن بەدەن كېسەللىك قوزغالغانلار بىر قەدەر ئاز ، بىراق ئەرلەردە بۇ خىل كېسەللىكنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشى يەنىلا بىزنىڭ ئېتىبارىمىزنى قوزغايدۇ .

5-قاتىل: تۇتقاقلىق كېسىلى ( 癫痫 )

تۇتقاقلىق كېسىلى ئىلگىرى ئېپىلېپسىيە دەپمۇ ئاتالغان. مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھەددىدىن ئارتۇق زەرەت قۇيۇپ بېرىشىدىن قايتا-قايتا قوزغىلىدىغان تۇيۇقسىز ھەم قىسقا ۋاقىتلىق مېڭە فۇنكسىيە تەڭپۇڭلىقىنىڭ بۇزۇلۇشىنى كۆرسىتىدۇ. ھەرىكەت، سېزىم، ئاڭ، ۋىگىتاتىپ نېرۋا، روھى-ھالەت قاتارلىقلارنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشىدا ياكى ھەممە ئالامەتلەر بىرلا ۋاقىتتا يۈز بېرىشىدە ئىپادىلىنىدۇ .

ئاساسلىق ئالامەتلىرى: ئەس-ھوشىنىڭ تۇيۇقسىز يوقلىشى، پۇت-قولنىڭ تارتىشىش، ئاغزىدىن شۆلگەي ئېقىش ياكى جۆيلۈش، ھوشىغا كەلگەندە نورمال ئادەملەر بىلەن پەرقى بولمايدۇ .

تەھدىتكە ئۇچراۋاتقان كىشىلەر: 30 ياش ئەتراپىدىكى ئاق ياقلىق ئەرلەر .

دۆلىتىمىزدە ھازىر 6 مىليونغا يېقىن تۇتقاقلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار بار ھەمدە يىلىغا 270 مىڭ ئادەم بۇخىل كېسەلگە گىرىپتار بولماقتا . ئادەتتە ، تۇتقاقلىق كېسىلىنىڭ قوزغىلىشى ياش بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىلىدۇ . ئاساسلىقى ياشلىق دەۋردە قوزغىلىدۇ ، 30 ياشتىن بۇرۇن قوزغىلىش نىسبىتى %66 نى ئىگىلەيدۇ ، 50 ياشتىن كېيىن %15 گە يەتمەيدۇ .

6- قاتىل: دىئابىت(  قەنت سىيىش) كېسىلى (糖尿病)دىئابىت(  قەنت سىيىش) كېسىلى كۆپ كۆرۈلىدىغان ئىچكى ئاجراتما مېتابولىزم كېسىلىنى كۆرسىتىدۇ. بەدەندىكى ئىنسۇلىننىڭ مۇتلەق ياكى نىسپىي كەم بولۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغان يۇقىرى قان شېكىرىنى ئاساسى ئالاھىدىلىك قىلغان بىرخىل ئۆمۈرلۈك كېسەل .

ئاساسلىق ئالامەتلىرى : كۆپ يېيىش، كۆپ ئىچىش، كۆپ سىيىش، بەدەن ئېغىرلىقى چۈشۈش، يەنە بۆرەك كېسىلىنى، كۆرۈش تور پەردىسى كېسەللىك ئۆزگىرىشى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش مۇمكىنچىلىكى بار .

تەھدىتكە ئۇچراۋاتقان كىشىلەر : 30 ياشتىن يۇقىرى ئەرلەر .

ئادەم بەدىنىدە بەلگىلىك قويۇقلۇقتىكى گلۇكوزا (قەنت) كۈندىلىك تۇرمۇش ھەرىكەتلەر ئۈچۈن ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ . بىز ئوزۇقلانغاندىن كېيىن قاندىكى گلۇكوزىنىڭ قويۇقلۇقى ئۆرلەيدۇ ، ئىنسۇلىننىڭ تەسىرىدە قاندىكى گلۇكوزا ھۈجەيرە ئىچىگە كىرىدۇ ھەم بىر قاتار بىئو-خىمىيىۋىلىك رېئاكسىيە ئارقىلىق ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ . ئادەم بەدىنىدە ئىنسۇلىن كەم بولسا ياكى ئۆز رولىنى تۇللۇق جارى قىلدۇرالمىسا ، قان تەركىبىدىكى گلۇكوزا ھۈجەيرە ئىچىگە نورمال شەكىلدە كىرەلمەي مېتابولىزم ئېلىپ بارالمايدۇ . بۇ ئارقىلىق قان تەركىبىدىكى گلۇكوزىنىڭ نورمالسىز ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ قەنت سىيىش كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ . تەرەققىي قىلغان ئەللەردە قەنت سىيىش كېسىلىنىڭ گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %10~5 گە يېتىدۇ . دۆلىتىمىزدە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %3 گە يەتتى .

7-قاتىل : يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى ( 心血管疾病)يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى يۈرەك كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىم، قاندىكى ماي مىقدارىنىڭ يۇقىرىلاپ كېتىشى  قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كېسەللىك سەۋەبى ئاساسلىقى ئارتېرىيە قېتىش . ئارتېرىيە قېتىش بولسا ئارتېرىيە تومۇرى ئىچكى دىۋارىدا ياغ ، خولېسترول قاتارلىقلارنىڭ چۆكمە بولۇپ يىغىلىشى ھەمدە تالا توقۇلمىسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە كالتسىيلىشىش قاتارلىق كېسەللىك ئۆزگىرىشلەرنى كۆرسىتىدۇ .  بۇ خىل كېسەللىك ئۆزگىرىشى يۈرەك تاجىسىمان ئارتېرىيەگە تەرەققىي قىلغاندا تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى ، يۈرەك سانجىقى ، سەكتە شەكىللىنىدۇ ھەمدە جىددىي خاراكتېرلىك ئۈلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

ئاساسلىق ئالامەتلىرى : يۈرەك سىقىلىش، نەپەس قىيىنلىشىش، باش ئاغرىش، كۆكرەك ئاغرىش، ماغدۇرسىزلىنىش، باش قېيىش .

تەھدىتكە ئۇچراۋاتقان كىشىلەر : 45~30 ياشتىكى ئەرلەر .

يۈرەك مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ قوزغىلىشى ، تەرەققىي قىلىشى كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك . «قوزغىلىش نىسبىتى يۇقىرى ، ئۈلۈش نىسبىتى يۇقىرى ، پالەچ بولۇش نىسبىتى يۇقىرى ، قايتا قوزغىلىش نىسبىتى يۇقىرى» ھەمدە «كۆپ خىل كېسەللىك تەڭ قوزغىلىش»دىن ئىبارەت تۆت يۇقىرى بىر كۆپ بولۇش ئالاھىدىلىككە ئىگە .

يۈرەك مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى ئاللىبۇرۇن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەرىپىدىن كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغان « باش جىنايەتچى»دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى . پۈتۈن دۇنيادا ھەر يىلى تەخمىنەن 15 مىليون ئادەم يۈرەك مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ . دۆلىتىمىزدە ھەر يىلى تەخمىنەن 4 مىليون ئادەم مۇشۇ كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىدۇ .

تۇرمۇش سەۋىيىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بولسا بىزنىڭ ئۇلاردىن يىراق تۇرۇشىمىزنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلىدۇر . ئەمەلىيەتتە ئالدىنى ئېلىش ئۇنچە تەس ئەمەس ، پەقەت سىز ئاخىرغىچە بەرداشلىق بېرەلىسىڭىزلا ، ھەقىقى ئەركەك بولۇش ھەرگىزمۇ بىر جۈملە قۇرۇق گەپ ئەمەس

.ihttp://www.eldawa.com/


تېمىنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى يۇقۇرى بولغانلىقتىنن بۇ يەرگە يۆتكەپ ، كۆپچىلىكنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن سۇندۇم . ئەلداۋا مۇنبىرىدىكىلەرگە تەشەككۈرلىرىمىز بولسۇن .


يۈرۈگۈم نىمىنى تەلەپ قىلىسەن؟  ماڭا ئۇختۇرغىن ، اللە نىڭ نامى بىلەن ئۇقتۇرغىن!

ئۇيغۇر-ئۇيغۇردە

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47689
يازما سانى: 1277
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 14635
تۆھپە نۇمۇرى: 1196
توردا: 2033 سائەت
تىزىم: 2011-7-13
ئاخىرقى: 2012-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-10 12:27:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇغ  خۇدا، شۇ قاتىللاردىن  يىراق  قىلغايسەن.

ئوغلۇم ، ئىسىڭدە چىڭ تۇت، ئاتاڭ ئۇيغۇر،ئاناڭ ئۇيغۇر.تۇمۇرۇڭدا ئېقىۋاتقىنى ئۇيغۇرنىڭ  قېنى.........

مەن ئۇيغۇر!!!!!!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60399
يازما سانى: 370
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2923
تۆھپە نۇمۇرى: 310
توردا: 2075 سائەت
تىزىم: 2011-10-14
ئاخىرقى: 2012-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-10 12:33:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز ، خېلى نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم،بىر گەپ ئېسىمدا بار .
1000000000000000000000
ئاۋۇ بىرنىڭ كەينىدىكى نۆللەر بايلىقىڭىزغا ، بەخىتلىك تۇرمۇشىڭىزغا ،ماشىنىڭىزغا، بالىڭىزغا،يەنە.......لارغا ۋەكىلللىك قىلسا ئاۋۇ بىر سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىزغا ۋەكىللىك قىلىدۇ ئەگەر شۇ بىر بولمىسا كەينىدىكى نۆللەر ئۆز ئىپادىسىنى تاپالمايدۇ.

مۇشۇ گەپنى ئاڭلاپ سالامەتلىكنىڭ مۇھىمىقىنى تېخىمۇ ھېس قىلغانتىم....

ئېزىڭدىن تىكەن ئۈنسە ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىغا سانجىلار!

بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتدۇ

مەستانە ئـــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28086
يازما سانى: 1572
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10261
تۆھپە نۇمۇرى: 1357
توردا: 4563 سائەت
تىزىم: 2011-1-28
ئاخىرقى: 2012-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-10 02:33:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي مەن خاتا كىرىپ قاپتىمەن ئەمەسما

قەدىرلىگىن قەدىرىڭىنى بىلگەن قەدىرلىگڭىنى ،قەدىرلىمىگىن قەدىرىڭىنى بىلمىگەن قەدىرسىزنى ،ئالدىڭغا كەلگەن سۆيگۈنى قەدىرلە ،كىشى ئالدىغا سۆيگۈ تىلەپ بارما .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 54927
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 737
تۆھپە نۇمۇرى: 249
توردا: 913 سائەت
تىزىم: 2011-9-5
ئاخىرقى: 2012-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-10 12:45:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ تىنىمزنى سالامەت قىلسۇن ئامىن !!!!!!

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 5612
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 113768
تۆھپە نۇمۇرى: 2593
توردا: 6828 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2012-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-10 05:45:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Re:ئاپتور(zulayha) نىڭ تېمىسىغا

ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 3قەۋەت  رافىت كە 2011-12-10 02:21 AMئەۋەتىلدى ئاپتور(zulayha) نىڭ تېمىسىغا :
جاپا چىكىپتىلا ئاچو رەخمەت بىلۋالدىم   
جاپا چەكمىدىم ئۇكوم . بىلىۋالغىنىڭىزدىن خۇرسەنمەن .

يۈرۈگۈم نىمىنى تەلەپ قىلىسەن؟  ماڭا ئۇختۇرغىن ، اللە نىڭ نامى بىلەن ئۇقتۇرغىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7021
يازما سانى: 488
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9447
تۆھپە نۇمۇرى: 1844
توردا: 594 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2012-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-10 10:00:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خۇدايىم ساقلىسۇن

ئويلان ئۇيغۇر ، ئۇيغۇر دېگەن ئىسمىڭ بىر  .
ئويلان ئۇيغۇر  مەدىنيىتىڭ ، تىلىڭ  بىر  .
ئويلان ئۇيغۇر يېزىقىڭ بىر  ،  دىنىڭ بىر  .
ئويلان  ئۇيغۇر  قاچان بولۇر دىلىڭ  بىر .

سۇ كىېتىپ تاش قا

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23611
يازما سانى: 1432
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9021
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 4125 سائەت
تىزىم: 2010-12-24
ئاخىرقى: 2012-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-10 10:16:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەرقانداق كىسەكدىن خۇدايىم ساخكىغاي.

سۇ كىېتىپ تاش قا

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23611
يازما سانى: 1432
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9021
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 4125 سائەت
تىزىم: 2010-12-24
ئاخىرقى: 2012-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-10 10:16:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72012
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 142
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 88 سائەت
تىزىم: 2011-12-26
ئاخىرقى: 2012-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-15 02:01:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
:qiray11

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش