مۇھەببەت-ھاياتىڭىزغا بېرىلگەن ئەڭ گۈزەل،ئەڭ مۇپەسسەل ،ئەڭ يارقىن ۋە ھەم قەدىر-قىممىتى ئەڭ تەڭداشسىز زەر ھەل.
مۇھەببەتنى كۈيلىمەس كىم بار،
مۇھەببەتچە تىزىلسا قۇرلار.
مۇھەببەتنى سۆيمەس كىم نىچۇن،
مۇھەببەتچە جاۋاپ بەر قوللار.
مۇھەببەت قۇچۇقۇمدا پەيدا بولغاندا مەنمۇ ئۇنۇڭدەك تولىمۇ بىغۇبار،سەبى،ساددا تامچە ئىدىم.مۇھەببەت دېماقلىرىمغا ئۇرۇلۇپ ماڭا يىڭى تاڭلارنى ،ماڭا باھاردەك ئىللىق ۋە راھەتلىك تۈنلەرنى سۇندى.
مۇھەببەتتىن كۆز ئاچقان جانمەن،
مۇھەببەت بار ھەر بىر تېنىقتا.
مۇھەببەتىن غالىپمەن،شادمەن،
مۇھەببەت يار دەشتى،ئېقىندا.
مۇھەببەت شۇنداق گۈلكى ئۇ پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىزغا دەستىلەنگەن ئەبدىلىك توزىماس گۈل.مۇھەببەت قاچان ۋە قانداق سىزدە پەيدا بولسۇن ئەنە شۇندىن ئىتىبارەن ئۆزىڭىزنىڭ دۇنياغا قايتا كۆز ئاچقىنىڭىزنى بايقايسىز.
مۇھەببەتنىڭ خالىدۇر پاكلىق،
مۇھەببەتتۇر قورقۇمسىز ھۆكۈم.
مۇھەببەتنىڭ ئۇۋالى تەنھالىق،
مۇھەببەتتۇر تىرىكلىك بىر يۇتۇم.
مۇھەببەت مىنى ئەركىلىتىپ مەڭزىللىرىم،پىشانىللىرىمگە سۆيگەن ئەشۇ دەقىقىلەردىن ئىتىبارەن ئۆزەمنىڭ دۇنيادا بەخىت ۋە خوشاللىقنىڭ بىردىن بىر ئەلچىسى ئىكەنلىكىمنى بار ئاۋازىم ۋە بار ھېسياتىم بىلەن داغ-دۇغا قىلدىم.مۇھەببەت مىنى ئاستا-ئاستا بوي سۇندۇرغاندا ئۇنىڭ ئەشۇ تاتلىق ،شېرىن دەملىرىنىڭ ئازاپ،ھېجرانلاردەك تولدۇرغۇسىز بەدەللەر مەقبەرىسىدە روياپقا چېقىدىغانلىقىنى چۈشۈنۈشكە باشلىدىم.
مۇھەببەتتە كۈلەر جاھانمۇ،
مۇھەببەتسىز خار ھەتتا ئىنسان.
مۇھەببەتتە كۆكلەر گىياھمۇ،
مۇھەببەتسىز زار دەريا -ئوكيان.
مۇھەببەت سىزگە ھەمرا بولغاندا ئالەمنىڭ غارايىپلىقى،تەبىئەتنىڭ گۈزەللىگى،ھاياتنىڭ مۇقەددەسلىگى،راڭگا-رەڭ ئىنسانلار جەميىتى،كىشىلىك مۇناسىۋەت ،ياشاش ۋە تۇرمۇش...ھەممە ۋە ھەممىگە سىزنى يىڭىدىن .تېخى تۇنجى قېتىم ئەكىرىپ كېتىۋاتقاندەك تۇيىلىدۇ.ئەنە دەل شۇندىن ئىتىبارەن سىز مۇھەببەت ئاتالغۇسى ئۈستىدە قايتا ئويلۇنۇشقا ۋە ھەتتا بىرەر مۇكەممەل چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشنى ئويلايسىز.
مۇھەببەتكە بۆلەنگەن تېنىم ،
مۇھەببەتچۈن دەس تۇرار ھەر چاغ.
مۇھەببەتكە يۆگەلگەن قېنىم،
مۇھەببەتچۈن ياندۇرار چېراغ.
دەرۋەقە ،مۇھەببەتنىڭ ھارارىتى قوياش نۇرىدىنمۇ كۈشلۈك ئىكەن.بۇ ھارارەت ماڭا ئاجايىپ گۈزەل ئارمانلار بىلەن ئېشىك ئېچىپ تۈگۈمەس شىجائەت بىلەن تىرىشىشنىڭ غەيرەتلىرىنى ئىرادە قىلدى.
مۇھەببەت تەقدىم قىلىش دىمەكتۇر.سىز تۆلىگەن بەدەللەرنىڭ مەزمۇنى قانچە دەبدەبىلىك بولغانسىرى سىز ئېرىشمەكچى بولغان مۇھەببەت نىممىتى ھەم شۇنچە ئۇنتۇلماس ۋە سەلتەنەتلىك.
كەل دىلبىرىم ،ئىككىمىز بۇ قاينامدىن تەڭ ۋە تەڭ ئۈزۈپ چېقايلى.
مەنبە؛ئۆزۈم .