مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1864|ئىنكاس: 29

سىنى ئۇنتۇپ كەتسەمكەن دەيمەن ! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3865
يازما سانى: 342
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9390
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 1772 سائەت
تىزىم: 2010-7-13
ئاخىرقى: 2014-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-26 03:10:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز مۇشۇنداقلا  ئايرىلدۇق .
گەرچە سەندىن ئايرىلىپ قالغىنىمغا ئىشەنگىم كەلمىسىمۇ ، سىنىڭ ئايرىلىپ كىتەيلى دىگەن تەلىۋىمگە ،مەن كۈتكەندەك ياق ! سەندىن ئايرىلمايمەن دىمەي ، كەينىڭگە ئۆرلۈپلا كىتىپ قالغىنىڭدەك بۇ رەھىمسىز رىئاللىققا تەن بەرگۈم كەلمىسىمۇ ، سىنىڭ بارغانسىرى يىراقلاپ كىتىۋاتقان سىمايىڭغا قاراپ تۇرۇشتىن باشقىنى قىلالمىدىم . خائىن ياشلىرىم مەڭزىمنى ھۆل قىپ،مىنىڭ نەقەدەر ئاجىز ، نەقەدەر يارىماسلىقىمنى ئاشكارلىدى . شۇ تاپتا كەينىڭگە ئۆرۈلۈپ  ماڭا بىرنى قاراپ قويۇشۇڭنى بەكمۇ ئۈمۈت قىلغان ئىدىم ،
ئەپسۇس ! سەن خۇددى مىنىڭ گىپمنى ياندۇرۋىلىشىمدىن قورىققاندەكلا  تىز -تىز  مىڭىپ كىتىپ قالدىڭ . قانداق قىپمۇ ئىچ ئىچىمدىن كۆتۈرلۈپ چىققان يىغا كەلكۈنىنى توسۇپ قالالمىدىم ، چۈنكى مەن راستلا سىنى يوقاتقان ئىدىم .
تۇرغان جايىمدا ئولتۇرۇپ بار ئاۋازىم  بىلەن يىغلىدىم ،  يولدىن ئۆتۈۋاتقان كىشىلەر ھەيرانلىق بىلەن بىلەن ماڭا قاراشماقتا ئىدى .  مەن ئەزەلدىن باشقىلارنىڭ ئالدىدا يىغلاپ باقمىغان ، ئەمما شۇ دەقىقىدە ئازاپتىن يۈرەكلىرى پارە -پارە بولغان ئادەم ئۈچۈن باشقىلارنىڭ نىمە دەپ ئويلىشى بەرىبىر ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتىم ، ئۆكسۈشلىرىم ئۈنسىز ياش تۆكۈشكە ئالماشقاندا بولسا ، مەن ئۆزەمنىڭ نەدە، كىم ئۈچۈن نىمە ئىش قىلۋاتقانلىقىمنى ئۇنۇتقان ئىدىم .....
سىنى سۆيۈپ قالغاندىن باشلاپ ، سەنسىز ھاياتنى تەسەۋۋۇر قىپ باقمىغان ئىدىم . سىنى يوقاتقاندىن كىيىن ،سەن بولمىساڭمۇ ئوخشاشلا ياشايدىغانلىقىمنى ھىس قىلدىم . ئوخشىمايدىغىنى ، بۇرۇنقى ھەممىگە مەغرۇر تىكىلىدىغان كۆزلىرىمدە سوغۇق بىر ئازاپ قىتىپ قالغان ئىدى .
يان تىلفۇنۇمنى يىراقلارغا ئىتىۋەتتىم ، چۈنكى ئەمدى ئۇنىڭ ماڭا نىسبەتەن  ھىچقانداق ئىشلىتىش قىممىتى قالمىغان ئىدى ، ئۇنىڭغا مىڭ قىتىم قارىساممۇ ،
كىچىلىرى يۈرۈكۈمگە تىڭىپ ياتساممۇ ، ئىرىشىدىغىنىم مەن تەلمۈرگەن تونۇش نۇمۇرلار ئەمەس بەلكى ئۈمۈتسىزلىك ئىدى .
بەزىلەرنىڭ مەسخىرىلىك ،بەزىلەرنىڭ ھىسداشلىق بىلەن تىكىلىشلىرگە ، سوغۇق كۈلكەم بىلەن جاۋاپ بەردىم . مىنىڭ پەرۋاسىزلىقىم  ئۇلار ئۈچۈن يىڭىلىق تۇيۇلسا كىرەك ، بىر كۈنى ماڭا ئاڭلىتىپ تۇرۇپ دىدى :- خەخكە قىلسا ئاشۇنداق ئۆزىگە يىنىپ قالىدۇ . ھالىنى ھارۋا تارتالمايتتىغۇ بەزىلەرنىڭ ، نىم بولدىكىنە ئەمدى ؟
راس ، بىر چاغلاردا مەنمۇ باشقىلارنى ئازاپلىغان ، مەن ئۈچۈن ياش تۆككەنلەرنى  يارامسىز  ، سىزنى كۈتىمەن دىگۈچىلەرنى  بىكارچى دەپ سۈپەتلىگەن ئىدىم . بەلكىم راستىنلا ئۆزەمگە يانغان بولسا كىرەك . بىرسىنى چىن دىلدىن سۆيۈشنىڭ بۇنچىلىك ئازاپ ئىكەنلىكىنى شۇ چاغدىراق بىلسەمچۇ كاشكى ....
سىنى ئويلىماسلىققا ئامالسىزمەن ، ساڭا نەپرەتلىنىشكە تىخىمۇ ئامالسىزمەن ، گويا يۈرۈكۈم سىنى سۆيۈش ئۈچۈنلا پۈتۈلگەندەك .
بىلەمسەن جىنىم ؟ مەن ئاخىرى تولىمۇ بىچارىلارچە ئەسلىدە سىنى ئۆزەمنى سۆيگەندىنمۇ بەكرەك سۆيىدىغانلىقىمنى ئىتراپ قىلدىم .
سىنى سۆيىمەن نىجات ! سىنى شۇ دەرىجىدە سۆيگەچكە سەندىن ئايرىلىشقا رازىمەن . ساڭا بولغان سۆيگۈمنىڭ ساڭا يۈك بوپ قىلىشىنى زىنھار خالىمايمەن .
ئىلگىركى سىنى رەنجىتىشلىرىمنى كەچۈرگىن ، ھەممىسى پەقەت سىنى تولىمۇ سۆيگەنلىكىم ئۈچۈن.
ساڭا بولغان مۇھەببىتىمدىن گۇمان قىلمىغىن ، گەرچە سەن ئۈچۈن ھىچنىمە قىپ بىرەلمىگەن بولساممۇ ...
سەن بىلەن بىللە بولغان ئاشۇ ۋاقىت ، ھاياتىمدىكى ئەڭ ئۇنتۇلماس چاغلار .
ئەجىبا سەن شۇنچە تىزلا مىنى ئۇنتۇپ قالغانسەنمۇ ؟ چۈشلىرىڭدىن ئويغانغاندا
مىنىڭ ھەم رېئاللىقتىمۇ مەۋجۇت ئىكەنلىكىمنى ئىسىڭگە ئالغانسەنمۇ ؟
سىنى بەكمۇ سىغىندىم !!!!
ئەگەر مومكىن بولسىدى ، مەن بۇرۇن كىمنىڭ توغرا كىمنىڭ خاتا لىقى بىلەن ھىسابلاشماي ، پەقەت سىنى چىن دىلىمدىن  سۆيگەنلىكىمنىلا   ئىسمدە   ساقلىۋالسام ، لىكىن مەن شۇنداق  قىلالامدىم ؟
سەندىن تولىمۇ ئۈمۈتسىزلەندىم ، گەرچە سىنىڭمۇ ئۆزەڭ سۆيگەن ئادەمنى تاللاش ھوقوقۇڭ بولسىمۇ ، لىكىن مەن  ئالدىنشىقا بەك ئۆچ ، ئەگەر سەن باشقا بىرسىنى سۆيۈپ قالغان بولساڭ ، بۇنى مەندىن يوشۇرشىڭنىڭمۇ ھاجىتى يوق .
<مەن سىنى  ياخشى كۆرگەن > دىمە ! چۈنكى ھەر بىر ئىغىز يالغان سۆزۈڭ مىنى ياخشى كۆرمىگىنىڭدىنمۇ بەكرەك ئازاپلايدۇ .  
ئەگەر مومكىن بولسىدى ، سىنى پەقەت ئويلىمىسامكەن دەيمەن ، لىكىن قىرىشقاندەك خىيال قۇشۇم ئاللىقاچان سەن تامان ئۇچۇپ كەتكەن ،
سىنى ، سىنىڭ ئىلگىرى ماڭا قىلغان سۆزلىرىڭنى  ،  تاماق يىگەن چاغدا  مىنىڭ قاچامدىكى گۆشلەرنى تىرىپ يەۋىلىشلىرىڭىنى   ، ماڭا نەسھەت قىلغان چاغدىكى ئوماق چىراي ئىپادەڭنى ، مىنى مەكتەپ ئالدىدا زوڭزۇيۇپ ئۇلتۇرۇپ ساقلاشلىرىڭنى ، مىنى خاپا قىپ قويۇپ كەينىدىن ئەركىلەشلىرىڭنى،ماڭا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ ئېيتىپ بەرگەن ناخشىلىرىڭىنى ،  ....خۇددى سەن يېنىمدا باردەكلا ھىس قىلىپ تۇرۇپ ئويلايمەن .
مەن بۇ رېئاللىقتىن ئۆزەمنى قاچۇرماقچىمەن . ئاجىزلىقىمغا ئىقرارمەن !
سىنى ئۇنتۇپ كىتىشكە ئىشەنچىم يوق ، بەلكىم ۋاقىتقا ئىھتىياجلىقتۇرمەن ،
ھالبۇكى شۇنچە ۋاقىت ئۆتسىمۇ ، ئاۋالقىدەكلا سىنى ئەسلەپ تۇرۇپتىمەن .
مەن ئويلاپ ئويلاپ شۇنى ھىس قىلدىم ، ئەمەليەتتە ئىككىمىزنىڭ بىرگە بولىشى سىپى ئۆزىدىن بىر خاتالىق ئىكەن .
لىكىن شۇنى ئۇنتۇپ قالمىغىن جىنىم ! ھاياتىمدا ئەڭ تىرىشىپ ئەڭ كۈچەپ قىلغان ئىشىم دەل سىنى سۆيۈپ قالغىنىم ، ساڭا بولغان سۆيگۈمنىڭ  سىنىڭ ماڭا ھىسىداشلىق قىلىدىغان باھانەڭ بوپ قىلىشىنى خالىمايمەن ! سىنڭ بەختىڭنى ، خوشاللىقىڭنى ئۇلۇغ اللا دىن تىلەيمەن !  بەختلىك بول جىنىم !  

http://uymebleg.com  ئۇيغۇر مەبلەغ مۇنبىرى .

تـــۈن - شــامــ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 643
يازما سانى: 794
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13102
تۆھپە نۇمۇرى: 401
توردا: 2609 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-26 04:14:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تەنتەكلىك قىلغىنىم ئۆزۈمگە ئايان ،
كەتتىڭ سەن يىراقلاپ بىلمىدىم قايان .
سۈكۈتتە تۇرارمەن كەينىڭدىن قاراپ ،
سۆيگۈڭنى ئىزلەيمەن تاپالماي ھەر يان .
  






تولدى بۈگۈن بارچە دىلغا ئىشقى پىراق ، لىكىن كەمدۇر بىر - بىرىگە مىھرى ۋاپا . تىپىلمايدۇ ھىچ كىشىدىن ئىنساپ بىراق ، تارقالدىغۇ ئەجەپ  بىر خىل نىجىس ۋابا . .....بەھرام

ئاللاھ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى ~

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 521
يازما سانى: 500
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10588
تۆھپە نۇمۇرى: 402
توردا: 3569 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2014-11-16
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-26 04:15:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزگە شۇنچە ھىسداشلىق قىلىمەن قوزام. قەددىڭىزنى رۇسلاڭ.بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ~~!

ئاللا خالىسا نى-نى ياخشى كۈنلەر تىخى ئالدىڭىزدا.........

خالىغانچە ياشا بىراق سەن يەنىلا ئۆلىسەن ، خالىغان نەرەسىنى ياخشى كۆر بىراق سەن ئۇنىڭدىن ئايرىلسەن ، خالىغان ئىشنى قىل بىراق سەن شۇ قىلغان ئىشلىرىڭغا قاراپ مۇكاپەتلىنسەن ياكى جازالىنسەن .!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4708
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8182
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 127 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2011-11-5
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-26 09:49:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئايرىلىش راسلا شۇنچىلىك ئازاپلىقتۇر.بەلكىم شۇ ئازابدىن كېيىن خوشاللىققا ئېرىشىشىڭىز مۇمكىن .

شەيتان- مەندىن ي

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4511
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8541
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 3849 سائەت
تىزىم: 2010-7-22
ئاخىرقى: 2012-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-26 10:01:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەقەدەر دەھشەتلىك ئىدى ئايرىلىش،
باغرىمدا چىچەكلەپ قالدى زىمىستان.
قىلىچنىڭ بىسىدا سەن كەسكەن يوللار،
سارغايغان روھىمغا تۆكمەكتە خازان.

سەن كەتتىڭ يىراقلاپ كەتتى مۇھەببەت،
سەن كەتتىڭ يىراقلاپ كەتتى يۈرىكىم.
كونا قەبىلىسىدىن ئايرىلىپ قالغان،
ھەسرەتلىك جەڭچىمەن،سەرگەردان يىتىم.

ئۆلۈمنىڭ باغرىغا تاشلىنىپ تۇرۇپ،
ئاھ ئەمدى نەھاجات ئەسلەش ھەممىنى،
بىلدۈردى بۇھايات ئايرىلىشتىنمۇ،
سۆيۈشنىڭ نەقەدەر دەھشەتلىكلىكىنى.


قەيسەر بولۇڭ!

ھاياتتتىكى خاتا ئىلىنغان بىر قەدەم بىر ئۆمۈرلۈك پۇشايمانغا قۇچاق ئاچىدۇ.ئۇ ئەمدى پىشانەمدىن كەتمەيدۇ.مەڭگۈ..........

سۇلغانگۈل

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 262
يازما سانى: 2517
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14741
تۆھپە نۇمۇرى: 646
توردا: 4096 سائەت
تىزىم: 2010-5-21
ئاخىرقى: 2014-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-26 10:10:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇنتۇش قىيىن شۇنداقتىمۇ تىرىشىڭ .

'' غەيرەت قىلىڭ ''

ئىشەنسەڭ سۆيگىن . ئىشەنمىسەڭ سۆيمە . بىلىپ سۆيگىن . كىيىن ئېچىنما .

سۇلغانگۈل

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 262
يازما سانى: 2517
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14741
تۆھپە نۇمۇرى: 646
توردا: 4096 سائەت
تىزىم: 2010-5-21
ئاخىرقى: 2014-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-26 10:13:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

1(bahram)  نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس

ناخشىڭىز بەك مۇڭلۇقكەن چۈشۈرۈش ئادىرسىنى يوللاپ بىرەمسىز ..

ئىشەنسەڭ سۆيگىن . ئىشەنمىسەڭ سۆيمە . بىلىپ سۆيگىن . كىيىن ئېچىنما .
مېھرىزا بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-26 10:18:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئۈزۈڭگە ئىشەن، ئ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3680
يازما سانى: 381
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 10462
تۆھپە نۇمۇرى: 424
توردا: 535 سائەت
تىزىم: 2010-7-9
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-26 10:44:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكمۇ ياخشى يېزىپسىز .......... ئۈمۈتۋار بۇلۇڭ بۇكۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتىدۇ ..............

خەيىر ئامان بۇلۇڭلار.
دەقيانو بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-26 10:53:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش