مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 750|ئىنكاس: 12

رۇبائىيلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58154
يازما سانى: 677
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6082
تۆھپە نۇمۇرى: 338
توردا: 180 سائەت
تىزىم: 2011-9-27
ئاخىرقى: 2014-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-3 05:35:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

1

ئەلگە خاس نەسەبنىڭ ئۇرۇقى بولغىن،
ئىلىمنىڭ زىياسى.يۇرۇقى بولغىن.
رىياكار زاھىتنىڭ نەپسى بولغىچە،
ھىن ھالال دىھقاننىڭ مۇرىتى بولغىن.


2

ئوخشىماس ئىنساننىڭ ئىستىكى،يولى،
ئوخشىماس ھاياتتا ئوڭى ھەم سولى.
ۋە لىكىن ئاخىرقى مەنزىلى بىردۇر،
دىمەك،ھەممىمىز ھاياتنىڭ قۇلى.
3
كۆڭۈلنىڭ ئاچقۇچى پۇلۇمدا دىمە،
كۆكتىكى ئاينىمۇ قولۇمدا دىمە.
كىم بىلەر،قالامسەن ئەتە ئاچ تىخى،
شۇ پىغان پۇلۇڭغا كەلمەي ھىچنىمە.

4
جاھان ساقى ئەمەس سىنى كۈتكىلى،
ئۆمۈر قىمار ئەمەس ئويناپ ئۇتقىلى.
نىسىۋەڭ تۇۋىقى يىپىلسا ئەگەر،
بىر تامچە سۇنىمۇ بولما يۇتقىلى.

5
ھەردائىم ئەل ئۈچۈن بەخىت،كۈتكىنىم،
شۇ سەۋەپ دەشتى-چۆل كىزىپ يۈرگىنىم.
يەتسىمۇ دىلىمغا بەزىدە غەشلىك،
ئاخىرى ئەل مىھرى بولدى كۆرگىنىم.

6
ئىنساندا بولىدۇ تۈرلۈك ئوي-ھەۋەس،
ھەۋەسكە بىرىلمەك ئەقىلدىن ئەمەس.
ئەدەپنىڭ بابىدىن ئالمىسا ساۋاق،
ئەۋلىيا بولسىمۇ ئادەم دىمەك تەس.

7
بىلەمسەن ھاياتتا شىرىن تەم نىمە،
ئىنساننى ئىنساندەك قىلغان پەم نىمە؟
ئۆزگىنىڭ شىخىغا ئۇزاتمىغىن قول،
ئاچلىقتىن ئۆلسەڭمۇ تەيييارنى يىمە.

8
ئەل سىنى يەكلىسە نە ئىزىڭ قالۇر،
تارىخنىڭ بىتىدە نە ئىتىڭ قالۇر.
تىپىلماس بۇنىڭدىن ئارتۇقچە ئازاپ،
گەر تىرىك بولساڭمۇ نە بىتىڭ قالۇر.

9
ئەھدىڭگە ۋاپا قىل،توغرا بول گىردەك،
تىل بىلەن دىلىڭدا ھەر ۋاقىت بىردەك.
گاھ يۇلۇپ ئالالماي قالمىسۇن قىلنى،
كىشى قول ئۇزاتسا بولما پىتىردەك.

10
ئۆزگىگە دىل بىرىپ ئۆتكىنىڭ خوپراق،
سەمىمي ئىلتىپات كۈتكىنىڭ خوپراق.
كۆڭۈل بىر نازۇك گۈل،ئاسراشنى ئۆگەن،
بەزىدە ئاچچىقنى يۇتقىنىڭ خوپراق.

11
ئۆزگىنى يامان دەپ قارىغا ئالما،
دىپىڭنى ئۆزۈڭنىڭ پەدىگە چالما.
ئاۋامنىڭ يىراقلاپ كەتمىسۇن خۇشى،
بەس.توپتىن ئايرىلىپ بىگانە قالما.

12
دىلىڭدىن ئاغرىنىش كەتكىنى تۈزۈك،
ھۆرمەتتە ئۆزرىنىڭ يەتكىنى تۈزۈك.
دوسلۇقنىڭ تىمىنى سۆكۈپ-بۇزغىچە،
ئاداۋەت ئىشكىنى ئەتكىنىڭ تۈزۈك.

13
كىشىگە خورلۇقتۇر  نەزەردىن قالماق،
بۇ ئاچچىق ساۋاقنى ئۇنۇتما ھەرۋاق.
يولۇڭ ھەرقانچە راۋان بولسىمۇ،
ياخشىدۇر قەدەمنى ئويلىنىپ ئالماق.

14
ئاجايىپ تەنتەكتۇر بەزىبىر كىشى،
غادىيىش بىلەنلا ئۆتەر ياز،قىشى.
ۋە لىكىن كىملەرگە بولۇپتۇ نىسىپ،
دۇنيانىڭ زاۋالسىز، ئۆڭمەس گەردىشى.





مەنبە« شىنجاڭ مەدەنىيىتى»ژۇرنىلى

تورغا يوللىغۇچى:جەۋزائىي


سەنمۇ قويساڭ ئۈمۈدۈڭنى نەۋرىگە
  مەنمۇ قويسام ئۈمۈدۈمنى نەۋرىگە
  نەۋرىلەردىن نەۋرىلەرگە يۈكلىنىپ
  كۆمۈلمەمدۇ ئۈمۈدىمىز قەبرىگە ?

  

بۇكۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتەر.!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8726
يازما سانى: 1284
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24353
تۆھپە نۇمۇرى: 2108
توردا: 6816 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-3 10:53:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تەپەككۇرسىز ھاي

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36113
يازما سانى: 381
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 5066
تۆھپە نۇمۇرى: 218
توردا: 2482 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-3 11:52:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خېلە ئىسىل رۇبائىلاركەن...تىما يوللىغۇچىغا رەھمەد...

مۇھەببەت=ئازاپ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 42984
يازما سانى: 454
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5048
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 1501 سائەت
تىزىم: 2011-6-3
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-3 12:02:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يالقۇن

ھەمىمىز ئۇلۇغ ال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43241
يازما سانى: 2399
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18875
تۆھپە نۇمۇرى: 1533
توردا: 5993 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2014-12-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-3 12:38:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاپتور(jawzaa) نىڭ تېمىسىغا

رەخمەت تېمىڭىزدىن بەك سۇيۇندۇم ،بەك ياخشى جانلىق چىقىپتۇ.

ئات ئۆزۈڭنى بەھرىگە يا غەرق بو

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10336
يازما سانى: 8341
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 55725
تۆھپە نۇمۇرى: 3763
توردا: 6666 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2015-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-3 02:47:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىن ھالال دىھقاننىڭ مۇرىتى بولغىن.
ھىن ئەمەس چىن بولسا كېرەك
شۇ پىغان پۇلۇڭغا كەلمەي ھىچنىمە.
شۇ پىغانمۇ ياكى توپلىغان مۇ؟
بىر تامچە سۇنىمۇ بولما يۇتقىلى.
بولما مۇ بولماس مۇ؟
..........................................
بۇ رۇبائىيلارنىڭ ئاپتۇرى كىم؟

ھالالزادە

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41371
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3053
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2011-5-19
ئاخىرقى: 2011-12-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-3 03:44:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەلەكنىڭ بەرمىشى پەقەت-تەشۋىش-غەم،
بىرىنى كۆتۈرسە، بىرسىدۇر بەرھەم.
دۇنياغا كەلمىگەنلەر بۇندىن بىخەۋەر،
بىلسىدى، دۇنياغا كەلمەس ئىدى ھەم.

ئەي،پەلەك ناكەسكە بەردىڭ ئاش ۋە نان،
يەر-زىمىن،تۈگمەن ھەم مۇنچا، ئۆي-ماكان.
ئەڭ ھالال كىشىلەر بۇردا نانغا زار،
ئەخلەتكە ئەرزىمەس، بۇنىڭدەك دەۋران.

بۇ قىسقا ئۆمۈر ئۆتىدۇ دەرھال،
دەريادا سۇ كەبى،يا چۆلدە شامال.
كەتكەن ۋە كەلمىگەن ھەر ئىككى كۈننىڭ،
غېمىدە ئۆزۈڭگە تاپمىغىن زاۋال.

ئۆمەر ھەييام.

پەزىلەت كىرەك مىڭ، تۇتقىلى جاھان. قۇلان تۇتقىلى كۆر ، كىرەك ئارسلان. بەخىتلىك ياشاشقا، دۇرۇسلۇق كىرەك، كىشىلىك ئېتىدۇر، دۇرۇسلۇق دىمەك.

بىر ئاللادىن باش

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51146
يازما سانى: 384
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7611
تۆھپە نۇمۇرى: 884
توردا: 1869 سائەت
تىزىم: 2011-8-10
ئاخىرقى: 2013-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-3 05:56:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىما يوللاپسز رەخمەت،ئاللا قەلىمىڭىزگە دەت بەرمىسۇن

ئالدىراپ كۇلمىگىن تەڭشەپ تۇردۇ، دەت_ئەلەم كۆزۇڭنى ياشلاپ قويدۇ. ئۇنۇتما بىرگە-بىر تەڭشەلگەن جاھان، نامەرتلە سىنىمۇ ئالداپ قويىدۇ.

سەھرانى سۆيىمەن!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62585
يازما سانى: 960
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11032
تۆھپە نۇمۇرى: 1186
توردا: 1070 سائەت
تىزىم: 2011-10-28
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-3 10:37:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

5قەۋەتتىكى(پالۋان) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قا

بۇ رۇبائىيلارنىڭ ئاپتورى  ئابلىمىت مۇھەممەت ئەمىن.
مەن   مۇشۇ ھازىرقى مەتبۇئاتلىرىمىزدا ئېلان قىلىنىۋاتقان  بىر قىسىم رۇبائىيلارنى رۇبائىي ئەمەسمىكىن دەپ ئويلايمەن. چۈنكى، رۇبائىي دېگەن ئارۇز ۋەزنىدىلا يېزىلىدىغان ژانىر. يەنە تېخى نۇرغۇن غەزەللەر بار، بارماق ۋەزنىدە يېزىلغان، شۇنداقلا ئەڭ ئاخىرقى كوپلىتىغا ئاپتورنىڭ ئىسمى ياكى تەخەللۇسى قوشۇلمىغان. بۇمۇ غەزەل ژانىرىنىڭ يېزىلىش شەكلىگە خىلاپ. مۇشۇنىڭغا قاراپ  بۇ مۇھەررىرلەر نەزەرىيىنى بىلمەمدىغاندۇ ياكى  بۇرۇنقى نەزەرىيىلەرنى يېڭىلاۋاتامدىغاندۇ دەيمەن.

ھەقىقەت چەكتىن يېرىم قەدەم ئېشىپ كەتسىلا بىمەنىلىك بولۇپ قالىدۇ. -ئا. مۇھەممەتئىمىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58154
يازما سانى: 677
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6082
تۆھپە نۇمۇرى: 338
توردا: 180 سائەت
تىزىم: 2011-9-27
ئاخىرقى: 2014-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-5 12:49:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

5قەۋەتتىكى(پالۋان) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قا

كەچۈرۈڭ ئالدىراپ بەزى يەرلىرىنى خاتا يىزىپساپتىمەن .باشقۇرغۇچىلار ئىغىر كۆرمەي تەھرىرلەپ قويغان بولساڭلا بوپتىكەن

سەنمۇ قويساڭ ئۈمۈدۈڭنى نەۋرىگە
  مەنمۇ قويسام ئۈمۈدۈمنى نەۋرىگە
  نەۋرىلەردىن نەۋرىلەرگە يۈكلىنىپ
  كۆمۈلمەمدۇ ئۈمۈدىمىز قەبرىگە ?

  
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش