مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1355|ئىنكاس: 12

نەسىردىن ئەپەندىنىڭ تەرجىمىھالى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تۇغرۇل _ ﻗﻪﻳﺴﻪﺭ ﻗﯘﺵ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34
يازما سانى: 694
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21736
تۆھپە نۇمۇرى: 1017
توردا: 2287 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2013-12-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-22 12:00:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

نەسىردىن ئەپەندى(خۇجا نەسىردىن)



ئۈرۈمچىدىكى نەسىردىن ئەپەندى ھەيكىلى



تۈركىيەنىڭ ئاقشەھىردىكى نەسىردىن ئەپەندىنىڭ ھەيكىلى



  نەسىردىن ئەپەندى تەخمىنەن 1208 -يىلى تۈركىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاناتولىيە ئۆلكىسى كونيا ۋىلايىتىگە قاراشلىق ئاقشەھىرىدىكى سەرۋىھسار قەلەسىنىڭ خورتۇ يېزىسدا تۇغۇلغان .دادىسى ئابدۇللا ئەپەندى ،ئانىسى سەدىكا خانىم شۇ دەۋرنىڭ ئوقۇمۇشلۇق زاتلىرىدىن بولغان .ئۇ دادىسىدىن باشلانغۇچ مەلۇمات ئېلىپ ،سەرۋىھسار مەدىرىسەسىدە ئوقۇغان .ئوقۇش پۈتكۇزگەن مەزگىللىرىدە قازا قىلغان دادىسىنىڭ ئىزىنى بېسىپ ،بىر مەزگىل خورتۇدا ئىمام بولغان .ئۇ ئىلىم ئېلش ئارزۇسى بىلەن مەھمۇد ئىسملىك خوجىغا ئىماملىقىنى ھاۋالە قىلغاندىن كېيىن ، ئەينى دەۋردە ئاناتولىيىنىڭ ئىلىم ئوچىقى ھېسابلانغان كونيا شەھىرىگە بېرىپ ،مەۋلانا جالالىدىن رۇمى (1207-1274) مەدرىسەسىدە مەشھۇر تەسەۋۋۇپچى ، شائىر ۋە ئالىم سەئىد مەھمۇد ھەيرانىدىن دەرس ئالغان مەدرىسەنى تاماملاپ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ ،ئاتىكە ئىسملىك قىزغا ئۆيلەنگەن ،ئۇنىڭىدىن تۇغۇلغان پاتىمە ئىسىملىك قىزى 1226-يىلى 8-ئايدا كىسەللىك سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان .كېيىن يەنە بىر قىز پەرزەنىت كۆرۈپ ،ئۇنىڭغىمۇ پاتىمە دەپ ئىسىم قويغان .شۇ مەزگىللەردە كىر شەھىرىنىڭ مەشھۇر ئۆلىماسى ،ئالىم ۋە شائىر ھاجى بەگىتاش (1210-1261) نىڭ تەۋسىيىسى بىلەن نەسىردىن ئەپەندى كونيادىن ئاقشەھىرگە كېلىپ مەدرىسە ئاچقان ، سەئىد مەھمۇد ھەيرانى ئۇنى ئاقشەھىر جامەسىنىڭ مۇدەررىسىلىكىگە تەكلىپ قىلغان .1237 -يىلى باھاردا ئائىلىسى بىلەن ئاقشەھىرگە كۆچۈپ كەلگەن نەسىرىن ئەپەندى شەھەر ھاكىمى سەئىد ئىبراھىم سۇلتان ھەدىيە قىلغان ئۆيدە ئولتۇراقلاشقان .نەسىردىن ئەپەندى كېيىنچە يەنە بىر خوتۇنلۇق بولۇپ ،ئۇنىڭىدىن دۇررى مەلىكە ئىسملىك قىز ، چوڭ ئايالىدىن جالالىدىن ئىسىملىك ئوغۇل پەرزەنىت كۆرگەن ۋە ئىككى ئايالى بىلەن ئىناق ،تۇرمۇشتا خاتىرجەم ئۆتكەن .ئۇ ھەراخشىمى < قۇرئان كەرىم > ، تەپسىر ،ھەدىس ، <دەدە قۇرقۇت مەسىلىلىرى > ، < كەلىلە -دەمىنە > ، < باتتالنامە > (ھىنىدى مەھەللىرى ) ، ۋەلىد يازغان < مەرىپەتنامە > ، نىزامىلۇلمۈلۈك يازغان <سىياسەتنامە > ، شەيخ سەئىدى يازغان < بوستان > ۋە <گۈلىستان > قاتارلىق مەشھۇر كىتابلارنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ ئۆگەنگەن .ئۇستازى سەئىدى مەھمۇد ھەيرانىدىن ۋە تۈرك شائىرى ئاشىق پاشانىڭ دىلكىشى بابا ئىلياستىن تەلىم ئالغان . بۇش ۋاقىت تاپىسلا ، <گۈدەك مۇنارى مەدرىسە > ، < فەرۇخ شاھ مەدرىسە > ،< ئالتۇن قەلەم مەدرىسە > قاتارلىق ئاقشەھىردىكى ئوتتۇرا ئاناتولىيە بويىچە مەشھۇر مەدرىسەلەرنى زىيارەت قىلغان. ھەتتا ئىلىم ئىزدەپ ،كۆپ كېتىم كونيا شەھىرىگە ئېشەك مىنىپ بارغان .شۇنداق قىلىپ ، ئەينى دەۋردە تۈرك دۇنياسىغا مەشھۇر مۇتەپەككۇر ، تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ دىنىي مۇراسىملارنى ئاددىيلاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغۇچى ئېقىمىغا مەنسۇپ كامىل دىنشۇناس ۋە تەڭداشسىز سۆز سەنئەتكارى بولۇپ يېتىلگەن نەسىردىن ئەپەندى سانسىزلىغان لەتىپە -چاقچاق ، شېئىر ۋە باشقا تۈردىكى ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلغان .ئۇ تەخمىنەن 1285-يىلى ئاقشەھىردە ئالەمدىن ئۆتۈپ ،ئۇستازى سەئىد مەھمۇد ھەيرانى قەبرىسىنىڭ يېنىغا دەپىنە قىلىنغان . بۇ جاي كېيىنچە ، <خوجا نەسىردىن مازىرى > دەپ ئاتىلىپ ، مازار يېنىغا <خوجا نەسىردىن مەدرىسەسى > تەسىس قىلىنغان .
14- ئەسىردە ئاناتولىيىگە بېسىپ كىرگەن مۇغۇل ھۆكۈمدارى ئەمىر تېمۇر (1336-1405) دەۋردە ئاقشەھىر ئېغىر ۋەيرانچلىققا ئۇچىرىغان ،نۇرغۇن يادىكارلقىلار كۆيدۈرۈۋېتلىگەن .شۇ قاتاردا نەسىردىن ئەپەندىنىئو شېئىر دىۋانلىرى ۋە باشقا قوليازما ئەسەرلىرىمۇ يوقالغان .



تۈركىيەنىڭ ئاقشەھىردىكى نەسىردىن ئەپەندى مەقبەرىسى



ئابدۇلھەمىدخان (1876_1909-يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان )زامانىدا كونيا ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيىسى فايىك بەگ ئاقشەھىرنى ئوراپ تۇرغان سۇلتان تېغىنىڭ باغىرىدىكى باغچە ئوتتۇرىسىغا خوجا نەسىرىدىن مەقبەرسىنى ئەسلى شەكلى بويىچە مەرمەردىن ياساپ ، 1905-يىل 7-ئايىنىڭ 12-كۈنى پۈتكۈزگەن . مەقبەرە يېنىدىكى <خوجا نەسىردىن مەدرىسەسى > ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ، ئاقشەھىر مەركىزىگە نەسىردىن ئەپەندىنىڭ ئېشەككە مىنىپ تۇرغان مەرمەر ھەيكلى تىكلەنگەن .ھازىر ئىستانبۇل مۇزېيىدا نەسىردىن ئەپەندىنىڭ ئۇزۇن ساقال -بۇرۇت قويغان ، كىچىككىنە ئېشەككە مىنگە قىياپەتتىكى سۈرىتى؛ ئاقشەھىردىكى <خوجا نەسىردىن مۇزېيې > دا ئۇنىڭ ھاياتىغا دائىر ماددىي بۇيۇم ۋە خاتىرىلەر بار . ئەنقەرە دۆلەتلىك كۇتۇپخانا ،ئىستانبۇل ئەدرنە تارىخىي مۇزېي ۋە بەزى چەت ئەل مۇزېيلىرىدا نەسىردىن ئەپەندى ھەققىدە 500 پارچىدىن ئارتۇق تارىخىي كىتاپ ساقلانماقىتا .ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئوسمانىيە دەۋردىكى جەم سۇلتاننىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئەبۇلغازى رۇمى 1480-يىلى يازغان < سالتۇقنامە >دېگەن ئەسەردە ،نەسىردىن ئەپەندىنىڭ 13- ئەسىردىكى مەشھۇر تۈرك ئالىمى سارى سالتۇق بىلەن ھەمسۆھبەت بولغانلىقى ،ئۇنىڭ نامى ۋە لەتىپلىرى تۇنجى قېتىم تىلغا ئېلىنغان .



تۈركىيەنىڭ ئاقشەھىردىكى نەسىردىن ئەپەندى مەقبەرىسى



نەسىردىن ئەپەندىنىڭ ئۆز ئىسمى خوجا نەسىردىن بولۇپ ، < موللا نەسىردىن > ، <نەسىردىن ئەپەندى > دېگەن ئىسمىلا كېينچە ئۇنى ھۆرمەتلەپ قويۇلغان ۋە سىڭىپ كەتكەن . < ئەپەندى > دېگەن سۆز تۈركىچە < مۇئەللىم > ، <ئۇستاز > مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان ۋە نوپۇزلۇق ئەرلەرگە قارىتىلىغان ھۆرمەت نامى .
نەسىردىن ئەپەندى لەتىپلىرى ئۇنىڭلا ئەمەس ، بەلكى ئەرەبلەر ئارىسىدا تارقىلىپ ، ئىسلامىيەتتىن كېين تۈركىيگە ئېقىپ كىرگەن ھاجراد ،ئەشاپ ، ئەبۇ نەۋۋاس ،جۇھا ،ھاپىز ئىبراھىم قاتارلىقلارنىڭ قىزىقارلىق گەپ -سۆزلىرى نەسىردىن ئەپەندى لەتىپلىرى بىلەن قوشۇلۇپ ۋە ئۇنىڭ نامىدا ئاتىلىپ ، ئاناتولىيە يېرىم ئارىلىدىن ئوتتۇرا -يېقىن شەرق ، بالقان يېرىم ئارىلى ،.ئەرەب ئەللىرى ،ئوتتۇرا ئاسىيا ،ھەتتا تارىم ۋادىسى ئەتىراپلىرىغىچە كەڭ تارقالغان .نەسىردىن ئەپەندى لەتىپلىرى 16- ئەسىردە تۈركىيە يازغۇچىسى ۋە شائىرى رامىن تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم يىغىلىپ ۋە تەھىرىرلىنىپ توپلام قىلىنغان . 17- ئەسىردە ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىنغان ، 18- ئەسىردە رەسمىي كىتاب بولۇپ شەكىللەنگەن . 19-ئەسىردە < نەسىردىن ئەپەندى لەتىپلىرى توپلىمى > تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل ۋە مىسىرنىڭ قاھىرە شەھەرلىرىدىكى تاش مەتبەئەدە تۇنجى قېتىم نەشىر قىلىنغان .تۈركىيە ئالىمى ۋىلتائىز بوداق تۈزۈپ ،1909 -يىلى نەشىر قىلىنغان < ئەپەندى لەتىپلىرى توپلىمى >غا 392 پارچە لەتىپە كىرگۈزۈلگەن . 20-ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىغا كەلگەندە ، < ئەپەندى لەتىپلىرى توپلمى > نىڭ ئالىتە خىل نۇسخىسى نەشىر قىلىنىپ ، 445 پارچە لەتىپە كىرگۈزۈلگەن .ئۇنىڭ فىرانسۇزچە نۇسخىسى 1978 -يىلى ئىستانبۇلدا نەشىر قىلىنغان . ئەنگلىيىدە 1966-يىلى ،1973-يىلى ۋە 1978-يىلى ئۈچ خىل نۇسخىدىكى < ئەپەندى لەتىپلىرى توپلىمى >نىڭ تەرجمىسى نەشىر قىلىنغان . سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا <نەسىردىن ئەپەندى لەتىپلىرى > 1936-يىلى تۇنجى قېتىم ،1957-يىلى ،1959-يىلى ۋە 1963-يىلى قايتا نەشىر قىلىنغان. 1959-يىلى تاشكەنىت <شەرق ھەقىقىتى > نەشىرىياتى سولۇيىۋنىڭ < خوجا نەسىردىن ھەققىدە قىسسە > ناملىق كىتابىنى نەشىر قىلغان ، بۇ كىتاپ كۆپ خىل تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان . ياپونىيىدە < نەسىردىن ئەپەندى لەتىپلىرى > نىڭ تەرجىمىسى 1965 -يىلى تۇنجى قېتىم ،1977-يىلى قايتا نەشىر قىلىنغان . دۆلىتىمىزدە 1958-يىلىدىن كېيىن ،نەسىردىن ئەپەندى لەتىپلىرى ھەر مىللەت تىلىدا تەرجىمە ۋە نەشىر قىلىنغان .ئۇلارنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن ئۇيغۇرچە نەشىر قىلىنىغان < نەسىردىن ئەپەندى لەتىپلىرى > بىر قەدەر تولۇق . جاۋ شىجې ئەپەندى تەرجىمە قىلىپ تۈزگەن ، دۇنخۇاڭ ئەدەبىيات -سەنەت نەشىرىياتى 1990 -يىلى لەنجۇدا خەنزۇچە نەشىر قىلغان <ئۇيغۇر لەتىپە -چاقچاقلىرىدىن تاللانما > ناملىق توپلامغا نەسىردىن ئەپەندىنىڭ 217 پارچە لەتىپىسى كىرگۈزۈلگەن .
ئۇيغۇر خەلقى يىپەك يولى مەدەنىيتىنىڭ بۈيۈك ئەلچىسى ،دۇنياۋى فولكلۇر قەھىرىمانى ،ھازىر جاۋاپ سۆز سەنئەتكارى ،ئۆتكۇر پىكىرلىك ۋە ساغلام ئەقىللىق نەسىردىن ئەپەندىنى ئۆزىنىڭ قىزىقچىسى دەپ بىلىدۇ . خەلقىمىز ئۆز ئەقىل - پاراستى ،تەپەككۇر جەۋھەرلىرىنى قوشۇپ ۋە ئۈزلۈكسىز بېيتىپ ،ھەرخىل زامان -ماكان شارائىتىدا ئۇنىڭ نامىدا تارقىتىپ ،ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن لەتىپلەر 2000 پارچىدىن ئاشىدۇ . چوڭقۇر پەلسەپىۋى پىكىرىگە ئىگە نەسىردىن ئەپەندى لەتىپلىرى تۇرمۇش تەجىرىبىلىرىگە ئىنتايىن باي بولۇپ ،ھەر قايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىدا مەڭگۈ ئۆلمەس دۇنياۋى بەدىئي ئوبراز ھېسابلىندۇ .


مەنبە : نەسىردىن ئەپەندى ھەققىدە قىسسە

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
دەقيانوس + 25 ئەپەندىنىڭ تەرجىمىھالىنى يوللاپ ناھايىتى
kalkvn117117 + 10 قىممەتلىك تارىخى ماترىيال يوللغنلقىڭىز ئ

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 35   باھا خاتىرىسى

قۇياش يېيىشكە بولمايدىغان نان ،
ۋەتەن بېرىشكە بولمايدىغان جان .
دەقيانو بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-22 12:17:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ياردەم مەزمۇنى

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 622
يازما سانى: 3154
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18460
تۆھپە نۇمۇرى: 533
توردا: 10678 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-22 12:21:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ نەسىردىن ئەپەندىمنى  جاھان كەزدەى دەپ ئويلاتتىم  .

رەخمەت سىزگە بىلىۋالدىم  [s:47]

ھاياتتا ئىككى يول بار: بىرى، تەن ئۈچۈن ياشاش؛ يەنە بىرى، روھ ئۈچۈن ياشاش. ئەگەر، تەن ئۈچۈن ياشىسا، ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، تەن شادلىقى تولىمۇ ئاجىز-زەئىپ كېلىدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تېخىمۇ ئاجىزلاپ بارىدۇ، ئۆلۈم بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. ئەكسىچە، مۇبادا، روھ-م

پەرىشتىلەرمۇ يا

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4373
يازما سانى: 3243
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 25877
تۆھپە نۇمۇرى: 1223
توردا: 3453 سائەت
تىزىم: 2010-7-20
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-22 12:21:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە، ئەھمىيەتلىك تىما يوللاپسىز . ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

غەلبە ئۈچۇن چەكك

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 755
يازما سانى: 3854
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21381
تۆھپە نۇمۇرى: 1195
توردا: 1685 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2013-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-22 12:26:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزگە مەكتەپتە  ھەممە جاينىڭ ئۆزىنىڭ  نەسىردىن ئەپەندىسى بولىدۇ دەپ ئۆتكەن .ئاشۇنداق بايلارنى سۆكۇپ نامراتلارغا ياردەم قىلىدىغان ياخشى نىيەتلىك كىشىنى نەسەردىن ئەپەندى دەپ ئاتىغان دەپ ئۆتكەن.

||★||★||★|叶城\js跑酷!|\(jasurPARKOUR)|★||\跑 酷 队!★★|| مىنىڭ ئىرادەم ھەممىنى قارار قىلىدۇ . ''

قەدىرلىنىش ئۈچۈ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2003
يازما سانى: 2553
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 21657
تۆھپە نۇمۇرى: 1042
توردا: 9889 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-22 12:51:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ بۇرۇن مەخسۇس ئەپەندىم توغرىسىدا بىر رومان ئوقۇغان ، ئۇنىڭدا نەسىردىن ئەپەندىمنى سەمەرقەند ، بۇخارا ئەتراپلىرىدا ياشىغان دەپ ئېيتىلىپتىكەن . لېكىن ئەمدى بۇ ماقالىنى كۆرۈپ گاڭگىراپ قالدىم . ئەپەندىم تارىختا ئۆتكەن شەخسمۇ ؟  يۇرتى قەيەر ؟ بۇ بەلكىم بىر سىر بولسا كېرەك .

ھېسسىيات قارىشىڭنى ئەقلىڭنىڭ ئۈستىگە قويغان كۆنۈڭ، سېنىڭ خاتالىشىشقا يول قويغان تۇنجى كۈنۈڭدۇر.

سۇلغانگۈل

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 262
يازما سانى: 2517
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14741
تۆھپە نۇمۇرى: 646
توردا: 4096 سائەت
تىزىم: 2010-5-21
ئاخىرقى: 2014-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-22 12:56:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەسىردىن ئەپەندىمنىڭ تەرجىمھالى بىلەن تۇنۇشتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت ..

ئىشەنسەڭ سۆيگىن . ئىشەنمىسەڭ سۆيمە . بىلىپ سۆيگىن . كىيىن ئېچىنما .

تەۋبىكار

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66
يازما سانى: 2745
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23196
تۆھپە نۇمۇرى: 951
توردا: 1616 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-22 01:07:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن نەسىردىن ئەپەندىنى جاھان كەزدى چامباشچىمىكىن دىسەم ئەسلى مۇنداقكەندە رەخمەت ، ھى ھى ھى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3246
يازما سانى: 4586
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 44551
تۆھپە نۇمۇرى: 949
توردا: 15774 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-22 01:23:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 6قەۋەت hapilik927 كە 2010-07-22 12:26 PMئەۋەتىلدى :
بىزگە مەكتەپتە  ھەممە جاينىڭ ئۆزىنىڭ  نەسىردىن ئەپەندىسى بولىدۇ دەپ ئۆتكەن .ئاشۇنداق بايلارنى سۆكۇپ نامراتلارغا ياردەم قىلىدىغان ياخشى نىيەتلىك كىشىنى نەسەردىن ئەپەندى دەپ ئاتىغان دەپ ئۆتكەن.

ئۇنداقتا بىزبىز بىر مەزگىلدىن كېيىن ھېسام ئاكىنى نەسىردىن ئەپەندىم دەيدىكەنمىزدە .....

سۈكۈت قىلىشنى بىل ،ئەممە رەزىللەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3154
يازما سانى: 1221
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11623
تۆھپە نۇمۇرى: 450
توردا: 2517 سائەت
تىزىم: 2010-7-2
ئاخىرقى: 2013-9-28
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-22 01:50:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئشقىلىپ تۇركىي تللاردە سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرگە تەۋە!
مەن قايسى بىرسىدىن ئەپەندىمنىڭ قەبىرىسى تەتۇر (ئۇستىنى پەسكە)قىلىپ سىلىنغان بۇنىڭ سەۋەبى نەسىردىن ئەپەندى ۋاپات بۇلۇش ئالدىدا <باشقىلار منىڭ قەبرەمنى كۆرۇپ كۇلۇپ كەتسۇن شۇنداق سىلىڭلار >تەپتىكەنمىش، بۇ يالغانمۇ نېمە؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش