مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2308|ئىنكاس: 0

جۇڭگونىڭ قىسقىچە تارىخى  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ياردەم مەزمۇنى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29587
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8458
تۆھپە نۇمۇرى: 2066
توردا: 3803 سائەت
تىزىم: 2011-2-8
ئاخىرقى: 2013-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-29 01:17:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جۇڭگو دۇنيادىكى تۆت چوڭ قەدىمكى دۆلەتنىڭ بىرى ( قالغان ئۈچى ھىندىستان، مىسىر ۋە قەدىمكى بابىلون ) بولۇپ، يازما تارىخلارنىڭ يىل ۋاقتى 5000 يىلغا يېتىپ بارىدۇ.
مىلادىدىن بۇرۇنقى 21-ئەسىردە شيا پادىشاھلىقى قۇرۇلۇپ، جۇڭگو جەمئىيىتىنى ئىپتىدائىي تۈزۈمدىن قۇللۇق تۈزۈمگە كىرىدۇ، بۇ پادىشاھلىق مىلادىدىن بۇرۇنقى 16- ئەسىردە بەربات بولۇپ، ئورنىنى شياڭ سۇلالىسى ئىگىلەيدۇ. شياڭ سۇلالىسى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 11- ئەسىرلەرگىچە دەۋىر سۈرىدۇ.  
جۇ سۇلالىسى (مىلادىدىن بۇرۇنقى 11- ئەسىردىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 256-يىلىغىچە)
مىلادىدىن بۇرۇنقى 11- ئەسىردىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 771-يىلىغىچە غەربىي جۇ سۇلالىسى دەۋىر سۈرگەن بولۇپ، گاۋجىڭ (ھازىرقى شەنشىنىڭ شىئەن شەھىرى)نى باشكەنت قىلىدۇ. كېيىن بۇ شەھەر جۇڭگودىكى كۆپ قىسىم سۇلالىلەرنىڭ باشكەنتى (پايتەختى) بولۇپ قالىدۇ. مىلادىدىن بۇرۇنقى 770-يىلىدىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 256-يىلى شەرقىي جۇ سۇلالىسى ھۆكۈم سۈرىدۇ. بۇ مەزگىل جۇڭگو تارىخىدىكى چۈنچيۇ دەۋرى ۋە ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرىنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئاخىرى چىن بەگلىكىنىڭ جۇ سۇلالىسىنى ئاغدۇرىشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

چىن سۇلالىسى (مىلادىدىن بۇرۇنقى 221-يىلىدىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 206-يىلىغىچە) نىڭ قۇرۇلۇشى شەرقىي جۇ سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇش بىلەن بىرگە، جۇڭگو جەمئىيىتىنى قۇللۇق تۈزۈمدىن فىئوداللىق تۈزۈمگە باشلاپ كىرىدۇ. گەرچە چىن سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقتى ئىتايىن قىسقا بولسىمۇ، جۇڭگو تارىخىدا دەۋىر بولگۈچ رولىنى ئوينايدۇ. قەدىمكى ئۇيغۇر ۋە تۈرك يازمىلىرىدا جۇڭگونى ”چىن“ دەپ ئالىدۇ. تۈركىيەدە تاھازىرغىچە ”چىن“ سۆزى جۇڭگونى كۆرسىتىدۇ.

خەن سۇلالىسى (مىلادىدىن بۇرۇنقى 206-يىلىدىن مىلادىدىن كېيىنكى 220-يىلىغىچە) ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، ھازىرقى شىئەن شەھىرىنى ئوردۇ كەنت قىلغان غەربىي خەن (مىلادىدىن بۇرۇنقى 206-يىلىدىن مىلادىدىن كېيىنكى 25-يىلىغىچە) ۋە لوياڭنى باشكەنت قىلغان شەرقىي خەن (مىلادىن 25-يىلدىن 220-يىلىغىچە) دەپ ئىككى سۇلالىگە ئايرىلىدۇ. خەن سۇلالىسى جۇڭگو تارىخىدىكى پارلاق بىر دەۋىرنى ياراتقان بولۇپ، ھازىرقى خەنزۇلارنى شەكىللىنىشى ئادەتتە مۇشۇ سۇلالىگە باغلىنىدۇ.

ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرى (مىلادى 220-يىلدىن 280 يىلغىچە)
ئۈچ پادىشاھلىق ۋېي(220- 265-يىلغىچە)، شۇ (221- 263-يىلغىچە) ۋە ۋۇ (222- 280-يىلغىچە) دىن ئىبارەت ئۈچ بەگلىكنى كۆرسىتىدۇ. مەزكۇر تارىخىي ۋەقەلىك يۈەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى مىڭ سۇلالىسىنىڭ باشلىرىدا ياشىغان مەشھۇر ئەدىب لوگۈەنجۇڭ يازغان ”ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە“ ناملىق روماندا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ.

جىن (晋) سۇلالىسى (265-يىلدىن 420-يىلغىچە)
جىن سۇلالىسى ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، لوياڭنى باشكەنت قىلغان غەربىي جىن سۇلالىسى (265- 317) ۋە جىيەنكاڭنى باشكەنت قىلغان شەرقىي جىن سۇلالىسىدىن (317- 420) ئىبارەت ئىككى قىسىمغا ئايرىلىدۇ.

جەنۇبىي ۋە شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرى (420- 589-يىلغىچە)
جەنۇبىي ۋە شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرى جۇڭگو تارىخىدىكى بىر قېتىملىق چوڭ بۆلۈنمە ھالەتتىكى مەزگىل بولۇپ، شىمالدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بىلەن بىرىكىپ كېتىش دەۋرى ھېسابلىنىدۇ. جەنۇبىي ۋە شىمالىي سۇلالىلار تۆۋەندىكى بەگلىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
جەنۇبىي سۇلالىلەر:
سۇڭ بەگلىكى: (420- 479-يىلغىچە)
چى بەگلىكى: (479- 502-يىلغىچە)
لىياڭ بەگلىكى: (502- 557-يىلغىچە)
چېن بەگلىكى: (557- 589-يىلغىچە)
شىمالىي سۇلالىلەر:
شىمالىي ۋېي بەگلىكى: (386- 543-يىلغىچە)
شەرقىي ۋېي بەگلىكى: (534- 550-يىلغىچە)
شىمالىي چى بەگلىكى: (550- 557-يىلغىچە)
غەربىي ۋېي بەگلىكى: (535- 556-يىلغىچە)
شىمالىي جۇ بەگلىكى: (557- 581-يىلغىچە)

سۈي سۇلالىسى (581- 618-يىلغىچە):
مىلادى 589-يىلى، جەنۇب- شىمال سۇلالىلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئاسارىتى بولغان چېن بەگلىكى ئاغدۇرۇلۇپ، سۈي سۇلالىسى ھۆكۈمىران ئورۇنغا ئۆتىدۇ، شۇنداقلا مەملىكەتنى قايتىدىن بىرلىككە كەلتۈرۈپ، جۇڭگونىڭ 270 يىلدىن كۆپىرەك داۋاملاشقان بۆلۈنمە ھالىتىگە خاتىمە بېرىلىدۇ.

تاڭ سۇلالىسى (618- 907-يىلغىچە):
جۇڭگو تارىخىدىكى ئەڭ گۈللەنگەن ۋە قۇدرەت تاپقان سۇلالىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ھازىرقى شىئەن شەھىرىنى باشكەنت قىلغان. زېمىن دائىرىسى ئاۋۋالقى سۇلالىلەرگە قارىغان زور دەرىجىدە كېڭىيىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قۇملۇق رايونلارنىمۇ ئىدارە قىلالايدىغان ھالەتكە يەتكەن.
تاڭ سۇلالىسىنىڭ قۇرغۇچىسى لى يۈەننىڭ ئاپىسى غوز ئاقسۆڭەكلىرىدىن بولۇپ، بەزى تارىخچىلار لى يۈەننىڭ ئاپىسىنى تۈركلەردىن دەپ قارىسا، يەنە بەزەنلەر سىيانپىيلاردىن دەپ قارايدۇ. لى يۈەننىڭ ئىككىنچى ئوغلى لى شىمىن تاڭ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمىرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە زورايتىشتا ھالقىلىق رول ئوينىغان.

بەش دەۋر (907- 960-يىلغىچە):
بۇ دەۋردە، جۇڭگو يەنە بىر قېتىملىق بۆلۈنمە ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ، كۆپلىگەن كىچىك بەگلىكلەر بىرلا ۋاقىتتا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ بەش دەۋىر تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
كېيىنكى لىياڭ دەۋرى: (907- 923- يىلغىچە)
كېيىنكى تاڭ دەۋرى: (923- 936-يىلىغىچە)
كېيىنكى جىن دەۋرى: (936- 947- يىلىغىچە)
كېيىنكى خەن دەۋرى: (947- 950- يىلغىچە)
كېيىنكى جۇ دەۋرى: (951- 960- يىلغىچە)

سۇڭ سۇلالىسى (960- 1279-يىلغىچە): بەش دەۋىرنىڭ بۆلۈنمە ھالىتىگە خاتىمە بېرىپ، مەملىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرىدۇ. سۇڭ سۇلالىسى ئىلگىرى- كېيىنلىك بويىچە، شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى (960- 1127-يىلىغىچە) ۋە جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى (1127- 1279-يىلغىچە) بولۇپ قۇرۇلىدۇ. شىمالىي سۇڭ سۇلالىسىنىڭ ئالدى- كەينىدىكى مەزگىللەردە، جەنۇپتا دالى، تۇبۇتلەر، شىمالدا تاڭغۇت، قىتان ۋە جۇرجىتلار بار ئىدى.
لىياۋ خاندانلىقى (907- 1125-يىلى): قىتانلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، كېيىن جۇرجىتلار تەرىپىدىن مۇنقەرز قىلىنىدۇ.
ئالتۇن (جىن) خاندانلىقى (1115- 1234-يىلىغىچە): جۇرجىتلار قۇرغان خاندانلىق. جۇرجىتلار لىياۋ خاندانلىقى بىلەن سۇڭ سۇلالىسىنىڭ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ، كېيىن موڭغۇللار تەرىپىدىن يوقىتىلىدۇ.
سۇڭ سۇلالىسى جۇرجىتلار تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئەسلىدىكى ئاستانەسى دۇڭجىڭ (ھازىرقى خېنەندىكى كەيفېڭ)نى تاشلاپ، باشكەنتنى لىنئەن(ھازىرقى جېجىياڭنىڭ خاڭجۇ شەھىرى)گە كۆچۈرۈپ كېتىدۇ. بۇ سۇلالە تارىختا ”جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى“ دەپ ئاتىلىدۇ.
جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى 1279-يىلى موڭغۇللار تەرىپىدىن مۇنقەرز قىلىنىدۇ.

يۈەن سۇلالىسى (1208- 1368-يىلىغىچە):
تېمۈرچىن (كېيىن خاقانلىق نامىنى ”چىڭگىزخان“غا ئۆزگەرتكەن) بارلىق موڭغۇل قەبىلىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، جۇرجىتلارنىڭ ھۆكۈمىرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ چىقىدۇ، ھەمدە زېمىن دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە باشلاپ، دۇنيا تارىخىدىكى مىسلى كۆرۈلمىگەن چوڭ ئىمپېرىيەنى قۇرۇپ چىقىدۇ. شۇ ئېمپىرىيىنىڭ جۇڭگودىكى بۆلۈكىگە تېمۇرچىننىڭ ئۈچىنچى ئوغلى قۇبلاي ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. بۇ ھۆكۈمرانلىق جۇڭگو تارىخىدا يۈەن سۇلالىسى دەپ ئاتىلىدۇ.

مىڭ سۇلالىسى (1368- 1644-يىلىغىچە):
يۈەن سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، مىللىي زىدىيەت ئىنتايىن كەسكىنلىشىپ كېتىپ، يېزا- ئىگىلىك ۋە چارۋىچىلىق كەسىپلىرى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ. جۇڭگو جەمئىيىتى قالايمىقانلىشىپ، ھەر قايسى سەپ ئارمىيىلەر موڭغۇللار ھاكىمىيىتىگە قارشى چىقىدۇ. دېھقانلار ئارمىيىسىدىكى جۇ يۈەنجاڭ رەھبەرلىك ئورۇننى ئىگىلەپ، يۈەن سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدۇ، ھەمدە بېيجىڭنى باشكەنت قىلىپ، دۆلەت نامىنى ”مىڭ“غا ئۆزگەرتىدۇ.

چىڭ سۇلالىسى (1616- 1911-يىلىغىچە):
شەرقىي شىمالدىكى جۇرجىتلار ئۇزۇن مەزگىل مىڭ سۇلالىسىنىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچرايدۇ، ھەمدە ھەرقايسى جۇرجىت قەبىلىلىرى ئارىسىدىمۇ ئۆز-ئارا قىرغىنچىلىق بولۇپ تۇرىدۇ. جۇرجىتلار ئىچىدىن چىققان ئىشنىكرۇ نۇرخاچ بارلىق جۇرجىت قەبىلىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، موڭغۇللار بىلەن ئىتتىپاقلىشىدۇ، ھەمدە بىرلىكتە مىڭ سۇلالىسىگە تاقابىل تۇرىدۇ.
1616-يىلى دۆلەت نامىنى ئالتۇن (جىن) خانلىقىغا ئۆزگەرتىدۇ (تارىخىي يازمىلاردا ”كېيىنكى ئالتۇن خانلىقى“ دەپ ئاتىلىدۇ)، نۇرخاچنىڭ ئورنىغا 8- ئوغلى خانتايجى ئولتۇرغان مەزگىللەردە، ”جۇرجىت“ نامىنى ”مانجۇ“غا ئۆزگەرتىدۇ، 1638-يىلى دۆلەت نامىنى ”چىڭ“غا ئۆزگەرتىدۇ.
1840- يىلىدىكى ئەپىيۇن ئۇرۇشىدىن كېيىن، جۇڭگو جەمئىيتى يېرىم فېئوداللىق، يېرىم مۇستەملىكە ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئەڭ زور ئازاپ- ئوقۇبەت ئىچىدە قالىدۇ. چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، ھەر خىل ئىدىيە- ئېقىملار ئەۋىج ئېلىپ، ئەل- ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ھەققىدە ھەر تۈرلۈك تەشەببۇسلار مەيدانغا كېلىدۇ.

جۇڭخۇا مىنگو (1912- 1949-يىلغىچە):
شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىن، جۇڭخۇا مىنگو ھۆكۈمىتى قۇرۇلۇپ، جۇڭگودا 2000 يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان فېئوداللىق جەمئىيەت تۈزۈلمىسىگە خاتىمە بېرىلىدۇ.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى (1949-يىلدىن ھازىرغىچە):
1946-يىلى باشلانغان ئىچكى ئۇرۇش گومىنداڭنىڭ تەيۋەنگە قېچىپ كېتىشى بىلەن نەتىجىلىنىپ، 1949-يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلىدۇ ھەمدە جۇڭگو جەمئىيىتى سوتسىيالىستىك جەمئىيەت باسقۇچىغا ئېلىپ كىرىدۇ.

مەنبە:http://www.yuksel.me/1658.html

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش