ئۆركىشى يۇمۇرلىرى
1. ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان سۆز
يولدىشى : سەن بىلەن ھەرقانداق نەرسىنى مۇنازىرلاشمەيلى ، دائىملا پۇل دېگەن سۆزنى ئېغىزىڭدىن چۈشۈرمەيسەن . بېز ئاجرىشىپ كېتەيلى .
ئايالى : بولىدۇ ، ئۇنداقتا سەن ماڭا قانچە پۇل بىرىسەن ؟!
2. ھاراقكەش
ئايالى : ئەمدى ھاراق ئىچمەڭ ، بولمىسا مەس بوپ قالىسىز .
ئېرى : مەس بولسام ياخشى . رېژىسۇر مېنى بىر ھاراقكەشنىڭ رولىنى ئېلىشقا بەلگىلىدى ، مەن ھازىر رېپىتىس قىلىۋاتىمەن .
ئايالى : ئۇنداقتا مەن چىقىپ كەتتىم .
ئېرى : نىمىشقا كېتىسەن ؟
ئايالى : سەھنە ئەسىرىنى كۆردۈم . ئۇ ھاراقكەش مەس بوپ قالسا ئايالىنى ئۇرىدىكەن .
3. قول تۇتۇشۇش
قىزى - دادا ، نىمىشقا يىگىت بىلەن قىز توي مۇراسىمىدا ھەمىشە قول تۇتىشىدۇ ؟
دادىسى - بۇ دىگەن ئۆرپ ـ ئادەت قىزىم ، سىز بوكىس تەنھەركەتچىلىرىنىڭ مۇسابىقىدىن بۇرۇن ئۆز- ئارا قول ئېلىشقىنىنى كۆرمىگەنمۇ ؟ بۇمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ئىش .
4. توينىڭ ئالدى كەينىدە
تويدىن ئىلگىرى ئىرىنىڭ بېشى ئىھتىياتسىزلىقتىن ئەينەككە تىگىپ كىتىپتۇ . ئايالى جىددىيلەشكىنىدىن سۇراپتۇ :
ـ سۆيۈملۈكۈم ، يارىلانمىغانسىز ـ ھە؟
توي قىلغاندىن كېيىن ، بىر كۈنى يەنە موشۇنداق ھادىسە يۈز بېرىپتۇ . ئايالى ئوخشاشلا جىددىيلىشىپتۇ . لېكىن ئۇ مۇنداق دەپ سۇراپتۇ :
ـ ۋاي خۇدايېېېېېېم ... ئەينەك چېقىلىپ كەتمىگەندۇ ـ ھە؟؟؟
5. چاقمەق قايتۇرغۇچ
ـ ۋاپاسىز كىشىلەرنى تەڭرى چاقماق بىلەن ئۇرىدۇ !
ـ ھېچقىسى يوق . ئۆيۈمنىڭ ئۆگزىسىگە ئورنىتىلغان چاقماق قايتۇرغۇچنى كۆرگەنسەن ؟!
6. دورا
- دوختۇر ، ماڭا تېز ئاغرىق توختىتىش تابلىتى بېرىڭ .
- سىزنىڭ قەيىرىڭىز ئاغرىۋاتىدۇ ؟
- ھازىرچە تېخى ئاغرىمىدى .
- ئۇنداقتا نىمىشقا ئالىسىز ؟
- بىردەمدىن كېيىن ئاغرىيدۇ .
- نىمىشقا ؟
- سەل تۇرۇپ دادام ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەنلىگىمنى بىلىپ قالىدۇ ئەمەسمۇ؟!
مەنبە ـ ئۆزۈم يىققان .