1996-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، دۇنيادىكى تۇنجى ئازابلانماي ئۆلۈشكە رۇخسەت قىلىش قانۇنى كۈچكە ئىگە بولغان. «ئازابلانماي ئۆلۈش» دېگەن بۇ تېما خەلقئارادا يەنە بىر قېتىم مۇنازىرە قوزغىغان.
1988-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىئاتسىيە شىركىتى رەسمىي قۇرۇلغان. دېڭ شياۋپىڭ ئۆز قولى بىلەن سۆز يېزىپ بەردى. جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىئاتسىيە شىركىتى چېڭ دۇ، شاڭخەيدە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى قۇرۇلغاندىن كېيىنكى ئۈچىنچى ئاۋىئاتسىيە شىركىتى، بۇنىڭ قۇرۇلۇشى ئېلىمىزنىڭ ئاۋىئاتسىيە ئىشلىرىنىڭ يەنىمۇ ئالغا ئىلگىرلىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
1983-يىلى بۈگۈنكى كۈندە،«دېڭ شياۋپىڭ ماقالىلىرى توپلىمى»نەشىردىن چىققان. بۇ توپلامغا دېڭ شياۋپىڭنىڭ 1975-يىلىدىن 1982-يىلى 9-ئايغىچە ئېلان قىلغان 47 ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 39ى ئېلان قىلىنىپ باقمىغان.
1961-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو ئىنقىلابىي مۇزىيى رەسمىي ئېچىلغان. ئىچىگە تىزىلغان بۇيۇملار يۈز نەچچە يىلدىن بېرى جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىنقىلابىي كۈرەش قىلىش جەريانىدىكى شانلىق تارىخى، جۇڭگو خەلقىنىڭ جۇڭگو كومپارتىيىسى رەھبەرلىكى ئاستىدا قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ نەتىجىلىرى گەۋدىلەنگەن.
بۈگۈن جۇڭگو كومپارتىيىسى قۇرۇلغان كۈن. جۇڭگو كومپارتىيىسى 1-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى 1921-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى ئېچىلغان بولۇپ، بۇ يىغىندا پارتىيەنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى 1-ئىيۇل قىلىپ بېكىتكەن. 1-ئىيۇل پارتىيەنىڭ تۇغۇلغان كۈنى سۈپىتىدە مەركەز ھۆججىتىدە دېيىلگەن ۋاقىت دەل 1941-يىلى 6-ئاي. گەرچە پارتىيەنىڭ تۇغۇلغان كۈنى پارتىيەنىڭ 1-قۇرۇلتاي ئاچقان كۈنى بولمىسىمۇ، لېكىن يەنئەن مەزگىلىدىن باشلاپ 1-ئىيۇلدا پارتىيەنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى باشلىغان. 1-ئىيۇل دېگەن بۇ شانلىق كۈن پارتىيە ۋە مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ قەلبىگە چەكسىز ئورناپ كەتكەن، 1-ئىيۇل بايرىمى ۋەتىنىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم بايراملىرىنىڭ بىرى، 1-ئىيۇل-مەملىكەتتىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم يولىدا تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسى يارىتىشتىن دېرەك بېرىدۇ.
مەنبە؛ جۇڭگۇ ئۇيغۇر رادىئوسى تورى
http://www.uycnr.com/lssdjt/201107/t20110701_124704.html