مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 829|ئىنكاس: 2

ئائىلە تەربىيەسىدىكى يوسۇنلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

نېمىلەرنى ئويلا

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11976
يازما سانى: 739
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16174
تۆھپە نۇمۇرى: 3127
توردا: 349 سائەت
تىزىم: 2010-9-28
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-2 01:54:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قۇربانجان ئابلىمىت نورۇزى





ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە تەربىيەسى يوسۇنلىرى ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئادەتتە ئۆرپ-ئادەت تەربىيەسى ۋە مىللىي ئەنئەنە تەربىيەسى بىلەن ئالاھىدە خاراكتېرلىنىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى يوسۇنلىرىدا ئائىلە تەربىيەسى ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئائىلە تەربىيەسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئادىمىيلىك تەربىيەسىدىكى مۇھىم ھالقا بولۇپ، بالىنىڭ قانداق ئادەم بولۇپ چىقىشى ئۇنىڭ ئائىلىسى بىلەن چېتىشتۇرۇلغان. شۇڭا، بالىنىڭ تىلى چىققاندىن باشلاپ ئۇنىڭغا ئائىلە تەربىيەسى بېرىلىدۇ. چۈنكى، بۇ تەربىيە بالىنىڭ پۈتكۈل ئۆمرىدىكى ياكى ئۇنداق ياكى مۇنداق پائالىيەتلىرىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇققان، قولۇم-قوشنىلارنى تونۇش ۋە ئۇلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش قاتارلىقلار ئائىلە تەربىيەسى سۈپىتىدە ھەر خىل ھەرىكەت ۋە قىلىقلار ئارقىلىق بالىلارغا ئۆگىتىلىدۇ. شۇڭا، بالىلار كۆپىنچە بۇ كىشىلەردىن يېتىرقاپ كەتمەيدۇ.

ئادەتتە بالا ئۈچ-تۆت ياشقا كىرگەندە، ئائىلە تەربىيەسىنى بىر قەدەر چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا بولىدۇ. بۇ ياشتىكى بالىلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى بىر قىسىم قائىدە-قانۇنىيەتلەرنى چۈشىنىش ئىقتىدارى دەسلەپكى قەدەمدە يېتىلگەن بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاتا-ئانا، ئاكا-ھەدىلەرنىڭ قائىدە سۆزلەپ بىر قىسىم مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرۈش ئىمكانىيىتى تۇغۇلىدۇ. شۇڭا، بالىلارغا ئائىلە تەربىيەسى بېرىشتە قەدىمدىن بۇيان مۇشۇ ياشتىكى مەزگىلى ئەڭ مۇھىم مەزگىل دەپ قارىلىپ كەلگەن ۋە ئائىلە تەربىيەسى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇلغان ھەم سىجىللىققا ئىگە قىلىنغان.



ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە تەربىيەسى مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ئائىلە ئىستىلى، شۇنىڭدەك ئائىلىنىڭ شان-شەرىپى، ئىناۋىتى، قەدىر-قىممىتى، جەمئىيەتتىكى يۈز-ئابرويى بىلەن ئۆلچەنگەن. شۇنداق بولغاچقا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىسىدە قەدىمدىن بۇيان، ھەر قانداق كىشى ئۆز ئائىلىسىنىڭ ئومۇم قوبۇل قىلالايدىغان دائىرىدىكى ئائىلە ئىستىلى دائىرىسىدە پائالىيەت ئېلىپ بارغان ۋە جەمئىيەت بىلەن ئورتاقلاشقان، ئائىلىسىنىڭ ئىستىلىنى قوغدىغان ھەم ئۇنىڭغا ۋارسلىق قىلىپ كەلگەن. دەل شۇنداق بولغاچقا، ئەنئەنىۋى ۋە بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، شۇنىڭدەك سىياسىي مۇناسىۋەتلەردە ئادەمنىڭ ئائىلە كېلىپ چىقىشى، يەنى ئۇنىڭ تېگى-تەكتى ئالاھىدە ئۆلچەم قىلىنغان. ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئائىلە ئىستىلىدا ئاتا بىلەن ئانىنىڭ ئىستىلى ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئوغۇلنى ئاتا، قىزنى ئانا تەربىيەلەش ۋە ئائىلىسىنىڭ، جۈملىدىن جەمەتىنىڭ ئىستىلىنى سىڭدۈرۈش ئەنئەنىۋى قائىدىگە ئايلانغان. قوچو ئۇيغۇر خانلىقىغا ئائىت يازما يادىكارلىقلاردا «پەزىلەتلىك كىشى — گۆھەر، پەزىلەتسىز كىشى — پېتەك» دېگەنگە ئوخشاش گۈزەل ئىبارىلەرنىڭ ئۇچرىشى، بالىلارنى تەربىيەلەشنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپمۇ «قۇتادغۇبىلىك» ناملىق ئەسىرىدە، بالىلارنىڭ قانداق ئادەم بولۇشىنى ئاتا-ئانىغا باغلايدۇ ھەمدە ئائىلە تەربىيەسىنىڭ ئاساسى ئاتا ئەخلاقى ۋە ئانا ئەخلاقىدىن باشقا، يەنە ئەڭ مۇھىمى پەرزەنتلەرنى قانداق تەربىيەلەش مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. مەسلەن:

ئاتا ئەمگىكى سىڭسە ئوغلىغا كۆپ،

بولۇر بۇ ئوغۇلنىڭ خۇيى-پەيلى خوپ.



تۇغۇلسا ساڭا ئاي كەبى قىز-ئوغۇل،

ئاڭا تەربىيەچى سەن ئۆزۈڭلا بول.



ئېرىغ ياخشىنى ئال ئىنىگە قىلىپ،

ئوغۇل-قىز ئۆسەر پاك ۋە ساغلام بولۇپ.


ئۇنىڭدىن باشقا، «ئاتىنىڭ ئىزى بالىغا قالار»، «ئالا ئىنەكنىڭ بالىسى چار قۇيرۇق» دېگەنگە ئوخشاش ماقال- تەمسىللەرنى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدىن بۇيان بالىلارغا ئائىلە تەربىيەسى ۋە ئائىلە ئىستىلىغا ئەھمىيەت بېرىش ۋە پەزىلەت، ئىستىل يېتىلدۈرۈشنىڭ ئاتا-ئانىدىن باشلىنىدىغانلىقى ھەققىدە يارقىن ئىپادىسى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى يوسۇنلىرىدىن قارىغىنىمىزدا، ئۇيغۇرلار ئائىلە ئىستىلىغا يۈكسەك ئېتىبار بەرگەن ۋە ئۇنى ئەنئەنىۋى ئادەتكە ئايلاندۇرغان. ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ۋە ئائىلە چۈشەنچىسىدە، ئائىلە ئىستىلىنىڭ توغرا ياكى خاتا بولۇشى ئائىلىنىڭ گۈللىنىشى ياكى ۋەيران بولۇشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئىدىيەۋى تونۇش يۈكسەلدۈرۈلگەن ۋە ئىلگىرى سۈرۈلگەن. لېكىن، ھەر بىر ئائىلىنىڭ بىر پۈتۈن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ يوسۇن چەمبىرىكى ئاساسىي ئوق قىلىنغان ئۆزىگە خاس ئەخلاق قارىشى ۋە دۇنيا قارىشى بولىدۇ. مانا بۇ، ئائىلە ئىستىلى سۈپىتىدە خاراكتېرلىنىدۇ. دەل شۇنداق بولغاچقا، ھەر بىر ئائىلە ئەزاسى ھەر قانداق ۋاقىت ۋە ھەر قانداق جايدا ئۆزى تەۋە ئائىلىنىڭ ئورتاق ئىستىلى بەلگىلىگەن دائىرىدە پائالىيەت قىلىشى مۇھىم ئورۇنغا قويۇلغان. ئائىلىگە مەنسۇپ ئورتاق ئىستىل ھەر بىر ئائىلىدە ئەنئەنىۋى ھالدا شەكىللەنگەن بىر خىل ئىجتىمائىي ئادەت بولۇپ، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئائىلە ئىستىلى ئائىلە تەربىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە تەربىيەسى مۇنداق ئىككى مۇھىم مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرى، ئەخلاقىي تەربىيەگە ئەھمىيەت بىلەن قاراش؛ يەنە بىرى، ئائىلە شەجەرىسىگە ۋارسلىق قىلىپ، ئەۋلادلارنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە دىققەت قىلىشتىن ئىبارەت.



ئومۇمەن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئەخلاق قارىشى ۋە ئادىمىيلىك قارىشى، شۇنىڭدەك پەرزەنت تەربىيەسى قارىشىدا، بالىلارنىڭ قانداق ئادەم بولۇشى ئۇنىڭ قانداق ئائىلىدە چوڭ بولۇشى ۋە ئاتا-ئانىنىڭ ئائىلە تەربىيەسىنى قانداق بېرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ تونۇلىدۇ. شۇڭا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى تۇرمۇشىدا ئاتىلارنىڭ مەرد-مەردانە، راستچىل، تىرىشچان، لەۋزىلىك، كۆڭلى-كۆكسى كەڭ بولۇشى؛ ئانىلارنىڭ ئىپپەت-نومۇسلۇق، ئىشچان، پاكىز، جانلىق، تېتىك، قائىدە-يوسۇنلۇق، مېھرىبان، كۆيۈمچان بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئائىلە تەربىيەسى ئەر ۋە ئايال بولۇشنىڭ مانا مۇشۇنداق ئادەتتىكى شەرتلىرى ۋە ئەخلاقىي تەربىيە ئارقىسىدا بارلىققا كېلىدۇ ۋە تەرەققىي قىلىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە تەربىيەسىدە ئىككى مۇھىم نۇقتا بار. ئۇنىڭ بىرى، ئائىلە ئەزالىرىغا، يەنى بالىلارغا ئەخلاقىي تەربىيە بېرىش ۋە ئۇنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ يەنە بىرى، ئائىلىنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋە شەجەرىسىگە ۋارىسلىق قىلىشتىن ئىبارەت. ئائىلە تەربىيەسىدە ئەخلاقىي تەربىيە ئائىلە تەربىيەسىنىڭ ئۇلى ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر بىرەر يىگىت ياكى قىزنىڭ ئەدەپسىزلىكى، ھاياسىزلىقى كىشىلەرنىڭ كۆزىگە چېلىقىپ قالغۇدەك بولسا، كىشىلەر ئوخشاشلا «تەربىيە كۆرمىگەن»، «ئاتا تەربىيەسى، ئانا تەربىيەسى كۆرمىگەن» دەپ ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ئەيىبلەيدۇ. ئائىلە ئەزالىرىغا ئەخلاقىي تەربىيە بېرىش ئاتا-ئانىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مۇقەددەس بۇرچى بولغاچقا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە كۆز قارىشىدا «ئاتىنىڭ ئىزى بالىغا قالىدۇ» دېگەن ئەقىدە ناھايىتى كۈچلۈك ئورۇندا تۇرىدۇ. دەل شۇنداق بولغاچقا، يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇنىڭدىن 1000 يىللار ئىلگىرىلا «قۇتادغۇبىلىك» داستانىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتكەنىدى:

ئوغۇلنى كىچىكتە ئوقۇتماق زۆرۈر،

كىچىكلىكتە بىلسە ئۇتۇقلۇق بولۇر.



كىچىك چاغدا بىلسە بالا نېمىنى،

قېرىپ ئۆلمىگۈنچە ئۇنۇتماس ئۇنى.



ئوغۇل-قىزغا ئۆگەت بىلىم ھەم ئەدەپ،

بېرۇر بۇ ئاڭا ئىككى دۇنيادا نەپ.



ئوغۇل-قىز خۇيى-پەيلى بولسا يامان،

يامان قىلغان ئاتا بۇلارنى ھامان.


شۇڭا، ئاتا-ئانا بالىلىرىنى كىچىكىدىن باشلاپلا، ئەدەب-ئەخلاقلىق، ئىپپەت-نومۇسلۇق، قائىدە-يوسۇنلۇق، راستچىل، ھالال لەۋزلىك، ئەمگەكچان، چوڭلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، كىچىكلەرنى ئىززەتلەيدىغان، كۆيۈمچان ۋە پاكىز بولۇشتەك ئادىمىيلىكنىڭ مىزانى ۋە ئۆلچەملىرى بىلەن تەربىيەلەيدۇ. ئاتا ئوغلىنى ئەگەشتۈرۈپ يۈرۈپ، جەمئىيەت بىلەن ئۇچراشتۇرىدۇ، ئەدەب-ئەخلاق، قائىدە-يوسۇنلارنى ئۆگىنىدىغان سورۇنلارغا ئېلىپ بارىدۇ. «ئوغلۇم يەتتە ياشقا تولدى، تەلىم ئالسۇن، قائىدە-يوسۇنلارنى ئۆگەنسۇن» دەپ مەشرەپ ئەھلىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. پەن ۋە دىن ئىلمىنى ئۆگەنسۇن دەپ، موللا ۋە ئۆلىمالارغا بېرىدۇ. ئانا قىزىنىڭ تەربىيەسىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بىلەن قارايدۇ. ئانا قىزىنى ئەگەشتۈرۈپ، توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراقلارغا، ئۇرۇق-تۇققانلارنى يوقلاش، شۇنىڭدەك ھەر خىل مېھماندارچىلىقلارغا ئېلىپ بېرىپ، قىزى ئۆگىنىشكە، بىلىشكە تېگىشلىك بولغان قائىدە-يوسۇنلارنى ئۆگىتىدۇ؛ بىلىملىك، لاتاپەتلىك بولۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى، كىشىلەر بىلەن قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەكلىكىنى، قائىدە-يوسۇنلاردىن قانداق بەھر ئېلىش ۋە ئۇنى داۋام ئېتىش كېرەكلىكىنى، گۈزەللىك قارىشىنى قانداق يېتىلدۈرۈشنىڭ لازىملىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئاتا-ئانا بولغۇچى ئۆيىگە مېھمان كەلسە، بالىسىنى چاقىرىپ مېھمانغا ئەدەب بىلەن سالام بېرىشكە دەۋەت قىلىدۇ ھەمدە قولىغا سۇ بېرىشكە بۇيرۇيدۇ. مېھمان ئەر كىشى بولسا، ئوغۇل ئۇنىڭ قولىغا سۇ قويىدۇ؛ مېھمان ئايال كىشى بولسا، ئۇنىڭ قولىغا قىز سۇ قويىدۇ. ناۋادا، ئۆي ئىگىسىنىڭ ئوغلى بولۇپ، قىزى بولمىسا، قىزى بولۇپ، ئوغلى بولمىسا، مېھماننىڭ قولىغا ئوغۇل ياكى قىز سۇ قويىدۇ. ئاتا-ئانا بولغۇچى يەنە بالىسىغا مېھماننىڭ ئالدىغا داستىخان سېلىشنى ئۆگىتىدۇ. داستىخانغا نازۇ-نېمەتلەرنى قانداق تىزىشنى، قانداق شەكىلدە قويۇشنى، مېھمانغا چاي ياكى تائامنى قانداق سۇنۇشنى، مېھماننى تائامغا قانداق قىلىپ تەكلىپ قىلىشنى ئۆگىتىدۇ. شۇ ئارقىلىق ئوغۇل ياكى قىز مېھمان كۈتۈشنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرىدىن تەربىيە ئالىدۇ. ئۇغيۇرلارنىڭ ئەنئەنىسىدە «قىز بالا تالانىڭ ئادىمى» دېيىلىدىغان قاراش بولغاچقا، ئانىنىڭ قىزىنى تەربىيەلەشتىكى ئەجرى شۇنىڭغا مۇناسىپ چوڭقۇر بولىدۇ. يات كىشىلەرنىڭ ئالدىدا يەرگە قاراپ قالمىسۇن، ئانا تەربىيەسى كۆرمىگەن، دەپ ئەيىبكە قالمىسۇن دەپ، قىزىنىڭ ئىپپەت-نومۇسلۇق، ئەخلاقلىق بولۇشىنى، پۇت-قولىنىڭ چاققان، ھەرىكىتىنىڭ چەبدەس ۋە لاتاپەتلىك بولۇشىنى، كىر-قات يۇيۇش، ئۆي تازىلىقى قىلىش، تاماق ئېتىش، تىكىمچىلىك، يۈرۈش-تۇرۇش، ياسىنىش-تارىنىش، شەخسىي تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىش قاتارلىقلارنى بىر-بىرلەپ ئۆگىتىدۇ. ئاتا-ئانا بولغۇچى يەنە ئائىلە تەربىيەسىدە بالىلارغا ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ نام-ئەمەللىرىنى، ئىش-ھەرىكەتلىرىنى ئۇنتۇماسلىق، ئۇلارنىڭ شەنىگە داغ كەلتۈرمەسلىك، ئۆز جەمەتىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئىناۋىتىنى قوغداش ۋە ئۇنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت ئائىلە شەجەرىسىگە ۋارىسلىق قىلىش تەربىيەسىنى بېرىدۇ.

قىسقىسى، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قەدىمدىن تارتىپ ئەنئەنە سۈپىتىدە داۋاملىشىپ كەلگەن بىر يۈرۈش ئائىلە قائىدە- يوسۇنلىرى تۇرغۇزۇلغان، كېيىنچە ئىسلام دىنىنىڭ ئەدەب-ئەخلاق مىزانلىرى بىلەن زىچ بىرلىشىپ ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك مۇكەممەل قائىدە-يوسۇنغا ئايلانغان بولۇپ، بۇلار خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە كىلاسسىك يازما ئەدەبىياتتا روشەن ئەكس ئېتىلگەن. دېمەك، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئائىلىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى پۈتكۈل ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك قائىدە-يوسۇنلار بارلىققا كەلگەن. ئۇ تارىختىن بۇيان بىر خىل ئەنئەنىۋى ئادەت سۈپىتىدە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئائىلە قائىدە-يوسۇنلىرىغا خىلاپ ئىش-ھەرىكەتلىرىنى ئەيىبلەش ۋە چەكلەش رولىنى ئويناپ كەلگەن ۋە كەلمەكتە.

    مەنبە: «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژورنىلىنىڭ 2011-يىللىق 2-سانىدىن ئېلىندى
http://www.uycnr.com/wh/wwewh/201105/t20110506_110693.html

قاراڭغۇ زۇلمەتنى قاغىغاندىن كۆرە بىرەر چىراق ياققىنىڭ تۈزۈك

ئاللاھ &nbs

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37445
يازما سانى: 1536
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2999
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2011-4-13
ئاخىرقى: 2011-12-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-2 02:46:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنتايىن مۇھىم تىمىدىن بىرنى يوللاپسىز ، قىزلار ئۇنداق ، ئوغۇللار مۇنداق دەپ ئاغرىنىپ كىتىمىز ، لىكىن شۇ ئەخلاقسىز بالىلارنىڭ كۆپ قىسمى  ئاتا ئانا تەربىيەسى كۈرەلمىگەنلەر .

قالغان ئۆمرۈمنى ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىش بىلەن بىرگە ، يولدىشىمنى رازى قىلىپ . ئۈچ ئوغلۇمنى ئىسلام قائىدىسى بۇيىچە تەربىيلەپ، ئاتا_ئانامنىڭ ئۈمۈدىنى ئاقلىسام دەيمەن . ئۇلۇغ ئاللاھ نىيىتىمگە يەتكۈزگەي.

ۋاقىت ئالتۇندىن

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40561
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3199
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1077 سائەت
تىزىم: 2011-5-13
ئاخىرقى: 2012-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-3 04:05:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باللارنى  تەربىيلەشتە ،ئائىلنىڭ تەربىيسى ئىنتايىن مۇھىم.شۇڭا ئاتا_ئانا بۇلگۇچى ئۈز ۋەزىپىسنى جارى قىلدۇرۇش ۋە باللارغا ئۇلگە بۇلۇشى كىرەك .باللارنى كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ تەربىيلەش لازىم .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش