مەرىپەت جەڭچىىسى مەمتىلى ئەپەندى ۋە
<<تەڭرىتاغ بۈركۈتى>>ئابدۇكېرىم ئابباسوۋ
1
ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە يالقۇن رۇزى ئەپەندى بىلەن پەرھات تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ پىكىر ئىختىلابلىرى ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر تازا قىزىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا دىيارىمىزدا ياشاپ ئۆتكەن،مىللىتىمىزنىڭ مائارىپ،مەدەنىيەت،سىياسىي ۋە ئىدىيە تارىخىغا ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسەتكەن،بىر يۇرتتىن بولغان ئىككى موھىم تارىخىي شەخس_مەرىپەت جەڭچىسى مەمتىلى ئەپەندى(1901-1937)بىلەن<<تەڭرىتاغ بۈركۈتى>>ئابدۇكېرىم ئابباسوۋ(1921-1949)لار ھەققىدىكى سېلىشتۇرما پىكىرلەر ئىزچىل ھالدا خىيالىمدىن نېرى كەتمىدى.مەرھۇم سەپىدىن ئەزىزى مەخسۇس تەرجىمھالىنى يازغان بۇ ئىككى تارىخىي شەخسنىڭ ھېچقانداق بىر مۇناسىۋىتى ياكى پىكىر ئىختىلابى يوقلىقى ھەممەيلەنگە ئايان.
مېنىڭ تەسسەۋۇرۇمچە ناۋادا بۇ ئىككى تارىخىي شەخس بىر دەۋردە،بىر ماكاندا ياشاپ ھەم مۇنازىرلىشىپ قالغان بولسا،ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى پىكىر ئىختىلابى چوقۇم پەرھات تۇرسۇن
ئەپەندى بىلەن يالقۇن رۇزى ئەپەندىلەر ئوتتۇرسىدىكى پىكىر ئىختىلابىدىن كەسكىن بولغان بولاتتى.
ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى،سىزمۇ ئۇلارنىڭ ئىدىيەلىرى ۋە سىياسىي غايىلىرىنى ئەقىل كۆزۈڭىز بىلەن كۈزۈتۈپ،سېلىشتۇرۇپ ئۆز كۆڭۈل ئەلگىكىڭىزدە تاسقاپ باققايسىز.مەن مىللەتنىڭ سىياسىي غايىلىرى ئەدەبىيات_سەنئەت ھەققىدىكى غايىلىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ،دەپ قارىغۇچىلاردىن.
2
مەمتىلى ئەپەندى 1901-يىلى ئاتۇشنىڭ بۇيامەت كەنتىدە دۇنياغا كەلگەن.ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىكى تۇنجى پەننىي مەكتەپ <<ھۆسەينىيە مەكتىپى>>گە ئوقۇشقا كىرگەن.مەمتىلى ئەپەندى <<ھۆسەينىيە>>مەكتىپىدىكى ئوقۇشنى تۈگەتكەندىن كىيىن 1920-1921- يىللىرى دادىسى توختاجى بىلەن بىرگە ئىلى،بورتالا ۋە چۆچەك قاتارلىق جايلارغا بارىدۇ.چۆچەكتە كۆپ تەرەپلىمە مەلۇمەتلىق دىنىي زات مۇرات ئەپەندىنىڭ مەرىپەت ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتىغان بۇ جاسارەتلىك يىگىتكە مېھرى چۈشۈپ قالغان ھەم ئۇنى تەربىيلىگەن.
تەقىپ ئېچىدە قالغان ياش شائىر ئۇستازى مۇرات ئەپەندىنىڭ سەمىمىي ئاتىدارچىلقى بىلەن 1926-يىلى بىر كىچىدىلا چېگىردىن چىقىپ،شەمەيدە بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن تاشكەنتكە بېرىپ ئوقۇغان ۋە ماركىسىزم_لېنىنىزمغا ئېتىقاد قىلىش،ئۆكتەبىر ئىنقىلابى ئېچىپ بەرگەن يول بىلەن مېڭىش ھەققىدىكى مەجبۇرلاش خاراكتېرىدىكى تەشۋىقى تەربىيىگە دۇچ كەلگەن.
مەمتىلى ئەپەندى،ئۆز تارىخىدا كېڭەيمىچى ۋە ھۆكۈمران مىللەت بولغان روسلار يېڭى ئىدىيە ۋە يېڭى تۈزۈم مۇناسىۋىتى بىلەن قىسقا مەزگىل ئىچىدىلا ئۆزگىرىپ باشقا بىر مىللەتكە ئۆزگىرىپ قالمايدۇ.ئۇلار بۇ يېڭى ئىدىيە ۋە يېڭى تۈزۈمنىمۇ ئۆزلىرىنىڭ مىللىي مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىدۇ،ئۇلار مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىنى ۋاستىللىرى ۋە بايرىقىنى ئۆزگەركەن ھالدا داۋام قىلدۇرىۋېرىدۇ.مىللىتلەرنىڭ ھوقۇقى ۋە باراۋەرلىكى توغىرسىدىكى قارار،قانۇن ۋە ھۆججەتلەرنىڭ ئەمەلىي ئەھمىيىتى تەشۋىقات ۋە ۋاستە دائىرسىدىن چىقىپ كېتەلمەيدۇ،ئۇلار ۋەدە قىلىۋاتقان جەننەتلەرنى بۇ زېمىندا پەقەت ئۆزلىرى ئۈچۈنلا قۇرۇيدىكى،ھەرگىز يەرلىك خەلق ئۈچۈن قۇرۇپ بەرمەيدۇ،پەقەت ئۇلارنىڭ زېمىنى،بايلىقى،ۋە ئەمگەك كۈچلىرىدىن پايدىلىنىدۇ،خالاس.ئەۋلادلار ئالمىشىدۇ،ھۆكۈمەتلەر ئۆزگىرىدۇ،نەزەرىيە،ئىدىيە ۋە باشقۇرۇش شەكىللىرى يېڭىلىنىدۇ،ئەمما مەقسەت ۋە ماھيەت ئۆزگەرمەيدۇ،دېگەن قاراشقا كېلىپ قالغان ئىدى.
مەمتىلى ئەپەندى مىللەتنى قۇتۇلدۇردىغان توغرا يولنى تاللاپ مېڭىپ،مىڭ بىر مۇشەققەتتە قىرىم يېرىم ئارىلدىكى سېۋاستوپول پورتىدىن پاراخوتقا ئولتۇرۇپ ئىستامبولغا يىتىپ بارغان.ئىستانبولدىكى بىر دارىلمۇئەللىمىن مەكتەپتە ئۈچ يىل ئوقۇپ ھەقىقىي لايەقەتلىك بىر مەرىپەت جەڭچىسىگەئايلانغان.
مىللەتنىڭ تەقدىرى،ۋەتەننىڭ ئىستىقبالىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان مەمتىلى ئەپەندى ۋەتەنگە ئىنقىلاپ قاينىمىغا ئۆزۈنى ئېتىش ئىرادىسى بىلەن قايتىپ كىلىپ،ۋەزىيەت پىرونتا جەڭ قىلىشقا
مۇۋاپىق بولمىغاچقا مىللەتنى مائارىپ ئارقىلىق ئويغۇتۇش،خەلقنىڭ تەقدىرىنى مائارىپ ئارقىلىق ئۆزگەرتىش كۈرشىگە ئاتلانغان.ئۇنىڭ 1937-يىل5-ئاينىڭ30-كۈنى سىتالىن ۋە شېڭ شېسەي غالچىللىرى تەرىپىدىن قەشقەر ياۋاغ تۈرمىسىدە كۆيدۈرۈلگىچە بولغان قىسقا ئەمما قىسمەتكە باي شانلىق ھاياتى ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدا شانلىق سەھىپە ئاچتى.مەمتىلى ئەپەندىنىڭ كۈچلۈك مىللىي مۇھاببەت بىلەن سۇغۇرۇلغان جەڭچىگە خاس قەيسەر خاراكتېرى مەڭگۈ ئۆڭمەيدىغان ئىلھامبەخش بىر بايراق بولۇپ قالدى.
3
ئابدۇكېرىم ئابباسوۋنىڭ تېگى ئاتۇشتىن بولۇپ1921-يىلى سوۋېتئىتتىپاقىغا تەۋە پىرىۋارىسكى شەھرىدە تۇغۇلغان.1927-يىلى ئانىسىغا ئەگىشىپ ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ قورغاستا بىر يىل تۇرغاندىن كېيىن ئائىلىسى بىلەن ئۈچتۈرپانغا بېرىپ يەرلەشكەن.1938-يىلى شىنجاڭ ئىنىستوتى قارمىقىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرگەن.ئۇ يەردە لىن جىلۇدىن ئىبارەت خىزىرغا ئۇچۇرىغان (<<ئۆمۈر داستانى>>2-قىسىم431-بەت)ھەم ماركىسزم ۋە كومنىزىمغا قارىتا كۈچلۈك ئېتىقاد يىتىلدۈرگەن.
1940-يىلىدىن1942-يىلغىچە ساۋەن ناھيىسىدە باشلانغۇچ مەكتەپتەئوقۇتقۇچىلىق قىلغان.1943-يىلى ئىلى مەمۇرىي مەھكىمىسىدە مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مۇپەتىشى،تەرجىمانى بولۇپ ئىشلەش جەريانىدا<<ماركىسىزم-لېنىنزم گورۇپپىسى>>نى قۇرىغان.1944-يىلى قاسىمجان قەمبىرى بىلەن ئېلىخان تۆرە قاتارلىق ئون نەپەر پومشىكتىن تەشكىل تاپقان<<ئازادلىق تەشكىلاتى>> قۇرۇش پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتناشقان.(ئىدىيە ۋە ئېتىقادى تۈپتىن قارىمۇ قارىشى بولغان بۇ ئىككى كىشىنىڭ بىرا ۋاقىتتا بىر تەشكىلاتنىڭ قۇرغۇچىللىرىدىن بولۇپ قېلىشى ئەلۋەتتە تارىخىمىزدىكى يەنىمۇ ئىزدىنىشكە تىگىشلىك بىر مەسلە ئەلۋەتتە)
1944-يىلى11-ئاينىڭ12-كۈنى غۇلجىدا جۇمھۇرىيەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمۈتى قۇرۇلغاندا ئابدۇكېرىم ئابباسوۋ ھۆكۈمەت ئەزاسى،ئىچكى ئىشلار نازارىتىنىڭ نازىرى،مىللىي ئارمىيە قۇرۇلغاندا سىياسىي بۆلۈم مودىرى بولغان.گومىنداڭ بىلەن تىنچلىق بېتىمى تۈزۈشكە قاتنىشىپ،ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ باش كاتىپى بولغان.ئۇ يەنە ئۈرۈمچىدە<<خەلق ئىنقىلابىي پارتىيىسى>>بىلەن<<شىنجاڭ كومىنىزىمچىلار ئىتتىپاقى>>نى بىرلەشتۈرۈش خىزمىتىنى بىۋاستە قول سېلىپ ئىشلىگەن ھەمدە يولداش دۇڭ بىۋۇ ئارقىلىق جۇڭگو كومنىستىك پارتىيسىنىڭ يوليۇرۇقى ۋە غەمخورلىقىنى قولغا كەلتۈرگەن.
ئۇ1949-يىلى8-ئاينىڭ27-كۈنى سوۋىت ئىتتىپاقىغا تەۋە بايقال كۆلى ئەتىراپىدىكى ھاۋا بوشلۇقىدا ئايرۇپىلان ھادىسىسىگە ئۇچىراپ ۋاپات بولغان.
پايدىلانغان كىتابلار: يالقۇن رۇزى،مىرئەھمەت سىيىت<<مەمتىلى ئەپەندى>>،سەيپىدىن ئەزىزى<<تەڭرىتاغ بۈركۈتى>>،<<ئۆمۈر داستانى>>
2008-يىل