|
|
|
|
ساياھەتچىلىكى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان قاراماي
قاراماي شىنجاڭدىكى « بەش رايون، ئۈچ لىنىيە » لىك نادىر ساياھەت لىنىيەسىنىڭ شىمالىي بۆلىكىگە تەۋەنۇقتىلىق ۋە مەركەزلىك شەھەر. يەر كۆلىمى 9500 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان بۇ زېمىننىڭ يەر ئاستىدا مول نېفىت زاپىسى،تەبىئىي گاز ۋە كان مەھسۇلاتلىرى بولغاندىن سىرت، ئۇنىڭدا يەنە ساياھەتچىلىك جەھەتتىمۇ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان نۇرغۇن ئەۋزەللىكلەر بار. بۇ يەردە تەبىئىي مەنزىرە ۋە مول ساياھەت مەدەنىيىتىگە ئىگە 45 ئورۇن بار. مەسىلەن، دۇنيا بويىچە تىپىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ماترىك يەر شەكلى مەنزىرەرايونى ـــ شەيتانكەرش، گىئولوگىيەلىك ئالاھىدىلىكى بويىچە دۇنياۋى مۆجىزە ـــ كونا قاراماي، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن ئېچىلغان تۇنجى ماي قۇدۇقى شۇنداقلا قاراماي نېفىتلىكى بايقالغانلىقىنىڭ نامايەندىسى ـــ بىرىنچى قۇدۇق......، بۇلارنىڭ ھەممىسى داڭقى يىراق – يېقىنغا تارالغان، پەۋقۇلئاددە چوڭ تىپتىكى نېفىتخىمىيە سانائىتى قۇرۇلۇشىدىكى مۆجىزىلەردۇر. قاراماي ساياھەتچىلىكتىكى بۇ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى بىلەن گۈزەللىكىنى نامايەن قىلىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىقتىسادىي ئاساسنىڭ تۈرتكىسىدە، شەھىرىمىزنىڭ ساياھەتچىلىك ئىشلىرى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى. يېمەك - ئىچمەك، كۆڭۈل ئېچىش، مېھمانخانا كەسىپلىرى روناق تېپىپ، ساياھەتچىلىك كەسپى كۈنسىرى قىزىپ، شەھىرىمىزدىكى ساياھەت كەسپىي كارخانىلىرى 155 كە ( بۇنىڭ ئىچىدە يۇلتۇز دەرىجىلىك مېھمانخانىدىن 19 ى، ساياھەت كوپراتىپىدىن 14 ى بار) يېتىپ، شەھىرىمىزدە ئىقتىدارى تولۇق، يۈرۈشتۈرۈلۈشى تەرتىپلىك، مۇلازىمىتى قېلىپلاشقان زامانىۋى ساياھەت سېستىمىسى شەكىللەندى. بۇ يېڭى كەسپنىڭ كۈچىيىشىبىلەن شەھىرىمىزدە، 37 ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى، 18 « دېھقانلار شادلىقىئارامگاھى»، 11 ئارامگاھ ، 4 قار تېيىلىش مەيدانى قۇرۇلۇپ، ساياھەتنى، مۇھىت ئاسراشنى،ئازادە ئارام ئېلىشنى، بەدەن چېنىقتۇرۇپ ساغلام دەمئېلىشنى ئاساس قىلغان، يەنى، باھاردا سەيلە قىلىدىغان، كۈزدە مېۋە ئۈزىدىغان، قىشتا قار تېيىلىدىغان مۇھىت ھازىرلاپ، قاتناش قاتارلىق بارلىق مۇناسىۋەتلىك ئەسلىھەلەر تولۇق بولغان يېڭىچە بىر ساياھەت قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى. ئۇنىڭدىن سىرت، شەيتانكەرش شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ شىمالىي ئاساسىي لىنىيەسىدىكى ئۈچ ئاساسىي مەنزىرە رايونى (تەڭرىتېغىدىكى بوغدا كۆلى، دۇنياۋى مۆجىزە شەيتانكەرش، قاناس كۆلى) نىڭ بىرى بولۇپ قالدى ھەمدە مەملىكەت بويىچە 4A دەرىجىلىك ساياھەت رايونى بولۇپ باھالىنىپ، « جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل ماترىك »، « جۇڭگودىكى چەتئەللىكلەر ساياھەت قىلىشقا ئەڭ ئەرزىيدىغان 50 ئورۇننىڭ بىرى » دېگەن ئالاھىدە شەرەپلەرگە مۇيەسسەر بولدى.9 يىلدىن بۇيانقى تەرەققىيات مابەينىدە، ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ ھاياتىي كۈچى كۈنسېرى ئۇرغۇپ، شەھىرىمىز مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيدىغان« جۇڭگودىكى ئىلغار ساياھەت شەھىرى » بولۇپ قالدى ھەمدە، تۇنجى تۈركۈمدىكى« مەملىكەتلىك سانائەت ساياھەتچىلىكىدىكى ئۈلگىلىك ئورۇن » بولۇپ باھالاندى.
قاراماي خۇددىي بىر گۈزەل ناخشىغا ئوخشايدۇ، يەنە كېلىپ ئۇ ساياھەتچىلەر كېلىشنى ئىنتايىن ئارزۇ قىلىدىغان جاي. قارامايدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئۆزلىرىنىڭ دۇنياۋى ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى، زامانىۋىيلاشقان نېفىت شەھىرى، ساياھەتچىلىكتىكى داڭلىق شەھەر قۇرالايدىغانلىقىغا ھەمدە شەھىرىمىزنىڭ ساياھەتچىلىك ئىشلىرىنى تېخىمۇ گۈللەندۈرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.
قاراماي ــــ زامانىۋىيلاشقان، ئازادە، پاكىز شەھەر. قاراماي خەلقى ئۇنى، غەرب ساياھەتچىلىكىدىكى گۈزەل شەھەر ۋە شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدىكى ئەڭ مەنزىرىلىك شەھەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشماقتا.
http://www.qaramay.com/html/sayahet/2011/0214/506.html
|
|
|
|
|
|