[size=6]چىن سۆيگۈ
مۇھەببەتنىڭ ئاتەش نۇرلىرى ،
يۇرۇتقاندا نۇرسىز كۆزۈمنى .
كۆكتە پەرۋاز قىلغان لاچندەك ،
شۇنچە ئەركىن سەزدىم ئۆزۈمنى .
تۇيۇقسىزلا كۆرۈندۈڭ ماڭا ،
شۇندا يۈرەك ئوت بولۇپ ياندى .
سېنى دەپلا كەپسىز بۇ كۆڭۈل ،
دۇنيادىكى بارچىدىن تاندى .
ئەپسۇس يەنە ئۇچتۇڭ كۆزۈمدىن ،
ئەي نىگارىم كەتتىڭ سەن قايان .
سېنى كۆرگەن مىنۇتتىن باشلاپ ،
ھەر چۈشۈمدە بولدۇڭ سەن ئايان .
سېنى ئىزلەپ ئەي گۈزەل رەنا ،
داۋان ئاشتىم ، چۆللەرنى كەزدىم .
سېنى قايتا كۆرگەن چېغىمدا ،
مەن ئۆزۈمنى بەختىيار سەزدىم .
ئەمدى مەندىن قاچما ئەي گۈزەل ،
پاك سۆيگۈمنى ھەرگىز قىلما رەت .
مۇھەببەتتۇر مېنىڭ ئارمىنىم ،
سېنى دەپلا ياشايمەن ئەبەت .
مەنبە : ئىجادىيىتىم .