كۆپىنچە ئۇيغۇرلار ‹‹ تارانچى ›› سۆزىنى ئاڭلىسا، ‹‹ ئىلى دىياردىكى يەرلىك ئۇيغۇرلار ›› دەپ چۈشىنىدۇ. لېكىن ئۇلار قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ تەۋەسىدە ‹‹ تارانچى ›› دەپ ئاتىلىدىغان مۇھىم كۆمۈر سانائەت بازىسىنىڭ بارلىقىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن.
تارانچى كۆمۈر كانى غەربىي شىمالدىكى ئەڭ چوڭ كانلارنىڭ بىرى بولۇپ، 1-كان، 2-كان ۋە ئۈستى ئوچۇق كاندىن ئىبارەت 3 كاندىن تەشكىل تاپقان. ‹‹ ئۈستى ئوچۇق كان ›› شىنجاڭ ھەتتاكى غەربىي شىمال بويىچە ئەڭ چوڭ ئۈستى ئوچۇق كان بولۇپ، كۆمۈر قېزىلغان ئازگالنىڭ ئايلانمىسى 20 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. تارانچىنىڭ خەنزۇچە نامى 三道岭 بولۇپ، بۇ نام 1960-يىللاردىن كېيىن قويۇلغان ئىكەن. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، نەچچە يۈز يىللاردىن بېرى ‹‹ تارانچى ›› دەپ نام ئېلىۋاتقان بۇ يۇرتنىڭ نامى تا ھازىرغىچە ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن لۇغەتكە، يۇرتلار نامى قاتارىغا ياكى خەرىتىگە ئېلىنغىنى يوق. ‹‹ تارانچى ›› سۆزىنى لۇغەتتىن ئاختۇرسىڭىز، ‹‹ ئىلى دىيارىدىكى تارانچىلار ›› نى چۈشەندۈرىدۇ، شىنجاڭدىكى يۇرتلار نامى قاتارىدا ‹‹ تارانچى ›› دىگەن سۆزنى قەتئىي تاپالمايسىز، ئۇيغۇرچە ئىشلەنگەن خەرىتىدىمۇ بۇ مۇھىم ئورۇننى تاپالمىغاننىڭ ئۈستىگە، تارانچى ئەتراپىدىكى نۇرغۇن جاي ناملىرى خاتا يېزىلغان. مەسىلەن: ‹‹ جىگدە ›› (جىگدىلىك) نى خەنزۇچە ‹‹沙枣泉 ›› سۆزىگە ئاساسەنلا ‹‹ جىگدە بۇلاق ›› دەپ ئالغان. ‹‹ ئۆردەكلىك ›› نى بولسا ‹‹ يازىچۈەن›› دەپ ئالغان.
قۇمۇلدىكى ‹‹ تارانچى ››
قۇمۇل (قامىل) دىيارىغا نىسبەتەن، تارانچىنىڭ ئومومىي نوپۇسى 32 مىڭدىن ئارتۇق ( 2010 -يىللىق نوپۇس تەكشۈرۈشتە 40 مىڭدىن ئاشقان ) بولۇپ، قۇمۇل شەھىرى، بارىكۆل (بالىكۆل) ناھىيەسىدىن قالسىلا، نوپۇس جەھەتتە 3-ئورۇندا تۇرۇپ، قۇمۇل ۋىلايىتىدىكى چوڭ بازارلاردىن ھېسابلىنىدۇ. تارانچىدا 5000 غا يېقىن ئۇيغۇر نوپۇسى بار بولۇپ، ئومومىي ئاھالىنىڭ %14 ئەتراپىدا ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا 25 مىڭ خەنزۇ، 1000 دىن ئارتۇق تۇنگان، 1000 دىن ئارتۇق مانجۇ، قازاق قاتارلىق باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى جەنۇبىي شىنجاڭدىن كەلگەنلەر بولۇپ، يەرلىك قۇمۇللۇقلار بىلەن ئارىلىشىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرىنىڭ كىچىكلىتىلگەن كارتىنىسىنى ھاسىل قىلغان. بۇ يەردىن ھەر قايسى يۇرتتىكى كىشىلەرنى تاپقىلى بولىدۇ. بۇ ئۇيغۇرلار ئۆلكە ئازات بولۇپ، 1960-يىلدىن كېيىن دۆلەتنىڭ مەبلەغ سېلىشى بىلەن قۇرۇلغان زامانىۋى كانغا ئىشچى بولۇپ كەلگەنلەر ھېساپلىنىدۇ.
تارانچىدا ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ئاز بولۇشىغا قارىماي، مائارىپ سەۋىيىسى قۇمۇل دىيارى بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. تارانچىدا باشلانغۇچتىن تولۇققىچە بىر گەۋدىلەشكەن بىرلا ئۇيغۇرچە مەكتەپ بار بولۇپ، ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈش نىسبىتى %90 تىن ئاشىدۇ. ھەتتا ئاپتونوم رايون بويىچە ئالدىنقى 100نىڭ ئىچىگە كىرگەنلەردىن جەمئىي 45 ئوقۇغۇچى چىققان. ئۇيغۇرلار ئاساسەن باللىرىنى ئۇيغۇرچە مەكتەپتە ئوقۇتىشىدۇ. شۇنداقتىمۇ، ئۇيغۇرچە مەكتەپتە ئوقۇغانلىكى بالىنىڭ خەنزۇچە سەۋىيىسى بىر قەدەر يۇقىرى چىقىدۇ. مۆلچەرىمچە، %30-%40 كىچە بولغان ئوقۇغۇچى ئالىي ئوقۇللارغىچە ئوقۇيالايدۇ. قالغانلىرى باشلانغۇچ، تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن چۈشۈپ قالىدۇ.
قۇمۇلدىكى ‹‹ تارانچى ›› نامىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى
‹‹ تارانچى ›› نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە مەن بىلگەن مۇنداق ئىككى خىل كۆز قاراش بار.
1. بۇ يۇرتتىكىلەرنىڭ كۆپىنچىسى باشقا يۇرتلاردىن تارىلىپ كەلگەنلىكتىن، ”تارانچى“ دەپ ئاتالغان. بۇ قاراش تارانچىنىڭ ھازىرقى ئەمەلىي ئەھۋالىغا ماس كەلگەنلىكتىن، كۆپىنچە كىشىلەر شۇنداق دەپ قارىشى مۇمكىن.
2. بۇرۇنقى چاغلاردا، بىر قانچە ئۆيلۈك تارانچىلار ئىلىدىن كېلىپ، مۇشۇ رايون تەۋەسىدە بوز يەر ئېچىپ، تېرىقچىلىق قىلغان ئىكەن. كىشىلەر ‹‹ نەگە ماڭدىڭ ›› دەپ سورىسا، ‹‹ تارانچىلار چۈشكەن يەرگە ›› دىگەندەك سۆزلەشمىلەر ئارقلىق، بۇ يەرنىڭ ئىسمى بارا- بارا ‹‹ تارانچى ›› بولۇپ قالغان ئىكەن.
مېنىڭ قارىشىمچە، 2-خىل كۆزقاراش تارىخىي پاكىت ۋە ئەمەلىيەتكە بىر قەدەر ئۇيغۇن. چۈنكى، باشقا يۇرت خەلقلىرى تارانچىغا ”تارىلىپ“ كەلمەستىن بۇرۇنلا، بۇ يەر ”تارانچى“ دەپ ئاتىلىدىكەندۇق.
قۇمۇلدىكى ‹‹ تارانچى ›› نىڭ قىسقىچە تارىخى
يازما تارىخىي ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، تارانچى كۆمۈر كانى ئەڭ دەسلەپ 1761-يىللىرى (چيەنلوڭنىڭ 26-يىلى) تەشكىللىك قېزىلىشقا باشلىغان بولۇپ، دەسلەپتە چىڭ سۇلالىسىنىڭ قۇمۇلدا تۇرۇشلۇق ئورگانلىرى باشقۇرغان، ھەمدە ئاساسەن قۇمۇلدىكى چىڭ قوشۇنى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قامداپ كەلگەن. 1884-يىلى، قۇمۇل خان ئامبالى بىكار قىلىنىپ، قۇمۇلدا تۇرۇشلۇق قوشۇن ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ كەتكەندىن كېيىن، ھۆكۈمەتنىڭ كومتروللىقىدىن شەخىسنىڭ قولىغا ئۆتۈپ، جاۋ فامىلىلىك بىر خەنزۇ سودىگەرگە تەۋە بولغان. 1895-يىلى شامەخسۇت ۋاڭ 3000 سەر كۆمۈشكە تارانچى كۆمۈر كانىنى پۈتۈن ئەسلىھەلىرى بىلەن سېتىۋالغان. 1930-يىللىرىغا كەلگەندە، يولۋاسنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكەن. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىنكى 1960-يىللىرى، ھۆكۈمەت مەبلەغ سېلىپ، شەرقىي شىمالدىكى ئۆلكىلەردىن خەنزۇ ئىشچىلارنى تارانچىغا ئېلىپ كەلگەن، ھەمدە جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە قۇمۇل ئەتراپىدىكى رايونلاردىنمۇ ئۇيغۇر ئىشچىلارنىمۇ يىغقان. شۇنداق قىلىپ، تارانچى كۆپ مىللەت ئولتۇراقلاشقان يېڭى يۇرت بولۇپ قالغان. 2007-يىلى، تارانچى كۆمۈر كانى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ لۇئەن (山西潞安) كۆمۈرچىلىك گۇرۇھىغا سېتىۋېتىلىدۇ.
خەرىتە لايىھەلىگۈچى: كۆكتاش
ماقالە ئاپتورى: كۆكتاش
بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزەم ياسىغان ۋە ئۆزەم يازغان. ئاپتورلۇق ھوقۇقى ئۆزەمدە. شۇڭا باشقۇرغۇچىلار خاتىرجەم تەستىقلاۋەرسەڭلار بولىدۇ!