|
|
|
|
MSN Messenger ئۇيغۇرچىنى مۇكەممەل قوللايدىغان دۇنياۋى تور ئالاقە يۇمشاق دېتالى. بۇ دېتالنى ئىشلىتىشنى كۆپ تەۋسىيە قىلدۇق، كۆرۈنمە يۈزىنى ئۇيغۇرچىمۇ قىلدۇق. لېكىن ئارىمىزدا ئىشلىتىدىغانلار ئانچە كۆپ ئەمەس.
سىز بىز ئىشلەتمىگەن بىلەن بۇ دېتالنىڭ دۇنيا ئوخشاش تۈردىكى دېتاللار بازىدا ئىگىللىگەن نىسبىتى %40.67 .
پات ئارىدا Skpe نى سېتىۋالسا %70 دىن ئاشىدۇ. بىز مېھرىمىزنى ئۈزەلمەيۋاتقان، ئۇيغۇرچىنى قوللىمايدىغان QQ نىڭ يەر شارىدىكى ئىشلىتىلىش نىسبىتى %4.95 .
ئەلۋەتتە بۇنداق توردا پاراڭلىشىدىغان دېتاللاردا پاراڭلىشدىغان ئادەم بولمىسا ئىشلەتكۈسى كەلمەيدۇ. شۇڭا مەن VIP ئەزا بولۇپ MSN توپى قۇردۇم. كۆپچىلىكنى مۇشۇ توپقا كىرىشكە تەكلىپ قىلىمەن. توپتا كومپىيۇتېرغا ئائىت پاراڭلارنى ئاساس قىلىپ باشقا پاراڭلارنىمۇ قىلىشىمىز. بىز ماشنا ئادەم بولمىغاندىكىن چارچىغاندا كۆڭۈل ئېچىش خاراكتىرلىك گەپ-سۆزلەر بولسىمۇ بولىدۇ.
توپ ئادېرسى:
afrasyap@live.cn
بۇ ئادېرسنى MSN Messenger دا ئادەم قوشقاندەك قوشساڭلار بولىدۇ.
MSN Messenger ۋە ئۇيغۇرچىسى ھەققىدە تۆۋەندىكى يازمىلاردا تەپسىلى سۆزلەنگەن.
ئۇيغۇرچە MSN Messenger
MSN Messenger نى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ۋە ئىشلىتىش
Windows Live Messenger نىڭ يەر شارى IM بازىردىكى نىسبىتى %40 دىن ئېشىپ كەتتى
|
|
|
|
|
|