مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1975|ئىنكاس: 11

جەمئىيلىك مۇشائىرىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1539
يازما سانى: 533
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 27709
تۆھپە نۇمۇرى: 944
توردا: 202 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2015-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-18 03:29:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

جەمئىيلىك مۇشائىرىسى

نازى:
ئى! «تۇران»نىڭ پۇشتى-زاتى، «ئايخاقان»نى ئۇنتۇما،
ئول ئانا ئەللەيلىگەن «ئوغۇز» ئىدى ئاھ! تىلتۇما...

كىن:
تۇنجى زات -ئادەم ئاتامنىڭ مەنبەئىي تۇپراقىدۇر،
«سول قوۋۇرغا» ھېكمىتى- جۈپ تەن ئىرۇر ھەۋۋا ئانا.

نازى:
جەننىتىدە نازۇ-نىمەت نەپسى بىر ھال كەلسىمۇ،
قۇدرىتىم بەرگەنكى ئىشق، ھەر نەپەس مېھرى-ۋاپا.

كىن:
ئىختىرا ئاللاھ-ھەكىمدىن ئادەمى تۇنجى ئەسەر،
ئول ئەسەرگە رەڭ بېرەر ئەۋلادىچۈن ھەۋۋا يانا.

نازى:
ئىپتىدا ئەۋۋەل زامان ئەرلەرگە  ئوۋ تاغۇ-دەشت،
خان-خاتۇندۇر پاسىبان يارۇ -يۆلەككى باش پانا.

كىن:
ئوۋ تامان كەتسە يىراق ئەرسىزكى ئۆي ھەپتە، ئېيى،
شۇ سەۋەپ دەسلەپكى «شاھ»- ئول ئايال زاتى راۋا.
نازى:
«نوھ»كى _ «ئادەم سانى» «ئاب»دىن كەلدى ئۈچ پەيغەمبىرى،
تەقۋادار زاھىد سۈپەتكىم ئەلچىلىك بۇرچى ئادا.

كىن:
ئەر ۋۇجۇدى كۈچ- قۇۋەتتىن چۆل-جەزىردە ئولجا-ئوۋ،
پاسىبانلىق بۇرچىدا ھەردەم كېزەر تاغۇ- دالا.

نازى:
قالدى ئۈچ ھەۋۋا قىزى، ئەۋلادقا پەرۋاندۇر كۆزى،
ئەرلىرى ــ «ئەلچى»، ئاياللار ــ نامى «خان» تاجى زىبا.

كىن:
قالمىدى «ياپەس»(1) ئاتامدىن «تۇر» ئوغۇلغا ئەلچىلىك،
«ئاي»(2) ئانام «خان»دۇر يەنە، باغرىدا «ئوغۇز» —ئۇز  بالا.

كىن:
ھوزۇرلۇق چۈشكە مەھكۇممەن قەلب كۈي ئىختىيارىدىن،
ۋوجۇت مۈلكۈمدە گەۋھەرچە ئاگاھلىق تىلتۇمارىدىن.
نازى:
ئۇدۇم شەۋقى بەنت ئەيلەپ تامامى ئىشتىياقىمنى،
قىلىچ،قالقان،«جىدا»، يالمان تۇتۇپ مەۋھۇم قۇرالىدىن.
كىن:
ئانا«ئايخان» تەۋەللۇدتا...چۈشۈپ بىر «ئۇد» سۈپەت ئوغلان،
زىمىن كۈلدى، قەۋم كۈلدى بۇ ھامىي ئىپتىخارىدىن.
نازى:
ئۆڭى كۆك ھەم قارا ساچى،لېۋى ئاتەش،كۆزى ھالرەڭ،
ئانا كۈلدى تەخت ئۆزرە  قۇچاقلاپ ئەتىۋارىدىن.
كىن:
ئاتار ئوقيا، سالار سالما، ئۇچارغا دۇلدۇلى تەييار،
بىلىنگەي تاغ يۇلار بىر كۈچ يىگىتلىك نەۋقىرانىدىن.
نازى:
بېلىنى ئەل ئۈچۈن باغلاپ، زۇلۇمنى قەھرىدە تىلغاپ،
تالاپەتتىن خالاس ئەتتى «قىئات»نىڭ جان قىيارىدىن.
كىن:
ئايال زاتى تەخت ئۆزرە ئىدى ئالتە ئىرا ئىلگىر،
ئىمىشنى رەت قىلىپ ئوغلان؛سوراركى غەمگۈزارىدىن:
نازى:
«سۈتۈڭنىڭ ھۆرمىتىدىنكىم «ئوغۇز» ئاتلىق بولاي ئوغلان،
قەۋمنى «تۇر»غۇزاي دەيمەن، «ئىران»نىڭ شەر-مىسارىدىن».
كىن:
بىرى «ئۇيسۇن»، بىرى «يۇن»دىن ئېلىپ ئىككى ۋاپادارنى،
نىيەت مەخسەتتە جەمئىيلىك مۇھەببەت ئىشتىياقىدىن.
نازى:
سىناپ خوشنا ۋاپاسىنى، تۇتار دەپ بۇرچ ئاداسىنى،
يېزىپ ‹مەكتۇپ› بايانىنى، ‹جاكار› ئول ئىمتىھانىدىن.
كىن:
شەھەر،قەلئەلىرى ھەيۋەت «ئۇرۇم»(«يۇن»)دا بويۇنتاۋلىق،
شىرەملەرگە كۆتۈردى تىغ جېدەلخورلۇق خۇمارىدىن.
نازى:
ياشايدۇ پاسىلى ئايرىم، بۇ شىرلار ھۆكىرەپ ھەريان،
ھاياتنىڭ رەڭ جۇلاسىدا قالار ئۆز ئىتىبارىدىن.
كىن:
كۆنەلگە-«قور»-ئويۇتتۇرماق؛ ئوغۇز لەۋھەسىدە بۆرە،
ئەجەپ ھۇۋلايدۇ «خۇزقور»دەپ؛ «قور»ى-بىرلىك ئۇدارىدىن.
نازى:
توتېم «ئۇد» خوشلىشار يىغلاپ، يېتەكلەر بۆرىلەر ھوۋلاپ،
«ئاتاساغۇن»(ئوغۇز) توۋلاپ؛ «تۇران» ئۆملۈك شۇئارىدىن.
كىن:
رەقىپلەر رەشكىنى چەيلەپ،«ئۇرۇم»،«ئالتۇن»نى جەم ئەيلەپ،
قېرىنداشلار كۆزن نەملەپ قۇچاقلاشتى پىغانىدىن.
نازى:
كىرچ تارتىلسا يا بىرلە، ئوقى ئۇچقاي نىشان بىرلە،
چۈشۈمدە چال ئايان بىرلە، سۆزى ھېكمەت بايانىدىن.
كىن:
ئېلىپ نامى-ئەمەللەردىن؛ بىرى «قانقا»، بىرى «ساقلاپ»،
بىرى «قاغۇز»، بىرى «قاغۇل» ھۈنەرلىك «ئۇز» كامالىدىن.
نازى:
سۈيۈمدە ئاققىنى «ئوغۇز»، ئوتۇمدا كۆيگىنى «ئوغۇز»،
دىلىدىن سۆيگىنى «ئوغۇز»، ساناپكىم غەمگۇزارىدىن.
كىن:
ياراشتى جۈرى- جەمئىيلىك تۈگەل ئول يىلتىزى بىرلىك،
ئىشارەت-بەلگىسى «ئىم»لىك... ئۈزۈلمەس رشت تانابىدىن.


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
قىزغىن + 400 ئېسىل

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 400   باھا خاتىرىسى

پەزىلەت جامىدا بىر نۇر، جۇلاسى ئۆزگىدىن مەمنۇن...

ئىبراھىمجان ئىر

باش رەسىمى نىقابلانغان

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26436
يازما سانى: 3518
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29442
تۆھپە نۇمۇرى: 3126
توردا: 6427 سائەت
تىزىم: 2011-1-16
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-18 10:32:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
<< بىرمىسقال بىلوگى >> يىڭىدىن قۇرۇلدى .
بۇ بىلوگ خام ئالتۇن باھاسى ۋە دۇكانلاردا سىتىلىۋاتقان99%لىك تەييار زىبۇ -زىننەتلەرنىڭ ئەمەلى باھاسىنى قەرەللىك ھالدا بۇ بىلوگقا يوللىنىپ تۇرىدۇ

     http://1miskal.com/

جەننەت ۋە دوزاخ _

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25248
يازما سانى: 995
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 21908
تۆھپە نۇمۇرى: 1462
توردا: 5106 سائەت
تىزىم: 2011-1-6
ئاخىرقى: 2014-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-18 10:44:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنبەسىچۇ؟؟؟ئاپتۇرى كىمكەن؟؟؟يىتىم ئەسەر قىلىپ يوللاپ قويغۇچە ئېگىسىنى قۇشۇپ قويسىڭىز ساۋاپ بولاتتى

ھاياتقا ئۈمۈد بى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27297
يازما سانى: 1190
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9441
تۆھپە نۇمۇرى: 446
توردا: 1665 سائەت
تىزىم: 2011-1-22
ئاخىرقى: 2014-2-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-18 11:11:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىىزغا قارىتا ئېنىق چۈشەندۈرۈشلەرنى بەرگەن بولسىڭىزچۇ ؟! ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25116
يازما سانى: 290
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7391
تۆھپە نۇمۇرى: 447
توردا: 1535 سائەت
تىزىم: 2011-1-5
ئاخىرقى: 2015-2-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-18 12:14:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ چۈشەنمىدىم. 2 قېتىم ئوقۇدۇم بولمىسا....

ئەرتىسى ئەزىز، ئالىمى خار مىللەت - قۇل مىللەتتۇر!

ئۆتكەن ھەر بىردە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 154
يازما سانى: 3484
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3946
تۆھپە نۇمۇرى: 2936
توردا: 10832 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-18 01:17:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تار ئۈرۈمنىڭ مۇشۇ خىلدىكى مۇشائىرە ئىجادىيەتلىرى بەك ياخشى جۇمۇ!بۇ ئىجادىيەتلىرڭىزگە  قول قۇيىمەن.مۇنبەردىن يۇقاپ كەتمەي ئىسىل تىيمىلىرڭىزنى ھوزورىمىزغا سۇنۇپ تۇرغايسىز.

ھاياتتىكى ئەگرى تۇقايلىقلاردىن قورقۇپ قالماي قەيسەرلىك بىلەن ياشايمەن

قۇشنىڭ ئۇيقۇسىد

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9196
يازما سانى: 1228
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15490
تۆھپە نۇمۇرى: 435
توردا: 4704 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-18 02:20:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىيىنچە چۈشەنچە بىرىپ بىر نەرسە يوللايدىغان بولسىڭىز كىرەك

سۆزلەشنى بىلمىسەڭ،تىڭشاشنى ئۈگەن.

قۇشنىڭ ئۇيقۇسىد

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9196
يازما سانى: 1228
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15490
تۆھپە نۇمۇرى: 435
توردا: 4704 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-18 02:21:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەدىمى كىتاپتىن بىرنى تىپىۋالمىغانسىز؟

سۆزلەشنى بىلمىسەڭ،تىڭشاشنى ئۈگەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30153
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4045
تۆھپە نۇمۇرى: 191
توردا: 3515 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2011-12-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-18 05:53:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇق شائىرىمىز نەۋائىنىڭ يازغان شېېر ئۇسلۇبىغا ئوخشايدىكەن، لىكىن نەۋائى شېېرلىرىنى تۇلۇق ئوقۇپ تۇگىتەلمىگەنتىم،جەزىم قىلالمىدىم.

ئىسلام قىزى ` !

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27525
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5843
تۆھپە نۇمۇرى: 294
توردا: 169 سائەت
تىزىم: 2011-1-23
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-18 05:56:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنبەسى يوقمۇ ؟

قەلىبلەر ئاللاھنى ئەسلەش بىلەن ئارام تاپىدۇ .....
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش