بىلىمسىزگە بولما ئاشىق
[table=100%,#000000][/table]
مۇھەممەد ئىمىن ھامۇت قايماس
بىلىمسىزگە بولما ئاشىق ئۆزۈڭنى ئايا،
بىر كۇنلىرى ئۇ، باغرىڭنى قىلىدۇ يارا.
ئەقىدەڭنى بىلمەس ھەرگىز تۆكۈپ تاشلىساڭ،
قىلما ھەرگىز ئۇنىڭ ئۈچۈن ۋاختىڭنى زايا.
سەن جىنىڭدىن ئىزىز بىلىپ كۆيسەڭ ئۇنىڭغا،
كۆيەر بەلكىم ئۇ پەقەت، مال ۋە پۇلۇڭغا.
چىن مۇھاببەت، ساداقەتنى قايرىپ بىر ياققا،
ئازاپ، ھەسرەت ئۇرۇغىنى چاچار يولۇڭغا.
ئەگەر بىلسە چىن مۇھاببەت، ساداقەتنى ئۇ
ئەقىدەڭنىڭ قەدىرىگە يىتەتتى بەلكىم.
ئالا كۆڭۈل بولماس ئىدى كۆيۈۇپ باشقىغا،
ۋاپا نىمە، ۋىيدان نىمە بىلەتتى بەلكىم.
يىراق بولغىن بىلىمسىز ھەم بىۋاپادىن،
سىنى ئەخمەق ئەيلەش ئۇچۇن «چورت» سوقاردىن.
چۈشۈپ قالساڭ ئۇنىڭ ئالدام خالتىسىغا،
قۇتۇلالمايسەن «سىھىر» دىگەن ئىشىك باقاردىن.
مەنبەسى: ئۆز قەلىمىم
ئاپتۇرى؛ گۇما ناھىيە كۆكتىرەك يىزىلىق ئىگىلىك باشقۇرۇش پونكىتىدا