|
|
|
|
1963-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، سوۋىت ئىتتىپاقىدىكى تۇنجى ئايال ئالەمگە چىققان. ئۇ 6-نومۇرلۇق ئالەم كېمىسى بىلەن ئۈچ كۈن ئىچىدە 48 دەۋر ئۇچقان. موسكۋالىقلار ئۇنىڭ غەلبىسىنى بىرلىكتە تەبرىكلىگەن.
1952-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترۇمن ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى تۇنجى ئاتوم بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان سۇ ئاستى پاراخوتىنى ياساپ چىققانلىقىنى جاكارلىغان. بۇ سۇ ئاستى كېمىسى پۈتكەندىن كېيىن، سۇ ئاستىغا چەكسىز چوڭقۇرلۇقتا چۈشۈرۈلسە بولىدۇ. سائىتىگە 25 تىن 30 دېڭىز مىلى سۈرئىتىدە ئىلگىرلەيدۇ.
1940-يىلى گېرمانىيە ئارمىيەسى پارىژغا كىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن. ئۇ كۈنى پۈتۈن پارىژ شەھىرى قارا تۇمان ئىچىگە چۆمگەن. پارىژ خەلقى چەكسىز ئازاپ تارتىۋاتاتتى. گېرمانىيە ئارمىيەسى پارىژدىكى ھۆكۈمەت بىناسىدىكى فرانسىيە بايرىقىنى چۈشۈرۈپ، ناتسېستلارنىڭ بايرىقىنى ئاسقان، ئېففېل تۆمۈر مۇنارى ۋە پارلامېنت بىنالىرىغا يېڭىدىن «گېرمانىيە ئارمىيەسى تەڭداشسىز» دېگەن خەتلەر يېزىلغانىدى.
1938-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، سۇڭ چىڭلىڭ جۇڭگونى قوغداش ئىتتىپاقىنى شياڭگاڭدا قۇرغان. سۇڭ چىڭلىڭ رەئىس بولغان. 1893-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەر زات، ئىنتېرناتسىئونالىزىمچى، كوممۇنىزىم جەڭچىسى سۇڭ چىڭلىڭ شاڭخەيدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ كىچىك ۋاقتىدا ئامېرىكىدا ئوقۇغان. 1915-يىلى سۈن جۇڭشەن بىلەن توي قىلىپ، سۈن جۇڭشەننىڭ ئەڭ يېقىن سىردىشى ۋە ياردەمچىسىگە ئايلانغان. 1925-يىلى سۈن جۇڭشەن ۋاپات بولغاندىن كېيىن، سۇڭ چىڭلىڭ ئىزچىل ئادالەت مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، جياڭ جيېشىنىڭ ئىنقىلابقا ئاسىيلىق قىلىشىغا قارشى تۇردى. جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش ۋە تىنچلىقنى قوغداش خەلقئارا ھەرىكىتىگە ئاكتىپ قاتناشتى ھەمدە دۇنيا فاشىزىمغا قارشى كومىتېتنىڭ ئاساسلىق رەھبىرى بولدى. ياپونغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، ئۇ مەيدىسىنى كېرىپ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ، دېموكراتىيەنى قوغدىدى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىدى. سۇڭ چىڭلىڭنىڭ ئۆمرى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ قەدىرلىشىگە، ماختىشىغا سازاۋەر بولدى. 1981-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى كەچ سائەت 8 دىن 18 مىنۇت ئۆتكەندە بېيجىڭدا ۋاپات بولدى.
مەنبە- جۇڭگۇ ئۇيغۇر رادىئوسى تورى
http://www.uycnr.com/lssdjt/201106/t20110611_119717.html
|
|
|
|
|
|