مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 886|ئىنكاس: 5

ئىككى ھىكايە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

"/ئارتۇق گەپ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15156
يازما سانى: 1888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13103
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 3897 سائەت
تىزىم: 2010-10-25
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-12 05:30:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1.ئىچەرمەنلەر
(ھىكايە)
تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبى باغرىدىكى بۇ بازار ۋىلايەت بىلەن ناھىيىنى تۇتاشتۇرىدىغان ئەۋزەللىكى بىلەنمۇ ئىشقىلىپ، باشقا يېزا –بازارلىرىغا قارىغاندا ئاشپۇزۇللار، سامسىپەزلەر، چوڭ- كىچىك يايمىلار، مىلىچ مال دۇكانلىرى، بولۇپمۇ، قاۋاقخانىلارنىڭ كۆپلىكى بىلەن خېلىلا ئاۋات كۆرىنىدۇ. تاڭ سەھەردىن باشلاپ تاكى تۈن يېرىمىغىچە دۇكدن- دۇكانلاردىن ياڭراۋاتقان ئۇنئالغۇ- سىنقويغۇلاردىن ياڭراۋاتقان يېقىملىق- يېقىمسىز ناخشا- كىنولارنىڭ ئاۋازلىرى بازار كوچىلىرىنى چاڭ كەلتۈرىۋېتەتتى. مەسچىلىكتە بىھۇدە جىدەل چىقىرىپ، ئاغزى بۇرنى قان بولۇۋاتقان، كىمنى تىللاۋاتقانلىقىنى ئۆزىمۇ بىلمەي ئالىجوقا سۆزلەۋاتقان، كۈندۈزى جاھانغا پاتماي، شەھەر ئېلىپ، كېچىىلرى يۇندا ئازگاللىرىدا ئىتلار بىلەن خىرقىرىشىدىغان قاپاقنوچىلارمۇ بۇ بازارنىڭ كۈندىلىك مېھمانلىرى. بۇلارنىڭ بىر قىسىملىرى باشقىلارنىڭ "خوش كەتتى" سىنى كۆپ ئىچىۋېتىپ مەست بولۇپ قالىدۇ، بەزىىلرى كۆپ خەجلىۋەتكەن پۇلىنىڭ ئىچكۆيىكىدە مەست بولۇپ قالىدۇ، بەزىىلرى دەرت- ئەلىمى، قايغۇ- ھەسرىتىنى ئۇنتۇش ئۈچۈن ئىچىۋېرىپ مەست بولۇپ قالىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە دىھقان، ھۈنەرۋەن- كاسىپلارمۇ، دۆلەت كادىرلىرى، ئۆسمۈرلەر- ياشلارمۇ، جىدەلنى پۇلغا سېتىۋالىدىغان كۆكەمىلەرمۇ بار. بەزىدە تېخى خېلى ئۆزىنى توختاتقان، تۆتنىڭ بىرى سانىلىدىغان مۆتىۋەرلەرمۇ ئۇچراپ قالىدۇ. ئىچەرمەنلەر ئىچىۋېرىدۇ، قاۋاقخانا خوجايىنلىرى نەق بولامدۇ، نىسى بولامدۇ، ھاراق دىگەننى ئۈچ ۋاق ناننىڭ ئورنىدا سېتىۋىرىدۇ، گويا بۇ يېزىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى ھاراقسىز تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمىغاندەك...
مانا مۇشۇ قاۋاقخانىلار ئىچىدە، بازارنىڭ دوقمۇشىغا جايلاشقان " ھەسەن قاۋاق" نىڭ قاۋاقخانىسى ئەتىگەندىلا قىزىپ كېتىدۇ، كۆپىنچە ئىچەرمەنلار بۇ دۇكاننى "جىددى قۇتقۇزۇش" دەپ قويۇشىدۇ. دۇكاندا سېتىلىۋاتقان ھاراقلارنىڭ بىرئاز قىممەتلىكىدىن باشقا، يىمەك- ئىچمىكى ياخشىراق بولغاچقىمىكىن، دۆلەت كادىرلىرى بۇ دۇكاننىڭ دائىملىق خېرىدارلىرى.
دۇكاندىكى ئىچەرمەنلەرنىڭ كۆپ قىسىمى ئادەم بېشىغا بىرنەچچە بوتۇلكىدىن توغرىلاشتۇرۇپ ئىچىدىغان زابويلاردىن. بۇ ئىچەرمەنلەر ئىچىدە داۋاملىق پۇكەيگە يۆلىنىپ، يالغۇز ھاراق ئىچىدىغانلاردىن پەقەت ھېلىم ئېرىكلا بار. ئانچە- مۇنچە ئاق ئارىلىغان چېچى، دائىملا سەل ياشاڭغۇراپ تۇرىدىغان قىيسىق كۆزى، ئامۇتقا ئوخشاش بۇرنى ۋە كىچىكىدە ئاتا- ئانىسى تەرىپىدىن ئامەتنىڭ بىشارىتى، دىيىلگەن يوغان قۇلىقىنى كۆتىرىپ يۈرگەن باش قىسىمى بىلەن غازنىڭكىدەك ئۇزۇن بويۇنلىرى قوشۇلۇپ، ئەسلىدىكى شادا پاچاقلىرىنى تېخىمۇ ئۇزارتىپ، ئۇنى ياۋا قوناقنىڭ شېخىدەك كۆرسىتەتتى. ئۇنىڭ دائىملا تۈرۈلۈپ تۇرىدىغان غورا قاپىقى بىلەن مىتىلداپلا تۇرىدىغان ئېغىزى ئادەمگە خۇددى باشقىلارنى ىئچىدە تىللاۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرەتتى. 50 ياشلارغا تاقاپ قالغىنىغا قارىماستىن، ھاراقنى سۇدەك ئىچىدىغانلىقى بىلەن مەشھۇر بۇ قەھرىمانىمىز تا شۇ يېشىغىچە خوتۇن- بالىدىن مۇستەسنا ھالدا، باشقىلارنىڭ تاپا- تەنىسى، چېقىۋېلىشىلرى، ھەتتا ھاقارىتىگىمۇ ئۇچراپ قالاتتى. چوڭ- كىچىك تونۇش- بىلىشلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنى " ئېرىك" دىيىشەتتى. سەن ئۇنى ماختاپ ئۇچۇرۇپ قويساڭمۇ، تاپا- تەنە ئاستىغا كۆمۈۋەتسەڭمۇ يەنىلا ئاشۇ مىتىلداق ئاغزىنى يېرىم ئېچىپ ھىجىيىپلا تۇرىۋېرەتتى، بۇ تۇرقىغا قاراپ ئۇنى ساراڭمىكىن دەپ قالىسەن. ئۇ كىيىۋالغان ئەسكەرچە جۇۋا بىلەن قاچان تىكىلگەنلىكى نامەلۇم زىغىررەڭ كاستىيۇم- بورۇلكىسى ئۇنىڭ قىش- ياز ئالمىشىپ تۇرىدىغان سادىق ھەمراھلىرى.
ئۇ ھەركۈنى بۇرۇنمۇ ئەمەس، بالدۇرمۇ ئەمەس دەل نامازدىگەر ۋاختىدا قاۋاقخانىغا كىرەتتى- دە، "بۈركۈت ئالاھىدە ھارىقى" دىن بىرنى، بىرەر سوملۇق دادۇر ياكى يەر ياڭىقى، ئۇنىڭغا قوشۇپ كاللا- پاقالچاق ئالاتتى، ھاراقنى قىرلىق ئىستاكانغا تولدۇرۇپ قۇيۇپ، ئالىدىرىماي، بىر يۇتۇم- بىر يۇتۇمدىن ئىچەتتى. ئۇنىڭ بۇ ئادىتىگە دۇكاندارمۇ، ئىچەرمەنلەرمۇ ئارتۇق بىر نەرسە دىمەيتتى، پەقەت ئاغزى قىچىشقان ھاراقكەشلەر ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاتىماستىن ئۇدۇللا:
_ ھەي ئېرىك، سەن قاۋاقخانىغا ھەر كۈنى دەل نامازدىگەر ۋاختىدىلا كىرىسەنغۇ؟! – دەپ سورىشاتتى. ئۇ باشقىلارنىڭ مەسخرىسىنى ئېغىېر ئېلىپمۇ كەتمەي، ئۆزىنىڭ دۆلەت كادىرى ئىكەنلىكىنى پەش قىلغاندەك:
_ بۇرنىغا چۈلۈك ئۆتكۈزۈلگەن تۆگە ئىگىسى قاياققا يېتىىلسە، شۇ ياققا ماڭمامدۇ؟- دەپ جاۋاپ بېرەتتى. بۇ چاغدا شىرشىم بولغان قايسىدۇر بىر مەست:
_ ھەي، سەن ئۆزۈڭنى تۆگە دىمەي، پىچىۋېتىلگەن قوچقار دىسەڭ بولمامدۇ؟!- دەيتتى. شۇنىڭ بىلەن قاقاقلىغان كۈلكە ساداسى دۇكاننى بىر ئېلىپ، تەسۋىرلىگۈسىز خوشاللىق پەيدا بولاتتى... ھېلىممۇ ئاۋال ئاغزىنى مىتىلدىتىپ، كېيىن سېرىق چىشلىرىنى چىقىرىپ، مەستلەرگە قوشۇلۇپ كۈلۈپ كېتەتتى.
كۈلكە بېسىلغاندا، ئۇ مەسلىكتىن قىزارغان كۆزلىرىنى قىسىپ قويۇپ:
_ تۇرمۇش دىگەندە نىمىلەر بولمايدۇ دەيسىلە...- دەپ ئۆزىنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش ھەققىدىكى تۈگىمەس مۇلاھىزىلىرىنى باشلاييتى. باشتا دىگەنلىرىنى ئاخىرىسىدا ئىنكار قىلىپ، ئاغزىدىن كۆپۈك قاينىتىپ، بىر ھازا سۆزلىگەندىن كېيىن، ئۇدۇللا كەلگەن بىرسىدىن:
_قېنى ئېيتىڭ، سىز ماركىسىزىم ھەققىدە نىمىلەرنى بىلىسىز؟- دەپ سورايتتى.
سۇئال سورالغۇچى ئۇنىڭ نىمە دىمەكچى بولغانلىقىنى ئاڭقىرالمىغاندەك، ئاغزىنى كاماردەك ئېچىپ، ھاڭۋېقىپ قاراپ قالاتتى. بەزىدە دۇكاندار ياكى بىرەر مەست:
_ خوتۇن ئالماسلىقمۇ پەلسەپىمۇ؟- دەپ سورايتتى. بۇ بىر ئېغىز گەپ بىلەن ھېلىم ئېغىر ئۇھ تارتىپ مۇڭلىناتتى- دە، ئۈن- تۈنسىز ھاراق ئىچىشكە باشلايتتى.
كېيىنچە مېنىڭ ھەممىگە قىزىقىدىغان ئادىتىمنىڭ ۋەسۋەسى بىلەن، بىلىدىغانلاردىن سوراپ كۆرسەم، بىزنىڭ بۇ قەھرىمانىمىز ئەسلى ئۇنۋېرستىتنىڭ سىياسى- قانۇن كەسپىدە مەخسۇس ئوقۇغان، سىياسى نەزەرىيە ساپاسى خېلىلا يۇقۇرى كىشى ئىكەن، مۇشۇ سەۋەپلىك بولسا كېرەك، دەسلەپ ۋىلايەتلىك پارتىيە مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بوپتۇ، ئون نەچچە يىللار ئىلگىرى ۋىلايەت ھەر قايسى ناھىيىلەرنىڭ ئاساسى مەسئۇللىرىنى بىرلىك قىلپ، قىسقا مۇددەتلىك تەربىيىلەش كۇرىسى ئۇيۇشتۇرغاندا، ئۇ مۇشۇلارغا دەرس بەرگەنىكەن، بىر كۈنىدىكى دەرس ۋاختىدا، پور سېمىز بىر كىشىنىڭ خورەكنى بولۇشىغا تارتىپ ئۇخلىشى كۆيۈپ- پىشىپ دەرس سۆزلەۋاتقان ھېلىمنىڭ ئەرۋاھىنى ئۇچۇرۇپتۇ- دە، بارغان پېتى ھېلىقى كىشىنىڭ قۇلىقىدىن سوزۇپ، ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ:
_ قانداق تۈگىمەيدىغان ئۇيقۇ، تۈگىمەيدىغان خورەك بۇ؟!...- دەپ تۇرۇشىغا دەرس ۋاختى توشۇپ قېلىپ، دەرستىن چۈشۈشكە توغرا كەپتۇ، بولمىسا يەنە قانداق قىزىقچىلىق چىقاتتىكىن؟؟؟.
بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان باشقا ئوقۇتقۇچىلار ئۇنى ئەيىپلىگەندىن كېيىن:
_ نىمىلا بولسۇن، ئۇ رەھبەرلىك خىزمىتى ئىشلۋاتقان كىشى بولغاندىن كېيىن، ھەر ھالدا ئەپۇ سوراپ قويغىن،- دىگەن بولسىمۇ، ھېلىم:
_ رەھبەر بولسا ئۆزىگە، ماڭا نىمىتى؟- دەپلا پەشنى قېقىپتۇ. كېيىنكى پىشىكەللىكلەرنىڭ ئاشۇ "قۇلاق سوزۇش" تىن كېلىدىغانلىقىنى ئۇ نەدىنمۇ بىلسۇن؟.
بىر قانچە يىللار ئىلگىرى ھەر قايسى ناھىيىلەردىكى پارتىيە مەكتەپلىرىنى تەرتىپكە سېلىشقا توغرا كەلگەنلىكتىن، مەكتەپ رەھبەرلىكى ھېلىمنىڭ قابىلىيىتىنى نەزەردە تۇتۇپ، ۋىلايەتلىك پارتىكومنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، بۇ ناھىيىگە يۆتكەپتۇ. بۇ دەل ھېلىقى پور سېمىزنىڭ مۇشۇ ناھىيىگە باش ھاكىم بولغان ۋاختى ئىكەن. ھېلىمنىڭ بىر ۋاقىتلاردىكى ئەلىمىنى ئۇنۇتمىغان ھاكىم، ھېلىم كېلىپ بىرەر يىل ئۆتە- ئۆتمەيلا، ئۇنى ناھىيە بازىرىغا يىراقراق بولغان مۇشۇ يېزىغا چېنىقىشقا چۈشۈرۈش يولى بىلەن ئۇنىڭ ئەدىپىنى بەرگەن ئىكەن، شۇندىن باشلاپ بۇ بويتاق مۇشۇ يېزىدا "تۆگە" دەك ئىشلەۋېتىپتۇ.
بوتۇلكىدىكى ھاراق تۈگەي دىگەندە، قايسى بىر مەست تىلىنى چايناپ:
_ ھې... ھېلىم... ئۆي... ئۆيلەنسەڭ بولمامدۇ؟- دەپ سوراپ قالدى.
_ ئۆيلنىەي دىسەم، ياش بىر يەرگە باردى، ھازىرقى قىزلارنىڭ قايسى بىرىگە ئىشەنگۈلۈك، مېنىڭ ئۇلارنى ياراتقۇم كەلمەيدۇ، شۇ...- دىدى.
ئۇنىڭ جاۋابىغا قىزىققان مەسلەرنىڭ:
_ سەن ياراتمايدىغان قانداق قىزلار ئۇ؟- دىگەن سۇئالىغا ئۇ:
_ ئۆزىنى ئۆزى ياراتمايدىغان مودا ساراڭلىرى...- دەپ جاۋاپ بەردى.
دەل مۇشۇ چاغدا قاۋاقخانا خوجايىنىنىڭ ئۇشتۇمتۇت:
_ ھەي، سەن سېپى ئۆزىدىن ئېرىك تۇرساڭ، قىزلارنى رازى قىلالامسەن؟- دىيىشى بىلەن، قاتتىق كۈلكىدىن، قاۋاقخانىنىڭ دەرىزىسى ۋە ئەينەك پۇكىيى دىرىلدەپ كەتتى...
يېزا ئورگىنى قوروسىدا بەش- ئالتە كىشىنى ئەتىراپىغا يىغىپ، "ئايال دىگەننى ئانداق باشقۇرمىسا بولمايدۇ، مۇنداق بشقۇرمىسا بولمايدۇ، قىزلارنى كەتلتۈرگەندە ئۇنداق قىلش كېرەك، مۇنداق قىلىش كېرەك" دەپ پو ئېتىۋاتقاننىڭ ئۈستىگە قاياقتىندۇر پەيدا بولۇپ قالغان "نىساخان قىزىق" نىڭ:
_ ۋاي ھېلىماخۇن، سىلىدە بىرەر قىزنى ئېلىپ خوتۇن قىلغۇدەك ماغدۇرمۇ بارمۇ؟- دىيىشى بىلەن بىر ھازا تۇرۇپ قاپتۇ ۋە:
_ بولمامدىغان نىساخان، سىناپ باقاملا- يە؟- دەپتۇ ھېلىم ئۆڭۈپ.
نىساخانمۇ بوش كەلمەي:
_ سىناشتىنمۇ قورقامدىكەن كىشى، مەن دىگەن 40 قا تاقاپ قالغان جۇۋان جۇمۇ؟- دەپتۇ- دە، ئىشخانىسىغا كىرىپ كېتىپتۇ. نىساخان ھېلىمنى راستىنلا " سىناپ باققان" مۇ ياكى قىزىقچىلىق قىلدىمۇ، ئەيتاۋۇر، بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، ئون- ئونبەش ئەر- ئايالنىڭ ئوتتۇرسىدىلا:
_ ھېلىماخۇن، سىلىدە ئەرلىكتىن نىشانمۇ يوق ئىكەن،- دەپلا بىرمۇنچە كۈلكە ۋە مازاقنىڭ باشلنىشىغا سەۋەپ بوپتۇ......
ۋاقىت خېلى بىر يەرگە بېرىپ قالغان، مەستلەرمۇ ھېلىمدىن پەلپەتىش سۇئاللارنى سوراشتىن توختىغان. ھېلىم ۋە باشقا ئىچەرمەنلەرمۇ ئۇزۇن سەپەرنى تاماملىغان يولۇچىلار ئارام ئېلىشقاندەك جىمىپ قېلىشقان. خوجايىن دۇكاننى يىغىشتۇرۇشقا باشلىدى. ئىچەرمەنلەر دلدۈگۈنۈپ ئورۇنلىرىدن تۇرۇشتى، بىزنىڭ ھېلىممۇ تەمتىلىگەندەك مېڭىپ، كوچىغا چىقتى ۋە غاراڭ- غۇرۇڭ ئاۋاز بىلەن:
دوستنى دەپ كۆڭۈللۈك ھاراق ئىچتۇق،
ھاراق دەپ پۇللارنى تامام تۈگەتتۇق.
قورساققا پاتمىغاچ ئىچكەنلىرىمىز،
ياندۇرۇپ ھەممىنى ئاچ قورساق كەتتۇق.
دەپ ناخشا توۋلىغاچ، قاراڭغۇلۇققا سىڭىپ كەتتى.
بىر نەچچە ئايلار ئۆتكەندىن كېيىن، ھېلىم ئېرىك ئۆرە تۇرۇپ ھاراق ئىچىدىغان جاي بوش قالىدىغان بولدى، بۇنىڭغا ھېچكىم _ خۇدانىڭ قۇتلۇق كۈنى ھاراق ئىچمىسە تۇرالمايدىغان ئىچەرمەنلەرمۇ، قاۋاقخانا خوجايىنىمۇ ھەيران قالمىدى. پەقەت بىر كۈنى ئاشقازىنىنى ئوپىراتسىيە قىلدۇرۇپ، يېڭىلا دوختۇرخانىدىن چىققان بىرى جۆيلىگەندەك:
_ ھېلىم ئېرىككە نىمە بولغاندۇ؟، ئۇنىڭمۇ ئاشقازىنى تېشىلدىمىكىن؟... دەپ قالدى.
باشقا ھېكىم ھېچنىمە دىمىدى، پەقەت قاۋاقخانا خوجايىنى ئەسنەپ تۇرۇپ:
_ ئۇنىڭدا تېخى 22 سوم نېسى پۇل بارى ئىدى... – دەپلا قويدى.
راستىنلا ئاشقازىنى تېشىلدىمۇ ياكى باشقا سەۋەپ بارمۇ؟... شۇنىڭدىن كېيىن ھېلىم ئېرىك بۇ بازاردا كۆرۈنمەيلا قويدى.

2. ھېلىقى ئادەم
ئىشىكنىڭ قاتتىق جالاقلىشىدىن چۆچۈپ ئويغىنىپ، شىرىن چۈشۈمنى بۇزۇشقا مەجبۇر بولدۇم. ئەتتەڭ؟... ھېلىقى كاساپەت كىم بولغىيتى؟ يەنە بىردەم ئويغانمىغان بولسام ئۇنى نىمە قىلىۋېتەر ئىدىم- ھە؟!... بىمەھەل ئۇيقۇمنى بۇزغان لەنەتكەردىنى ئىچىمدە مىڭنى تىللاپ، ئىشىكنى ئاچتىم. ئىشىك ئالدىدا ئەدەبىيات مۇئەللىمى غەمكىن قاراپ تۇراتتى...
_ نىمە بولدى؟ بۇنچە كېچىدە ئۇيقۇنى بۇزغۇدەك... - دىدىم زەردە بىلەن.
_ مەكتەپ مۇدىرى ماشىنا ھادىسىدە قازا قىپتۇ...
_ قاچان؟- ھەيرانلىق بىلەن سورىدىم مەن.
_ كېچە سائەت بىرلەر ئەتىراپىدا...
_ توۋا دىگۈلۈك... ئاخشاملا تېخى بىر جوزىدا ئولتۇرۇپ بىللە تاماق يىگەنىدۇق، مەن ئىتتكلا قايتىپ كەپتىمەن، مۇدىر بىر نەچچەيلەن بىلەن رېستراندا قالغان ئىدىغۇ...؟ ھاراقنى جىق ئىچىۋاپتۇ- دە... ؟
_ ئېھتىمال، چاپسان بولە، ھازىرلا پەتىگە بېرىپ كېلەيلى...
مەن كىيىملىرىمنى ئالمان تالمان كىيىپ، يۈزۈمنى چالا- پۇلا يۇيدۇم- دە، مۇئەللىمنىڭ ئارقىسىدىن چاپتىم.
يۇلتۇزلار تارىمىغان، تاڭ سەھەردىكى گۈگۈم باشلانغانىدى. بىز مۈدۈرۈپ- چوقۇرۇپ مۇدىرنىڭ كاتەكتەك تار ھويلىسىغا كەلدۇق. قاراڭغۇدا بىر ئايال يۈگىرەپلا كەلدى- دە، بوينۇمغا گىرە سېلىپ يىغلاپ كەتتى... خىزمەتداشلىرىم، سەن مۇدىرنىڭ ئۈرۈمچىدە ئىشلەيدىغان چوڭ ئوغلىغا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايسەن، دىيىشىۋاتقان، مۇدىرىمىزنىڭ يىگىرمە نەچچە ياشلار چامىسىدىكى بۇ قىزى ئاكىسىغا ئوخشىتىپ قالدىمۇ- قانداق، مېنى مەھكەم قۇچاغلاپ، ئېزىلىپ يىغلىغىلى تۇرىۋىدى، غىدىقىم كېلىشكە باشلىدى... كۆڭلۈمدە ئويلايمەن" پاھ... نىمانچە ئەپچىل قىز بۇ؟... ئايالىممۇ ئوننەچچە يىللار ئاۋال مۇشۇنداق ئىدى، بىر بالىغا ئانا بولۇپلا سەمىرىپ كەتتى- دە... كاساپەت".
مەن ئۇنىڭغا تەسەللى بەرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنىنى سىلاپ بولدۇم، بىردىنلا يورۇق چۈشسە، يۈزۈمگە تۈكۈرەر ھەقاچان...؟
ھېلىقى ئەدەبىيات مۇئەللىمى بىلەن قىزغا تەسەللى بېرىپ، مۇدىرىمىزنىڭ جەسىدى بار ئۆيگە كىردۇق. سۈتتەك چىراق يورۇقى ئاستىدا بىر نەچچەيلەن مۇدىرنىڭ جەسىدىگە قارىشىپ، جىممىدە تۇرۇشاتتى. بىر تەرىپى كۆرۈنەرلىك ياپىلاق بولۇپ قالغان بېشىدىن، ئۇنىڭ قاتتىق بىر نەرسىگە سوقۇلغانلىقى ئېنىق ئىدى، غەزەپ بىلەن قېتىپ قالغان، پولتايغان كۆزلىرى ھېلىلا چاچراپ چىقىپ كېتىدىغاندەك كۆرۈنۈپ، ئادەمنىڭ تېنىنى شۈركەندۈرەتتى. قۇلاق ۋە بۇرۇنلىرىدىن ئاققان قان ئۇنى تېخىمۇ دەھشەتلىك تۈسكە كىرگۈزۈپ قويغانىدى. جېنى چىققۇچە خېلى قىينالغان ئوخشايدۇ... بۇغۇ مەيلى، مەھەللىنىڭ ئىمام مەزىنلىرى " ھاراقتا ئۆلۈپ، ئىمانسىز كەتتى"  دىيىشىپ، مەرھۇمنىڭ نامىزىغا كىرىشتىنمۇ باش تارتىشقاندى. يەنە ھېلىقى ئەدەبىيات مۇئەللىمى ئەسقاتتى. ئۇ بىۋاستە مەرھۇمنى سۈيىگە ئېلىپ كىپەنلەپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزىگە ھەيرانلىق بىلەن قاراپ تۇرغانلارغا " قانداق قىلاتتۇق، ئۇمۇ خۇدانىڭ بەندىسىغۇ" دەپلا قويدى. كۈن نەيزە بويى ئۆرلىگەندە مەرھۇمنىڭ مىيىتى قەبرىستانلىققا ئېلىپ بېرىلدى. قەبىرستانلىققا يانداش كىچىك مەيدانغا كەلگەندە كىچىككىنە تالا- تارتىش يۈز بەردى. ئارىمىزدا ناماز چۈشۈرگىدەك ئادەم يوق ئىدى، شۇ دەقىقدە ھېلىقى ئەدەبيات مۇئەللىمى گېلىنى قىرىپ ئالدىغا ئۆتتى-دە، قايناپ كەتتى:
_ مەرھۇمنىڭ گۇنايى نىمە؟ بالا تەربىيىلىگىنىما؟ مەن ناماز چۈشۈرۈشنى بىلمەيمەن، مەرھۇمنىڭ جايى جەننەتتە بولسۇن، لېكىن بىزدە ھاراق ئىچمەيدىغانلار قانچىلىك؟؟؟...
شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ جامائەتنىڭ ھەمىمسىگە تەكشى قارىۋەتكەندىن كېيىن:
_ مەرھۇم ھايات ۋاختىدا، ھەمىمىز بىلەن ئەپ ئۆتكەنىدى، بالا تەربىيىسى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغانىدى، ھالا بۈگۈن ئۇنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈشكىمۇ ئادەم چىقمىدى، لېكىن ئۇ نىمىلا بولمىسۇن، خۇدايىتىئاللاھنىڭ بەندىسىغۇ ئاخىر...
" نەدە ئىناق ئۆتسۇن؟ مېنى ۋە خىزمەتداشلىرىمنى دائىم تەنقىدلەيتتى، يۈرەك قېنىنى بالا تەربىيىسىگە سەرپ قىپتۇمىش، جان بېقىش ئۈچۈن تىرماشقاندۇ، تايىنلىق. مەنمۇ شۇنى دېمىسەم، كۈن چىقاردىن- كۈن پاتارغا ئېشەكتاك ئىشلەپ، تۆت توك- توك مائاش ئۈچۈن ئەپەندىچىلىك قىلاتتىمما؟"
ئەدەبىيات مۇئەللىمى گېپىنى داۋام قىلاتتى:
_ ئۆز نەپسىگە چوغ تارتماتتى....
"نەدىمۇ ئۆز نەپسىگە چوغ تارتمىسۇن؟ ئۆز مەنپەتىنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇپ، ھەدىسىلا ھەر خىل ئاماللار بىلەن بىزنىڭ مائاشىمىزنى تۇتۇۋېلىشقا ئالدىرايدىغان ئادەمزە، ئۆلۈپلا قەھرىمان بولامدىكەن؟"
نىمىلا دىمەيلى مۇدىرنىڭ جەسىدى قاراڭغۇ لەھەتكە كىرىپ كەتتى. ئالدىنقى قېتىملىق ئىمتىھاندا سىنىپىمنىڭ نەتىجىسى چۈشۈپ كەتكەندە، مۇدىر مېنى راسا تەنقىد قىلىپ، باش كۆتۈرەلمەس قىلىۋەتكەندى، بۇ نۆۋەت زور تىرىشچانلىقلار بەدىىلگە سىنىپىم ئالدىنقى قاتارغا ئۆتۈۋىدى، مۇدىر مېنى ماختاشقا ئۈلگۈرمەيلا، قازا قىپ كەتتى، ۋاي ئېسىت...
قەبرىستانلىققا يەنە بىر يېڭى قەبرە قوشۇلدى. ئۇيقۇم قىستاپ كەتكەچكە ئۆيگە ئالدىرىدىم، چۈشۈمدە ھېلىقى كاساپەتنى يەنە كۆرەرمەنمىكىن؟...
بىر ھەپتىدن كېيىن مەكتەپ مۇدىرى يېڭىلاندى. مۇدىرنى كۆرۈپلا تىلىم گەپكىمۇ كەلمىدى، ياپىرىم! بۇ مەكتەپ ئەمدى ماڭا ھارام بولىدىغان بولدى- دە... ؟ ياشاڭغۇراپلا تۇرىدىغان قىيسىق كۆز، زىيادە يوغان بۇرۇن، تۈرۈكلۈك قوشۇما قاش بىلەن مىتىلداق ئېغىز، قاتۇرۇپ دەزماللانغان زىغىررەڭ كاستىيۇم- بورۇلكا...
"شۇمىدۇر- ھە...؟ شۇ!، چوقۇم شۇ. ھېلىقى... ھېلىقى... ئېرىك، ئېرىك شۇ... مېنى تىللاۋاتمدىكىن، ئېغىزى مىتىلداپلا تۇرىدۇ، نىمە كۈنلەرنى كۆرەرمەن، ئۇ نەلەردە يۈرۈپ، قانداق يوللار بىلەن ئىچەرمەنلىكتىن مەكتەپ مۇدىرىغا ئايلىنىپ قالدى- ھە...؟؟؟ " .
ھەپتە ئۆتۈپ، ئەندىشەمگە خاتىمە بەرگەندەك، مائارىپ ئىدارىسى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىغا يۆتكەلگەنلىك ئۇختۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم- دە، كۆڭلۈم جايىغا چۈشتى. رەسمىيەت بېجىرگىلى كىرسەم، يېڭى مۇدىرىىمز قانداقتۇر بىر پەلسەپىگە ئائىت كىتاپقا تىكىلىپ ئولتۇرۇپتىكەن. مەن ئۇنىڭ كۆزىگە قارىماسلىققا تىرىشىپ، مەخسىدىمنى ئاران ئۇختۇردۇم. ئۇ قولۇمدىكى ئۇختۇرۇشنى يۇلۇپ دىگۈدەك ئالدى- دە، بوينىنى سوزۇپ قارىدى. مەن ئۇنىڭ ئاۋاق بەستى، قاقىردەك ئۇزۇن بوينىغا قاراپ، "ھاراقنى تاشلىغان ئوخشايدۇ، رەڭگى- روھى خېلى تۈزۈلۈپ قاپتۇ... ھازىرمۇ بويتاقمىكىن...؟" دىگەنلەرنى كۆڭلۈمگە كەلتۈردۈم. ئۇ ئالدىدىكىە ماتىرىياللارنى تېزلا يىغىشتۇرۇپ، ئۇختۇرۇشنى دوققىدە قولۇمغا تۇقۇزدى- دە:
_ سىز بۇنداقلا كەتسىڭىز قانداق بولغىنى؟... مەن ئىدارىغا..._ ئۇ سۆزىنىڭ ئاخرىنى دىيىشكىمۇ ئۈلگۈرمەي، سىرتقا قۇيۇندەك چىقىپ كەتتى.
"ئىم، مانا! ئەدىپىمنى بېرىدىغان بولدى... بۇ ئېرىكنىڭ تېگى- تەكتىنى سۈرۈشتە قىلغانغا تويە ئەمدى..." .
دەل شۇ پەيتتە، تالادىن "غارررت... ۋاي بېلىم!.." دىگەن ئاۋاز بىلەن سىرتقا چىقىشقا مەجبۇر بولدۇم. مۇدىر پەلەمپەينىڭ تۈۋىدىلا ئىڭراپ ياتاتتى، مېنى چاقالمىغىنىڭغا ئىچىڭ ئېيچىشىۋاتىدىغۇ؟ ئەمدى قانداقمۇ قىلارسەن، دەيمەن ئىچىمدە.
بىر قانچە ئوقۇتقۇچى ئۇنى يۆلەشتۈرۈپ، مەكتەپ ماشىنىسىغا سالدۇق- تە، دوختۇرخانىغا ئاپاردۇق. دوختۇرلار بىمارنى تەپسىلى تەكشۈرگەندىن كېيىن، بەل ئۇمۇرتقىسىنىڭ سۇنغانلىقىنى، يېرىم پالەچ بولۇپ قېلىش مۈمكىنچىلىكىنى ئېيتتى...
"ئۇھ! قۇتۇلدۇمغۇ سەن ئېرىكتىن، نۇرغۇن ئارزۇلىرىڭ بولغىيتتى، مۇشۇ ياتقانچە ساقىيالماي ئۆلۈپ كېتەمسەن تېخى...؟" .
مەن مەكتەپنىڭ ئىلمىي مۇدىرى ئارقىلىق يۆتكىلىش رەسمىيىتىنى مىڭ بالالىقتا بېجىردىم- دە، يېڭى خىزمەت ئورنۇمغا يۈرۈپ كەتتىم.
يېڭى خىزمەت ئورنۇمدىكى خىزمەتداشلىرىم راست دەۋاتامدۇ، ياكى مېنى سىناۋاتامدۇ، ياكى يېڭى كەلگەنلەرگە باشلىقنى يامان سۈپەت بىلەن تونۇشتۇرۇش زۆرۈرمۇ، ئەيتاۋۇر، مەن كېلىپ بىرنەچچە كۈندىن كېيىن، ئىدارە باشلىقىنىڭ پارە يىيىشكە ئامراقلىقىنى، بولۇپمۇ ياش قىزلارغا ھېرىسمەنلىكىنى، ھەتتا بىر قانچە ئاشنىسىنىڭ بارلىقىنىمۇ قۇلۇقۇمغا قۇيۇپ بولۇشتى. مەن ھەممە گەپنى ئىندىمەستىن ئاڭلاپلا قويدۇم. ئاغزىغا كەلگەننى بوغۇزىغا يۇتماي سۆزلىگەننىڭ زىيىنىنى ئاز كۆردۈممۇ؟... ئۆز باشلىقىنىڭ غەيۋىتىنى قىلىۋاتقان ئەشۇ سېغىزخانلارنىڭ قايسى بىرىگە ئىشىنىش مۈمكىن؟ تۇرۇپ ئويلاپ قالىمەن: " بىز بىرى- بىرىمىزنى چاقمىساق، بىراۋنىڭ غەيۋىتىنى قىلىشىپ، غاجاشمىساق، يىگىنىمىز سىڭمەيدىغان ئوخشايدۇ... يېقىندىن بېرى ماڭا كېلىۋاتقان "ئامەت" لەر بىلەن باشلىقلىرىمغا كېلىۋاتقان "پالاكەت" لەر ئوتتۇرىسىدا بىرەر سىرلىق باغلىنىش بارمىكىن؟ مۇبادا مەن بىرەر بۆلۈمگە باشلىق بولۇپ ئۆسسەم، ياكى مۇشۇ ھىكايەم مىسرانىم تورىدا مۇكاپاتقا ئېرىشىپ قالسا، يېڭى باشلىقىمنىڭ بوينى قايرىلىپ كەتمىگىيدى، ياكى ھارام يۇتقان پۇللىرى ئۇنىڭ پومپايغان قورساقلىرىنى تېشىپ چىقمىغىيدى" دەپ ئەنسىرەيمەن.
2011- يىلى ئىيۇن، ئۈچتۇرپان.
مەنبە: ئۆز قەلەم.
ئەسكەرتىش: ھىكايەمنىڭ بىرىنچىسى «شەبنەم» مۇنبىرىدە «ھاراقكەش» نامى بىلەن يوللانغان، بۇ قېتىم مىسرانىمغا يوللىدىم.

باتۇر بىر ئۆلىدۇ، قورقۇنچاق مىڭ.....!

alla mining birdinbir yardamch

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3770
يازما سانى: 1240
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10819
تۆھپە نۇمۇرى: 405
توردا: 5688 سائەت
تىزىم: 2010-7-11
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-12 11:44:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرچە ساقلاپ تۇراي...
ھېكايە ئوقۇمىغىلى خېلى بوپتىكەن.

مەن ئاۋۋال مۇسۇلمان ھالەتتە دۇنياغا كەلدىم،ئاندىن ئۇيغۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلغانلىقىم ئۈچۈن ئۇيغۇر بولدۇم.شۇنىڭ ئۈچۈن دەيمەنكى،مەن ئۈچۈن بىرىنجىسى ئاللاھ،ئاندىن قالسا مىللىتىم ئەۋزەلدۇر.
ئۆزۈڭنى ئۇيغۇر دېيىشتىن بۇرۇن «ئۇيغۇر» سۆزىنى ئوبدان ئۆگەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6753
يازما سانى: 245
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9540
تۆھپە نۇمۇرى: 377
توردا: 2412 سائەت
تىزىم: 2010-8-18
ئاخىرقى: 2013-2-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-13 10:01:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھى..ھى..ھى... ئاخىرى بېرىپ ئىككى ھىكايىنى قوشۇۋېتىپسىزغۇ؟؟؟

يىگىت قەسەم ئىچم

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19575
يازما سانى: 351
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7481
تۆھپە نۇمۇرى: 367
توردا: 95 سائەت
تىزىم: 2010-11-29
ئاخىرقى: 2014-8-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-17 05:55:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇخىل  يىزىشمۇ  بولىدىكەن ~!    رەخمەت سىزگە

ئىسىل كۈنلىرىم تېخى ئالدىمدا ~!

ھەمىمىز ئۇلۇغ ال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43241
يازما سانى: 2399
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18880
تۆھپە نۇمۇرى: 1533
توردا: 5993 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-26 03:16:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالاممەت ئۇخشۇتۇش بۇپتۇغۇ ؟ھېلمۇ ئۇچتۇرپانىدىن بۇلۇپ قاپسىز  ،ئۇنسۇ دىن بۇلۇپ قالغان بۇلسىڭزە مەنمۇ بىر قېرىندىشىمدىن ئايرىلىپ  قالاتتىمكەندە؟ ئۇھ خۇدايىم بىر ساقلاپتۇ .چۇنكى مىنڭ ئاكام  ئۇنسۇنىڭ ناھىيە ھاكىمى . چاقچاق قىلىپ قۇيدۇم كۇڭلىڭزگە ئالماڭ ھە .ياخشى يېزىپسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 46735
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3011
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1596 سائەت
تىزىم: 2011-7-5
ئاخىرقى: 2011-8-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-14 01:27:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   بولدىكەن  ياخشى  چىقپتۇ  . يەنمۇ ترشىڭ..

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش