مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1155|ئىنكاس: 0

دۇنيادىكى تىللار  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

نېمىلەرنى ئويلا

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11976
يازما سانى: 739
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16174
تۆھپە نۇمۇرى: 3127
توردا: 349 سائەت
تىزىم: 2010-9-28
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-12 05:23:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«دۇنيادا زادى قانچە خىل تىل بار؟» دېگەن بۇ تېمىنى دەۋر قىلغان تەكشۈرۈش، تەتقىق قىلىش بۈگۈنكى كۈندە تىلشۇناسلىق ساھەسىدىلا ئەمەس، بەلكى ئىنسانشۇناسلىق، مىللەتشۇناسلىق ساھەسىدىمۇ قىزىق نۇقتا بولماقتا. گېرمانىيەلىك تىلشۇناسلار 1979-يىلى دۇنيادا 5651 خىل تىل بار، دەپ يەكۈن چىقارغان. فىرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۇنيادا 2796 خىل تىل بارلىقىنى ئېلان قىلغان. باشقا دۆلەتلەرمۇ بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتنى قانات يايدۇرغان. ئەمما، ھەرقايسىسىنىڭ ئىستاتىستىكا نەتىجىسى ئوخشاشمايدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىدا دۇنيادا 2500 دىن ئارتۇق مىللەت، 2500 دىن 3500 غىچە تىل بار، دەپ ئىزاھلانغان.
دۇنيادىكى تىللار دۇنيادىكى يېزىقلاردىن كۆپ. چۈنكى بەزى مىللەتلەرنىڭ تىلى بار، يېزىقى يوق. بۇنىڭدىن سىرت نەچچە مىللەت بىر تىلنى ئورتاق ئىشلىتىدىغان ئەھۋالمۇ بار. تىل توغرىسىدىكى دۇنياۋى تەتقىقاتتا ئىنسانشۇناسلارنىڭ ئىستاتىستىكىسى ئەقىلگە مۇۋاپىقراق بولۇپ، ئۇلار ئىنسانشۇناسلىق تەتقىقاتى داۋامىدا دۇنيادىكى تىللارنىڭ 6809 خىلغا يېتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەم تىللارنىڭ رايونلارغا بۆلۈنۈشىنىمۇ شەرھلەپ، تىل تۈرىنىڭ ئاز - كۆپلۈك تەرتىپىدە ئاسىيا قىتئەسىنى بىرىنچى ئورۇنغا (2197 خىل تىل بار)، ئافرىقا قىتئەسىنى ئىككىنچى ئورۇنغا(2058 خىل تىل بار)، تىنچ ئوكيان تاقىم ئاراللىرىنى ئۈچىنچى ئورۇنغا (1131 خىل تىل بار)، لاتىن ئامېرىكىسىنى تۆتىنچى ئورۇنغا (1013 خىل تىل بار)، ياۋروپانى بەشىنچى ئورۇنغا (230 خىل تىل بار) قويغان. ئېلىمىزمۇ تىل تۈرى كۆپرەك دۆلەتلەر قاتارىغا كىرىدىغان بولۇپ، 80 خىلدىن ئارتۇق تىل، 30 خىلدىن ئارتۇق يېزىق بار.
لېكىن، ھەرقايسى ئەللەردىكى نۇرغۇن تىلشۇناس بۇنداق ئىستاتىستىكىلىق ماتېرىيالنىڭ توغرىلىقىغا تازا ئىشىنىپ كېتەلمەيدۇ. ئۇلار«ھازىر دۇنيادىكى كۆپىنچە تىل يوقىلىشقا يۈزلىنىۋاتىدۇ. بەزى جايلاردا بەزى تىللارنىڭ يوقىلىش سۈرئىتى ئەتىۋارلىق ھايۋانلارنىڭ يوقىلىش سۈرئىتىدىنمۇ تېز بولۇۋاتىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا تىللارنى توغرا ئىستاتىستىكا قىلغىلى بولمايدۇ» دەپ قارايدۇ.
ھازىر دۇنيادا ئۆز تىلىنى دۆلەت تىلى سۈپىتىدە رەسمىي ئىشلىتىۋاتقان، كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ شۇ تىلنى ئىشلىتىشى بىر قەدەر خەتەرسىز، دەپ قارالغان تىل پۈتكۈل دۇنيادىكى تىللارنىڭ %10ىگىمۇ يەتمەيدۇ. ئالاقە تورىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بەزى تىللارنىڭ يوقىلىشىنى تېزلىشىۋاتىدۇ. ئەگەر مۇۋاپىق تەدبىر قوللانمىغاندا، مۇشۇ ئەسىردە دۇنيادىكى تىللارنىڭ يېرىمى يوقىلىشى، يەنە 200 يىلدىن كېيىن بۇ تىللارنىڭ %20ىلا ساقلىنىپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئىستېمال نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئىنگلىز تىلى بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادىكى تارقىلىشى ئەڭ كەڭ، ئىشلىتىلىشى ئەڭ كۆپ تىل ھېسابلىنىدۇ. ئالاقە تورىنىڭ %85ىنى ئىنگلىزچە ئۇچۇرلار ئىگىلەيدىكەن. ھازىر نۇرغۇن دۆلەت ئىنگىلىز تىلىنى ئاساسلىق تىل ئورنىدا قوللىنىۋاتىدۇ. ھالبۇكى دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر تىلنىڭ يوقىلىشى بىر خىل مەدەنىيەتنىڭ يوقالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، تىللارنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە رەڭدارلىقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭ يوقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. مۇشۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، ھەر قانداق بىر مىللەت ئەزاسىنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى قەدىرلىشى ۋە قوغدىشى ناھايىتى زۆرۈر. 

مەنبە: جۇڭگۇ ئۇيغۇر رادىئوسى تورى
http://www.uycnr.com/wh/yyyj/201105/t20110521_114763.html

قاراڭغۇ زۇلمەتنى قاغىغاندىن كۆرە بىرەر چىراق ياققىنىڭ تۈزۈك
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش