(ۋارىس)
مۇشائىرە بىر توپ ياكى مەلۇم بىر سورۇن ئەھلىنىڭ ئورتاق سۆزتىمىسى كۆز قارىشى ياكى شۇ ئۇرۇننىڭ مۇھىت تەسۋىرى ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان ھازىر جاۋاپلىق،ئيتىشىش،ئۆز-ئارابىرىكىش تۈسىنى ئالىدىغان،كۆڭۇل ئېچىش مەخسەت قىلنغان شئىرىيەت شەكىللىرىنىڭ بىرى.
بۈگۇن مىسرانىم مۇنبىرنىڭ مۇشائىرە ۋە شئىرى چاقچاقلار سەھىپىسىنى ئارلاۋىتىپ تۇۋەندىكى ئاھۋاللارنى بايقاپ قالدىم.
بۇ سەھىپىگە يوللانغان ئەسەرلەر ئىچىدە tarurum نامىدىكى تورداشنىڭ بىر نەچچە پارچە يازمىسىدىن باشقىللىرى ئاساسەن ئىشقى-مۇھەببەت،خۇسۇسى ئارزۇ تىلەكلەر،تۇرداشلانىڭ چاقچاقلىرى تىما قىلنغان ئەسەرلەر ئىكەن .بىزنى ئىماننىڭ يۇرۇقلىقىدا ياشاشقا نىسىپ قىلغان مۇبارەك ئىسلام دىنىمىز، دۇنياغا كىلىشىمزگە سەۋەپچى بۇلغان جاپاكەش ئاتا-ئانىللىرىمزھەققىدە يەنە نۇرغۇن ئەھمىيەتلىك ئىش –پائالىيەتلىرىمزجۇملىدىن ئەخلاق،ئىمان،ئىتىقاد، دۇنيا،ھاياتلىق،ئۇلۇم ھەققىدىكى ئىبرەتلىك،تەربىيۋى ئەھمىتى بار تىمىلار ئۈستىدە مۇشائىرىلەر ئېلىپ بېرىلماپتۇ. بۇنداق مۇشائىرەلەرگە تورداشلارنىڭ تازا مەيلى يوقمۇ ،ياكى بىز ئەزەلدىنلا ئىشقى مۇھەببەت تىمىسىدىكى ئەسەرلەر ،مۇشائىرىلەرگە ھىرسمەنمۇ بۇنى بىلەلمىدىم.
رەسۇلۇللاھنىڭ مۇشۇنداق سورۇنلار ھەققىدە –
ئاللاھنىڭ نامى زىكرى قىلىنمىغان ،ئىلم –مەرپىەت سۆزلەنمىگەن سورۇنغا ئاللاھنىڭ لەنىتى ياغىدۇ دىگەن ھەدىسى بار.40مىڭدىن ئارتۇق جامائەت يىغىلغان مۇشۇنداق كاتتا بىر سورۇندا بۇنداق بىر بوشلۇق كەمتۈكلىكنىڭ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۇشى بىز ئويلانمىساق بولمايدىغان مۇھىم بىر مەسىلە.
مەن مۇشۇنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا ئىلگىرى بىر مۇشائىرىگە ئىنكاس سۈپتىدە يېزىلغان بۇيازمامنى تىما مەزمۇنى قىلىپ دىققىتڭلارغا سۇندۇم،
مۇشائىرە قىلايلى سىتىشمايلى قۇرۇق گەپ،
يازمىلاردىن تۇرداشلار ئالسۇن ئازدۇر -كۇپتۇر نەپ.
مەزمۇن بۇلسۇن ھاياتلىق،تۇرمۇش،ئالەم ھىكمىتى ،
كىرەكمىدى ئۇيغۇرغا ساپلا پۇچەك مۇھەببەت.
دەۋرىمىزدە موھەببەت مىزانىدىن چەتنىدى ،
كۆيدۇق ،پىشتۇق دەپ تۇندە باغچىلاردىن كەتمىدى.
يىگىت بولغاچ ۋاپاسىز ،قىز ئايرىلپ ئىپپەتتىن،
پەرياد چەكتى بۇئىبرەت لىكن كۆپكە يەتمىدى.
مۇھەببەتكە بولمىغاچ ئىمانىمز تۇغ،قورغان،
ئۇيغۇرۇمدا شۇڭا كۆپ كۆيدۇم پىشتىم دەپ ئازغان.
كۇزى تۇيۇپ قىزچاققا نىكاھسىزلا يىگىتنىڭ،
مۇنبەرلەردە شۇڭا كۆپ قىزلار چەككەن دەرت پىغان .
مۇشائىرىگە پۇچەك ئىشقى مۇھەببەت ھەققىدىكى يازمىلارنى ،ئەخلاقسىز سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.ياخشى تىلەك ۋە رەددىيە خارەكتىردىكى ئىنكاسلارنى يازماقچى بولغانلار مۇشائىرىگە دەخلى قىلمىغان ئاساستا يازسا بۇلىدۇ.
مۇشائىرە قىلدىغانلار قايسى كۇپلىتقا قارىتىپ باشلىساڭلار بۇلىۋىرىدۇ.لىكىن مۇشائىرە بىردەكلىككە ئىگە بولسۇن.
قىنى مەرھەممەت.
مۇشائىرە قىلايلى سىتىشمايلى قۇرۇق گەپ،
يازمىلاردىن تۇرداشلار ئالسۇن ئازدۇر -كۇپتۇر نەپ.
مەزمۇن بۇلسۇن ھاياتلىق،تۇرمۇش،ئالەم ھىكمىتى ،
كىرەكمىدى ئۇيغۇرغا ساپلا پۇچەك مۇھەببەت