مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 7802|ئىنكاس: 48

قىزلار ، بۇ تېمىغا كىرىڭلار ، پاراڭلىشمىز ( [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

دىللار پەقەت ئال

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30340
يازما سانى: 1065
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12042
تۆھپە نۇمۇرى: 3185
توردا: 7509 سائەت
تىزىم: 2011-2-14
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-21 12:01:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[align=justify]                                          بىرىنچى نەسىھەت 
ئەي قىزىم، قىزلارنىڭ ئەڭ گۈزىلى ھايا ۋە ئىپپەت پەردىسىگە ئورالغىندۇر. ھەقىقەتەنمۇ قىزلار قەلەم قاش، شەھلا كۆز، ئۇزۇن چاچ، كېلىشكەن، گۈزەل بولسىمۇ شەرم-ھايالىق بولمىسا، ئۇلارنى ھېچكىم گۈزەل دېمەيدۇ. ئىپپەتلىك قىز دېگەندە، كۆز ئالدىمىزغا تەبئىيتى مۇلايىم، ئەقىل-پاراسەتلىك، ھايالىق، نۇمۇسچان، ئاتا-ئانىغا مېھرىبان، قېرىنداشلىرىغا كۆيۈمچان، چوڭ-كىچىكلەرگە ئېتبارلىق قىز نامايان بولىدۇ ۋەبۇنداقلار كۆزىمىزگە چىرايلىق، يېقىملىق كۆرۈنىدۇ. ھايا كىشىلەرنى يامان يولدىن قايتۇرغۇچى ۋە ياخشىلىققا ئۈندىگۈچىدۇر. كىمنىڭ ھاياسى بولمىسا، شۇنىڭ ئۇيىتى بولمايدۇ ۋە بارچە قەبىھ ئىشلارنى قىلىشتىنمۇ يانمايدۇ. 
                                       ئىككىنچى نەسىھەت 
ئەي قىزىم، ئىپپەت__ ۋىجدانىي پاكلىق، نومۇس، ھايا دېگەنلىكتۇر. قىزلارنىڭ تەبئىيتىگە خاس پاكىزلىق، ھايا، نەپىسلىك، زىبالىق، ھۇشيارلىق كەبى پەزىلەتلەر ئۇلارنىڭ ھۆسنىگە ھۆسىن، لاتاپىتىگە لاتاپەت قوشىدۇ. قىزنىڭ ھۆسنى__ يېرىم بايلىق، ئەقلى بولسا خەزىنە. ئۇلۇغ ئالىم ئىبىن سىنا: «ئىنساندا مەڭگۈ تۇردىغان ھۆسىن ۋە لاتاپەت ھايا بىلەن ئىپپەتتۇر، ھاياسىز يۈز جانسىز جەسەت كەبىيدۇر» دېگەن ئىدى. دەر ھەقىقەت ئادەمنى ئۆزىگە تارتىدىغان، ئىسسىق كۆرسىتىدىغان نەرسە__ كىشىنىڭ ھايا ۋە ئىپپىتىدۇر. ھايا ۋە ئىپپەتنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن قىز ھامانەم ھەقىقىي ئىنسانلىق خاراكتېرىنى يېتىلدۈرەلەيدۇ. 
                                        ئۈچىنچى نەسىھەت 
ئەي قىزىم، تىل بىلەن يۈرەك__ ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنىڭ بولىقى. بۇ ئىككىسى ياخشى بولسا، ئادەممۇ بەخىتلىك ۋە ياخشى بولىدۇ. بۇ ئىككى يامان بولسا، ئادەممۇ يامانلىق ۋە بەخىتسىزلىكتىن خالىي بولالمايدۇ. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب: تىل __ يۈرەكنىڭ جارچىسى. يۈرەكنىڭ جارچىسى. يۈرەك نېمىنى ئويلىسا، تىل شۇنى سۆزلەيدۇ، كۆڭۈلگە كەلگەننى ئالەمگە ئايان قىلىدۇ، كىشلەر سۆزگە ئۇستىلىقى بىلەن ماختانسا، سەن سۈكۈت قىلىش بىلەن ماختان. ھەر نەرسىنىڭ دەلىلى بار. ئەقىلىنىڭ دەلىلى – پىكىر، پىكىرنىڭ دەلىلى – سۈكۈتتۇر. سەن سۈكۈت قىلش ئارقىلىق ئۆز مەقسىتىڭگە يېتەلەيسەن. سۈكۈتتىن يىراقلاشساڭ مەغلۇبىيەت سېنى قارشى ئالىدۇ. 
                                         تۆتىنچى نەسىھەت 
ئەي قىزىم، كىشنىڭ خاپا بولۇپ تۇرغان ۋاقتىدا مەسىلە سورىما. ئەگەر سېنىڭ خاپا بولۇپ تۇرغان ۋاقتىڭدا بىراۋ مەسىلە سورىسا، سۆزىگە قاراپ جاۋاب بەر، ئەقلىڭ يەتمەس سۆزنى سۆزلىمە، كۈچۈڭ يەتمەس ئىشقا ئېسىلما. ھەر ئىشتا ئوتتۇرا ھاللىقنى كۆزدە تۇتۇش كېرەك. جامائەت بار يەردە، مەجلىستە بىرىگە سۆزۈڭ بولسا، ئاشكارا سۆزلە، زۆرۈر بولمىسا، پىچىرلاپ سۆزلىشىشنىڭ ھېچ پايدىسى يوق. ھەر تۈرلۈك سۆزنى ئاڭلىساڭ گۇياكى ئاجىزلىقتىن كۈچلەنگەندەك ئاڭلىغىن. بۇ سۆزلەر مەيلى كېرەككە كەلسۇن – كەلمىسۇن، جېنىڭ، تېنىڭ بىلەن ئاڭلا. چۈنكى، سۆز بىر سەدەپكە ئوخشايدۇ. ئۇ كۆڭۈل دەرياسىدىن چىقىدۇ. 
                                            بەشىنچى نەسىھەت 
ئەي قىزىم، قىزلارنىڭ نازاكىتىنى، قىزلىق قەدىر-قىممىتىنى ئاشۇرىدىغان ئەمەللەرنىڭ كاتتىسى سىلىق-سىپايە، دەل جايىغا كەلتۈرۈپ، مېھرىبانلىق پۇرىقىنى سىڭدۈرۈپ تۇرۇپ ئەدەپلىك سۆزلەشتۇر. سۆزلىگەندىمۇ راسىت سۆزلەش، گەپنى قسقا، مېغىزلىق قىلىشقا ، مەنلىك، ئورۇنلۇق سۆزلەشكە ئادەتلىنىش؛ ئۇزۇن، بىمەززە سۆزلەپ كىشىلەرنى بىزار قىلىماسلىق كېرەك. خەلىقىمىز تولا گەپ قلىدىغان كىشلەرنى ئەدەپسىز، كوت-كوت، لاۋزا دەپ ئاتايدۇ. كۆپ گەپ قلغۇچىلار ئۆزىنىڭلا گېپىنى يورغىلتىدۇ، خاراكتېرىدىن مەمەدانلىق چىقىپ تورىدۇ، ئۇلارنىڭ كۆپ گەپ قلىشدىكى مەقسىتى ئۆزىنى كۆرسىتىشتۇر. 
                                             ئالتىنچى نەسىھەت 
ئەي قىزىم، ئىپپەتلىك قىزلار ئۆزلىرىگە تەلەپچان،ھايالىق بولىدۇ. يۈرۈش-تۇرۇش، كىيىنىش، مۇئامىلە، مۇناسىۋەتلەردە قىزلىق شەنىگە يارىشا ئىش تۇتىدۇ. كىشلەر ئارىسدا كالتە، تار، كۆكرىكى چوڭ كىيىملەرنى كىيىش، مەمەدانلىق، چاكىنا قىلىق، ئورۇنسىز ھەركەتلەرنى قىلىشنى ئۆزلىرىگە ھار ئالىدۇ. ئىپپەتلىك قىزلار، بولۇپمۇ يىگىتلەرنىڭ ئالدىدا، چوڭلار بار سورۇنلاردا ئۆزلىرنى قانداق تۇتۇشنى ياخشى بىلىدۇ. ھەربىر قەدىمىنى ئويلاپ باسىدۇ. قىز بالا ئۆزىنىڭ تەبئىي چىرايى بىلەن يېقىملىقتۇر. ئۇنىڭغا يەنە پەرداز قىلىش ئۇنى سۈنئىيلەشتۈرۈپ قويىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ ھەددىدىن زىيادە پەرداز قىلىش، كەلسە-كەلمەس زىبۇ-زىننەتلەرنى تاقاش، قىممەت باھالىق كىيىملەرنى كىيىش قىزلارنى يەڭگىلتەك، قونچاق سۈپەت كۆرسۈتۈپ قويۇشى مۇمكىن. 
                                            يەتتىنچى نەسىھەت 
ئەي قىزىم، دانالار ئىلىمنى مال-مۈلۈكتىن ئەۋزەل دېيىشىدۇ. ئېيىتشلىرىچە، ئىلىم مېغىز بولسا، بايلىق ئۇنىڭ پوستى، ئىلىم گۈل بولسا، بايلىق ئۇنىڭ ھىدىدۇر. دانا كىشىلەر ھەر دائىم ئەنە شۇ مېغىزنى قولغا كىرگۈزۈش يولىدا جاپا چېكىدۇ. چۈنكى، ئىلىم ئاۋۋال پەزىلەتلىك كىشلەردىن مىراس قالۇر، مال-بايلىق بولسا ھارۇن ۋە ھاماننىڭ مىراسىدۇر؛ ئىككىنچى، ئىلىم كىشىدە كەمتەرلىك پەيدا قىلىدۇ؛ ئۇچىنچى، ئىلىملىك كىشىنىڭ دوستى كۆپ بولسا، مالدار كىشنىڭ دۈشمىنى كۆپ بولىدۇ؛ تۆتىنچى، مالدار كىشىلەر ئۆتە خەسىس ۋە بېخىل بولسا، ئالىم كىشلەر ساخاۋەت ئىگىسى بولىدۇ؛ بەشىنچى، ئىلىم كىشىگە دۇنيادا ئابرۇي كەلتۈرسە، مال-دۇنيا ئازاپ كەلتۈرىدۇ. 
                                            سەككىزىنچى نەسىھەت 
ئەي قىزىم، ئۈچ خىل كىشى ھېكىمەت رەۋىشىدىن يىراق ۋە ئەقىل يولىدىن تاشقىرىدۇر. بۇنىڭ بىرىنچىسى، ئۆزىنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىگە ئىشىنىپ، ھەر قانداق بالا كەلسە قارشى كېتىۋىردىغانلار، بۇنداق كىشىلەر ئاقىۋەت ئۆزىنى ھالاكەتكە سالىدۇ؛ ئىككىنچىسى، تائامنىڭ ئۆزىگە يېتەرلىك مىقدارىنى بىلمەيدىغانلار ۋە مەيدىسىنىڭ ھەزىم قىلىشقا ئاجىز كېلىشىدىن قورقىماي يەۋېرىدىغانلار، شۈبھىسىزكى، بۇنداق كىشىلەر ئۆز جېنىنىڭ دۈشمىندۇر. ئۈچىنچىسى، ئاداۋەت ئەھلىنىڭ سۆزىگە مەغرۇر بولۇپ، ئۇلارنىڭ خۇشامەتلىرىگە ئالدانغانلار، بۇنداق كىشىنىڭ ئىشى ئاخىر ھەسرەت-نادامەت ۋە پۇشايمان كەلتۈرىدۇ. 
                                               توققۇزىنچى نەسىھەت 
ئەي قىزىم، ياخشى خويلۇق، ئەدەپ-ئەخلاقلىق، مىجەز-خاراكتېردا خاسلىققا ئىگە، كۆڭلى-كۆكسى كەڭ ياراملىق قىز بولۇش ئاسان ئىش ئەمەس. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ قىزىنى كىچىكىدىن باشلاپ تۈجۈپلەپ تەربىيلەپ ئەجىر سىڭدۈرۈشىگە ، شۇنداقلا قىزلارمۇ ئېسىنى تاپقاندىن كېيىن ئۈنسىز تەربىيە ۋە ئەتراپىدا يۈز بىرۋاتقان ياخشى-يامان ئىشلارنى جايىدا پەرىقلەندۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق ئۆز-ئۈزىنى تەربىيلەشكە توغرا كېلىدۇ. بۇنداق تەربىيلەنگەن قىزلارنىڭ گۈزەللىكى، پەزىلەت غۇنچىسى قەلب تۆرىدە ئېچىلغان بولۇپ، ئەگەر بۇنىڭغا چىراي گۈزەللىكى قوشۇلسا بۇنداق گۈزەللىك كامالەتكە يەتكەن گۈزەللىك ھېسابلىندۇ. 
                                                  ئونىنچى نەسىھەت 
ئەي قىزىم، شىجائەت، ساخاۋەت ۋە خۇشخۇلقلۇق ئەڭ ئەلا پەزىلەتلەردىن بولۇپ، بۇ سۈپەتلەرگە ئىگە بولغان كىشىلەر ھەر دائىم ئۇلۇغلۇق سەرمايىسىدىن بەھرىمەن بولۇر. مەزكۇر سۈپەتلەر ئىچىدە خۇشخۇلقلۇق ئالاھىدە دىققەتكە سازاۋەردۇر. چۈنكى، شىجائەت ناگان-ناگاندا ئېھتىياج تۇغۇلىدۇ، ساخاۋەت ئالىي پەزىلەت بولسىمۇ، ئۇنىڭغا ھەممىلا كىشى مۇيەسسەر بولۇۋەرمەيدۇ، ئۇنىڭ ھۆددىسدىن چىقىش ئۈچۈن، كىشلەرگە ھەر خىل شەرت-شارائىتلار كېرەك. ئەمما، خۇشلۇلقلۇق شۇنداق نەرسىكى، ئۇنىڭغا ھەممە ئادەم ئېرشەلەيدۇ. يېقىملىق خۇلق ئىگىسىدىن چوڭ-كىچىكنىڭ بارچىسى خۇرسەن بولىدۇ. بۇنداق خۇلق ئىگىسى باشقىلارنى خۇرسەن قىلىشتىن تاشقىرى، ئۆزىمۇ دائىم خۇرسەن يۈرىدۇ. باشقىلاردىن بولسا ئۇنىڭغا مۇھەببەت ۋە مۇلايىملىق قايتىدۇ.  
                       (     مەنبە : "قىزلارغا100 نەسىھەت"  ناملىق كىتاب   )

[align=justify]


ئۈلۇمدىن قورۇقمايمەن .ئەمما.گورۇمدە يالغۇزلۇقتىن قاراڭغۇلىقتىن گۇرنىڭ ئازاۋېدىن قورقىمەن

ھەققي ئاق خالاتل

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7957
يازما سانى: 602
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9271
تۆھپە نۇمۇرى: 491
توردا: 712 سائەت
تىزىم: 2010-8-26
ئاخىرقى: 2012-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-21 12:28:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن بىر بىرىدىن ئېسىل نەسىھەتلەر ئىكەن ، قىزلاردا شەرمى ھايا ، ئىپپەت نۇمۇس ھەقىقەتەن كەم بولسا بولمايدىغان پەزىلەتلەتنىڭ بىرى .
مەن بۇ كىتابنى ( قىزلارغا 100 نەسىھەت ) تولىمۇ ياخشى كۆرىمەن ، داۋاملىق مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرلەرنى يوللىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن .

مەجنۇنتال قەددىنى ئىگىپ مۇلايىم ، سۇ بەرگەن ئۆستەڭگە قىلىدۇ تازىم . سۈت بېرىپ ئۆستۈرگەن ئانا ئالدىدا ، قەرزىمىز قانچىلىك ئويلايلى دائىم . باشقىلارنى ئۆزۈم دەپ بىل ، ئۆزۈڭنى باشقىلار دەپ بىل . باشقىلارنى باشقىلار دەپ بىل ، ئۆزۈڭنى ئۆزۈم دەپ  بىل .

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1969
يازما سانى: 1683
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14796
تۆھپە نۇمۇرى: 478
توردا: 3887 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-21 12:30:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گەرچە بۇ نەسىھەتلەرنى "قىزلارغا100 نەسىھەت"  ناملىق كىتابتىن ئاللىبۇرۇن بىر قانچە قېتىم ئۇقۇپ بولغان بولساممۇ ئەمما مىسرانىمدا ھەممىڭلار بىلەن بىرگە ئورتاقلىشالىغىنىمدىن ئىنتايىن خۇرسەنمەن . تىما ئىگىسىگە تەشەككۈر !

http://blog.sina.com.cn/esma88

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26007
يازما سانى: 562
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5090
تۆھپە نۇمۇرى: 262
توردا: 5272 سائەت
تىزىم: 2011-1-12
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-21 12:53:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تىما ماۋزۇسىغا قىزىقىپ مۇندا ماراپ باقتىم . ئەمما كۆرمىدىم  [s:151]  [s:151]  [s:151]

ئىنساننى ياراتقۇچى بىر ئاللا !

مەستانە ئـــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26107
يازما سانى: 1574
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10220
تۆھپە نۇمۇرى: 592
توردا: 7682 سائەت
تىزىم: 2011-1-13
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-21 01:23:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن خاتا كىرۋاپتىمەن ... قىزلار  كىرىڭلار دە قوياپ  نىمە  پاراڭ بولدىكى دىسەم  ھى ھى ھى  [s:134]

ئىسلامىي رەسىملەر ئامبىرىغا مەھەممەت
بىر كىچىك تاش ئەينەكنى سۇندۇرۇشقا يىتەرلىك،
بىر ئىغىز گەپ يۈرەكنى ئاغرىتىشقا يىتەرلىك،
بىر نەچچە سىكونت ياخشى كۈرۈشكە يىتەرلىك.
بىر خاتا چۇشەنچە دوسلۇقنىڭ بۇزۇلىشىغا.

ئالاھىدە تۆھپە مۇنازىرە يېتەكچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63
يازما سانى: 2773
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 41041
تۆھپە نۇمۇرى: 4334
توردا: 6935 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-21 02:49:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پاراڭلىشامسىلەر ئۈگىتەمسىلەر.... [s:179]

كۈلۈپلا قويىمەن خالاس.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27171
يازما سانى: 118
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2564
تۆھپە نۇمۇرى: 200
توردا: 360 سائەت
تىزىم: 2011-1-21
ئاخىرقى: 2011-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-21 05:01:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوغۇللار بولمامدا ؟ بەزەن نەسىھەتلەرگە قارىسام ئۇغۇللارغىمۇ ئەسقاتقىدەك

بەختىمگە !

سەن بەخىت بىلەن

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10373
يازما سانى: 1114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11033
تۆھپە نۇمۇرى: 331
توردا: 7428 سائەت
تىزىم: 2010-9-14
ئاخىرقى: 2012-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-21 08:41:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي  قىزلار  كىرىڭلار  دىگەندىكىن  ،  ئوغۇللار   نىمە  بار  سىلەرگە ؟

ماۋۇ  تىمىنىڭ  تەربىيەۋى  ئەھمىيتى  بەكلا  چوڭكەن ،خىلى  كۆپ  نەرسىلەرنى
بىلىۋالدىم.  رەھمەت

سىز ماڭا كۈلۈپ قاراڭ ،مەنمۇ سىزگە كۈلۈپ قاراي شۇندىلا دۇنيانىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلالايسىز!!!

ana tilimizni kadirlayli

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21499
يازما سانى: 204
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4299
تۆھپە نۇمۇرى: 364
توردا: 1943 سائەت
تىزىم: 2010-12-9
ئاخىرقى: 2012-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-21 08:42:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ بۇ كىتاپنى بەك ياخشى كۆرۈپ ئوقۇيمەن. تېمىڭىزغا رەھمەت، قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن، موشۇنداق ياخشى تېمىلارنى مۇنبەرگە داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز.

ئۇلۇغ ئاللاھ ھەم

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40474
يازما سانى: 877
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3910
تۆھپە نۇمۇرى: 421
توردا: 2390 سائەت
تىزىم: 2011-5-12
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-21 09:47:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىڭىزغا كۆپ رەھمەت،راستىنلا ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز،ساقلىۋالدىم.

ھاكاۋۇرلۇق قىلما تەغدىرداش، ئىنسان بىز ھەممىمىز تۇپراقداش. ئاللاھىم ئالدىدا بىز ئوخشاش، قەبرىگە ھەم ئوخشاش سەپەرداش.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31091
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3809
تۆھپە نۇمۇرى: 262
توردا: 582 سائەت
تىزىم: 2011-2-20
ئاخىرقى: 2012-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-21 10:04:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي قىزلار سىلەر نىمىدىگەن شەخسىيەتچى مۇشۇنداق ياخشى تىمىدىنمۇ بىزنى چەكلەمسىلەر. سىلەرنىڭ پەزىلەت ئىگىلىرىدىن بولىشىڭلار بىزنىڭ ئارزۇيۇمىز ھەم بەختىمىز ئەمەسمۇ.

kulka0001@hotmail.com

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1888
يازما سانى: 409
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7423
تۆھپە نۇمۇرى: 315
توردا: 4012 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-21 10:17:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[s:166]  [s:166]  [s:166] بولىدىكەن مەن ھەممىنى ساقلىۋالدىم.....

دىللار پەقەت ئال

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30340
يازما سانى: 1065
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12042
تۆھپە نۇمۇرى: 3185
توردا: 7509 سائەت
تىزىم: 2011-2-14
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-21 10:41:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 10قەۋەت  uqmasot كە 2011-05-21 10:04 AMئەۋەتىلدى  :
ھەي قىزلار سىلەر نىمىدىگەن شەخسىيەتچى مۇشۇنداق ياخشى تىمىدىنمۇ بىزنى چەكلەمسىلەر. سىلەرنىڭ پەزىلەت ئىگىلىرىدىن بولىشىڭلار بىزنىڭ ئارزۇيۇمىز ھەم بەختىمىز ئەمەسمۇ.
ئوغۇللار  كىرمەڭلار  دىگەن.گەپ  يوققۇ؟

ئۈلۇمدىن قورۇقمايمەن .ئەمما.گورۇمدە يالغۇزلۇقتىن قاراڭغۇلىقتىن گۇرنىڭ ئازاۋېدىن قورقىمەن

مەن سېنىڭ مېنى ي

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27502
يازما سانى: 465
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 8346
تۆھپە نۇمۇرى: 438
توردا: 6399 سائەت
تىزىم: 2011-1-23
ئاخىرقى: 2012-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-21 10:45:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆتكەندە ئاچام بىلەن بالىسىنى ئېلىپ كىتاپخانىغا بېرىپ <قىزلارغا 100نەسىھەت> دىگەن كىتابنى ئېلىپ بەردىم، ئاچامنىڭ قىزى كېتىۋېتىپ مەندىن كىتابنىڭ ئىسىمىنى سورىۋىدى دەپ بەرسەم، ئۇلاپلا سورىدى:
--100نەسىھەت؟ نەسىھەت دىگەن نىمە؟
مەن: ساڭا دەپ بېرەي، 100نەسىھەت دىگەن 100مۇش-پەشۋا دىگەن گەپ.

مەن سېنىڭ مېنى ياخشى كۆرمىگەنلىكىڭدىن ئەمەس، بەلىكى ياخشىراق كۆرەلمىگەنلىكىڭدىن ئەپسۇسلىنىمەن.

چىرايلىق چىرايل

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8809
يازما سانى: 327
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6542
تۆھپە نۇمۇرى: 256
توردا: 3357 سائەت
تىزىم: 2010-9-1
ئاخىرقى: 2012-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-21 11:37:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىمىڭىزنىڭ تەربىۋىي ئەھمىيتى  ھەقىقەتەن زور  ئىكەن  . رەھمەت سىزگە .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش