مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 8382|ئىنكاس: 42

ئسلام ئالى بىلىم يۇرتى .ئەزھەر ئۇنۋېرسىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

باش سۇرەت ئۆزگەر

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36506
يازما سانى: 284
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16059
تۆھپە نۇمۇرى: 1049
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2014-7-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-20 02:15:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئسلام ئالى بىلىم يۇرتى .ئەزھەر ئۇنۋېرسىتى

ئەزھەر ئۇنۋيرسىتى ئسلام دۇنياسىدىكى ئەڭ قەدىمى ئسلام ئالى ئۇنۋرسىتى بۇلۇپ ھازىرغا قەدەر مىڭ يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە ،مىڭ يىلدىن بۇيان ،ئۇ ئسلام مەدنيەتىنىڭ قىبلىنامىسى دىگەن شەرەپلىك نام بىلەن ئسلام دۇنياسىدا شۇھرەت قازانغان ،نۇرغۇنلىغان مۇسۇلمانلار ،ئەزھەرگەبىرىپ بىلىم تەھسىل قىلشنى ناھايىتى شەرەپلىك دەپ بىلگەن ،فاتىميلەر قۇشۇنىنڭ باش قۇماندانى جەۋھەر سەقلييە مىسىرنى فەتھى قىلىپ قاھىرە شەھرىنى بەرپا قىلغاندىن بىرى ،ئەزھەر ئۇزنىڭ شانلق نەتىجىلىرى بىلەن ئسلام مەدەنيىتىنى تارقىتىشتا زۇر رۇلنى كۇرسىتىپ كەلمەكتە، 1.ئەزھەر 19-ئەسردىن ئلگىرىكى تارىخى دەۋىردىكى تەلىم -تەربىيە ئەھۋالى ئەزھەر مەسجىتى . 969-يىلى بىنا قىلنشقا باشلىنىپ ،972 يىلى 6-ئاينىڭ 22 -كۇنى تاماملانغان ،خاترلىنىچە بۇ مەسجد پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ قىزى بۈۋى فاتىمە زۆھرانى خاتىرلەش يۇزسىدىن ;ئەزھەر دەپ ناملانغان .ئەزھەر مەسجتى دەسلەپتە ھەم ئەمەل-ئبادەت قىلىندىغان سۇرۇن .ھەم دىنى ۋە پەنىنى بىلىملەرنى تەھسىل قىلىندىغان ئەڭ قەدىمى ئسلام ئالى دارۇلىفۇنى .ھەم دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايىلىرىدىن كەلگەن ئالىم -ئۇلىمالارنىڭ يىغلىدىغان ۋە باشقا ئەللەرگە ئالىم -ئۇلىمالار ئەۋەتىلدىغان ئالى ئىلىم مەركىزى ئىدى ،كىيىن ئەزھەر ئۇنۋيرسىتى قۇرۇلۇپ دىنى ۋە پەنىنى بىلملەر ئۇتىلدىغان ئسلام بىلىم مەركىزىگە ئايلانغان. 975-يىلى فاتىمىلەرنىڭ خەلىپىسى مۇئىز مىسىرغا ھاكىمدارلىق قىلۋاتقان مەزگىلدە ئەزھەر - مەسجىتىدە ھەر تۇرلۈك ئىلىملەر ئۇسىتىدە سۇرۇن قۇرۇلۇپ لىكسىيەلەر سۇزلىندىغان بۇلغان .فاتىميلەر شىئە مەزھىپگە مەسۇپ بۇلغاچقا ئەزھەر مەسجىتىدە ئەڭ ئاۋۋال شىئە مەزھپگە دائىر كىتاپلاردىن دەرىس سۇزلەنگەن ، ئۇلىمالار تەكلىپ قلنىپ ،ئۇلارغا قۇنالغۇ جاي ۋە تۇرمۇش راسخۇتى بىرىلگەن ،ئەھلى ئىلىمىلەر مەسجتتە يىغلىپ دىنى بىلىملەر ئۇستىدە پىكىر ئالماشتۇرغان ، ئاياللار ئۇچۇن مەخسۇس كۇرۇسلار ئىچىلغان ،خەلىفە ھاكىم بىئەمرىللاھنىڭ تەشەبىبۇسى بىلەن 1005 يىلى ئەزھەردە دارۇلپۇنى ھىكمەت<ئىلم- پەن تەتىقىقات ئۇرگىنى قۇرۇلۇپ يالغۇز بىر تۇرلىك مەزھەپىنىڭ تەلىملىرگە ئەمەل قىلىدغان ئەھۋالىغا ئاساسى جەھەتىتىدىن خاتىمە بىرىلگەن ، بۇ خىل ياخشى ئەھۋال ئاستىدا فىقھى ئىلمىلەرىدىن باشقا ئىلمىلەرنىڭ ئۇقۇ- ئۇقۇتۇش ئشلىرىغا يىڭچە شارائىت ھازىر بۇلغان ،شۇنىڭ بىلەن ئەزھەردە يەنە پەلسەپە تىبابەتىچىلىك ۋە ماتىماتىكىغا ئۇخشاش ئەقلى ۋە پەنىنى بىلىملەرمۇ ئالىم -ئۇلىما ۋە تالىپلارنىڭ .ئۇگۇنۇش قىزغىنلىققا مۇيەسسەر بۇلغان ،مەۋلۇد بايىرىمى .رەجەب شەئبان ۋە رامزان ئايلىرداچوڭ دائىردا دىنى پائالىيەتلەر ئىلىپ بىرىلدىغان بۇلغان .فاتىمىلەر خاندانلىغى پارچىلنىپ ئەيييۇبى خانلىغى قۇرۇلغاندىن كىيىن ئەزھەر يەنلا ئۇزىنىڭ تەرەقىقيات قەدىمىنى تۇختاتمىغان ، ئەيىيۇبلەر سۇنىنى مەزىھىپىگە مەنسۇپ بۇلغاچقا .سالاھھدىدىن ئەيىيۇبى ھاكىمىيەت تۇتقاندىن كىيىن ئەزھەردە ئسلاھات ئىلىپ بىرىلىپ دىنىنى پائالىيەت ۋە ئۇقۇ -ئۇقۇتۇش ئشلىرىدا سۇنىنى مەزھەبنىڭ تەلىملىرگە ئەمەل قىلىشنى شىئە مەزھىبى ۋە ئۇنىڭ دىنى مۇراسىملىرنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ،مەملۇكيلەر ھاكىمىيەت تۇتقاندىن كىيىن ئەزھەر نىڭ ئۇقۇ- ئۇقۇتۇش ئشلىرى تېخىمۇ ئىلگىرى سۇرۇلگەن، ئەھلى- ئلمىلار ھۇرمەت ئھتىرامغا ئىرشىپ تەخىمۇ يۇقرى مەرتىۋىگە مۇشەررەپ بۇلغان ، شۇنىڭ بىلەن بىر مۇنچىلىغان ئەھلى -ئىلمىلەر ،سالىھ مۇئمىنلەر ،ۋە مۇتەسەۋۋىپلەر ،سۇدىگەرلەر ،سەنئەتكارلار ،خەتتاتلار ئەزھەرگە زىيارەتكە كىلدىغان بۇلغان، مەملۇكيلەر سۇلتانلىرنىڭ كۇڭۇل بۈلشى ئاسىتىدا،ئەزھەرنىڭ بەيتۇلمالغا نۇرغۇنلىغان ۋەقفە ۋە خەيرىيەت پۇللرى يىغلىپ ناھايتى رۇناق تاپقان، شەرىقتە مۇڭغۇللارنىڭ بىسىمى ،مەغرىپ ۋە ئاندۇلىسىيەدەمۇسۇلمان ھاكىمىيەتنىڭ ئاجىزلىشى سەۋەبدىن بىر مۇنچىلىغان ئالىم-ئۇلىمالار ئۇ جايلاردا تۇرۇشقا ئىلاجسىز قىلىپ مىسىرنى ئۇزلىرنىڭ پاناھگاھى قىلغان ،ئۇلارنىڭ 41-15 ئەسىرلىردە مىسىر غا كىلشى ئەزھەرگە يۇكسەك گۇلىنىش ئەكەلگەن،بۇ مەزگىلدە ئەزھەرگە كەلگەن مەشھۇر ئالىم -ئۇلىمالاردىن ئىبنى خەلدۇن، مۇھەممەت ئەلفاسى،ئەبۇل ئابباس ئەھمەد ئەلقەلەقشەندى ،مەقرىزى،سەھاۋى،جالالۇدىدىن سۇيۇتى،قاتارلىقلار بۇلغان ،شۇ ۋاقىتىتا ئەزھەردە قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى،قۇرئان كەرىم بىلىملىرى ،فىقە ئىلىملىرى، ھەدىس،تەفسىر،ۋە تىل -ئەدىبىياتبىلىملىرى ئۇقۇ- ئۇقۇتۇش،شۇنداقلا ۋەز -تەبلىغ قىلىش پائالىيەتلىرى ناھايتى رۇناق تاپقان،شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا .تەبئى پەن ساھاسىدىمۇزۇر تەرەقىقىياتلار بارلىقىقا كەلگەن،مەسلەن ..تىبابەتچىلىك، ئاستىرۇمنىيە،جۇغراپىيە،ۋە تارىخ ئىلىملىرى ئۇستىدە چۇڭقۇر تەتقىقاتلار ئىلىپ بېرىلغان . ئۇسمانىيلار مىسىردا ھۇكۇم سۇرگەن دەۋىرلەردە .ئەزھەر يەنلا ئۇزنىڭ يۇكسەك بۇرچىغا ئۇزلىكسىز ۋارىسلىق قىلىپ ئۇنى تېخمۇ يۇكسەلدۇرگەن ،ئۇسمانىيلار گەرچە تۇركى تىلدا سۇزلشدىغان بۇلسىمۇ، لىكىن ئەزھەر ۋە مىسىر خەلىقىنىڭ ئەرەب تىلى .ۋە ئەرەب ئەدىبىياتنى ساقلاپ قىلىشقا ناھايتى ئەھمىيەت بەرگەن ۋە قۇغدىغان ،ئەزھەرنىڭ ئىلمى رۇلىغا قۇل قۇيغان ،ئىقتىسادى كىرمىگە ئارلاشمىغان، ئۇلارنىڭ ئەزھەرگە ئىلىپ كەلگەن ئەڭ چۇڭ يىڭلىقى شۇكى ،ئۇلار ئەزھەرنىڭ مۇتىۋەر مەشھۇر ئۇلىمالىرىغا شەيخۇل ئەزھەرئەزھەر جامەسى ئەزھەر ئۇنۋىرسىتى .ۋە ئەزھەر تەتقىقات ئۇرگندىن ئىبارەت ئۇچ ئۇرۇن ھەيئىتى دىنى داھيىسىنىڭ ئالى ۋەزىپە ئۇنۋانى بۇلۇپ، مۇئاۋىن زۇڭلى دەرجىلىك ، بۇ ۋەزىپىنى دۇلەت رەئىسى تەيىنلەيدۇ، ئىززەت- ئابرۇيلۇق،چۇڭقۇر بىلىملىك باشقىلارنىڭ نەمۇنەسى ھىسابلىندىغان فەقھ- ئۇلىمالار ئۇتەيدۇ دىگەن شەرەپلىك ئۇنۋانىنى بەرگەن ،ئۇسمانىلار يەنە شەيخۇل ئەزھەر تاللاشتا پۇتۇنلەي مىسىرلىق ئۇلىمالارنى ئاساس قىلغان،ھەم تاللاش ھۇقۇقنى ئەزھەردىكى ئۇلىمالارنىڭ ئختىيارىغا قۇيغان ،كىيىن شەيخ دىگەن ئاتالغىلارنى بارغانسىرى كەڭ قۇللىنىپ ھەرقايسى پىرقە-مەزھەپتىكى دىنى مۇھتەرەم زاتلارغا خاس بۇلغان ئاتالغۇ بۇلۇپ ئۇمۇملاشقان،ئۇلىمالارئۇز ئختىيارلىغى بىلەن دەرسلىك كىتاپ تاللاپ دەرىس ئۇتىدىغان بۇلغان،شۇ سەۋەبتىن بىر مۇنچىلىغان ئالىم -ئۇلىمالار،مۇدررىسلەرۋە تالىپلار ئىلىم تەھسىل قىلىش ئۇچۇن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىدىن ئەزھەرگە كىلىش دۇلقۇنى كۇتۇرگەن، ئەزھەر ئۇز ۋاقىتىدا ئۇقۇشقا كەلگەن تالىپلارنى رابات(ھەرقايسى ئەللەردىن كەلگەن ئالىم -ئۇلىمالار ۋە تالىپلار ئۇچۇن ھازىرلانغان قۇنالغۇ جاي)غا ئۇرۇنلاشتۇراتتى ،بۇ راباتلار باشقا ئەللەردىن كەلگەن ئۇقۇرمەنلەرنىڭ خاترىجەم تۇرمۇش كەچۇرىشى ۋە يەرلىك خەلىقلەر بىلەن بىر گە ياشىشىغا ھەم ئىلىم تەھسىل قىلىشغا ناھايتى ياخشى شارائىت ھازىرلىغانتى ،ئەزھەر ئەتراپىدىكى راباتلارنىڭ بىنا قىلنىشىغا ئەھلى خەيىرنىڭ قىلغان ساخاۋەتلىك ياردىمى ۋە ئەزھەرنىڭ ئۇزدە بۇلغان فۇندى ناھايتى مۇھىم رۇل ئۇينىغان، ئوسمانىيلار بۇلسا بۇنى تەخىمۇ مۇكەممەللەشتۇرۇپ ،دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىردىن كەلگەن نەچچە مىڭلىغان تالىپلارنى 50 كە يىقىن راباتقا بىر تۇتاش ئۇرۇنلاشتۇرۇپ ،ئۇلارنىڭ ئەزھەردە ئىلىم تەھسىل قىلشىغا ئىمكانىيەت يارتىپ بەرگەن ،بۇ راباتلارنىڭ بىر قىسمى مىسىرلىق تالىپلارغا خاس بۇلۇپ مىسىرنىڭ جەنۇبىدىن كەلگەن تالىپلانىڭ تۇرۇشغا تەييارلىنىپ راۋاقۇل سائايىدە;دەپ نام بىرلگەن ،رۇۋاقۇل شەنۋانىييە ۋە رۇۋاقۇل فەشەنىييە دىگەنگە >ئۇخشاش راباتلار بۇلسا مەلۇم بىر جايدىن كەلگەن تالىپلارنىڭ تۇرۇشىغا مەنسۇب بۇلغان ،ئۇنىڭدىن باشقا يەنە راۋاقۇل ھەنەفىييە ۋە ياكى رۇۋاقۇل ھەنابلە دىگەندەك راباتلارغا ئايرىلىپ مەخسۇس فىقھى مەزھەپتە ئۇخشاش بۇلمىغان تالىپلارغاتەۋە قۇنالغۇ جاي قىلىنغان ،شۇنداقلا ئەما كىشلەر ئۇچۇنمۇ ئايرىم راباتلار بىنا قىلنغان ،تالىپلارنى راباتلارغا ئۇرۇنلاشتۇرۇشتەك بۇ تۇزۇم 1954 يىلى ئەمەلدىن قالدۇرلۇپ ئۇنىڭ ئۇرنىغا چەت ئەللك تالىپلار يۇرتى دىگەن مەخسۇس بىر قۇنالغۇ يۇرتى بىنا قىلنغان2 ئەزھەرنىڭ 19- ئەسىردىن كىيىنكى تەلىم تەربىيە ئەھۋالى . 19- ئەسىر گە كەلگەندە مىسىردا ئلمى ئسلاھات ھەرىكىتى باشلىندۇ ،ئەزھەر بۇ ھەركەتنىڭ تەسىرى ئاستىدا،ھازىرقى زامان ئىلمىلىرنى ئەزھەنىڭ ئۇقۇتۇش دەرسىلىكىكە كىرگۇزىشنىڭ زۇرۇرلىگىنى ھىس قىلدۇ،بۇجەھەتتە شەيخ رىفائى تەھتاۋى ئىنتايىن چۇڭ رۇل ئۇينايدۇ .،خۇدەيۋى ئسمايىل پاشا زاماندا ئەزھەرنىڭ شەيخى مۇھەممەد ئابباس مۇناسىۋەتلىك قانۇن -لاھىيە تۇزۇپ چىقرىدۇ،بۇ قانۇن لاھىيە بۇيچە تالىپلار ئەزھەر شەيخى تەيىنلىگەن ئالتە كىشلىك ھەيئەت ئالدىدا فىقھە،ئۇسۇل ،تەۋھىد ،ھەدىس ،تەفسىر،نەھۋى- سەرىپ،ئىلمى بالاغەت،مەنتىق،قاتارلىق دەرىسلەردىن ئىمتىھان بىردۇ،شۇنداقلا ئىمتىھان ئارقىلىق قۇبۇل قىلىش ،دەرسلىك كىتابىنى بىيكىتىش تۇزۇمىنى يۇلغا قۇيدۇ. كىيىن ئىمام مۇھەممەدئابىدۇ بۇ ئاساستا ئەزھەرنىڭ شەيخىنى قايىل قىلدۇرۇپ 1895-يىلى ئەزھەريىتەكچىلىك قىلىش ھەيئتى نى قۇردۇ ،بۇ ھەيئەت ئسلام دىندىكى تۇت چۇڭ فىقىھە مەزھىپىگە ئايرىم -ئايرىم ھالدا ۋەكىلىلك قىلدىغان مۆتىۋەر ئۇلىمالاردىن تەركىپ تاپىدۇ،ئىمام مۇھەممەد ئابىدۇ يەنە زۇر تىرىشچانلىق كۇرسۇتۇپ ئەزھەر ئۇقۇتۇش دەرىسگە ماتىماتكا،فىزىكا،جۇغراپىيە،تارىخ خاتتاتلىق قاتارلىق يىڭى دەرسلەرنى كىرگۇزدۇ،مۇدەررىسلەرنىڭ مائاشىنى ئۇستۇرلىدۇ، ئۇ يەنە ئۇقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش تۇزۇمى .ئۇقۇش مۇددىتى ،يىللق تەتىل ،ئۇقۇتۇش دەرسسلىگى ،ئۇقۇش پۇتتۇرۇش گۇۋاھنامىسى ،دۇنياۋى شاھادەت تارقىتىش ،قاتارلىق بىر يۇرۇش يىڭى بەلگىلمىلەرنى مەيدانغا چىقرىدۇ،ئەلا ئۇقۇغان ئۇقۇغۇچلارغا ئۇقۇش مۇكاپات پۇلى تارقىتىش يۇلى ئارقىلىق ئۇقۇغۇچلارنىڭ ئىلىم تەھسىل قىلىشنى رىغبەتلەندۇردۇ،1928 -يىلى ئمام مۇھممەد ئابىدۇنىڭ ئۇستازى ئمام مۇھەممەد مۇستافا ئەلمەراغى ئەزھەرنىڭ شەيخى بۇلغاندا ئسلاھات ئشىكىنى تىخىمۇ ئىچىۋىتىپ ئۇلىمالارنى دىنى ۋە پەنىنى بىلىملەردە ئىجتىھات قىلىشنى ئۇندەيدۇ،1930 -يىلى ئىمام مۇھەممەد ئەل ئەھمەدى ئەلزاۋاھىرى ئەزھەرنىڭ شەيخى بۇلغاندا يەنە بىر يىڭى لاھىيە چىقرىپ ئسلام دىنى ئاساسلىرى ،شەرىئەت ۋە قۇنۇن ،ئەرەب تىلى، ۋە ئەرەبئەدىبىياتى ،قاتارلىق كەسپلىرنىڭ فاكۇلىتىنى قۇردۇ،شۇنداقلا بۇ لايىھە بۇيچە ئەزھەردە يەنە باشقا فاكۇلىتلارىنىڭمۇ قۇرۇشىغا ئجازەت بىرلدۇ، -1961-يىلىغا كەلگەندە مىسىرنىڭ شۇۋاقىتتكى زۇڭتۇڭى ئابدۇ ناسىر ئەزھەرنى تەرەققى قىلدۇرۇش تۇغرىسدىكى 103-نۇمۇرلۇق پەرماننى ئىلان قىلىپ ،،ئەزھەر دۇنياۋى ئسلام ئۇنۋيرسىتى ئۇ ئسلامنىڭ مىراسلىرنى قۇغداش تەتقىق قىلىش ۋە تارقىتىش، شۇنداقلاھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرغا خىزمەت قىلىش بۇرچىنى ئۇستىگە ئالغان ،ئەرەب مەدىيىتىنى تارقىتش،ئسلام شەرئىتى ،مەدنيىتى ،ئەرەب تىلى ،ۋە ئەدىبىياتى ،شۇنداقلا قۇرئان كەرىم تەتقىقاتى ئشلىردا ئسلام ئەللىرى بۇلغان ئالاقنى كۇچەيتىشكە زۇر ئەھمىيەت بىردۇ ،،دەپ چاقىرىق قىلدۇ،شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقتتا ئەزھەرنىڭ پەقەت ئەرەب تىلى بىلەن دىنى بىلىملەردە تەلىم بىرىدىغان ئىلىم مەركىزى بۇلۇپلا قالماي يەنە خەلىقئارادىكى باشقا ئالى مەكتەپلەرگە ئۇخشاش تەىبي پەن بىلىملىرنىمۇ ئۇقۇتدىغان ئالى مەكتەپ بۇلۇشى كىرەكلىگىنىمۇ تەكىتلەيدۇ،شۇئاساستا ئەزھەر نىڭ مائارىپ سىياسىتدە مۇنداق بىر ، نەچچە پىرىنسىپلار يۇلغا قۇيلىدۇ،ئەزھەر ئۇنۋيرسىتى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىردىكى مۇسۇلمان تالىپلارنىڭ كىلىپ ئۇقۇشۇنى ۋە بىلىم ئاشۇرۇشنى قارشى ئىلىش ،ئەزھەردە ئۇقۇۋاتقان تالىپلار بىر بىرى بىلەن ئىناق -ئىتپاق بۇلۇش،ئسلام ئەقىسىدە ئخلاسمەن بۇلۇش،دىنى ۋە پەنىنى بىلىملەردىن تەلىم بىرىش ئارقىلىق مىسىر ،ئسلام ئەللىرى ۋە غەيرى ئسلام ئەللىرگە ياراملىق ئىلىم ئەھلىلىرنى تەربىلەپ يىتۇشتۇرۇپ بىرىش،ئسلام مەدىنيىتى ۋە ئەرەب تىلنى تارقىتىش،دىنى ۋە ئىلمى تەتقىقاتلاردا دۇنيادىكى باشقا ئالى مەكتەپلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىلىم ئاشۇرىشنى تەشەبىبۇس قىلىش قاتارلىقلار ، يۇقۇرقىدەك بىر يۇرۇش ئسلاھاتنىڭ نەتىجسدە ئەزھەر دە بىناكارلىق،سانائەت ،تىبابەت ،ۋە يىزا ئىگلىك فاكۇلىتلىرى قۇرلىدۇ،قىزلار ئۇچۇنمۇ مەخسۇس فاكۇلىتلار قۇرۇلىدۇ ، ئۇقۇش پۇتتۇرۇش دىپلۇمىللرى باكاۋر، ماگىستىر ،ۋە دۇكتۇر دەرجىلرىگە ئايرىلىدۇ،،1962-1963- يىلىلرى ئسلام دىنى ئاساسلىرى فاكۇلىتنىڭ ئۇغۇللار ۋە قىزلار قىسمى ئىچىلىدۇ ،1964- يىلى ئەزھەر ئۇنۋيرسىتدا يەنە دۇرگەرلىك ،سۇدا ،چەتئەل تىلىلرى ،ۋە ئاخبارات فاكۇلىتلىرمۇ قۇرۇلىدۇ،ئەزھەر ئۇنۋيرسىتىنىڭ ئۇقۇتۇش دائىرىسىنىڭ كىڭيشى بىلەن قاھىرەنىڭ مەدىنەتۇل ناسىر دىگەن جايغا يىڭدىن ئۇقۇتۇش بىنالىرى سىلىندۇ، ئەزھەرنىڭ رەھبەرلىك ئۇرگىنى ئەزھەر ئالى مەجلىسى بۇلۇپ ،ئۇ ئەزھەر شەيخىنىڭ رىياسەتچىلىگىدە ،ئەزھەرنىڭ مۇئاۋىن شەيخى ،ئەزھەر ئۇنۋيرسىتىنىڭ رەئىسى ،ئسلام تەتقىقات مەركىزنىڭ رەئىسى قاتارلىق توت ئەزالاردىن ،شۇنداقلا مىسىر نىڭ دىنى فۇندى مىنىسترلىگى،مائارىپ مىنىستىرلىگى ، ئەدليە مىنىستىرلىگىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ،مەدنىيەت ۋە چەتئەلىلكتالىپلارنى باشقۇرۇش تارمىقى ، ئەزھەر گە قاراشلىق ئەزھەر ئۇتتۇرا ماكتەپلىرىنىڭ رەئسلىرى ،ۋە ئەزھەردىكى ئۇچ نەپەر مۇتۋەر مۇدەررس ۋەكىلىدىن تەركىپ تاپدۇ ،مۇزكۇر ھەيئەتنىڭ ۋەزىپىسى. ئەزھەرنىڭ ئسلام دىنى ئۇچۇن خىزمەت قىلىش سىياسىتىنى بىكتىش ،ئەزھەرنىڭ ئىلمى مۇھاكىمە تەتقىقاتلارنى بەلگىلەش، مەمۇريەت خىراجەت خامچۇتىنى تەستىقلاش، پەخىرى ئۇنۋان بىرىش تۇرلىرنى تەتقىق قىلىش، قاتارلىقلاردىن ئىبارەت،، ئەزھەر نىڭ ھازىرقى شەيخى دۇكتۇر مۇھەممەد سەيىيد تەنتاۋى ، ئەزھەر ئۇنۋيرسىتىنىڭ ھازىرقى رەئىسى دۇكتۇر ئەھمەد تەيىيب ، ھازىر ئەزھەر ئۇنۋيرسىتى دۇنيادىكى مەشھۇر ئالى مەكتەپلەرنىڭ ئىچىدە 45- ئۇرۇندا تۇردۇ، ئۇ پۇتۇن ئالي مەكتەپنىڭ تەرەقىياتىدا ناھايتى زۇر تۇھپە قاتقان ، مەسلەن ..ھازىرقى زامان ئالي مەكتەپلىردە قۇيۇلۇۋاتقان ئاسىسىنىت (ياردەمچى ئۇقۇتقۇچى )لىق تۇزۇمىنى 13- ئەسىردىلا ئەزھەردە كەڭ قۇللانغان ، ئەزھەر كۇتۇپخانىسى نۇرغۇن ئەسەرلەرنى ساقلەش بىلەن دۇنياغا تۇنۇلغان، بۇ قۇل يازما ئەسەرلەرنىڭ مۇتلەق كۇپ ساندىكىسى ئسلام ئەسەرلىرى بۇلۇپ شەرىق ئسلام مەدىنيەت گۇھىرى دەپ شۇھرەت قازانغان ،ھازىر بۇ كۇتۇپخاندا تەخمىنەن بىر مىليۇن ئەسەر ساقلانماقتا، ئەزھەر ئۇنۋېرسىتى ئۇنۋېرسال ئۇنۋېرسىت،ئۇنىڭدا 26 ئالې تەتقىقات ئۇرگىنى بۇلۇپ ،، ، بۇلارنىڭ ئىچدە، تىبابەت،دورىگەرىلك،ئىقتىساد ،ئىنژىنىرلىق، ۋە يىزا ئىگلىك قاتارلىق ئۇرگانلىرىمۇ بار، ھازىر مىسىر ئەزھەر ئۇنۋېرسىتىدا .43 ئۇغۇللار ئىنىستۇتى .18 قىزلار ئىنىستۇتى بۇلۇپ ھازىرقەدەر 61 ئىنىستۇت تەسىس قىلىنغان ، بۇ ئىنىستۇتلار مىسىرنىڭ ھەرقايسى ئۇلكىىلرىگە جايلاشقان، ئەزھەردىكى ئىنىستۇتلار ئسلام ئاساسلىرى ئىنىستۇتى، ئسلام تەتقىقات ۋە ئەرەب تىلى ئىنىستۇتى ، شەرىئەت ۋە قانۇن ئىنىستۇتى ،تىل ۋە تەرجىمە ئىنىستۇتى ، مائارىپ ئىنىسۇتى ، سۇدا -تىجارەت ئىنىستۇتى ،سانائەت ئىنىستۇتى ،تىبابەتچىلىك ئىنىستۇتى ۋە دۇرىگەرلىك ئىنىستۇتى قاتارلىقلارنى ئۇز ئىچىگە ئالىدۇ. جەمىئيەتنڭ ئۇزلىكسىز تەرەقىقى قىلشىغا ئەگىشىپ ،ئەزھەر ئسلام دۇنياسىغىلا ئەمەس .بەلكى پۇتۇن دۇنياغا ئۇز تەسىرنى كۇرسىتىپ كەلمەكتە،، ئەزھەرنىڭ خەلىقئارادىكى تەسىرنى مۇنداق بەش جەھەتدىن خۇلاسلىغىلى بۇلدۇ1- دۇنيانىڭ مۇتلەق كۇپ دۇلەتلىردە ئەزھەردە ئۇقۇغان ئۇقۇغۇچلار تىپلىدۇ2- ئەزھەرنىڭ ھەر دەرجىلىك مەدررىس ۋە ئىنىستىتۇدا ئۇقۇۋاتقان ئۇقۇغۇچلارنىڭ سانى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇردۇ - مىسىر دۇلتى 2005-يىللىق يىلنامىسى دىكى سانلىق مەلۇماتلارغا قارغاندا ئەزھەر قۇرۇلۇپ 2004=2005- يىلغىچە ئەزھەرنىڭ نامدىكى مەكتەپتە ئۇقۇغان ئۇقۇغۇچلارنىڭ سانى (((205 مىليۇن 9900-دىن ئاتۇق بۇلغان))2004-2005-يىللىقىدا ئۇقۇۋاتقان ئۇقۇغۇچلار 101مىڭ 200 يۇزگە، بۇنىڭ ئىچىدە 75 دۇلەتىتىن كەلگەنلەر 12- مىڭغا يەتكەن ئەزھەر سىستىمىسدىكى مەكتەپلەرنىڭ سانى 7100-يەتكەن ، 3- ئەزھەردە توت چۇڭ فىقھە مەزھەبنىڭ تەلىملىرى تەتىتىق ۋە مۇھاكىمە قلنىدۇ ھەرقايسى كەلگەن ئۇقۇغۇچلار ئۇزلىنىڭ ئەمەل قلۋاتقان فىقھى مەزھىبگە ئالاقدار بۇلغان فىقھە كىتابدىن تەلىم ئىلىشقا رۇخسەت قىلنىدۇ 4- ئەزھەرنىڭ نەزەر دائىرسى ناھايتى كەڭ بۇلۇپ جەمئيەتىتە يىڭدىن كۇرۇلۋاتقان مەسللەر ۋە ئلمى قاراشلارغا قارتا. قۇرئان كەرىم .ۋە ھەدىس شەرىفلەرنى ئاساس قىلپ ئىجتىھات نەتىجلىلىرگە تاينىپ ئەستايدىل تەتقىق قىلىپ مۇسۇلمانلارغا تۇغرا يىتەكچىلىك يۇنلىشنى كۇرسۇتۇپ بىرىدۇ 5- ئەزھەر چەتئەل تىلى ئىنىستىتۇدا 2001 يىلى خەنزۇ تىلى فاكۇلىتى قۇرۇلغان بۇلۇپ 200گە يىقىن مىسىر لىق ئۇقۇغۇچى خەنزۇ تىلى ئۇگۇندۇ ھازىر ئەزھەر دە 300 دىن ئارتۇق جۇڭگۇلۇق ئۇقۇغۇچى ئۇقۇيدۇ، ئەزھەر ئۇنۋېرسىتى ئسلام دۇنياسىدىكى ئەڭ ئالى ئۇنۋېرسىت بۇلۇش سۇپىتى بىلەن مۇقەددەس بۇرۇچنى ئۇستىگە ئىلىپ ،ئسلام مەدنىيىتىنى تەتقىق قىلىش ۋە تارقىتىشتا كۇرنەرلىك نەتىجىلەرنى قۇلغا كەلتۇرۇپ ئسلام دىنىنىڭ ھەققانىلىغىنى تەشەبىبۇس قلىش .ئككى ئالەملىك بەخىت سائادەتنى ئىزدەشنى قىلىشتەك ئسىل ئەنئەننى جارى قلدۇرۇپ ئسلامىيەت ئۇچۇن ئۇچمەس تۇھپىلەرنى قۇشۇپ كەلمەكتە،
مەنزىل:http://hamza.blogbus.com/logs/38673108.html

http://hamza.blogbus.com/logs/38673108.html

0998ۋارىس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 10158
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 63974
تۆھپە نۇمۇرى: 2683
توردا: 7998 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-20 03:03:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پاھ... بۇ ئۈنۋېرسېتقا اللە نىڭ  سالاملىرى بولسۇنكى، ئارزۇيۇم ئوغلۇمنى مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇتۇش ھەم مۇشۇ بىلىم يۇرتىدا قالدۇرۇش. اللە مۇرادىمغا يەتكۈزگەي .

ﺳﯘ، ﺋﯘﺯ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﭼﺎﯕﻘﺎﻕ ﺗﻮﭘﯩﺴﯩﻐﺎ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ...!

باش سۇرەت ئۆزگەر

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36506
يازما سانى: 284
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16059
تۆھپە نۇمۇرى: 1049
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2014-7-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-20 03:12:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
الله ياخشى تىلەكلىرىزىگە يىتىشكە نىسىپ قىلغاي

0998ۋارىس

تارازا بارمۇ ؟

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36554
يازما سانى: 2125
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14868
تۆھپە نۇمۇرى: 787
توردا: 4695 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2014-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-20 03:27:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قېرىنداشلىرىمىز كۆپلەپ بىلىم ئالغاي

ئۆمۈد بىلەن ياشاش كېرەك

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3299
يازما سانى: 1248
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12246
تۆھپە نۇمۇرى: 406
توردا: 7693 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2014-7-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-20 03:46:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
rasiminimu  bega yolligan bolsingez  tihimu yahxi bolattikan

مۇۋاپىقىيەت قازىنېش ئېرادەملا بولىدىكەن ،مەغلۇبىيەت مىنى ئۆرىۋىتەلمەيدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41018
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3057
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 54 سائەت
تىزىم: 2011-5-17
ئاخىرقى: 2011-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-20 03:55:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىما يوللاپسىز، يەنىمۇ تىرىشىڭ.

oghuzkhan بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-20 04:36:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئاق شەمشەر

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37170
يازما سانى: 202
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4196
تۆھپە نۇمۇرى: 145
توردا: 2741 سائەت
تىزىم: 2011-4-10
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-20 04:43:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ  يۇرتلارغىمۇ  ئەزھەر  كەلسۇچۇ [s:148]

ئىلىم ئۇگۇنىش شەرەپ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32526
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4096
تۆھپە نۇمۇرى: 192
توردا: 889 سائەت
تىزىم: 2011-3-3
ئاخىرقى: 2014-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-20 04:45:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

























تارىخ بىزگە ئاجىزلار قولدىكى ھەقىقەتنىڭ كۆچلىكلەر قولدىكى سەپسەتىدىن يىڭىلىپ قالدىغانلىقىنى ئسپاتلاپ بەردى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38029
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3112
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 353 سائەت
تىزىم: 2011-4-18
ئاخىرقى: 2011-11-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-20 05:02:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايتى ئةھمىيةتلقك تىما يوللاپسىز. تىمىڭىز ئارقىلىق كوپ بىلىملةرگة ئىگة بولدۇم.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش