1
بەلكىم ئۇ تۇرمۇشقا ئەمىلىيەتچىل قارايدىغان قىز بولسا كىرەك.ئۇنىڭ بىلەن ئوچۇقلا پاراڭلاشتۇق .
ئۇ ئالدىراش سورىدى: ۋىجدان،غۇرۇر،مۇسۇلمان بولغان بىلەنلا بولمايدۇ .سىزنىڭ پۇلىڭىز بارمۇ ؟
:يوق .
مىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش رېتىمىمغا ماسلاشقۇدەك يۈرىكىڭىز بارمۇ ؟مەسىلەن دەرس تاشلاپ مىنى ئويناتقىلى ئاپىرىش دېگەندەك.
: يوق .
: سىزدە ماركىىلىق يانفۇن بارمۇ ؟
: ئۇمۇ يوق .
:ئىسىل ماشىنا ،سەلتەنەتلىك داچىڭىز بارمۇ ؟
: تېىخىمۇ يوق .ئەزەلدىن بۇلۇشىنى ئويلاپ باقمىغانكەنمەن .
ئەمدى ئۇ ئەزۋەيلەي كەتتى . : مىنىڭ ئاچچىقىمنى كەلتۈرگەن لۈكچەكنىڭ كەينىدىن بېرىپ پىچاق تىققۇدەك قوللىڭىزغۇ باردۇ ؟
..................................
ئۇنىڭ غالىبانە كۈلكىسى چېكىگە يەتكەندە مەن ئۇنىڭدىن سورىدىم . :<< سىزنىڭ ماڭا مۇشۇ سۇئاللارنى قويالىغىنىڭىزدىكىدەك ئىگىسىگە بەرگۈدەك ئامانەت بارمۇ ؟>>ئۇنىڭ چىرايى تېتىرىپ كەتتى .:<< ھازىرغىچە سىزنى ھەقىقىي سۇيۇپ باققان بىرەرسى بارمۇ ؟بەشكويلۇق لەغمەن بولسىمۇ چىن يۈرىگىدىن چىقىرىپ رازى بۇلۇپ ئېلىپ بەرگەنلەر بارمۇ ؟سىزگە مەخسەتسىز ھىجايغانلار بارمۇ ؟ ئەتىلا ئۈلۈپ كەتكۈدەك بولسىڭىز جىنازىڭىزنىڭ كەينىدىن مىشىلداپ ماڭغۇدەك ئەركەكتىن بىرەرسى بارمۇ >> ئۇ ئەمدى ياۋاشلاپ كەتتى .
مەن غەلىبە مارشىمنى توۋلىنىغىنمچە كەتتىم .ئەمدى ئۇ مىنى مەڭگۈ كۈرەلمەسلىكى مومكىن .
2
ئىنسان ھامان ئازغۇچى .ئۇنىڭ ھېلىقىدەك قىز بۇلىشىغا قارىماي ئۇنىڭغا پاك ،ساپ مۇھەببىتىمنى بەرمەكچى ئۇنى توغرا يولغا باشلىماقچى بولدۇم ئۇنىڭدىن كۆپ نەرسە تەلەپ قىلدىمىدىم .پەقەت ئولتۇرۇش سورۇنلىرىغا بارماسلىقنى ،قىز بالا بولغاندىكىن ھاراق ئىچمەسلىكنى دىدىم
بىراق ئۇ ئۇنىمىدى .
خەير........................................
مەن كۆڭلۈم خۇشال ھالدا كەتتىم .ئەمدى ئۇ ئۈزىگە ئىنساپ تىلەيدىغان ئۇغۇلبالىنى نەدىن تاپاركىن .
3
پاھىشىلەرمۇ ھەممىنى بىلىدىكەن .
ئازاپ كوچىسىنى بويلاپ ،تاماكامدىن پۇرقىراتقىنىمچە ئىس چىقىرىپ كىلىۋاتسام ھېلىقى پاھىشە ماڭا ئۇچراپ قالدى.ئۇ مىنى مەنسىتمىگەنچە كۈلۈپ : ئەخمەق يىگىت ،پاك ھەقىقىي مۇھەببەتنىڭ دەۋرى ئۈتۈپ كەتتى.مۇھەببىتىڭگە گۈل بەرگۈچە پۇل بەرسەڭ بولمامدۇ؟ دەپلا كىتىپ قالدى . كەينىدىن قارىسام _____ پاھىشە قىزنىڭ مۇھەبىتىم ماڭا بىرەلمىگەن مىھرىبان سىماسى .
دىمەككى گۈل بىلەن پۇلنىڭ دىئالىتىكىلق مۇناسىۋىتىنى 12 يىل مەكتەپتە ئۇقۇپ ئۈگىنەلمىگەن سىتودىنىت بىر پاھىشىدىن ئۈگىنىۋاتمامدۇ ؟ قىززىق .مەن ئۇنىڭ دەرسىنى ئاڭلاپ مۇھەببەت داشۆسىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۇتتۇردۇم .ئېرىشكەن نەتىجىلىرىم ئىككى خانىلىق سان بىلەن پۈتكەن قىزلار توپلىمى .
مەنبە قەلىمىم .كونا يازمىلىرىمدىن شىنجاڭ كەسپىي ئۇنۋېرستېتىدا يېزىلدى.
ئاپتورى.بوزقىر مۇنبىرىدىن مەدىكار
http://www.bozqir.cn/bbs/read.php?tid=534