مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 9243|ئىنكاس: 48

شىزاڭ مۇسۇلمانلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ن. ي. ئۆزھال دېگە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11555
يازما سانى: 243
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10345
تۆھپە نۇمۇرى: 910
توردا: 3339 سائەت
تىزىم: 2010-9-25
ئاخىرقى: 2012-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-14 08:16:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

پەرھات يۈسۈپ 

[align=justify] 

[align=justify]كۆپىنچە كىشىلەر شىزاڭنى قەدىمدىن تارتىپ ھەممە كىشى دېگۈدەك زاڭزۇلاردىن تارقالغان بۇددا دىنى (لاما دىنى) غا ئېتىقاد قىلىدىغان سىرلىق ماكان، دەپ ئويلايدۇ. لېكىن ئەسىرلەردىن بۇيان دۇنيا ئۆگىزىسىدە ئۆزگىچە خاسلىقى بىلەن يىلتىز تارتىپ ياشاپ كېلىۋاتقان مۇسۇلمانلار توپىنىڭ بارلىقىدىن كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ خەۋىرى بولمىسا كېرەك. ئاخبارات ۋاستىلىرىدا بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرمۇ يوق دېيەرلىك. بۇددا دىنىي ئىبادەتخانىلىرى قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدىغان مۇقەددەس شەھەر لاسادا زاڭزۇلىشىپ كەتكەن روشەن خاسلىققا ئىگە بىر مۇسۇلمانلار توپى بار. ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتى زاڭزۇلارغا ناھايىتى يېقىن، ئۇلارنىڭ ئوي-مەقسەتلىرىنى راۋان، چۈشىنىشلىك ئىپادىلەيدىغان تىلىمۇ زاڭزۇ تىلى، ھېيت-بايراملاردا ئەڭ كۆپ كىيىدىغىنى زاڭزۇچە كىيىم، مېھمانلارنى كۈتكەندە ئەڭ بۇرۇن ئالدىغا قويۇدىغىنىمۇ سېرىق ماي چىيى. يەرلىكلەر ئۇلارنى «كاچې» دەپ ئاتايدۇ. بۇ بەلكىم ئۇلارنىڭ ئەجدادى بولغان شىزاڭدىكى ئەڭ بۇرۇنقى مۇسۇلمانلارنىڭ كەشمىردىن كەلگەنلىكى، قەدىمكى زاڭزۇ تىلىدا، كەشمىرنىڭ «كاچې يول» دەپ ئاتىلىدىغانلىقىدىن بولسا كېرەك. ھازىر كىشىلەر ئۇلارنى «شىزاڭ خۈيزۇلىرى» دەپ ئاتايدۇ، بۇ بەلكىم ئۇلارنىڭ مىللەت تەركىبىنى خۈيزۇ دەپ ئايرىغىنىدىن بولسا كېرەك. مەيلى «كاچې» بولسۇن ياكى «شىزاڭ خۈيزۇلىرى» بولسۇن، زاڭزۇ تىلىنى ئانا تىل قىلغان، ئۆزلىرىنى شىزاڭلىق دەپ قارايدىغان بۇ مۇسۇلمانلارنى «شىزاڭ مۇسۇلمانلىرى» دەپ ئاتاش مۇۋاپىقراق. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، مىلادى 8- ئەسىرلەردىلا، تۇنجى تۈركۈمدىكى كۆچمەن مۇسۇلمانلار كەشمىردىن شىزاڭغا كەلگەن. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى، نىكاھ ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى ئالماشتۇرۇشنىڭ كۆپىيىشى بىلەن مۇسۇلمانلار تۈركۈملەپ لاساغا كېلىپ ماكانلاشقان. ئادەم سانى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ، ئاخىرى بەلگىلىك كۆلەمگە ئىگە مەھەللە-رايوننى شەكىللەندۈرگەن.

[align=justify]بۇ ئالاھىدە كىشىلەر توپى ھەققىدە چوڭقۇرراق چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن، مەن لاسادا مۇخبىرلىق قىلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئالدى بىلەن بۇددا دىنى مۇرتلىرى تەلپۈنىدىغان مۇقەددەس جاي «داجاۋ ئىبادەتخانىسى» غا ئانچە يىراق بولمىغان لاسا كونىشەھەر رايونىنىڭ خېبالىن يولى بۆلىكىدىكى لاسا چوڭ مەسچىتىگە يېتىپ باردىم.

سۈرەتتە: ئاپتور لاسا چوڭ مەسچىتى ئالدىدا.


باكو كوچىسىدىن شەرققە قاراپ 100 مېتىرچە ماڭغاندا، قەدىمكى زاڭزۇ ئۇسلۇبىدىكى ئىمارەتلەر ئارىسىدىن مەسچىت ئۈستىدىكى مۇنارغا قادالغان ھىلال ئاي كۆزگە چېلىقىدۇ. مەسچىتنىڭ دەرۋازىسى ياغاچتىن ياسالغان راۋاق شەكىللىك دەرۋازا بولۇپ، ئۈستىگە ئەرەبچە، زاڭزۇچە، خەنزۇچە يېزىقتا «شىزاڭ لاسا چوڭ مەسچىتى» دېگەن خەتلەر يېزىلغان. ھويلا ئىچىدىكى تاملارنىڭ كۆپىنچىسى زاڭزۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى بىناكارلىق ئۇسلۇبى بويىچە بېزەلگەن بولۇپ، قويۇق ئىسلام دىنى ۋە يەرلىك بىناكارلىق سەنئىتى بىرلەشتۈرۈلگەن. بۇ مەسچىت بۇددا دىنىنىڭ مۇقەددەس زېمىنىغا جايلاشقان بولغاچقا، بىناكارلىق ئۇسلۇبى جەھەتتە قۇببىسىمان ئۆگىزىنىڭ ھەيۋەتلىكلىكى گەۋدىلەندۈرۈلۈپلا قالماستىن، يەنە شىزاڭنىڭ ئەنئەنىۋى بىناكارلىق ئۇسلۇبىدا ئىشلىتىلىدىغان رەڭلەر ۋە نەقىشلەر بىلەن بېزىلىپ، لاسانىڭ ئومۇمىي بىناكارلىق ئۇسلۇبىغا ماسلاشتۇرۇلۇپ، ئوخشاش بولمىغان مىللەت، دىن، مەدەنىيەتنىڭ بىر-بىرىگە ماسلاشقان ھالدا تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغانلىقى تولۇق نامايەن قىلىنغانىدى.

[align=justify] 

[align=justify]مەسچىتنىڭ ئىمامى ياقۇپ ئاخۇن بىزنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. لاسادا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ياقۇپ ئاخۇن ئېگىز بوي، قاڭشارلىق، كۆزلىرى يوغان، قويۇق ساقال قويۇۋالغان، كىلىشكەن كىشى ئىدى. سېپى ئۆزىدىن يەرلىك مۇسۇلمان ئىكەنلىكى چىقىپ تۇراتتى. ئۇ زاڭزۇچە، خەنزۇچە، ئەرەبچىنى پىششىق بىلىدىكەن. ئۇنى تۇنجى قېتىم كۆرگەن كىشى چەت ئەللىك دەپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. ياقۇپ ئاخۇن بىزنى باشلاپ مەسچىتنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدۇرغاچ ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.


سۈرەتتە: ئاپتور مەسچىت ئىمامى ياقۇپ ئاخۇننى زىيارەت قىلماقتا.

 


 

 سۈرەتتە: زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر مەسچىت ئىچىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلماقتا.

  

[align=justify]— ھازىر لاسادا يەرلىك مۇسۇلماندىن تەخمىنەن 5000 كىشى بار، سىرتتىن شىزاڭغا تىجارەت، خىزمەت قىلغىلى، ئوقۇغىلى كەلگەن مۇسۇلمانلار 100 مىڭدىن ئاشتى. ھازىر شىزاڭدا يەتتە مەسچىت بار (بەشى لاسادا، رىكازې ۋە چاڭدۇدا بىردىن بار) بولۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ تۈرلۈك دىنىي پائالىيەت ئېھتىياجىنى ئاساسىي جەھەتتىن قاندۇرالايدۇ.

[align=justify]تونۇشتۇرۇلۇشىچە، لاسا مەسچىتى شىزاڭدىكى ئەڭ چوڭ مەسچىت بولۇپ، مىلادى 10-ئەسىردە سېلىنغان، كېيىن نۇرغۇن قېتىم رېمونت قىلىنغان. ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن، جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ دىنىي سىياسىتى يەنىمۇ ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە قوللىشى ئارقىسىدا، 2001-يىلى يەنە بىر قېتىم رېمونت قىلىنغان. ئادەتتە مەسچىتكە ناماز ئۆتىگىلى كېلىدىغان مۇسۇلمانلار 250 تىن 300 گىچە، جۈمە نامىزىغا كېلىدىغانلارنىڭ سانى 3000 غا يېتىدىكەن. 

[align=justify]بىزگە ھەمراھ بولۇپ زىيارەتكە بارغان لاسا شەھەرلىك تەرجىمە-تەھرىر ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ما دىڭمۇ يەرلىك مۇسۇلمان ئىدى. ئۇ ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:

[align=justify]— شىزاڭ ئازاد قىلىنىشتىن ئىلگىرى، لاسادا مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپىنچىسى يىمەك-ئىچمەك، تىككۈچىلىك، ئۇن تارتىش قاتارلىق ئۇششاق تىجارەت بىلەن شۇغۇللىناتتى، ھازىر بولسا ھەر خىل كەسپلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. مائارىپ، تۇرمۇش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، شىزاڭدا مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن يەرلىك مۇسۇلماندىنلا ئىككىسى بار. مەككىگە بېرىپ ھەج قىلىشنى مىسالغا ئالساق، گەرچە 40 مىڭ يۈەنگە يېقىن خىراجەت كەتسىمۇ، ھەجگە بېرىشقا تىزىملىتىۋاتقانلار يىلدىن-يىلغا كۆپەيمەكتە.


سۈرەتتە: ئاپتور لاسا شەھەرلىك تەرجىمە-تەھرىر ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ما دىڭنى زىيارەت قىلماقتا.


سۈرەتتە: ئاپتور شىزاڭلىق موماي بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

 

[align=justify]بىز مەسچىتتە 70 ياشتىن ئاشقان بىر موماينى ئۇچرىتىپ قالدۇق. ئۇ ئازادلىقتىن ئىلگىرىلا مەككىگە بارغان ئىكەن، يېقىندا يەنە بىر قېتىم بېرىپتۇ. ئۇ سۈرەتكە تارتىۋاتقانلىقىمىزنى كۆرۈپ، زاڭزۇچە كىيىمىنى كىيىپ، بىز بىلەن سۈرەتكە چۈشتى.

[align=justify]

[align=justify] 


سۈرەتتە: ئاپتور مۇسۇلمانلار مەھەللىسىدە.

 

[align=justify]مەسچىتتىن چىقىپ، ئەتراپتىكى كوچىغا يەنە بىر قېتىم كۆز يۈگۈرتتۇق. مەسچىت بولغانلىقى سەۋەبلىك، بۇ يەر «مۇسۇلمانلار مەھەللىسى» بولۇپ شەكىللەنگەنىدى. قەدىمكى زاڭزۇچە ئىمارەتلەر ئاساس قىلىنغان كوچىدا «مۇسۇلمانچە» دېگەن خەتلەر يېزىلغان ۋېۋىسكىلار قەدەمدە بىر ئۇچرايتتى. ئاق دوپپا كېيىۋالغان ئەرلەر، ياغلىق ئورىۋالغان ئاياللارمۇ ئۇچراپ تۇراتتى.

[align=justify]— زاڭزۇلاردىن تارقالغان بۇددا دىنىنىڭ مەركىزىدە بۇ بىر تۈركۈم مۇسۇلمانلارنىڭ ماكانلىشىپ يىلتىز تارتىشى ھەمدە زاڭزۇلارغا ئوخشاش باراۋەر سىياسىي، ئىقتىسادىي ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇپ، دىنىي پائالىيەتلىرىنى ئەركىن ئېلىپ بارالىشىنىڭ ئۆزىلا مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، باراۋەرلىكى، ئىناقلىقنىڭ ئىسپاتى، — دەيدۇ ياقۇپ ئاخۇن.


 سۈرەتتە: ئاپتور مۇسۇلمانلار مەھەللىسىدىكى ئامما بىلەن سۆھبەتلەشمەكتە.

 

[align=justify]لاسا مەسچىتىدىن ئايرىلىپ، چۈشكە يېقىن مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ شىزاڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرلار پونكىتىنىڭ باشلىقى ۋاڭدۈينىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، بۇددالا سارىيىنىڭ غەربىگە جايلاشقان، داڭلىق لالۇ نەم يېرى بويىدىكى «كاچې لىنكا»غا يېتىپ كەلدۇق. بۇ يەردە شۇنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈش كېرەككى، زاڭزۇ تىلىدا «لىنكا» باغچا دېگەن مەنىدە. بۇ يەرمۇ مۇسۇلمانلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مەھەللە بولۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ تۇرالغۇلىرى، قەبرىستانلىق ۋە ئىككى مەسچىت بار ئىدى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، 16-ئەسىردە، كەشمىردىن شىزاڭغا كەلگەن بىر ئاخۇن 5-ئەۋلاد دالاي لامادىن ماكانلىشىشقا جاي تەلەپ قىلغان، دالاي لاما ئادەم ئەۋەتىپ بۇ يەردىن ئەتراپقا قارىتىپ ئوقيا ئاتقۇزغان، ئوقيا چۈشكەن دائىرىنى ئۇلارنىڭ ئولتۇراقلىشىشىغا ئايرىپ بەرگەن. بۇ يەرنىڭ غەربىي ۋە شەرقىدە ئىككى مەسچىت بار بولۇپ، ئارىلىقى نەچچە ئون مېتىرلا كېلىدىكەن. مەسچىتنىڭ جەنۇبى مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقى بولۇپ، قەبرە قوپۇرۇلمايدىكەن. پەقەت يەرلىكنىڭ ئۈستىگە قەبرە تېشى ئورنىتىلىپ، قازا قىلغۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، تۇغۇلغان ۋە قازا قىلغان يىل، ئاي، كۈنى يېزىپ قويۇلىدىكەن.

[align=justify] 
 

[align=justify] 

[align=justify] 

[align=justify]«كاچى لىنكا» دا يارىشىملىق زاڭزۇچە كىيىم كىيىۋالغان، چىرايى ئۇيغۇرلارغا ئوخشايدىغان خەدىچە خانىم بىزنى كۈتۈۋالدى. ئۇ پونكىت باشلىقى ۋاڭ دۈينىڭ دوستى، بۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان مەھمۇد سەيىدنىڭ ئايالى ئىكەن. خۇشاللىنارلىقى شۇكى، بۇ يەردە توي بولۇۋاتقانىدى، خەدىچە خانىم بىزنى تويغا تەكلىپ قىلدى. توي بولۇۋاتقان جاي «كاچى لىنكا» نىڭ شەرقى جەنۇبىدا بولۇپ، بىر كىچىك ئىشىكتىن چىقىشىمىزغىلا، ئالدىمىزغا قۇببىسىمان ئۆگىزىلىك راۋاق كۆرۈندى. راۋاقنىڭ ئوڭ تەرىپىگە بىر ئابىدە قوپۇرۇلغان بولۇپ، ئۈستىگە ئەرەبچە، زاڭزۇچە، خەنزۇچە، ئېنگىلىزچە تۆت خىل يېزىقتا ئەينى يىللىرى 5-ئەۋلاد دالاي لامانىڭ «ئوقيا ئېتىپ يەر ئايرىپ بەرگەنلىكى»گە ئائىت قىسقىچە تارىخ يېزىلغانىدى. راۋاقنىڭ ئۈستى تەرىپىگە ئېتىلىش ئالدىدا تۇرغان ئوقيا، ئوقيانىڭ ئاستىغا «1650» دېگەن رەقەم ئويۇلغان بولۇپ، كىشىلەرگە بۇ زېمىننىڭ تارىخىدىن خەۋەر بېرەتتى. بىز سۈرەتكە تارتىۋاتقاندا، پونكىت باشلىقى ۋاڭ دۈينىڭ دوستى مەھمۇد سەيىد ۋە بۈگۈن تويى بولۇۋاتقان يىگىتنىڭ ئاتىسى ئابدۇل ھەلىم يېتىپ كەلدى، بىز ئۇلارنىڭ كەينىدىن ھويلىغا كىردۇق.

[align=justify]باشقا مىللەتلەرنىڭ تويى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، شىزاڭدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ تويى تولىمۇ تىنچ ئۆتىدىكەن. ئەرلەر بىر چەتتە قېنىق سېرىق ماي چېيىنى ئىچىپ پاراڭلىشىپ ئولتۇرىدىكەن. زاڭزۇچە كىيىملەرنى كىيگەن ئاياللار مەيلى چوڭ-كىچىك ياكى قېرى-ياش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، يېمەكلىك تەييارلاش بىلەن ئالدىراش ئىكەن. توي كەيپىياتىنى گەۋدىلەندۈرۈۋاتقىنى پەقەتلا ئۇلارنىڭ بايراملىق كىيىملىرى، كۈلكە جىلۋېلىنىپ تۇرىدىغان چىرايلىرى ۋە بوشقىنە قويۇلىۋاتقان ھىندىستان، پاكىستان ناخشىلىرى ئىدى.

[align=justify]تويى بولۇۋاتقان يىگىتنىڭ ئاتىسى ئابدۇل ھەلىم ناھايىتى پاراڭچى ئىكەن. بۈگۈن ئۇنىڭ ئوغلىنى «ياتلىق» قىلىدىغان كۈنى بولغاچقا، پارىڭىمىزمۇ تەبىئىيلا شىزاڭ مۇسۇلمانلىرىنىڭ توي ئادىتىدىن باشلاندى. ئۇ ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:

[align=justify]— شىزاڭ مۇسۇلمانلىرىنىڭ تويى ئۆزگىچىلىككە ئىگە. قىز تەرەپ يىگىت تەرەپكە ياتلىق بولسا، يىگىت تەرەپ قىز تەرەپكە «ياتلىق» بولسىمۇ بولىدۇ. بۇنى ئىككى تەرەپ مەسلىھەتلىشىپ بېكىتىدۇ. توي ئادەتتە ئىككى كۈن ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۈگۈنكى توينى ئېلىپ ئېيتساق، ئوغلۇمنى قىز تەرەپكە «ياتلىق» قىلىدىغان بولغاچقا، بىرىنچى كۈنى قىز تەرەپ ئۆيدىكىلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا، ئەتىگەندىلا يىگىت تەرەپنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، بىر كۈن تۇرۇپ، يىگىت تەرەپنىڭ ئۇرۇق-تۇققان، دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ سالىمىنى قوبۇل قىلىدۇ؛ ئىككىنچى كۈنى يىگىت تەرەپ قىز تەرەپنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، قىز تەرەپنىڭ سالىمىنى قوبۇل قىلىپ، رەسمىي ئۆيلۈك بولىدۇ. توي مۇراسىمى ئادەتتە ئۆيدە ئۆتكۈزىلىدۇ. ئادەم كۆپ ۋاقىتلاردا، باغچىغا بىر نەچچە چىدىر تىكىپ، مېھمان كۈتۈۋېلىنىدۇ. توي مۇراسىمىدا ھاراق ئىچىشكە بولمايدۇ، ناخشا ئېيتىدىغان، ئۇسۇل ئوينايدىغان مۇراسىممۇ بولمايدۇ، مېھمانلار كۈن بويى بىر تەرەپتىن پاراڭلاشقاچ، بىر تەرەپتىن نازۇ-نېمەتلەرگە ئېغىر تىگىشىدۇ. 


مەنبە  http://www.uycnr.com/wh/201101/t20110124_82017.html  

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
sapdil + 100

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 100   باھا خاتىرىسى

ئېسىڭدىن چىقىرىپ خوش بولساڭ مەيلى، ۋە لېكىن ئۇنۇتالماي چەكمىگىن ئازاپ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18902
يازما سانى: 1795
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13215
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 8082 سائەت
تىزىم: 2010-11-24
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-14 10:06:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە ،بىر يىڭى بىلىمگە ئىگە بولدۇم .سەئىدخان لاساغا يۈرۈش قىلغاندا نۇرغۇن ئات-ئۇلاق ،ئەسكەرلىرى شالاڭ ھاۋا تۈپەيلى كېسەل بولۇپ ئۈلۈپ كېتىپ ،ئىشقا ئاشمىغانكەن .سەئىدخانىڭ ئۆزىمۇ شۇ سەپەردە كېسەل بىلەن ئۈلۈپ كېتىدىكەن . بۇلار بەلكىم شۇ چاغلاردا قىلىپ قالغان مۇسۇلمانلاردۇر؟

ماتېماتىكا ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ گېمناستىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3854
يازما سانى: 436
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9587
تۆھپە نۇمۇرى: 346
توردا: 6235 سائەت
تىزىم: 2010-7-12
ئاخىرقى: 2014-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-14 10:22:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنى يەنە  بىر  ياخشى خەۋەردىن  خەۋەۋەردار   قىلىپ  شىزاڭدىمۇ  دىنىي  قىرىنداشلىرمىزنىڭ  بارلىقىنى   بۇلدۇرگىنىڭىزگە  رەخمەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40252
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3166
تۆھپە نۇمۇرى: 104
توردا: 601 سائەت
تىزىم: 2011-5-10
ئاخىرقى: 2011-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-14 10:34:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لاسادىكى مۇسۇلمانلار ئۇيغۇرلار بىلەن قانداق ئەمەس، ئۇلار كەشمىردىن كەلگەن كىشلەرنىڭ زاڭزۇلار بىلەن ئارىلىشىپ پەيدا بولغان كىشىلەر، ئۇلارنىڭ نىمە مىللەت دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى ئۇقمايدىكەنمىز، بەلكىم زاڭزۇ دەپ كىملىنىشى مۈمكىن. بىراق گەنسۇدىكى يۇگۇرلار لاما دىنىدا بولىسمۇ لىكىن ئۇلار ئۇيغۇرلار بىلەن ھەقىقى قانداق.

دەقيانو بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-14 10:39:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ياخشىلىق قىل قۇل

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6619
يازما سانى: 1222
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13127
تۆھپە نۇمۇرى: 592
توردا: 5024 سائەت
تىزىم: 2010-8-17
ئاخىرقى: 2012-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-14 11:00:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زاڭزۇ دىمەي ئەسلى مىللەت ئىسمى بۇيىچە تىبەت دەپ ئاتايلى . بىزنىمۇ باشقىلار ۋېيزۇ دەپ ئاتىسا بىزنىڭمۇ ئاچچىقىمىز كىلىدىغۇ دەيمەن .شىزاڭنىڭ مەركىزى شەھىرى  لاسا ئەمەس لىخاسا

مەجنۇنتال قەددىنى ئىگىپ مۇلايىم سۇ بەرگەن ئۆستەڭگە قىلىدۇ تازىم سۈت بىرىپ ئۆستۈرگەن ئانا ئالدىدابۇرچىمىز قانچىلىك ئويلايلى دائىم

بابۇرشاھ

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40532
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3811
تۆھپە نۇمۇرى: 97
توردا: 63 سائەت
تىزىم: 2011-5-12
ئاخىرقى: 2011-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-14 11:05:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە ،بىر يىڭى بىلىمگە ئىگە بولدۇم .سەئىدخان لاساغا يۈرۈش قىلغاندا نۇرغۇن ئات-ئۇلاق ،ئەسكەرلىرى شالاڭ ھاۋا تۈپەيلى كېسەل بولۇپ ئۈلۈپ كېتىپ ،ئىشقا ئاشمىغانكەن .سەئىدخانىڭ ئۆزىمۇ شۇ سەپەردە كېسەل بىلەن ئۈلۈپ كېتىدىكەن . بۇلار بەلكىم شۇ چاغلاردا قىلىپ قالغان مۇسۇلمانلاردۇر؟
گەرچە سەئىدخان لاساغا بارالمىغان بولسىمۇ لىكىن شۇ زامانلاردا «تارىخى رەشىدىي» نىڭ ئاپتۇرى مىرزى مۇھەممەد ھەيدەر كوراگان شىزاڭنىڭ خىلى كۆپ قىسىم زىمىنلىرىنى ئۆز تەسەۋۇرغا كىرگۈزگەن ئىكەن بەلكىم بۇ مۇسۇلمانلار شۇ دەۋىردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان بولىشى مۈمكىن .بۇ ھەقتە تورداشلارنىڭ بىلدىغانلىرى بولسا ئايماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن .
ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك تىما يوللاپسىز قولىڭىزغا دەرىت كەلمىسۇن رەخمەت .
ھۆرمەتلىك باشقۇرغۇچى «يەكەن خانلىقىنىڭ خانى سەئىدخاننىڭ نەسەبنامىسى» دىگەن ماۋزۇدىكى تىما يوللىغان ئىدىم .لىكىن نىمە سەۋەپتىندۇر ئۆچۈرۋىتىپسىلەر، تىمام پۈچەك تىمىمىكەن ؟ياكى پايدىلىنىش قىممىتى يوقمىكەن ؟ بۇ ھەقتە ماڭا خاپا بولماي (گەرچە ئىچىم ئاچچىققا تولۇپ تۇرسىمۇ) چۈشەنچە بەرگەن بولساڭلار بوپتىكەن .
تىما بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولۇپ قالدى .كوپچىلىكنىڭ توغرا چۈشۈنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .

تارىخنى ئادەم يازىدۇ لىكىن قايتىلانمايدۇ

ياردەم مەزمۇنى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4175
يازما سانى: 1388
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10770
تۆھپە نۇمۇرى: 562
توردا: 6900 سائەت
تىزىم: 2010-7-17
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-14 11:07:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ شىزاڭدا تۇرغان ۋاقتىمدا   لاسانىڭ  ئۆزىدە  4  مىڭ  پۇلەن ،زادادا دىكى كەشمىر مەسچىتلىردە  6 مىڭ  زاڭزۇ  مۇسۇلمانلار بار دەپ  ئاڭلغان ئەمما كۆرۇپ باقمىغان  ئىدىم .
ئىسلام دىنغا ئىدىقات  قەلدىغان زاڭزۇلار 8  مىڭدىن 10 مىڭغىچە شۇيەردىكى ئۇيغۇر ، خۇيزۇلارنى قوشساق 30  مىڭدىن ئىشىشى  مومكىن .
بەك  ئوبدان  مىللەت

يۇقىرغا قاراپ پى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18610
يازما سانى: 1541
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3360
تۆھپە نۇمۇرى: 310
توردا: 5970 سائەت
تىزىم: 2010-11-23
ئاخىرقى: 2012-6-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-14 11:22:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لىخاسادىمۇ مۇسۇلمان بار دەپ ئۆتكەندە بىر ئاڭلىغاندىم.ئەمدى پۈتۈنلەي ئايدىڭ بولدى.ئاللاھ خالىسا مېىنىڭمۇ لىخاساغا بىر بارغۇم بار.لىخاسا مېىنىڭچە بىر سىرلىق شەھەر.

ئنساننىڭ ئاساسى ھوقۇقى كۆز يېشى بىلەن ئەمەس،ئىسسىق قېنى بىلەن قولغا كېلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4577
يازما سانى: 260
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8975
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 2239 سائەت
تىزىم: 2010-7-23
ئاخىرقى: 2012-12-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-14 11:37:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى خەۋەركەن تېما ئېگىسىگە تەشەككۆر .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش