چاۋشىيەن
قىسقىچە ئەھۋالى:
چاۋشىيەن دىمۇكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاسىيا قىتئەسىنىڭ شەرقىدىكى چاۋشىيە يېرىم ئارىلىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، شىمالدا جۇڭگو بىلەن، شەرقىي شىمالدا رۇسىيە بىلەن، جەنۇبتا بولسا كورىيە بىلەن چىگرالىنىدۇ. ئومومىي يەر مەيدانى 127 مىڭ 700 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ دائىرىسىدىن سەل كىچىكرەك كېلىدۇ. پايتەختى پيوڭياڭ، نوپۇسى 3 مىليون 340 مىڭ (2009-يىللىق).
نوپۇسى 23 مىليون 610 مىڭ (2009-يىللىق) بولۇپ، بىردەك چاۋشىيەن مىللىتى. چاۋشىيەن تىل- يېزىقى قوللىنىلىدۇ. چاۋشىيە تىلىنىڭ تىل تەۋەلىكى ئېنىق بېكىتىلمىگەن. بەزىلەر ئالتاي تىللىرى سېستىمىسىغا تەۋە دەپ قارايدۇ.
چاۋشىيەننىڭ 2005-يىلدىكى GDP
(دۆلەت ئىچى ئىشلەپچىقىرىش ئومومىي قىممىتى) 40 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، دۇنيا بويىچە 85-ئورۇندا، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان قىممەت 1800 دوللار بولۇپ، 149-ئورۇندا تۇرغان.
ئاساسلىق سانائەت تارماقلىرى پيڭياڭ بىلەن نامپو ئارىلىقىغا مەركەزلەشكەن. يېزا- ئىگىلىكتە ئاساسلىق شال، قوناق تېرىيدۇ، ئىقتىسادى زىرائەتلىرىدىن تاماكا، زىغىر قاتارلىقلار بار. چاۋشىيەننىڭ گىنسېڭ دەپ ئاتىلىدىغان ئادەمگىياھسى دۇنياغا داڭلىق. جۇڭگو، كورىيە، ياپونىيە، رۇسىيە ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتى بىر قەدەر زىچ. دۆلەت ئىچى قاتناش لىنىيەسى تۆمۈريولنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئومومىي ئۇزۇنلۇقى 8800 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. پۇل بىرلىكى: ۋون
كورىيە
قىسقىچە ئەھۋالى:
كورىيە جۇمھۇرىيىتى چاۋشىيەن يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، شىمال تەرىپى چاۋشىيەن بىلەن چىگرالىنىدۇ، قالغان شەرق، غەرب ۋە جەنۇب تەرەپلىرى دېڭىز بىلەن تۇتىشىدۇ. ئومومىي يەر مەيدانى 99 مىڭ 262 كۋادرات كىلومېتىر (قەشقەر ۋىلايىتىدىنمۇ كىچىك) بولۇپ، چاۋشىيەن يېرىم ئارىلىنىڭ ٪45نى ئىگىلەيدۇ. پايتەختى سىئول، نوپۇسى 10 مىليون 500 مىڭ (2007-يىللىق).
كورىيەنىڭ ئومومىي نوپۇسى 48 مىليون 290 مىڭ (2009-يىللىق)، ھەر 4 ئادەمنىڭ بىرسى دىگۈدەك سىئولدا ياشايدۇ. ئاھالىسى بىردەك چاۋشىيەن مىللىتىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، چاۋشىيەن تىل- يېزىقىنى ئىشلىتىدۇ. ٪50 ئاھالە بۇددا دىنى ۋە خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، كاتولىك دىنى، ئىسلام دىنى ۋە كۇڭزى تەلىماتىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارمۇ بار.
تەبئىي بايلىقى كەمچىل، خام ماتېرىيال ۋە يېقىلغۇلارنى ئاساسەن ئىمپورت قىلىدۇ. كورىيە ئەسلىدە يېزا- ئىگىلىكنى ئاساس قىلىدىغان دۆلەت بولۇپ، نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، ئىقتسادى ئەھۋالى ئىزچىل راۋاجلىنىپ، تۆۋەتتە ئاسىيادىكى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى. 2010-يىلىدىكى كۆرىيە GDPسى 1 ترىلىيون 300 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، دۇنيا بويىچە 14- ئورۇندا، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە قىممەت 20 مىڭ 165 دوللار بولۇپ، 33- ئورۇندا تۇرىدىكەن. پۇل بىرلىكى: ۋون
قىسقىچە تارىخى:
كورىيەنىڭ تارىخى چاۋشىيە بىلەن ئورتاقلىققا ئىگە بولۇپ، ئىككىلى دۆلەتتىكى ئاھالە ئوخشاشلا چاۋشىيەن مىللىتىدىن تەركىب تاپقان، ھەمدە چاۋشىيەن يېرىم ئارىلىغا جايلاشقان.
مىلادى 1- ئەسىردىن باشلاپ، چاۋشىيەن يېرىم ئارىلىدا كورگۇرى، بەيكجې ۋە سىللا قاتارلىق فېئوداللىق دۆلەتلەر قۇرۇلغان. 10- ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، كورال پادىشاھلىقى چاۋشىيەن يېرىم ئارىلىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن (ئۇنىڭدىن بۇرۇن، 680-يىلى ئۇرقۇن ئۇيغۇر خانلىقى كورال پادىشاھلىقىغا ئەسكەر ئەۋەتىپ ياردەم بەرگەن). 14-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە لى جەمەتى پادىشاھلىقى ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتۈپ، دۆلەت نامىنى چاۋشىيەنگە ئۆزگەرتكەن. 1910-يىلى، ياپۇنىيەنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ قالغان. 1945-يىلى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا شىمالىي كەڭلىك 38 گرادوسنى چىگرا قىلىپ، ئايرىم- ئايرىم ھالدا شىمالىي چاۋشىيەن ۋە جەنۇبىي چاۋشىيەنلەرگە كىردى، شۇنداقلا ئايرىم- ئايرىم ھالدا 1948-يىلى ۋە 1949-يىلى چېكىنىپ چىققان. 1948-يىلى 8-ئايدا، جەنۇبىي چاۋشىيەن "كورىيە جۇمھۇرىيىتى" بولۇپ قۇرۇلدى، شىمالىي چاۋشىيەن بولسا، شۇ يىلى 9-ئايدا "چاۋشىيەن دىمۇكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى" بولۇپ قۇرۇلدى. چاۋشىيە ۋە كورىيە يەنە 1991-يىلى تەڭلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىردى.
مەنبە: http://www.dangdar.net