مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 7265|ئىنكاس: 16

مۇھەببىتىمگە يازغان ئاخىرقى خەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھەقىقەت__جاپا چەكمەكتۇر

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14920
يازما سانى: 268
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16514
تۆھپە نۇمۇرى: 419
توردا: 437 سائەت
تىزىم: 2010-10-23
ئاخىرقى: 2014-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-3 08:14:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

                

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

نۇربىيە، ياخشىمۇسىز،قانداق ياخشى تۇرۋاتقانسىز؟ئۆيىڭىزدىكىلەرمۇ تىنىچلىقتۇ؟يارىڭىز ساقايدىمۇ؟ تىنىڭىزنىڭ سالامەتلىگى ئەسلىگە كىلۋاتقاندۇ؟دادىڭىز،ئاكىڭىز يەنە سىزگە ئاشۇنداق زەردە سۆزلەر بىلەن گەپ قىلامدۇ؟بەلكى ئۇلار سىزنىڭ مۇشۇ ئەھۋالىڭىزنى بىلگەندىن كىيىن،سىزگە ئۇنچە ئازاپ سالمىغاندۇ دەپ ئويلايمەن.سىزنىڭ يارىڭىزنىڭ تىزراق ساقىيشى مېنىڭ ئەڭ ئەنسىرىگەن ئىشىم بۇلۇپ قالدى.ئاللاھ  ھەر ئىككىيلەنگە شىپالىق بەرسۇن،سىزنىڭ تىزراق ساقىيىپ كىتىشىڭىزنى ئۇلۇغ ئاللاھتىن تىلەيمەن،ئامىن!!!   بۈگۈن ئانامدىن سىزنىڭ ئانىڭىزنىڭ(ئەسلى قېيىن ئانام دىمەكچى ئىدىم،بىراق تەقدىر بىزنى قوشماپتۇ،شۇڭا توغرا چۈشىنەرسىز.) مېنى يوقلاپ دوختۇرخانىغا كەلگىنى ئاڭلىدىم،ئانىڭىزنى دوختۇرلار ئايرىش بۈلىمىگە كىرگۈزمەپتۇ. ئانىڭىزنىڭ كىلىشى يەنە سىزنى ئەسكە سالدى،شۇڭا مەن مۇشۇ كىسەل كارۋىتىدا جان تالىشىپ تۇرۇپ،بۇ خەتنى يېزىۋاتىمەن.بۇ بەلكى مېنىڭ سىزگە يازغان ئاخىرقى خېتىم بۇلۇپ قېلىشى مۈمكىن.ئانىڭىز مېنى دەرىزە سىرتىدا تۇرۇپ كۆرۈپ،ساقىيىشىمنى تىلەپ دۇئا قىلىپتۇ.مەن سىزنىڭ يىغلاپ يۈرۈپ ئانىڭىزنى بۇ يەرگە ئەۋەتكىنىڭىزنى بىلىمەن،دادىڭىزنىڭ مەيلىچە بولسا مېنى كۆرەرگە كۈزى يوق.شۇنداقتىمۇ ئانىڭىزنىڭ مېنى يوقلاپ كىلىشى بۇ ئائىلىڭىزدىكلەرنىڭ مېنى كەچۈرگەنلىكىدىن بولىشى مۈمكىن دەپ ئويلىدىم،دېمىسىمۇ بۇرۇن ئائىلەڭلىدىكىلەر بىزنىڭ ئىشىمىزنى ئوقمىغاچقا،ئانچە گەپ-سۆز قىلمىغان بىلەن،كىيىنچە مەھەللىڭىزدىكى پىتنىغور، غەيۋەتغورلارنىڭ قۇتىرتىشى بولمىغان بولسا،دادىڭىز سىزنى خورلىمىغان،سىز ئۆيدىن قېچىپ چىقمىغان،بىز بىللە قاچمىغان،بىزمۇ بۇنداق بالا-قازاغا دۇچار بولمىغان بۇلاتتۇقۇ...قەدىرلىك نۇربىيە،سىزنىڭ ئائىلىڭىزدىكىلەر سېزنى ھەقىقەتەنمۇ بەكلا ياخشى كۈردىكەن.قىزنىڭ ئىپپەت-نۇمۇسى ئاتا بولغۇچىنىڭ يۈزى،ئائىلىنىڭ ئىناۋىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىشتۇر.....ئەگەردە ئاللاھ بىزگە بىرگە بۇلۇشنى نىسىپ قىلغان بولسا چۇقۇم سېزنى ئاتىڭىزنىڭ ئالدىدىن نىكاھ بىلەن ياندۇرۇپ ئېلىپ كەلگەن بۇلاتتىم....ئەپسۇس بۇ بەخىت ماڭا نىسىپ بولمىغان ئوخشايدۇ.    قەدىرلىك نۇربىيە،ئاتىڭىزنىڭ قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى بىلسىڭىز سىز ئۈچۈن قىلىنغان ئىكەن.بىز تېخى ساددا بۇنى تۇلۇق چۈشەنمەپتۇق.... ئاتىڭىز ھەرگىزمۇ سىزگە يامان بولسۇن دىمەيدۇ،دىمەك ئائىلىڭىز سېزنى سۈيىدىكەن،ئەلۋەتتە مەنمۇ سېزنى چىن دىلىمدىن سۈيىمەن،بۇنىڭغا ئۇلۇغ ئاللاھ گۇۋاھتۇر.مەن بۇتۆت ئايدىن بېرى( بەش ئاي ھۇشسىز يېتىپ،ھۇشۇمغا كەلگەندىن بېرى دىمەكچىمەن.)بۇ سېزنىڭ خەۋرىڭىزنى تۇنجى قېتىم ئاڭلىشىم بولغاچقا ناھايتى خۇشال بولدۇم ۋە ناھايتى ئەپسۇسلاندىم.خۇشال قىلغان ئىش شۇكى،سېزنىڭ ۋەقە يۈز بىرىپ بەش ئايدا تامامەن ماڭالىغۇدەك بولغانلىقىڭىز بولدى،بۇ مېنىڭ ھاياتقا بولغان ئىشەنچىمنى تېخىمۇ ئاشۇردى.بىراق ئانامنىڭ ئاغزىدىن سېزنىڭ تۇيۇڭنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا بۇلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ،كۆزلىرىمگە ياش تولدى،ھازىر بولسا ئۆمىلەپ بولسىمۇ بېرىپ،ئاتا-ئانىڭىزغا،ئاكىللىرىڭغا يالۋۇراي دىگەن ئىدىم.بىراق بۇنىڭغا ئىمكانىيەت بولمىدى.مېنى كەچۈرشىڭىزنى تىلەيمەن،ھەم بۇنىڭغا مېنىڭ ماغدۇرۇممۇ يەتمەيدۇ....ھازىر سېزنىڭ بەخىتلىك بۇلىشىڭىزنى ئۇلۇغ ئاللاھتىن تىلەيمەن.سېزنىڭ توي خەۋرىڭىزنى ئاڭلاپ ناھايتى ئەپسۇسلاندىم،بىراق ئامال يوق.ئۇلۇغ ئاللاھتىن سېىزنىڭ بەختىڭىزنى تىلەيمەن.....    مەن بۇ بىر نەچچە كۈندىن بېرى سىز بىلەن ئۆتكۈزگەن كۈنۈمنى دائىما ئويلايدىغان بۇلۇپ قالدىم.بىز مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەن كۈنلەر ھەقىقەتەن شىرىن كۈنلەر ئىدى.ئەمدى شۇ كۈنلەر مېنىڭ ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىدىكى ئەڭ گۈزەل خاتىرلەردىن بۇلۇپ قالدى.مەن مۇشۇ ياتقان پېتى مەڭگۈ يېتىپ قېلىشىم ياكى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆلۈپ كىتىشىم مۈمكىن،بىراق مېنىڭ ئۆلۈم ئالدىدا سىزنى بىر كۆرۈش ئارزۇيۇم بار،بۇنىڭغا نىسىپ بۇلالامدىم-يوق بىلمەيمەن.بىر تۇرۇپ ئويلاپ قالدىم،ئاتىڭىزنىڭ ئويلىغىنىمۇ بىر جەھەتتىن ياخشىكەن.سىزدەك ئون گۈلىنىڭ بىرىمۇ تۇزىمىغان قىزنىڭ مەندەك مېيىپ ئۈچۈن خازان بۇلىشى بۇ بەكمۇ ئېچىنىشلىق بىر پاجىئەدۇر.....بەلكىم بۇ خەتلەرنى كۈرۈپ مېنى يات كۈرۈپتۇ دىيىشىڭىز مۈمكىن،راست،بىز بۇرۇن ئاشىق-مەشۇق ئىدۇق،تاپقىنىمىزنى ئاياشمايتۇق،خۇددى تاھىر-زۆھرە،لەيلى-مەجنۇن،پەرھات-شىرىندەك مەڭگۈلۈك ئاشىقلاردىن بۇلىشنى تىلەيتۇق.....ئۇلۇغ ئاللاھ بىزنى بۇ دۇنيادا ئاشىق-مەشۇق قىلىپتۇ،خۇدا بۇيرىسا ئۇ ئالەمدە نىكاھىمىزنىڭ قۇشۇلىشىغا نىسىپ قىلغاي.شۇنداقتىمۇ بىزنى تەقدىر مۇشۇنداق رەھىمسىزلەرچە ئايرىغان بولسىمۇ،بىر-بىرىمىزگە سالغان ئوتلۇق مۇھەببىتىمىز تېخى ئۆچكىنى يوق،شۇنداقتىمۇ سېىزنىڭ مەندەك تۆت كۈنلۈكى قالغان بىر مېيىپ ئۈچۈن،ياشلىق باھارىڭىزنى،ھاياتىڭىزنى نابۇت قىلىشىڭىزنى خالىمايمەن.  سىزئ ەمدى يېڭى بىر ھاياتقا قەدەم تاشلايسىز.توي دىمەك___ بۇ بەخىتنىڭ ئالتۇن دەرۋازىسى دىمەكلىكتۇر.سىز بۇ بەخىتنى قەدىرلەڭ،تۇرمۇشنى قەدىرلەڭ،يولدىشىڭىزنى قەدىرلەڭ،تويدىن كېيىن يولدىشىڭىزغا سادىق بولۇڭ.سىز شۇ يېڭى ھاياتلىق يولۇڭىزدا يولدىشىڭىزنىڭ سۆزىنى ئۆزۈڭىزنىڭ نىشانىڭىز قىلىپ،ئۇنىڭ گىپىدىن چىقمىسىڭىڭىز بەخىت سىزگە كۈلۈپ باقىدۇ.مەندەك بىر بىتاپ كىشىنىڭ سېىزنىڭ ئەسلىشىڭىزگە ئەرزىمەيمەن......ھە راسىت،سىز توي بولغان كۈنى ماڭا بىر تال باغاق ئەۋەتىڭ.شۇ بىرتال باغاق ماڭا قالدۇرغان ئەڭ ياخشى سوۋغىڭىز بولۇپ قالغۇسى...   ئاخىردا سېىزنىڭ تىنىڭىزنىڭ مەڭگۈ سالامەت،ئىشلىرىڭىزنىڭ مەڭگۈ ئۇتۇقلۇق،تۇرمۇشۇڭىزنىڭ بەخىتلىك،تۇيۇڭىزنىڭ چىرايلىق،يولدىشىڭىز بىلەن مەڭگۈ كۈلۈپ بەخىتلىك ياشىشىڭلارنى تىلەيمەن.   كىسەل كارۋىتىدا يېتىپ يازغان بۇ خەتلىرىمنىڭ كۆپۈنچىسىنى بەلكىم ئۇقىيالماسلىقىڭىز مۈمكىن،شۇنداقتىمۇ بۇمېنىڭ سىزگە يازغان ئەڭ ئاخىرقى خېتىم بۇلۇپ قېلىشى مۈمكىن.شۇڭا قىينالساممۇ يازدىم.مازاق قىلماي ئۇقىشىڭىزنى ۋە مەن بايا دىگەندەك مەڭگۈ بەخىتلىك ئۈتىشىڭىزنى تىلەيمەن.  
خەيىر-خوش،ئامان بولۇڭ.     ئۆلۈم ئالدىدىكى دوستۇڭىز:ئەلىدىن                   
 
(مىسرانىم مۇنبىرى مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائاليىتىگە)

يولىغۇچى:ھەقىقەت               
  مەنبە:ئۈزۈمنىڭ ئىجادىيتىم


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
ARKU + 98 ھىسسىياتلىق

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 98   باھا خاتىرىسى

قىلغاچقا پاك ياشاشقا بىر ئۈمۈر نىيەت
قوللايدۇ ھەر دائىم مۇئىمىن ئۈممەت
تەدبىرىم قانداقتۇر، تەقدىرىم شۇنداق
چۈنكى مەن بولغاچقا پاكنۇر ھەقىقەت

مىللىتىڭ چوغ ئىچرە كۈيۈپ تۇرسا،سەن باشقىلار ئۈچۈن خۇشامەت قىلىسەن، مىللىتىڭنى ئويلاپ قوي، كەلگۈسىڭ باشقىلار بىلەن ئەمەس بەلكى ئ

زۇمرەتتاش تورتلىرى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14907
يازما سانى: 4843
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15699
تۆھپە نۇمۇرى: 484
توردا: 6288 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-3 10:05:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا ئارزۇيىڭىزغا يەتكۈزگەي،ئاشىقلىق كىشىنى ناتىق،يازغۇچى قىلىۋېتىدىكەن،بۇنىڭغا خېلى بۇرۇنلا ئىشەنگەنىدىم.سىلەرنىڭ بەخىتكە ئېرىشىشىڭلارنى تىلەيمەن!

مۇھەببەتىڭنى  بىرگە  بەر  ،  مىھرىڭنى مىڭغا  بەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15755
يازما سانى: 548
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9226
تۆھپە نۇمۇرى: 722
توردا: 6846 سائەت
تىزىم: 2010-10-30
ئاخىرقى: 2015-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-3 10:49:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت  zumrettash كە 2011-05-03 10:05 PMئەۋەتىلدى  :
ئاللا ئارزۇيىڭىزغا يەتكۈزگەي،ئاشىقلىق كىشىنى ناتىق،يازغۇچى قىلىۋېتىدىكەن،بۇنىڭغا خېلى بۇرۇنلا ئىشەنگەنىدىم.سىلەرنىڭ بەخىتكە ئېرىشىشىڭلارنى تىلەيمەن!
سىزمۇ شۇڭا يازغۇچى بولغانمۇ؟

خوشامەتتىن سەسكىنىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8817
يازما سانى: 440
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11893
تۆھپە نۇمۇرى: 369
توردا: 4195 سائەت
تىزىم: 2010-9-1
ئاخىرقى: 2014-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-3 11:48:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقاي دەپسىزدە !!!

ئاتۇش^ئوغلى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18967
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6672
تۆھپە نۇمۇرى: 357
توردا: 3250 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2013-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-3 11:51:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھەببەت ھىكايىلىرى ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ،جۇمۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36124
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3159
تۆھپە نۇمۇرى: 92
توردا: 236 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2011-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-4 12:10:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاشىقلىق ئادەمنى  ھەتتا  تۇلمۇ   قەيسەر    قەھرىمان  قىلۋىتىدۇ.

كەتسەڭ  نىگارىم يۇرەگىمنى قويۇپ كەت، ئۆزگىلەرگە بەخىت ئامەت ئېلىپ كەت. ئەمدى نىسىپ  بولماس سىنىڭ ئەقىدەڭ، ئۆزۇڭ سالغان ئوتلىرىڭنى ئېلىپ كەت.

كىرىلگەنگە كىرى

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38435
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3815
تۆھپە نۇمۇرى: 94
توردا: 1352 سائەت
تىزىم: 2011-4-22
ئاخىرقى: 2012-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-4 12:30:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خېلى تەسىرلىك چقىپتۇ.بۇ راس ۋەقەمىدۇ؟راس شۇنچە ئازاپمىدۇ؟ياكى بۇمۇ بىر لىرىكىمۇ؟
بىلمىدىم......!بۇھاياتتا راس ئىشلار قانچىلىك؟........

ئۈتكەنگەپۇشايمان قىلىش نە ھاجەت، بۈگۈننى مەنىلىك ئۈتكۇزۈش كىرەك. بىراۋغاباغلىساڭ تاغدەك مۇھەببەت، ئۇ ۋاپا قىلمىسا ئۇنتۇسۇن يۈرەك.

جاھان ئەركىسى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3358
يازما سانى: 724
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10700
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 1023 سائەت
تىزىم: 2010-7-5
ئاخىرقى: 2014-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-4 01:20:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەندىن پىسخولوگ ئوقۇتقۇچۇم ، مۇنداق بىر سۇئال سورىغان ئىدى .
 - : سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئۇلۇمىنى ئىككى كۇن ئىلگىرى بىلسىڭىز نىمىلەرنى قىلاتتىڭىز ؟ دەپ سورىغان .
 مەن مۇنداق جاۋاپ بەرگەن .
 - : مەن ھەقىقەتەنمۇ تۇيۇقسىز ئۇلۇپ كىتىشتىن قورقىمەن ، ئەگەر راستىنلا ئۇلۇمنى ئىككى كۇن بۇرۇن بىلسەم ، يېقىنلىرىمغا كۆڭلۇمدىكى گەپلىرىمنى دەۋالمەن ، قىلدىغان مۇھىم ئىشلىرىمنى قىلۋالمەن . دىگەن ئىدىم . ھەم كۆڭلۇمدە ئوقۇتقۇچىمغا دىمىگەن بىلەن ئەشۇ ۋاپاسىز يارىمغا دەيدىغان گەپلىرىمنى كاللامغا كەلتۇرۇپ بولغان ئىدىم .
  كىشى ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق پەيىتتە ، ھاياتىغا ئەڭ تەسىر كۆرسەتكەن كىشىنى كۆپ ئويلايدىغان ئوخشايدۇ .
  مەن ھەقىقەتەنمۇ تۇيۇقسىز ئۇلۇمدىن قورقىمەن .

زىمىندىكى يىگانە تەڭرى ___ ئانا .

ماڭا يۇكسەك ئىرادە ھەمراھ.....

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37344
يازما سانى: 1185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9129
تۆھپە نۇمۇرى: 837
توردا: 4036 سائەت
تىزىم: 2011-4-12
ئاخىرقى: 2014-7-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-4 11:17:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راسلا بىر چالمىدا ئىككى پاخـتەك سوقماقچىما؟ [s:181]  [s:159]

ئىسىڭىزدە بولسۇن،ھەربىر كۈن ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ گۈزەل كۈندۇر.!!!!!!!!

بەخىت بىلەن ئازا

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1670
يازما سانى: 944
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11027
تۆھپە نۇمۇرى: 352
توردا: 2539 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-4 11:40:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راس  بولغان ئىشلار ئوخشايدۇ دەپ يىغلىۋەتكىلى تاس قاپتىمەن   [s:151]  [s:151] تەسىرلىك چىقىپتۇ

بوۋام ماڭا مۇنداق دىگەن، ئادەمنىڭ ئالدى گۈل كەينى تىكەن. بۇ سۆزگە بىھاجەتكەن دەلىل-ئىسپات، قارىسام گۈل ۋە تىكەن بىر شاختا ئىكەن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش