مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1466|ئىنكاس: 24

"ساراڭ" بالا (ھېكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ۋاقىت ئۆتۈپ كېتى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9669
يازما سانى: 719
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 40771
تۆھپە نۇمۇرى: 408
توردا: 8722 سائەت
تىزىم: 2010-9-9
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-2 11:44:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ساراڭ بالا


(ھېكايە)

[align=justify]

[align=justify]  ئوغلۇم ئورنۇڭدىن تۇر، مەكتەپكە كېچىكىپ قالىسەن!

[align=justify]ئەزىمەت ئانىسىنىڭ قايتا- قايتا چاقىرىشلىرى بىلەن كۆزى قىيمىغان چۈشى بىلەن خۇشلىشىپ، رىئاللىققا قايتىپ كەلدى. دە ئورنىدىن ئېرىنچەكلىك بىلەن تۇرۇپ، كىيىملىرىنى كىيىپ، ئېغىر بوغچىنى يۈدىگەن پېتى مەكتەپكە قاراپ ماڭدى . ئۇ يول بويى بايا چۈشىدە كۆرگەن مەنزىرىلەرنى ئىزدەپ ئەتراپىغا، ئاسمانغا، كوچا دوقمۇشلىرىغا سەپسېلىپ ماڭدى. ئەمما ئەتراپىدىن ئۇ چۈشىدە كۆرگەن توپلىشىپ، مۆكۈ- مۆكىلەڭ، قاچقاق توپ، ھەربىي- دۈشمەن... دېگەندەك ئويۇنلارنى ئويناۋاتقان بالىلار توپىنى، نە ئاسماندىن يورۇق يۇلتۇزلار توپىنى كۆرەلمەي ئىچى پۇشتى.« كۆرگەنلىرىم چۆچەكلەردىكى ئىشلار بولسا كېرەك؟، بۇ شەھەردە ئۇنداق ئويۇنلار يوق، ھە راسىت يۇلتۇز دېگەن كېچىدە چىقىدۇ، كەچتە قاراپ باقاي!» گۆدەكلەرچە خىيالنىڭ بەندىسى بولۇپ مەكتىپىگە ماڭغان ئەزىمەتنىڭ ئارقىسىدىن ۋېلىسىپىت مىنىپ يېتىپ كەلگەن ساۋاقدىشى ئەخمەت: «ھەي ئەزىمەت، نىمانداق بىردە ئاسمانغا، بىردە ئەتراپقا قاراپ ماڭىسەن؟، تاس قالدىڭ ۋېلسىپىتكە سوقۇلۇپ كەتكىلى، نېمە بولدۇڭ؟ ئېلىشىپ قالمىغانسەن؟ » دېدى ۋە ئالدىراش مەكتەپ ھويلىسىغا كىرىپ كەتتى.

[align=justify]بۈگۈن بىر كۈن ئاخشام  چۈشىدە كۆرگەن ئاجايىپ- غارايىپ مەنزىرىلەرنىڭ قۇلى بولۇپ، دەرسمۇ كاللىسىغا چۈشمىگەن ئەزىمەت يەنە ئۆيگە قايتىپ كەلدى. ئۇ تېزراق كەچ بولۇشىنى، ئاسماندىن چۈشىدە كۆرگەن يۇلتۇزلۇق ئاسماننى كۆرۈشنى كۈتۈپ ئاپىسىنىڭ تاماققا چاقىرغىنىنىمۇ تۇيماي قالدى. ئانىسى ياتاق ئۆيىگە كىرگىنىنىمۇ تۇيماي، دېرىزىدىن سىرىتقا قاراپ تۇرغان ئوغلىنى كۆرۈپ، «ئەزىمەت، نېمە بولدۇڭ؟ نىمانداق تاماققا چاقىرساممۇ ئاڭلىماي، ئاسمانغا قاراپ ئولتۇرىسەن؟ » دېدى ھەيران بولۇپ.

[align=justify]ئانىسىنىڭ «ئوغلۇم ئامراق» دەپ ئوخشىتىپ ئېتىپ بەرگەن لەڭمىنىنى ئىشتىھاسىزلىق بىلەن يەپ يەنە كىرىپ دېرىزىدىن ئاسمانغا قارىغان ئەزىمەت ئاسماندىن چۈشىدە كۆرگەن يۇلتۇزلاردىن بىرەرنىمۇ كۆرەلمەي، كۆڭلى تېخىمۇ يېرىم بولدى. ئۇ شۇ پېتىچە خېلى ئۇزاق ئولتۇرغان چېغى، ئانىسى ئۇنىڭ يېنىغا كىرىپ، ئۇنىڭ تېخىچە ئاسمانغا قاراپ ئولتۇرغىنىغا ئاچچىقى كەلدى: «بۈگۈن ساڭا نېمە بولدى، نېمانداق ئاسمانغىلا قاراپ ئولتۇرىسەن؟ ساراڭ بولۇپ قالدىڭمۇ؟»

[align=justify]ئانىسىنىڭ ئاچچىقلىشىدىن ئېسىگە كەلگەن ئەزىمەت ئاپىسىدىن قورقۇپ، دەرھال ئورنىغا كىرىپ ياتتىيۇ ئەمما ئۇيقۇسى كەلمەي ئاخشامقى چۈشىنى ئويلاپ ياتتى. ئۇنىڭ چۈشىدە كۆرگەنلىرى ئاجايىپ بولۇپ، ئۇ تۇغۇلغاندىن بېرى كۆرۈپمۇ باقمىغان، چۆچەكلەردە ئانچە- مۇنچە ئۇچرىتىپ قالىدىغان ئىشلار بولۇپ، سۇلار شارقىراپ ئېقىۋاتقان ئېرىقچىلار، ئېرىقلاردا سۇغا چۈمۈلۈپ ئويناۋاتقان ئەزىمەت ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى، كەچلىرى تاماقلىرىنى يەپ بولۇپ كوچا دوقمۇشلىرىدا يىغىلىغان بالىلارنىڭ ئوينىغان قىزىقارلىق، ئۇ ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان ئويۇنلار، بالىلارنىڭ ئويۇنلىرىغا قىزىقىپ، كۆزلىرىنى قىسىشىپ بالىلارغا ئاسماندىن سالام بېرىۋاتقان يۇلتۇزلار ئېسىگە كېلىپ ئۇزاققىچە ئۇخلىيالمىدى.

[align=justify]ئاخشام خېلى كېچىگىچە ئۇخلىيالمىغان ئەزىمەتنىڭ چۈشلىرىگە يەنە ئالدىنقى كۈنىدىكىگە ئوخشاش چۈشلەر كىرىۋېلىپ، ئۇنىڭ بۇنداق غايىۋى رېئاللىققا بولغان ئىنتىلىشىنى قوزغاپ قويدى. ئۇنىڭ ئەس- يادى چۈشىدە كۆرگەن مەنزىرىلەرنى بىر كۆرۈپ بېقىش ئىدى. شۇ ئىستەك بىلەن ئانىسىدىن سورىدى: ئاپا، سەن مۆكۈ- مۆكىلەڭ، قاچقاق توپ، ھەربىي- دۈشمەن... دېگەن ئويۇنلارنى بىلەمسەن؟

[align=justify]-ھەئە، بىز كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا سەھرادا كۈندە شۇنداق ئويۇنلارنى ئوينايتتۇق. دادام- ئاناملار دائىم بىزنى «كىيىمىڭنى مەينەت قىلدىڭ، دەپ تىللىغىنىغا ئۇنىماي يېرىم كېچىكىگىچە شۇنداق ئويۇنلارنى ئوينايدىغان.

[align=justify]- ئۇنداقتا سەھرادا سۇلار ئېقىپ تۇرىدىغان، ئۆستەڭلەر بارمۇ؟ بالىلار سۇغا چۈمۈلۈپ ئوينامدۇ؟

[align=justify]-ھەئە، ئۇنداق ئېرىقلار سەھرادا ناھايىتى كۆپ، ئەمما ئېرىقلاردا سۇلار بۇرۇنقىدەك ئۇنچە كۆپ ئاقمايدۇ. ئايلاپ- ئايلاپ ئېرىققا سۇ كەلمەي، قۇرۇپ كېتىدۇ.

[align=justify]- ئۇنداقتا سەھرادا كېچىلىرى ئاسمانغا چىقىدىغان نۇرغۇن يۇلتۇز بارمۇ؟

[align=justify]-بار، بالام. 

[align=justify]-ئۇنداقتا سەھرا دېگەن قانداق نەرسە؟

[align=justify]- ئۇ نەرسە ئەمەس، بالام ئۇ دېگەن مەن چوڭ بولغان جاي.

[align=justify]-ئۇنداقتا سەن نېمىشقا مېنى ئاشۇ سەھرا دېگەن يەرگە ئاپارمايسەن؟

[align=justify]- بالام، سەھرادا ھازىر تۇغقانلار يوق. چوڭ داداڭ- چوڭ ئاناڭ سەن كىچىك چېغىڭدا ئۆلۈپ كەتكەن. شۇڭا ئۇ يەرگە بارساق تۇرىدىغان جاي يوق.

[align=justify]-ھە.....

[align=justify]ئەزىمەت ئانىسىنىڭ «ئۇخلا» دەپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، يەنە ئۇزاققىچە خىيال سۈردى. ئۇنىڭ خىيالىغا ئانىسى دەپ بەرگەن «سەھرا» دېگەن ئۇقۇم ئورناپ كەتكەن ئىدى. «مەن چوقۇم سەھراغا بارىمەن» دېدى ئۇ خىيالىنى يىغىشتۇرغاندەك.

[align=justify]ئەتىسى ئۇ سىنىپتىكى ساۋاقدىشىدىن سورىدى: سەن سەھرانى بىلەمسەن؟

[align=justify]-            نېمە ئۇ سەھرا دېگەن. ئوينايدىغان ئويۇنچۇقمىكەن؟

[align=justify]-            .....

[align=justify]ئۇنىڭدىن قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ ئالالمىغان ئەزىمەت يەنە بىر نەچچە ساۋاقدىشىدىن سورىدى. ئەمما جاۋاپ يەنىلا ئوخشاش بولدى. بەزىلىرى «سەھرا دېگەن يەيدىغان نەرسىمۇ؟» دېسە يەنە بەزىلىرى «ئۇ يېڭى ئويۇنچۇقمۇ؟» ۋە يەنە بەزىلىرى «ئاۋتۇمەنگە ئوخشاش يامان ئادەم ئوخشايدۇ» دېگەنگە ئوخشاش يەكۈنلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەمما سىنىپتىكى ھەممىسى «گومۇش» دەپ ئارىغا ئالمايدىغان ساۋاقدىشى: «سەھرا دېگەن دېھقانلار يەر تېرىيدىغان، بالىلار كەڭ- كۇشادە ئوينايدىغان، كىتاپ- بوغچا دېگەندەكلەر بىزنىڭكىدىن يەڭگىل جاي ئىكەن، ئاپام مېنى شۇ يەردە ئوقۇتىدىغان بولدى» دەپ خۇددى ئۇ ئاخشام ئانىسىدىن ئاڭلىغانغا ئوخشاپ كېتىدىغان گەپلەرنى قىلغاندىلا، ئۇنىڭدا سەھراغا بولغان ئىنتىلىش يەنە بىر قېتىم قوزغالدى.

[align=justify]ئەزىمەتنىڭ بۇنداق خىيالچانلىقى بىرەر ئايغا سوزۇلدى. ئۇنىڭ گومۇش ساۋاقدىشىمۇ، ئۇ ئىنتىلىۋاتقان سەھرا دېگەن يەرگە كەتتى. ئەمدى ئۇنىڭ بىلەن سەھرا توغرىلىق ئورتاقلىشىدىغان بىرمۇ ساۋاقدىشى قالمىدى. ئانىسى بولسا ئۇنىڭ «ئەنۋەر سەھرادا ئوقۇيدىكەن، مەنمۇ سەھرادا ئوقۇيچۇ؟» دېگەن ئۆتۈنۈشىگە «ئوغلۇم سەھرادا تۇغقانلار يوق. سەن بارساڭ نەدە تۇرىسەن؟ شۇڭا ئەڭ ياخشىسى غەلۋە قىلماي، موشۇ يەردە ئوقۇشۇڭنى ئوقى» دېگەن كەسكىن جاۋابى بىلەن ئۇنىڭ ئېغىزى يۇمۇلدى. ئەمما سەھراغا بولغان تەلپۈنۈش كۈنسىرى كۈچىيىشكە باشلىدى. ئۇ گومۇش دوستىنىڭ تەتىلگە قويۇۋېتىلسە شەھەرگە كېلىدىغانلىقىنى بىلگەچكە، تەتىلنىڭ تېزراق كېلىشىنى كۈتۈشتىن باشقا ئامالى يوق بولدى. ئاڭغىچە ئۇنىڭ كېچىلىرى ئاسمانغا قارىغىنىچە خىيالغا پاتىدىغان، كۈندۈزلىرى كوچا دوقمۇشلىرىدىن ھېلقى چۈشىدىكى مەينەت چىراي، شوخ بالىلارنى ئىزدەپ ماڭىدىغان ئىشلىرى خېلى كۆپ تونۇشلارنىڭ نەزەرىگە چۈشكەچكە، ئۇنى «ساراڭ بولۇپ قالىدىغان ئوخشايدۇ» دەيدىغانلار كۆپىيىشكە باشلىدى. سىنىپتىمۇ «ئەزىمەتكە ئەنۋەرنىڭ كېسىلى يۇقۇپتۇ. ئۇ كېتىشىگە گومۇشتىن يەنە بىرى پەيدا بولدى» دېگەندەك سۆزلەر ئاۋۇپ قالدى.

[align=justify]مانا ئەزىمەت كۈتكەن تەتىلمۇ بولدى. ئەنۋەرمۇ ئۆيىگە قايتىپ كەلدى. ئۇ ئەنۋەر كەلگەن كۈنىلا، ئانىسىنىڭ «كەچ بولۇپ كەتتى. ئەنۋەر بىلەن ئەتە كۆرۈشكىن!» دېگىنىگە ئۇنىماي، چىقىپ ئەنۋەرنىڭ دەرۋازىسىنى چەكتى. ئىشىكنى ئاچقان ئەنۋەرنىڭ ئاپىسى يېرىم كېچىدە ئىشىك ئالدىدا پەيدا بولغان بۇ«ساراڭ بالا»نى «ئەتە كىرگىن» دەپ ئىشىكنى يېپىپلا كىرىپ كەتتى.

[align=justify]دەم ئېلىش كۈنى بولسىلا، چۈشكىچە ئۇخلاپ ھەپتىلىك ئوقۇشنىڭ ھاردۇقىنى بىراقلا چىقىرىدىغان ئەنۋەر بۈگۈن دەل ئەكسىچە تاڭ سەھەردىلا ئورنىدىن تۇرۇپ، يۈزلىرىنى يۇيۇشقا كىرىشتى. «بالام، بۈگۈن دېگەن دەم ئېلىش كۈنى. يەنە ئازىراق ئۇخلىۋالغىن» دېگىنىچە ئۇنىڭ ئارقىسىدىن سۇخانىغا كىرگەن ئانىسىنىڭ سۆزلىرىنى جاۋاپسىز قالدۇرۇپ، ئىشىكنى ئېچىپ سىرىتقا ماڭدى. ئانا ئەمدى بالىسىدىن ئەنسىرەپ قالدى. «بۇ بالىغا يېرىم كېچىدە جىن تەگكەنمىدۇ؟ ئېلىشىپ قالمىغىيدى؟»

[align=justify]دەم ئېلىش كۈنىدىكى ئۇيقۇنىڭ پەيزىنى سۈرۈۋاتقان ئەنۋەرنىڭ ئاپىسى غودۇرىغىنىچە ئىشىكنى ئېچىپ، ئىشىك ئالدىدا تۇرغان بۇ «ساراڭ بالا» غا يەنە بىرنى ئالىيىپ قويۇپ، ئىشىكنى تاقاپ ئۆيىگە كىرىپ كەتتى. ئايال سائەت ئون بولغاندا ئىشىك ئالدىنى سۈپۈرگىلى چىقىپ، ئىشىك ئالدىدا مۈگدەۋاتقان بۇ «ساراڭ بالا» نى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئەنۋەر بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ساقلاپ تۇرغىنىنى ئېسىگە ئالدى ۋە ئەنۋەرنى چاقىردى.

[align=justify].....

[align=justify]ئەنۋەرنىڭ ئېغىزىدىن ئۆزىنىڭ خىيالىدىكى گۈزەل سەھرانىڭ تەرىپلىرىنىڭ بىرىنىمۇ ئاڭلىيالمىغان ئەزىمەتنىڭ شېرىن چۈشلىرى بەربات بولدى. ئۇنىڭ كاللىسىدا ئەنۋەرنىڭ ئىلگىرىكىدىنمۇ گومۇش بولۇپ كەتكەن تۇرىقى ۋە ئۇنىڭ ئېيىتقان سۆزلىرى قايتا جاراڭلاشقا باشلىدى: «ھازىر سەھرا دېگەنمۇ ئوخشاش ئىكەن. ئۇ يەردە ھېچقانداق بالىلار ئۇنداق مۆكۈ- مۆكىلەڭ، قاچقاق توپ، ھەربىي- دۈشمەن... ئويۇنلىرىنى ئوينىمايدىكەن، تېخى ئۇلار بىز كىنوسىنى كۆرىدىغان مەندىنمۇ كۆپ كىشىلەرنى بىلىدىكەن، ئاۋتۇمەن، باربى مەلىكە،.... دېگەنلەرنى، يەنە مەن ئىسمىنىمۇ بىلمەيدىغان نۇرغۇن كىشىلەرنى بىلىدىكەن. ئېرىقلاردا سۇمۇ يوق، قۇرۇپ كېتىپتۇ. ئاپام دەپ بېرىدىغان ھېلقى قويۇق ئورمانلارمۇ يوق ئىكەن. باغلارمۇ يوق، شۇڭا ئەتىگەندە ئۇيغىتىدىغان قۇشلارنىڭ ئاۋازىمۇ ئاڭلانمايدىكەن. كېچىلىرى يۇلتۇز چىققان بىلەن، ئايدىڭدا ئوينايدىغان بالىلار يوق ئىكەن. تاغامنىڭ بالىلىرىنى «ئايدىڭدا ئوينايلى!» دېسەم ئۇلار «قورقىمىز » دەپ مەن بىلەن ئوينىغىلى ئۇنىمىدى. شەھەرگە قايتىپ كېلەيمىكىن؟ »

[align=justify]ئەنۋەرنىڭ بۇ گەپلىرى ئۇنىڭ كاللىسىدا مۇقەددەس جاي بولۇپ ئورناپ كەتكەن« سەھرا» ئۇقۇمىنى سەل خۇنۇكلەشتۈرۈپ قويدى. ئەمما ئەزىمەتنى كۈندە چۈشىدا كۆز قىسىپ، ئۇنى چاقىرىدىغان يۇلتۇزلارنى كۆرۈش ئارزۇسى ئارامىدا قويمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەنۋەردىن سوراپ بىلگىنى بويىچە ئۆز خىيالىدىكى جەننەتكە قاراپ يول ئالدى. ئەمما شەھەردىن چىقىپلا ئېزىپ قالدى. شەھەرگە قايتاي دېسە ئۆز ئۆيىنىمۇ تاپالماي قالدى.

[align=justify]ئەزىمەتنىڭ يوقاپ كەتكىنىنى بايقىغان ئاتا- ئانىسى ئۇنى يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ئېلىپ قېچىشىدىن ئەنسىرەپ، ساقچىغا مەلۇم قىلدى. ساقچىلار جىددىي ھەرىكەتكە كېلىپ، ئۇنى شەھەر سىرتىدىكى يول بويىدا تاش- شېغىللارنى تېرىپ ئويناۋاتقان يېرىدىن تاپتى.

[align=justify]بۇنىڭ بىلەن بۇ كوچىدا «ئەزىمەتنى جىن ئېلىپ قېچىپتۇ»، «ئەزىمەت ساراڭ بولۇپ قاپتۇ» دېگەندەك سۆزلەر تارقىلىشقا باشلاپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە پاراڭلىشىدىغان دوستلىرىمۇ ئۇنىڭدىن ئۆزىنى ئېلىپ قاچىدىغان، ئۇنى چۈشىنىدىغان بىردىنبىر دوستى ئەنۋەرنىمۇ ئانىسى ئەزىمەت بىلەن ئويناشقا يول قويمايدىغان بولدى. مەكتەپتىمۇ «جىن ئېلىپ قاچقان ساراڭ» بىلەن ئوينايدىغان بىرمۇ ساۋاقدىشى قالمىدى. شۇڭا ئەمدى ئۇنىڭ كۈندە قىلىدىغان ئىشى مەكتەپكە بارغۇچە، كەلگۈچە، ھېلقى شوخ، ئويۇنچى سەھرا بالىلىرىنى كوچىدىن ئىزدەش، مەكتەپتىن كەلگەندىن كېيىن، دېرىزىدىن ئاسمانغا قاراپ يۇلتۇز ئىزدەش ئىدى.

[align=justify]ئەزىمەتنىڭ «كېسىلى» نىڭ بۇنچە ئېغىرلاپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەن ئانىسى ئۇنى دوختۇرغا ئېلىپ باردى. ئەمما يېرىم كۈنگىچە ئۇنىڭ ھەممە ئەزالىرىنى تەكشۈرگەن دوختۇرلار ئۇنىڭدىن ھېچقانداق كېسەلنى تاپالمىدى. ئەمما ئانا ئارامىغا چۈشمىدى. باشقىلاردىن ئاڭلىغىنى بويىچە، «باخشى، داخان» لارغا ئوقۇتۇپمۇ باقتى. يەنىلا ئۈنۈمى بولمىدى. ئەزىمەتنىڭ كوچىلاردىن دوست ئىزدەيدىغان، كېچىسى ئاسماندىن يۇلتۇز ئىزدەيدىغان «كېسىلى» ئوڭشىلاي دېمەي ئېغىرلىشىپ كەتتى.

[align=justify]كىچىكىدە سەھرادا چوڭ بولغان، ئەزىمەتنى «كېسەل» قىلغان ئويۇنلارنى، سۇلارنى، يۇلتۇزلارنى كۆرۈپ چوڭ بولغان ئانىسىمۇ ئەزىمەتنىڭ كېسىلىنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمەي، ئۇنىڭ «ساراڭ» بولۇپ قالغىنىغا ئىشەندى.


مەنبە: قەلىمىم


سىز بىكار ئۆتكۈزۋەتكەن بۈگۈن ،تۈنۆگۈن قۇربان بولغانلارنىڭ زارىقىپ كۈتكەن ئەتىسى....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 427
يازما سانى: 2858
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5764
تۆھپە نۇمۇرى: 545
توردا: 9897 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-3 12:04:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئۇ بالىنىڭ ھەقىقەتەن ساق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم .

مىللەتنى مىللەتنىڭ تىلىدىن بىلدىم،
مىللەتنىڭ تىلىنى ئېلىدىن بىلدىم .
     ئۆز تىلىن خار قىلغان مىللەت خار مىللەت،
  ئۇلارنى بىخۇدلار خىلىدىن بىلدىم ...

                  __ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن
bizkima بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-3 12:09:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئولۇمنى ھەر ۋاقى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30695
يازما سانى: 1008
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9269
تۆھپە نۇمۇرى: 2308
توردا: 2122 سائەت
تىزىم: 2011-2-17
ئاخىرقى: 2014-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-3 12:24:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇبالا نۇرمال  ساراڭ   ئوخشىمامدۇ......... [s:127]  [s:127]  [s:127]  [s:166]  [s:166]  [s:173]  [s:173]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39368
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4180
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 182 سائەت
تىزىم: 2011-5-1
ئاخىرقى: 2011-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-3 01:11:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولماپتۇ، مەن ئۇ ئۇكامنى بىزنىڭ  سەھراغا ئېلىپ بېرىپ كۆرسەتسەم ،كىسلىنىڭ ساقيىشدا گەپ يوق [s:174]

ياشماق تەس ئەمەس،ئادەم بولماق تەس.

قىيالمىغۇدەك ھې

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39148
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3248
تۆھپە نۇمۇرى: 91
توردا: 42 سائەت
تىزىم: 2011-4-29
ئاخىرقى: 2011-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-3 01:21:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شەھەردە چوڭ بولغان تازلارنىڭ بۇخىل سەھراغا، ساپلىققا ئىنتىلىشى مۇمكىنمۇ؟! شەھەر بالىلىرى كىچىكىدىنلا مەدەنىيەت ئەخلەتلىرى بىلەن بۇلغىنىۋاتسا........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6968
يازما سانى: 489
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 19844
تۆھپە نۇمۇرى: 671
توردا: 1932 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-3 10:28:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىت ! بىزنىڭ سەھرادا تۇغۇلىدىغان ئاداشكەنھەي ماۋۇ ئەسلى !  مانا ئويۇن دىگەن شۇ يەردە دە! ئاخشىمى 11-12 لەرگىچە كىرمەي ئوينىغان ، ئۆيگە كىرگەندە بولسا ئانىمىزدىن سۈپۈرگە يىگەن ! ئەتىسى يەنە شۇ ئويۇنغا تويماي سۈپۈرگىگگە تويۇدىغان !  ھەي ، بالىلىقىم ! سېنى ئەجەپمۇ سېغىندىم !

بۇ دۇنيادا بەدەل تۆلەيدىغىنى ئەخمەقلەر .............. ھوزۇرلىنىدىغىنى ئالدامچىلار !

ۋاقىت ئۆتۈپ كېتى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9669
يازما سانى: 719
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 40771
تۆھپە نۇمۇرى: 408
توردا: 8722 سائەت
تىزىم: 2010-9-9
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-3 10:40:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 5قەۋەت شاھۇ كە 2011-05-03 01:21 AMئەۋەتىلدى :
   شەھەردە چوڭ بولغان تازلارنىڭ بۇخىل سەھراغا، ساپلىققا ئىنتىلىشى مۇمكىنمۇ؟! شەھەر بالىلىرى كىچىكىدىنلا مەدەنىيەت ئەخلەتلىرى بىلەن بۇلغىنىۋاتسا........


شۇ سەھراغا ئىنتىلىدىغان بىرەرسى چىقىپ قالغان بولغاچقا، ئۇ "ساراڭ" قاتارىغا چىقىرىۋېتىلدى.

سىز بىكار ئۆتكۈزۋەتكەن بۈگۈن ،تۈنۆگۈن قۇربان بولغانلارنىڭ زارىقىپ كۈتكەن ئەتىسى....

يېرىم چېلەك سۇ ب

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39362
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3271
تۆھپە نۇمۇرى: 91
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2011-5-1
ئاخىرقى: 2012-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-3 11:25:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

6-قەۋەت (ahsaxum) نىڭ يازمىسىغا

بۇ گەپلىرىڭىزدىن سەھرانى مەنمۇ سېغىنىشقا باشلىدىم. بىراق مەن سۈپۈرگە يەپ باقمىغان. ئاپام سۈپۈرگە بىلەن ئۇرسا پاكار بوپ قالىدۇ دەپ ئۇرمايتتى. پەشتامىسى بىلەن ئۇراتتى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37272
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3012
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 45 سائەت
تىزىم: 2011-4-11
ئاخىرقى: 2011-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-3 12:05:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن چۈشىنەلمىدېم؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ [s:148]  [s:148]  [s:148]  [s:148]

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش