مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1155|ئىنكاس: 5

نۇرۇز بايرىمى ۋە ئاتالمسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ياردەم مەزمۇنى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29587
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8458
تۆھپە نۇمۇرى: 2066
توردا: 3803 سائەت
تىزىم: 2011-2-8
ئاخىرقى: 2013-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-4 09:00:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيەت خەزىنىسىگە قارايدىغان بولساق، مۇقام، مەشرەپ، نورۇز… كەبى بىباھا گۆھەرلەرنىڭ جۇلالىنىپ تۇرغانلىقىنى كۆرىمىز . ھەممىگە ئايانكى، ئاشۇ بىباھا گۆھەرلەر ئىچىدە ئەسىرلەرنى ئەسىرلەرگە، ئاغۇنلارنى بوغۇنلارغا ( ئەجدادلارنى ئەۋلادلارغا ) ئۇلاپ كەلگەن نورۇز بايرىمى تارىخىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى بۈگۈنكى رېئاللىقتىمۇ ئۆز قىممىتىنى يوقاتمىغانلىقى بىلەن خەلقىمىز ئۈچۈن تولىمۇ قەدىرلىك. تەبىئەت ئەركىسى، يېشىللىق ئەلچىسى ــ نورۇز بوۋاينىڭ قەدەم تىۋىشلىرى يېقىنلاپ كېلىۋاتقان مۇشۇ قۇتلۇق كۈنلەردە ، نورۇزنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق قەدىمىي ئىزنالىرى ۋە كۈنىمىزدىكى قۇتلۇقلاش يوللىرى ئۈستىدە ئوي سۈرۈشىمىز تەبىئىي.
1 نورۇز بايرىمى ۋە نورۇز ئاتالمىسى
نورۇز بايرىمى تۈركىي خەلقلەر ۋە پارسلارغا ئورتاق يىل بېشى – باھار بايرىمى، ئەمگەك بايرىمى، تەبىئەت بايرىمى، ئىناقلىق بايرىمى. مەھمۇد كاشغەرى، ئوبۇلقاسىم فىردەۋسى، نەۋائىي قاتارلىق شەرق ئەللامىلىرى قالدۇرغان ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، نورۇز بايرىمىنىڭ تۈركىي خەلقلەرنىڭ تۇرمۇشىغا ھەمراھ بولۇپ كېلىۋاتقىنىغا 2500 يىلدىن ئاشقان.
دۇنيادىكى نۇرغۇن مىللەتلەر يېڭى يىلنىڭ باشلىنىش كۈنىنى بايرام قىلىپ بېكىتكەن. ئاتا – بوۋىلىرىمىز باھاردا ئوت – گىياھنىڭ ياشناش ھادىسىسىنى ، ئوتخۇر ھايۋانلارنىڭ ئورچۇش دەۋرىنى، شۇنىڭدەك ھەر يىلى يۇلتۇزلارنىڭ ئورنىنى كۆزىتىش ئارقىلىق ، قۇياشنىڭ بىر يىللىق دەۋرىنى ھېسابلاپ يىل بېشىنى ئېنىق بەلگىلىگەن ھەمدە قۇياشنىڭ ھەمەل ( قوزا ) بۇرچىغا كىرگەن ۋاقتىنى يىل بېشى قىلغان . دەسلەپتە يېڭى يىلنى ‹‹ يىل بېشى ›› ياكى ‹‹ كۈن تۇغدى ›› دەپ ئاتىغان بولسا ، 10- ئەسىرلەردىن كېيىن ئىرانلىقلارنىڭ ‹‹ نەۋرۇز ›› سۆزىنى قۇبۇل قىلغان ۋە باھار بايرىمىنى ‹‹ نورۇز ›› دەپ ئاتايدىغان بولغان . ‹‹ نورۇز ›› دىكى ‹‹ نو ›› يەنى ‹‹ نەۋ ›› نىڭ تۈپ مەنىسى ‹‹ يېڭى ›› ، ‹‹ ئېرىغ ›› دېگەنلىكتۇر. ‹‹ رۇز ›› نىڭ مەنىسى ئاپتاپ يەنى قۇياش تۇغۇلۇپ پاتقۇچە يورۇق بولۇپ تۇرىدىغان چاغ ، دېگەنلىكتۇر . دېمەك ، نورۇز يېڭى كۈن ، قۇياش يېڭىۋاشتىن تۇغۇلغان يەنى ياشارغان كۈن ، دېگەندىن ئىبارەت. بۇ بايرام قەدىمدىن باشلاپ شەمسىيە ( كۈن ) كالېندارى بويىچە قىش ئاخىرلىشىپ، باھارنىڭ باشلىنىش كۈنى ( ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى ) يەنى كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشكەن باش باھارنىڭ بىرىنچى كۈنى ئۆتكۈزىلىدۇ.
يېشىللىق تەنتەنىسى ۋە ئاغۇنلار يادنامىسى بولغان بۇ نورۇز يالغۇز سەھرا – قىشلاقلاردىلا ئۆتكۈزۈلىدىغان، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭلا بايرىمى ئەمەس، بەلكى ئومۇمىي خەلق بايرىمى. خەلقنىڭ قىش – زىمىستاندىن ئامان چىقىپ، ئىللىق باھارنى ئارزۇلىغان خۇشاللىقىنى ئىپادىلەيدىغان ، ئۆزلىرى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن زېمننىڭ كۆركىگە بولغان مۇھەببىتىنى ، ھەربىر كەسىپ ئىگىلىرىنىڭ ئۆز كەسىپ – كارلىرىنى راۋاج تاپقۇزۇشقا بولغان ئىجتىھاد – ئىنتىلىشلىرىنى ، ئۆز – ئارا ھىممىتى – ساخاۋىتىنى ، ئىتتىپاق – ئىناقلىقىنى ، گۈزەل ئەتىگە بولغان ئۈمىدۋارلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈىدىغان قۇتلۇق بايرامدۇر.
2 نورۇزنىڭ خاسىيەتلىرى ۋە رەسمىيەتلىرى
خەلقىمىز نورۇز بايرىمىنى قۇتلۇق ، خاسىيەتلىك بايرام دەپ بىلىدۇ. نورۇز مەزگىلىدە ھەرقانداق كىشى ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئۆزلىرى تىرىشىدۇ ۋە ئۆزگىنى رىغبەتلەندۇرىدۇ. ئۆتمۈشتىكى ئاغۇنلىرىمىز نورۇزنى خاسىيەتلىك دېگەن چۈشەنچىسى بويىچە ، كىمكى يىل بېشىدا ، يەنى نورۇز مەزگىلىدە ياخشى ئىش قىلسا شۇ كىشىگە يىل بويى ياخشىلىق نېسىپ بولىدۇ ، دەپ بىلەتتى. شۇڭا قەدىم زاماندىن تارتىپ ، كىشىلەر يىلنىڭ ئامان-ئېسەن ۋە مەنپەئەتلىك بولۇپ ئۆتۈشىنى ئارزۇلاپ ، نورۇزغا ئاتاپ ھەرخىل ياخشى ئىشلارنى قىلىش ئومۇمىي ئادەتكە ئايلانغان . شۇنداقلا نورۇز مەزگىلىدە تۇغۇلغان بالىلارغا ئوغۇل بولسا ‹‹نورۇز››، ‹‹نۇر››، ‹‹قۇتلۇق››، قىز بولسا ‹‹ئەلانۇر››، ‹‹چىمەن››، ‹‹بوستان››، ‹‹باھار›› دېگەندەك قۇتلۇق كۈننىڭ ئاتلىرى ياكى قۇتلۇق كۈنگە مۇناسىپ چاغ ، گۈل – گىياھ ناملىرىنى قويغان.
بۇ قۇتلۇق كۈنلەردە كىشىلەر ئۆزلىرى ياخشى ئىشلارنى قىلىش بىلەن بىللە ، بىر- بىرىگە ياخشلىق تىلىشىدۇ . ئۆزئارا يوقلاشقاندا ، سەيلە – تاماشىلاردا ، مەشرەپ – سورۇنلاردا ، نورۇز ئېشى يىگەندە ئامانلىق، ياخشىلىق تىلەنگەن بىيىت – قۇشاقلارنى ئېيتىشىدۇ. ئۇستىكارلار كۆزى پىشقان ۋە قولى چىۋەر شاگىرتلىرىغا ھۈنىرىنىڭ يېڭى بىر ئۇسۇلىنى ئۆگىتىپ قويىدۇ. بۇرۇنقى زامانلاردا مەدرىستە – مەكتەپلەردە مۇددەرس – ئۇستازلار ئوقۇغۇچى – تالىپلىرىغا نورۇزنامە يېزىپ بېرەتتى ياكى يازدۇراتتى.
نورۇز كۈنلىرى ھەرخىل سورۇنلار تۈزۈلۈپ، ئومۇمىي خەلق سەيلىسى بولىدۇ. بۇنىڭ شەكىللىرى ناھايىتى تولا . بۇلار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ‹‹ تۇققۇز توقۇ ›› يەنى ‹‹ تۇققۇز مەرىكە – مۇراسىم ›› دېيىلگەن. ئۇلار : (1) نورۇز ناغرىسى؛ (2) نورۇز تازىلىقى؛ (3) سوغۇق قوغلاش؛ (4) يوقلاش؛ (5) نورۇز ئېشى يېيىش؛ (6) نورۇز سەيلىسى؛ (7) نورۇز يارىشى ( مۇسابىقىسى )؛ (8) نورۇز مەشرىپى؛ (9) نورۇزلۇق تىلەك ( زاراخەتمە ).
نورۇزنىڭ يەنە بىر مۇھىم خاسىيىتى شۇكى، بۇ ــ بىرلىك ـ ئىناقلىق بايرىمى ئىدى. ئۆچ – ئاداۋەتلىكلەر، جۈملىدىن ئارىغا سۇغۇقچىلىق چۈشكەن ئەر- خوتۇنلار ‹‹ ئۆتكەنگە سالاۋات ›› قىلىپ، يارىشاتتى ياكى ياراشتۇرۇلاتتى.
3 كۈنىمىزدە نورۇزنى قۇتلۇقلاشنىڭ يوللىرى
دەۋر ئۆزگىرىشىگە ماس ھالدا ياشاش مۇھىتىمىز ۋە ياشاش شەكلىمىزدە ئۆزگىرىشلەرنىڭ بارلىققا كېلىشى بىزدىن ئەنئەنىۋىي ھېيت – بايراملىرىمىزنى نۆۋەتتىكى ياشاش شەكلىمىزگە لايىقلاشتۇرۇپ، ئۇنى يېڭىچە مەزمۇنلار بىلەن بېيىتىپ قۇتلۇقلىشىمىزنى تەلەپ قىلماقتا. جۈملىدىن نورۇز بايرىمىنى كۈنىمىزدە تۆۋەندىكىدەك يوللار بىلەن تېخىمۇ رەڭدار ، تېخىمۇ تەنتەنىلىك ، تېخىمۇ ئۆزگىچە قۇتلۇقلاش مۇمكىن.
(1) نورۇز يېتىپ كېلىش پەيتىدە رادىئو – تېلېۋۇزۇر، گېزىت – ژۇرنال ، تور قاتارلىق تاراتقۇلاردا نورۇزغا بېغىشلانغان خەۋەر – ماقالە ، ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق، ئومۇمىي خەلقنى نورۇزنى كۈتۈۋېلىش تەييارلىقىغا كىرىشىشكە چاقىرىش لازىم. بۇندىن باشقا يەنە، ئۆتكەن يىلدا دىيارىمىزدا بولۇپ ئۆتكەن چوڭ ئىشلارنى ئەسلەش، خەلقمىز قەلبىدە بەلگىلىك تەسىر قالدۇرغان ئەستىلىكلەرنى ( قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى ئۇتۇق، قىززىق نۇقتا ، جەلبىكار شەخس … قاتارلىقلار ) خاتىرىلەش ، ئارىمىزدىن كەتكەن ئالىم – ئۆلىما، ھەرساھەدىكى پىشقەدەملىرىمىزنى ياد ئېتىش … قاتارلىق يوللار ئارقىلىق كونا يىلنى ئۇزۇتۇپ ، نورۇزنى كۈتۈۋېلىش كەيىپىياتىنى ئەۋجىگە كۆتۈرۈشكە بولىدۇ.
(2) نورۇزنىڭ ھارپا كۈنلىرىدە ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا نورۇزلۇق تازىلىق ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ ئۆي – بالىكون، ھويلا – ئارام، يول – مەيدانلارنى تازىلاش كېرەك. كىشىلەر يۇيۇنۇپ – تارىنىپ نورۇزنى پاكىزلىق بىلەن كۈتۈۋېلىش لازىم.
(3) ھارپا كۈنى ئۆي ئايرىپ چىقىپ كەتكەن پەرزەنتلەر ، ئۆيدىن ئايرىلىپ ئوقۇش ۋە خىزمەتتە بولىۋاتقان پەرزەنتلەر چوڭ ئۆيگە قايتىپ ، ئاتا – ئانىلار بىلەن جەم بولۇشى ، ئۇلارنىڭ تېخى پۈتتۈرۈپ ئۈلگۈرتمىگەن بايراملىق تەييارلىقلىرىنى پۈتتۈرۈشۈپ بېرىشى لازىم. ئەل – جامائەت ئۆز مەھەللە – يۇرتلىرىدىكى يېتىم – يېسىر ، قېرى – چۈرى ، ئاغرىق – سىلاقلارنى يوقلاپ ، ئۇلارغا چامىنىڭ يېتىشىچە روھىي ۋە ماددىي ياردەملەرنى قىلىشى لازىم.
(4) ھارپا كۈنى كەچتە ، جايلاردىكى تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا مەخسۇس ئۇيۇشتۇرۇلغان ‹‹ نورۇزلۇق سەنئەت كېچىلىكى ›› قويۇلۇپ، خەلقنىڭ بايراملىق تۇرمۇشىغا مول مەزمۇن ئاتا قىلىش لازىم. نورۇزغا ئاتالغان سەنئەت كېچىلىكلەر مەزمۇن جەھەتتىن ئەنئەنىۋىي نورۇز پائالىيەتلىرىمىزدە كەم بولسا بولمايدىغان مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى لازىم. مەسىلەن، نورۇز بوۋايىنىڭ يېتىپ كېلىشى، شائىرلارنىڭ نورۇزنامە ئوقۇشى ۋە ئۆز – ئارا مۇشائىرە ئېيتىشىشى ، سەھنىلەشتۈرۈلگەن نورۇز مەشىرىپى … دېگەنگە ئوخشاش.
(5) دوپپا ۋە ئەتلەس خەلقىمىزنىڭ مىللىي كىملىكىنى ئىپادىلەيدىغان سىموۋۇللۇق بەلگىلىرىمىزدۇر. شۇڭا، نورۇز كۈنى ئەركەكلەر باشلىرىغا دوپپا، خوتۇن – قىزلار ئۇچىسىغا ئەتلەستىن تىكىلگەن كېيىملەرنى كېيىپ، نورۇز كەيپىياتى ۋە شادلىقىنى نامايەن قىلىشى كېرەك.
(6) نورۇز كۈنى ئەتتىگەندە پەرزەنتلەر ئاتا – ئانىلارغا نورۇزلۇق سالام بېرىپ، ئۇلارغا ساغلام ھايات ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر تىلىشى، چوڭلار بالىلارغا ئەھۋالغا يارىشا ئاددىي ئەمما ئەھمىيەتلىك بولغان نورۇزلۇقلارنى بېرىپ ، گۈدەكلەرگە نورۇز شادلىقى ئاتا قىلىش لازىم. ئائىلە ئەزالىرى جەم بولغان بۇنداق قۇتلۇق چاغلاردا جەمەت پىشىۋالىرى جەمەت ئەزالىرىغا مۇۋاپىق جەمەت تەربىيىسى بېرىشى ، ئەجدادلارنى ياد ئېتىپ، ئەۋلادلارنى ئۇلارنىڭ ئىزىدىن بېسىپ، ئەلگە ياراملىق كىشىلەردىن بولۇپ چىقىشقا دەۋەت قىلىشى لازىم. ئائىلە ئەزالىرى جەمەت چوڭلىرىنىڭ يېتەكلىشىدە ئەجدادلارنىڭ قەبرىگاھىنى زىيارەت قىلىش لازىم.
(7) ‹‹ نورۇز ئېشى ›› يېيىش نورۇزلۇق پائالىيەتلەرنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسىمى بولۇپ، شارائىت يار بەرگەن جايلاردا نورۇز ئېشىنى ئەنئەنۋىي ئۇسۇل بويىچە ، جامائەت توپلىشىپ ، ئوپچە تەييارلاپ بىرلىكتە يېيش كېرەك. شەھەرلەرگە ئوخشاش شارائىت نىسبەتەن يار بەرمەيدىغان جايلاردا ئاشپۇزۇل – تېز تاماقخانىلار نورۇز مەزگىلىدە ‹‹ نورۇز ئېشى ›› نى بازارغا سېلىپ ، شەھەر ئاممىسىنىڭ نورۇز ئېشى ئىستېمال قىلىش ئىھتىياجىنى قاندۇرۇشى لازىم. بۇندىن باشقا ، جەمەت ئەزالىرى چوڭ ئۆيگە جەم بولۇپ ، ئائىلىدە نورۇز ئېشىنى تەييارلاپ يېيىشمۇ كۆڭۈلدىكىدەك ئىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
(8) نورۇز كۈنى چۈشتىن كېيىندىن باشلاپ، بالا – چاقىلارنى ئېلىپ موزىي ، داڭلىق بىلىم يۇرتلىرى ، پەن – تېخنىكا سارايلىرى ، گۈزەل مەنزىرىگاھلار ، كۇتۇبخانا – كىتابخانىلار غا بېرىپ ، نورۇزلۇق سەيلىنى يېڭى مەنالارغا تويۇندۇرۇش لازىم. نورۇز سەيلىسى ئادەتتە 3 كۈن داۋام قىلىدۇ.
(9) نورۇزنىڭ ئىككىنچى كۈنى قائىدە بويىچە نورۇز يارىشى ( مۇسابىقىسى ) بولىدۇ. سەھرا – قىشلاقلاردا ئات بەيگىسى ، ئوغلاق تارتىشىش، سارغايدى، دارۋازلىق، چېلىشىش، خوراز – قوچقار سوقۇشتۇرۇش، ئىت تالاشتۇرۇش قاتارلىق ئەنئەنىۋىي تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق نورۇز يارىشى قىلىنسا؛ شەھەرلەردە ، مەكتەپ – ئۇنىۋېرسىتېتلاردا پۇتبول ، ۋالېبول ، ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىغا ئوخشاش تۈرلۈك زامانىۋىي تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرى ، كۆڭۈل ئېچىش خاراكتېرىدىكى ئەدەبىيات – سەنئەت پائالىيەتلىرى ، زېھىن سىناش مۇسابىقىلىرى قاتارلىق شەكىللەر بىلەنمۇ نورۇز يارىشىنى مول مەزمۇنلۇق ، داغىدۇغلۇق ئۆتكۈزۈشكە بولىدۇ.
يۇقىرىقلاردىن باشقا، دوستلار ئۆز – ئارا كىتاب سوۋغا قىلىش ، ئاممىۋىي مەنپەتلىك پائالىيەتلەرنى تەشكىللەش ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىش ، دوست – يارانلار جەم بولۇپ ئۆز – ئارا مۇشائىرە ئېيتىشىش ، كۆچەت تىكىش … قاتارلىق ئىش – پائالىيەتلەرمۇ نورۇز شادلىقىغا ئۆزگىچە مەنا بېغىشلىشى مۇمكىن.
خۇلاسە، نورۇز – ئەنئەنىۋى مىللىي بايرام ، ئەمگەك بايرىمى، دوستلۇق ، ئىناقلىق بايرىمى، ئامانلق بايرىمى، شادلىق بايرىمىدۇر. ئىشىنىمىزكى، خەلقىمىز ئۇنى ئىناقلىق ۋە زامانىۋى ئاڭنى تەرغىپ قىلغۇچى ھېكمەت ۋە سەنئەت چېچەكلىرى بىلەن بېزەپ ، مىللىي مەدەنىيتىمىزنىڭ نادىر جاھاننامەسى ۋە ئىپتىخارلىق قامۇسىغا ئايلاندۇرغۇسى.

پايدىلانمىلار:

1. ئىمىن تۇرسۇن. ‹‹ قەدىمقى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ››.

2. ئىمىن تۇرسۇن . ‹‹ نورۇزنامە ››.

3. ئابدشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن. ‹‹ يېپەك يولىدىكى توققۇز ھېكىمەت ››.

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى:
http://www.yuksel.me/1442.html

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1969
يازما سانى: 2565
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17875
تۆھپە نۇمۇرى: 568
توردا: 3891 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2014-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-5 12:16:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپتىن كۆپ رەھمەت ، جىق نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم .......!

http://blog.sina.com.cn/esma88

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3170
يازما سانى: 2234
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 31290
تۆھپە نۇمۇرى: 2856
توردا: 4223 سائەت
تىزىم: 2010-7-2
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-5 09:17:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چاغان سارا -تولىمۇ قەدىمىي تەبىئەت بيرىمى....

پۇرسەت تەييەرلىقى بار  كىشىلەرگىلا كېلىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32654
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4247
تۆھپە نۇمۇرى: 240
توردا: 163 سائەت
تىزىم: 2011-3-4
ئاخىرقى: 2013-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-5 09:53:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەزكۇر يازمامنىڭ يۈكسەل بلوگى ( www.yuksel.me ) دىن ئېلىنىپ، مىسرانىمدا قايتا ئېلان قىلىنغىنىدىن كۆپ خۇرسەن بولدۇم. ئەمما، يازما ماۋزۇسىنىڭ ئۆزگەرتىۋېتىلگەنلىكىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم غەش بولدى. مۇمكىن بولسا تېما ئىگىسى ياكى مىسرانىم باشقۇرغۇچىلىرى تېما ماۋزۇسىنى << كۈنىمىزدە نورۇزنى قۇتلۇقلاشنىڭ يوللىرى >> دەپ ئۆزگەرتىپ قويغان بولسا ، ئالدىن تەشەككۈر!

يۈكسەل بلوگى http://www.yuksel.me/

ساپا يوقتا ۋاپا يوق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1809
يازما سانى: 3048
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5919
تۆھپە نۇمۇرى: 466
توردا: 650 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-5 09:56:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز تەرەپلەردە مەۋلۈت ئىيدا مەسچىتلەردە تەلەپ نەزىرى قىلىنىدۇ ، 3-ئايدا بولسا  جامائەت مەسچىتكە يىغىلىپ سارا ئۆتكۈزىدە بۇنى :ساراغا چىقتۇق دەيمىز بىز  [s:152]

سەۋرنىڭ تىگى ئالتۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11847
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8898
تۆھپە نۇمۇرى: 479
توردا: 265 سائەت
تىزىم: 2010-9-27
ئاخىرقى: 2014-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-16 07:46:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يوللغان تىمىڭڭىزغا  رەخمەت  نۇرۇز توغرىسىدا  نۇرغۇن بىلىملەرگە  ئىگە بولدۇم.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش