مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 7181|ئىنكاس: 47

تۇڭگان ۋە تۇڭگان يېزىقى ھەققىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يىلان ئەپەندى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13248
يازما سانى: 536
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11859
تۆھپە نۇمۇرى: 1170
توردا: 945 سائەت
تىزىم: 2010-10-9
ئاخىرقى: 2014-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-16 08:29:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تۇڭگان يېزىقى ھەققىدە


تۇڭگانلار سابىق سۆۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ بېرىپ ئولتۇراقلاشقان جۇڭگۇدىكى خەنزۇلار بولۇپ ، قىرغىزىستان، قازىقىستان ۋە ئۆزبېكىستاندا ئولتۇراقلاشقان. موپۇسى 70 مىڭ ، خەنزۇ تىلىنىڭ گەنسۇ دېئالىكتىكىنى ئۆلچەملىك تىل قىلغان. 1926-يىلى لاتىن ھەرىبلىرى ئاساسىدا يېزىق ئىجاد قىلغان. 1928-يىلى ۋە 1930-يىلى بۇ يېزىققا تۇزۇتۇش كىرگۇزگەن. 30-يىللارنىڭ ئاخىرىدا ، سىتالىننىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن سىلاۋىيان يېزىقىغا كۆچكەن. 2-دۇنيا ئۇرىشىنىڭ تەسىرى بىلەن بۇ ئىش توختاپ قىلىپ ، 1953-يىلىىغا كەلگەندە رەسمىي لايىھىسى بېكىتىلگەن. بۇ يېزىقتا 33 سىلاۋىيانچە ھەرىپتىن باشقا ، يەنە 5 تولۇقلىغۇچى ھەرپ قوشۇلغان.

مەنبە: غەيرەتجان ئابدۇراھمان، "تىل- يېزىق مەدەنىيىتىدىن جاۋھىرلار" ، 16-بەت.

«تۇڭگان» سۆزىنىڭ مەنىسى ۋە مەنبەسى ھەققىدە

 
«تۇڭگان» سۆزى دىيارىمىزدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي تىللاردا مەملىكىتىمىز ئىچى ۋە سىرتىدا ياشايدىغان خەنزۇ تىللىق مۇسۇلمانلارنى كۆرسىتىدۇ. ھازىر ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان، قىرغىزستان، ئۆزبېكستان جۇمھۇرىيەتلىرىدە «تۇڭگان» بىر مىللەت نامى سۈپىتىدە قوللىنىلسىمۇ، مەملىكىتىمىزدە ئۇلار «خۇيزۇ»(مۇسۇلمان مىللەت) دەپ ئاتىلىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان ئالاقىنىڭ كۈچۈيىشىگە ئەگىشىپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى «تۇڭگان»مىللىتىنىڭ زادى ئايرىم مىللەت ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدە مۇنازىرە قىززىپ كەتتى. تەبىئىيكى، «تۇڭگان»دېگەن نامنىڭ ئېتىمولوگىيىسى بۇ مۇنازىرىنىڭ مەركىزى نۇقتىسى ئىدى.
    تەتقىقاتلاردا «تۇڭگان»سۆزىنىڭ مەنبەسى تۆۋەندىكىچە 6خىل ئىزاھلانغان:
    بىرىنچى، «گەنسۇنىڭ شەرقى دېگەن مەنىدىكى 东甘 دىن» ياكى «دۇنخۇاڭ(敦皇 )دېگەن يەر نامىدىن كەلگەن»دېگەن قاراش؛
    ئىككىنچى،«شەنشى(陕西) دىكى (潼关)دىن كەلگەن»دېگەن قاراش؛
    ئۈچۈنچى،ئۇيغۇرچىدىكى «<تۇرغان>، <تۇرۇپ قالغان>، دېگەن سۆزدىن كەلگەن» دېگەن قاراش؛
    تۆتىنچى، «屯垦(بوز ئاچماق)دېگەن سۆزدىن كەلگەن» دېگەن قاراش؛
    بەشىنچى، «تۈركىيە تۈرۈكچىسىدىكى «(يانغان، قايتقان)دىن كەلگەن»دېگەن قاراش.
    ئالتىنچى، تۇڭگان تەتقىقاتچىللىرى تەشەببۇس قىلغان »يەرلىك(ئوتتۇرا ئاسىيالىق)تۇڭگانلار قوللىنىدىغان 东岸 ، 东岸子دىن كەلگەن» دېگەن قاراشلاردىن ئىبارەت. مېنىڭچە، بۇ قاراشلارنىڭ ئۆزىگە خاس داۋلىسى بولسىمۇ، لېكىن، بۇلارنىڭ ھەممىسىدە بۇ سۆزنىڭ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قوللىنىلغانلىقىغا سەل قارالغان.
    تەتقىقاتلارغا ۋە ئۇيغۇر يازما ماتىرياللىرىغا نەزەر سالساق،«تۇڭگان»سۆزىنىڭ ئەڭ بۇرۇن ئۇيغۇر يازما مەنبەلىرىدە كۆرۈلگەنلىكى ۋە ئۇيغۇر تىلىدىن رۇسچىغا كىرگەنلىكى نامايان بولىدۇ. شۇڭا، بۇ سۆزنىڭ مەنبەسىنى ۋە مەنىسىنى تەتقىق قىلغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ قائىدە-قانۇنيەتلەرىگە تايىنىش لازىم. تۆۋەندە مەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونىتىكىلىق قائىدىسى بويىچە يۇقۇرقى ئالتە خىل قاراشقا باھا بېرىپ ئۆتىمەن.
    بىرىنچى قاراشقا قارىساق، 东甘سۆزى ھازىرغىچە ئىشلىتىلگەن يەر نامى ئەمەس، يەنى گەنسۇنىڭ شەرقىي ھىچقاچان 东甘دىيىلمەيدۇ. «دۇنخۇاڭ»سۆزىنىڭمۇ «تۇڭگان»غا ئۆزگۈرىشى مۈمكىن ئەمەس. چۈنكى، ئۇيغۇر تىلىدا«خ» تاۋۇشى بىلەن «گ»تاۋۇشى بىربىرىگە نۆۋەتلەشمەيدۇ.
     ئىككىنچى خىل قاراشتىكى 潼关شەنشىدىكى بىر يەر نامى بولۇپ، 1862-يىلى بىر بۆلۈك خۇيزۇلار بۇ يەردە قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. بىراق بىز ئىزدىنىۋاتقان تۇڭگانلار يالغۇز بۇ يەردىنلا ئەمەس، بەلكى شەنشىنىڭ باشقا جايلىرىدىن ۋە سىچۇەن، گەنسۇ، چىڭخەي قاتارلىق يەرلەردىنمۇ كەلگەن. شۇڭا، 潼关ئەينى ۋاقىتتا شىنجاڭغا كەلگەن تۇڭگانلارغا ئورتاق نام بولالمايدۇ. تىل نۇقتىسىدىن چۈشەندۈرسەك، 潼关دېگەن سۆزدىكى گۇەن ئۇيغۇر تىلىغا كىرگەندىن كېيىن فونىتىكىلىق ئۆزگىرىش ياساپ گۇۋېن ياكى گا: ن بولىدۇ. چۈنكى، ئۇيغۇر تىلىدا بىر بوغۇمدا ئىككى سوزۇق تاۋۇش كېلەلمەيدۇ.
     ئۈچىنچى قاراشتىكى  «تۇرۇپ قالغان، تۇرغان» سۆزلىرىنىڭ«تۇڭگان» سۆزىگە ئايلىنالمايدىغانلىقى ئۇيغۇر تىلىدىن خەۋىرى بارلىكى كىشىگە ئايدىڭ. شۇڭا، بۇ ھەقتە توختالمايمەن.
     تۆتىنچى قاراشتىكى 屯垦(بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش) سۆزى«تۇڭگان» دىن تەلەپپۇزدا كۆپ پەرىقلىنىدۇ. ئەگەر 屯垦سۆزى ئۇيغۇر تىلىغا كىرگەن تەقدىردىمۇ تۈنكىڭ ياكى تۈڭكىڭ بولۇدىكى ھەرگىزمۇ «تۇڭگان» بولۇپ قالمايدۇ. چۈنكى، ئۇيغۇر تىلىدا «ئۈ»بىلەن «ئۇ»، «ئې»بىلەن «ئا» تىل ئورنى جەھەتتە كۆپ پەرىقلىق. مەسىلەن: خەنزۇ تىلىدىكى «真 »سۆزى ئۇيغۇر تىلىدا جىڭ دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ ۋە قوللىنىلىدۇ. شۇ سەۋەپتىن «تۇنكېن» دىكى« كېن» سۆزى« كىڭ» غا ئۆزگۈرىدۇكى، ھەرگىزمۇ «كاڭ»ياكى «گان» بولۇپ ئۆزگەرمەيدۇ.
     بەشىنچى قاراشتىكى «دونگاندىن كەلگەن» دېگۈچىلەر ئاساسلىقى تۈركىيە تەتقىقاتچىلىرى بولۇپ، ئۇلار تۇڭگان سۆزىنىڭ رۇسچىدا (دۇنگان)قىلىپ يېزىلغانلىقىغا قاراپلا، تۈركىيە تۈرۈكچىسىدىكى «دونگېن(قايتقانلار، يانغانلار)»غا  ئوخشىتىۋالغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار خۇيزۇلارنى «ئىسلام دىنىغا كىرگەن خەنزۇلار»دەپ قاراپ «ئۇلار ئىسلامغا قايتقان»دېگەن تونۇش بويىچە ئۆز خۇلاسىسىنى دەلىللىگەن. شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، ئۇيغۇرچىدىكى «تۇڭگان »سۆزى رۇسچىغا كىرگەندە، رۇسچىدا «ڭ»تاۋۇشى بولمىغانلىقى ئۈچۈن «ن»بىلەن يېزىلغان، ئۇيغۇرچىدىكى «ت» ھەرىپى رۇسچىدا «د» ھەرىپى بىلەن ئىپادىلەنگەن. شۇڭا رۇسچىدىكى تەلەپپۇزنى ئاساس قىلىپ ئۇنىڭ تۈرۈكچە تەڭدىشىنى تېپىپ چىقىش ئىلمىي ئەمەس.
         ئالتىنچى قاراشتىكى «<تۇڭگان> سۆزى 东 岸دىن كەلگەن» دېگۈچىلەرنىڭ دەلىللىرى خېلى كۈچلىكتەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئۇلار «ئۆز نامىمىز» دەپ قارايدىغان دوڭئەن بىلەن «تۇڭگان» ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئېنىق چۈشەندۈرىپ بېرەلمەيدۇ ھەمدە جۇغراپىيىلىك ئۇقۇم بولغان دوڭئەن(شەرق تەرەپ) نىڭ قانداق بولۇپ مىللەت نامىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنىمۇ ئېنىقلىيالمايدۇ.
      مېنىڭچە، «تۇڭگان» سۆزى ئالتىنچى قاراشتا دېيىلگەندەك دوڭئەن دىن كەلگەن. ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكىلىق قائىدىسى بويىچە دوڭئەن بىلەن تۇڭگان ئوتتۇرسىدىكى فونېتىكىلىق ئۆزگۈرىش تۆۋەندىكىچە بولۇشى مۈمكىن:
       ئۇيغۇر تىلىدىكى كۆپ بوغۇملىق سۆزلەردە بىرىنچى بوغۇم سوزۇق تاۋۇش بىلەن باشلانسۇن ياكى ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلانسۇن، كېيىنكى بوغۇم چوقۇم ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلىنىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدىكى چەت تىلىدىن كىرگەن سۆزلەرنىڭ بۇ قائىدىگە ئۇيغۇن بولمىغانلىرى فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش ياسايدۇ. مەسىلەن، «سوئال، تەبىئەت،<قۇرئان>، پائالىيەت، بىئولوگىيە» قاتارلىق سۆزلەر كىرمە سۆزلەر بولۇپ ھەممىسىنىڭ ئىككىنچى بوغۇمى سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن باشلانغان. بۇ سۆزلەر بىز تىلغا ئالغان يۇقۇرقى فونېتىكىلىق قائىدىگە ئۇيغۇن بولمىغانلىقى ئۈچۈن، جانلىق تىل تەلەپپۇزىمىزدا بىر تاۋۇش چۈشۈپ قېلىش ياكى بىر تاۋۇش قوشۇلۇپ قېلىش ياكى ئەسلىدىكى بوغۇم تۈزۈلىشى ئۆزگىرىش قاتارلىق فونېتىكىلىق ھادىسىلەر كۆرۈلىدۇ. مەسىلە، سوۋال(قوشۇلۇپ قېلىش)، پا: لىيەت(چۈشۈپ قېلىش)   «قۇران» بوغۇم تۈزۈلىشى ئۆزگىرىش).
     东岸 سۆزىمۇ تۇڭگانلار ۋاستىسى بىلەن ئۇيغۇر تىلىغا كىرگەندىن كېيىن، جانلىق تىلدا يۇقۇرقى فونېتىكىلىق قائىدىگە بويسۇنۇپ، بوغۇم تۈزۈلىشىدە ئۆزگۈرىش يۈز بېرىپ، (دوڭ ئەن) دېگەن خەنزۇچە بوغۇم ھالىتىدىن «دوڭ ئەن» شەكىلدىكى ئۇيغۇرچە بوغۇمغا ئايلىنىدۇ. ئىككىنچى بوغۇم بېشىدىكى «ڭ» تاۋۇشى تەلەپپۇزدا بىقولاي بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇر تىلىدا بۇنداق سۆزلەرنىڭ ئارىسىغا بىر «گ» تاۋۇشى قوشۇپ تەلەپپۇز قىلىش ئادىتى بويىچە، «ڭ» بىرىنچى بوغۇمنىڭ ئاخىرقى تاۋۇشىغا، «گ» ئىككىنچى بوغۇمنىڭ بىرىنچى تاۋۇشىغا ئايلىنىدۇ. مەسىلەن، ماڭا-ماڭغا، مۈڭگۈز- مۈڭگۈز، ساڭا-ساڭغا، توڭۇز-توڭگۇز. بۇ خىل ھادىسە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىلا مەۋجۇت بولماستىن، بەلكى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىمۇ كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن:
  كىشى مەڭۈ بولماز بۇ مەڭۈ ئاتى.
  ئانىن مەڭۈ قالدى بۇ ئەدگۈ ئاتى.
                              (يۈسۈپ خاس ھاجىپ)
     بۇ بىيىتتىكى «مەڭۈ» سۆزى بەزى يادىكارلىقلاردا «مەڭۈ»، يەنە بەزى يادىكارلىقلاردا «مەڭگۈ» دەپ ئوقۇلىدۇ.
     ئەمدى «دوڭ ئەن»نىڭ «توڭگەن»بولماي «تۇڭگان» بولۇپ قالغىنىغا كەلسەك، شەنشى ۋە گەنسۇلاردىن تۇڭگانلار «گان،ئەن» بوغۇملىرىدىكى «ئا»نى ئۇيغۇر تىلىدىكى «ئا» غا ئازراق يېقىن تەلەپپۇز قىلىدۇ. شۇ سەۋەپتىن ئۇيغۇر تىلىغا تۇڭگانلارنىڭ ۋاستىسى بىلەن كىرگەن 干饭(گاڭپەن) سۆزىدىكى «گەن » ئۇيغۇرچىغا «گاڭ» بولۇپ ئۆزلەشكەن. ئۇيغۇر تىلىدا يەنە «د» بىلەن «ت»نىڭ «ئو» بىلەن «ئۇ»نىڭ نۆۋەتلىشىشى مەۋجۇت بولغاچقا، «دوڭ ئەن» سۆزى «دوڭگان»غا، «دوڭگان»بولسا «تۇڭگان»غا ئۆزگەرگەن.
   «تۇڭگان»سۆزىنىڭ مەنىسىگە كەلسەك، بەزى تەتقىقاتچىلارنىڭ 东岸 نى «جۇغراپىيىلىك ئۇقۇم» دەپ قارىغانلىقى دىققىتىمىزنى تارتىدۇ. ئۇلارنىڭ چۈشەندۈرشىچە، 岸شەنشى شېۋىسىدە «تەرەپ» دېگەن مەنىدە كېلىدىكەن. مۇشۇنداق بولغاندا،东岸 «شەرق تەرەپ، شەرق» مەنىسىنى بېرىدىكەن. لېكىن، مەزكۇر تەتقىقاتچىلار جۇغراپىيىلىك ئۇقۇم بولغان 东岸 نىڭ قانداقسىگە مىللەت نامى بولۇپ قالغانلىقىنى چۈشەندۈرمىگەن.
      تەكشۈرشىمىزچە«تۇڭگان» سۆزىنىڭ ئۇيغۇر مەنبەلىرىدە كۆرۈلىشى 19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلانغان. موللا بىلال بىن موللا يۈسۈپ (1822-1900) يازغان «غازات دەر مۈلكى چىن» دە:
  ئەمىر ئەيدى «ئەي ئەھلى تۇنگانىلار
  گىرىفتار مېھنەت دىل ئەفكارىلار»
  دەپ يېزىلغىنىدەك، بۇ سۆز باشتىن-ئاخىر «تۇنگانى» شەكلىدە كۆزگە چېلىقىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، شۇ دەۋىردە يېزىلغان«شەرھى شىكەستە»،«زەفەرنامە» قاتارلىق تارىخىي مەنبەلەردە ۋە ئۇلۇغ تارىخچى، ئالىم موللا مۇسا سايرامىنىڭ «تارىخىي ھەمىدى» ناملىق شاھانە ئەسىرىدىمۇ يۇقۇرقىدەك «تۇنگان» دەپ يېزىلغان. بۇ يەردە «تۇنگانى»بىلەن «تۇڭگان»ئوخشاش بولۇپ، ئۇيغۇرچىنىڭ فونېتىكىلىق قائىدىسى بويىچە «ن» تاۋۇشى بىلەن «ڭ» تاۋۇشى نۆۋەتلەشكەن.
    «تۇنگانى»دەپ يېزىلىشىغا كەلسەك، ئۇيغۇر تىلىدا «ى»قوشۇمچىسى يەر ناملىرىنىڭ كەينىگە قوشۇلۇپ كېلىپ «لىق، لىك» مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ قوشۇمچە ئەدەبىي ئەسەرلەردە كۆپرەك قوللىنىلسىمۇ ئاۋام تىلىدا كۆپ قوللىنىلمايدۇ. مەسىلە،«مەھمۇد كاشخەرى، موللا يۇنۇس ياركەندى، موللا ئەلەم شاھيارى»، بۇلار «قەشقەرلىك مەھمۇد، ياركەنتلىك يۇنۇس، شاھيارلىق موللا ئەلەم» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈردۇ. ئۇيغۇر ئاۋام تىلىدا كىشى ئىسمىنىڭ كەينىگە يۇرتىنى قوشۇپ ئاتايدىغان ئادەت بار. لېكىن «لىق،لىك» مەنىسىدىكى «ى» قۇشۇلمىغاچقا «كېرەم ئاتۇش، ئابلىز خوتەن، تۇرسۇن شاڭخەي، غەيرەت ئوپال، ئالىم تۇرپان» دېگەن ئىسىملارنى ئاڭلاپ تۇرىمىز.
      مۇشۇ قائىدە بويىچە 东岸 جۇغراپىيىلىك ئۇقۇم بولغاچقا ئۇنىڭ ئۆزگەرگەن شەكلى «تۇڭگان»نىڭ كەينىگە ئەدەبىي ئەسەرلەردە «ى»قوشۇلۇپ يېزىلغان. خەلق تىلىدا بولسا «ى» قوشۇلماي «تۇڭگان» دېيىلگەن. مەنىسى ئوخشاشلا «شەرىق تەرەپتىن كەلگەنلەر، شەرىقلىقلەر» دېگەنلىك بولىدۇ. تۇڭگانلار ياشىغان جۇغراپىيىلىك ئورۇنمۇ ئۇيغۇرلار رايونىنىڭ شەرقىدە بولغانلىقى بۇ پىكىرنى قۇۋەتلەيدۇ. خۇلاسىلىگەندە، 东岸 سۆزى تۇڭگانلارنىڭ ئۇيغۇر يۇرىتلىرىغا كەلگەندە ئۆزىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن قوللانغان نامى بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىغا كىرمە سۆز سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكىلىق قائىدىسىگە بوي سۇنۇپ «تۇڭگان» ھالىتىگە كەلگەن. ئۇيغۇر يازما مەنبەلىرىدە «تۇڭگانى» دەپ خاتىرلىنىپ ئۇنىڭ ئەسلى يەر-تەرەپ نامى ئىكەنلىكىدىن بىشارەت بېرىلگەن. ئۇنىڭ مەنىسى«شەرىقتىن كەلگەنلەر ياكى شەرىقلىقلەر» دېگننى بىلدۈرىدۇ.
  پايدىلانمىلار:
[1] ۋاڭ گوجيى: »تۇڭگانلارنىڭ شەكىللىنىش ۋە تەرەققىيات تارىخى». شەنشى: شەنشى خەلق نەشىرياتى،1997.
[2] خەي فىڭ:«تۇڭگان ”屯垦“ دىن كەلگەن». «غەربىي-شىمال مىللەتلەر تەتقىقاتى» 2005-1.
[3] «غازات دەرمۈلكى چىن»،« شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى» ژورنىلى، 1995.2-3-4-سانلار.
[4] «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىن نەمۇنىلەر». ئۈرۈمچى: شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى،1981.
مەنبە:«تىل ۋە تەرجىمە» ژورنىلى 2007-يىل 2-سانىدىن.
ئاپتور:غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى تىل-ئەدەبىيات ئىنستىتۇتىدىن:ئابدۇۋەلى ئايۇپ

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇس تورى

قان بىلەن يىزىلغان تارىخ بولمىسا ،سىياھ بىلەن يىزىلغان تارىخ پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ

غەيۋەتخور كىشى، ئەڭ پەس كىشىدۇ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4402
يازما سانى: 2976
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 76348
تۆھپە نۇمۇرى: 363
توردا: 6789 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2014-8-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-16 08:47:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇڭگان قېرىنداشلار بىلەنمۇ تۇنۇشىۋالدۇق........1ئەسىر تارىخى بىلەن جاھاننى ئوڭتەي توڭتەي قىلۋەتكەن نوچىلاركەن بۇ...

ئىزىڭدىن ئۈنگەن تىكەن، ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىنى يارا قىلۇر.

ئاق تاش،،،،،،قۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1271
يازما سانى: 688
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11644
تۆھپە نۇمۇرى: 534
توردا: 6744 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-16 09:15:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇلىقىم چىقىپ تۇڭگانننىڭ يېزىغى بارلىق ماتىريالىنى بۈگۈن كۆرۈشۈم.
تېمىڭىزنى كۆرۈپ تۇڭگانلار توغۇرلۇق خېلى بىلىمگە ئىگە بۇلۇپ قالدىم.
رەخمەت.....

سۆزلىمىسەڭ يوقتۇر  ھىچكىمنىڭ كارى سۆزلىگەن ئىكەنسەن   دەلىللەپ ئارى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1969
يازما سانى: 2565
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17875
تۆھپە نۇمۇرى: 568
توردا: 3891 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2014-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-16 09:27:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەيران قېلۋاتىمەن . تۇڭگانلارنىڭ يېزىقى بارلىقىنى تۇنجى قېتىم ئاڭلىشىم جۇمۇ ، توۋا ....!

http://blog.sina.com.cn/esma88

ھەر بىر كۈن ئىنس

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3912
يازما سانى: 1389
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9112
تۆھپە نۇمۇرى: 887
توردا: 7002 سائەت
تىزىم: 2010-7-13
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-16 09:47:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزگە دارىلمۇئەللىمىندە دەرس ئۆتكەن تارىخ مۇئەللىمى -تۇڭگانلارنى مىلادى 651-يىلىدىن باشلاپ جۇڭگوغا ئىسلام دىنى بىلەن بىرلىكتە كىرگەن ئەرەبلەر بىلەن يەرلىك خەنزۇلارنىڭ نىكاھلىنىشى بىلەن شەكىللەنگەن دەپ سۆزلىگىنى ئېسىمدە ؛

كىتابلاردىن قانائەت تاپالىسام ئۆزۈمنى بەختلىك ھېسابلايمەن .

ئىنساننى ياراتقۇچى بىر ئاللا !

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26107
يازما سانى: 2209
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14029
تۆھپە نۇمۇرى: 682
توردا: 7877 سائەت
تىزىم: 2011-1-13
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-16 10:00:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرۇن تۇڭگانلارنىڭ  تارىخى يوق دەپ كىتىپارىتى بەزەن خەقلەر ...ئەمدە بىلىۋالدىم ...

ئاتا-ئانا  رازى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2504
يازما سانى: 989
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11766
تۆھپە نۇمۇرى: 394
توردا: 304 سائەت
تىزىم: 2010-6-11
ئاخىرقى: 2015-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-16 10:11:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇڭگانلارنىڭ مۇ خىلى تارىخى باركەن تولۇق چۇشەندۇرگۇنىڭىزگە   كۆپ رەھمەت.

نە ھاجىتى ئەمدى كۇتۇشنىڭ. ئارزۇ قىلغۇدەك كىم بار كۇتۇشكە.    كۆڭۇل بۆلۇپ بولمىغىن مالال، كۆنۇكقۇ مەن تەنخا ئۆتۇشكە....> زاھىر123

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26043
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5110
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 1655 سائەت
تىزىم: 2011-1-13
ئاخىرقى: 2011-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-16 10:35:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز ئىجاتقىلغان مىللەت ۇ  ئاپىسى خەنزۇ دادىسى بىز باللىرىمىز تۇنگان خۇددى پاكىستانلىقتەك ئۇلارنىڭ دادىسى ئەرەپ ئاپىسى يىندىستانلىقلار باللىرى شۇ ئۇردۇ يېزىقى قۇللىنىدىغان مىللەتلەر

سەن ئەڭ بەخىتلىك

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3940
يازما سانى: 5037
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 80159
تۆھپە نۇمۇرى: 549
توردا: 1411 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2014-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-16 11:17:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىلى بىر تىلى بىلەك.ئىشقىلىپ سەل ھەزەر ئەيلىمىسە بولمايدىغان مىللەت،
تۇڭگان بىلەن دوس بولساڭ ئاي پالتاڭ يېنىڭدا بولسۇن دەپتىكەن كونىلار.

ئەقلىمىزنى ئىشلەتسەك بىز ئەڭ ئەقىللىق مىللەت!

يىلان ئەپەندى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13248
يازما سانى: 536
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11859
تۆھپە نۇمۇرى: 1170
توردا: 945 سائەت
تىزىم: 2010-10-9
ئاخىرقى: 2014-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-16 11:38:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
The term "Dungan" was first seen in the late 18th century. Between 1755 and 1759, after suppressing a rebellion of local tribes, the Qing government moved floods of Hui people from Shaanxi and Gansu into Xinjiang to open up the frontier areas on a vast scale. These Muslim emigrants were called by the local Turki-speaking Uygurs "Tunggan," which derived from Turup Qalghan, meaning "people who have settled down." More than a century later, the defeated Muslim rebels brought their culture as well as the name of Tunggan to Central Asia. Tunggan was pronounced "Dungan" in Russian, hence the name.
http://www.allempires.com/forum/ ... D=5434&PN=2

تەرجىمىسى- تۇڭگان دېگەن ئاتالغۇ 18-ئەسىرنىڭ كىيىنكى مەزگىللىرىدە مەيدانغا كەلگەن، 1755-1759-يىللىرى شەنشى ۋە گەنسۇدىن كەڭ كۆلەمدە يەرلىك مىللەتلەر كۆچۇپ شىنجاڭغا كەلگەن، بۇلار شىنجاڭدىكى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار تىلىدا  تۇڭگان ئاتالغان. بۇ سۆزنىڭ ئەسلىسى "تۇرۇپ قالغان" دېگەنلىك بولىدۇ. بىر نەچچە ئەسىرلەردىن كىيىن ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىدە ئۆزگۇرۇش بولغان، كىيىن ئوتتۇرا ئاسىيادا بۇ " تۇڭگان" سۆزى ئوموملاشقان، روسىيىدە تۇڭگان ئايرىم مىللەت قىلىپ ئايرىلغان.

قان بىلەن يىزىلغان تارىخ بولمىسا ،سىياھ بىلەن يىزىلغان تارىخ پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش