مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 943|ئىنكاس: 7

بىرازىلىيە ھەققىدە چۈشەنچە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 393
يازما سانى: 2619
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 97717
تۆھپە نۇمۇرى: 538
توردا: 2062 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-6 09:09:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



  دۆلەت نامى : بىرازىلىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتى

  مۇھىم بايراملىرى: مۇستەقىللىق كۈنى: 7-سېنتەبىر (1822-يىلى)؛ دۆلەت بايرىمى 7-سېنتەبىر (1822-يىلى)؛ ئىندىئانلار كۈنى: 19-ئاپرېل؛ سىگانلار كۈنى: 24-ماي

  دۆلەت رەھبەرلىرى: زۇڭتۇڭ لۇلا دا سىلۋا، 2002-يىلى 10-ئايدا زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان، 2003-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى ۋەزىپىگە ئولتۇرغان؛ 2006-يىلى 10-ئايدا قايتا سايلانغان، 2007-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان؛ ھازىرقى زۇڭتۇڭ دىلما رۇسەف، 2010-يىلى 10-ئايدا زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان.

  نوپۇسى: 2010-يىلى 1-ئاۋغۇستقىچە، بىرازىلىيەنىڭ نوپۇسى 190 مىليون 732 مىڭ 694 بولۇپ، ئاياللار ئەرلەردىن 3 مىليون 300 مىڭ كۆپ. نوپۇس سانى جەھەتتە ئامېرىكا قىتئەسى بويىچە 2-ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئاق تەنلىكلەر %54.03نى، ئاق-قارا تەنلىك ئارىلاشما قانلىقلار %39.94نى، قارا تەنلىكلەر %5.39نى، سېرىق تەنلىكلەر %0.46نى، ئىندىئانلار تەخمىنەن %0.16 نى ئىگىلەيدۇ. پورتۇگالىيە تىلى ھۆكۈمەت تىلى بولۇپ، كۆپ قىسىم ئاھالە كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.

  پايتەختى: بىرازىلىيە، نوپۇسى 2 مىليون 380 مىڭ. بۇ شەھەر دۇنيادىكى قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان قۇرۇلۇش سەنئىتى جەۋھەرلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بولۇپ، «دۇنيا قۇرۇلۇش كۆرگەزمىسى» دېگەن نامى بار. 1987-يىلى، ب د ت مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتى بىرازىلىيەنى «ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ بايلىقى» دەپ جاكارلىغان.





  تەبىئىي جۇغراپىيەلىك شارائىتى: جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، شىمالدا فىرانسىيە گۋىئاناسى، سۇرىنام، گۋىئانا، ۋېنېزۇئېلا ۋە كولومبىيە بىلەن؛ غەربتە پېرۇ، بولىۋىيە بىلەن؛ جەنۇبتا پاراگۋاي، ئارگېنتىنا ۋە ئۇرۇگۋاي بىلەن چېگرىلىنىدۇ؛ شەرقىدە ئاتلانتىك ئوكيان بار. يەر كۆلىمى 8 مىليون 514 مىڭ 900 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، يەر كۆلىمى جەھەتتە لاتىن ئامېرىكىسى بويىچە ئەڭ چوڭ دۆلەت ھېسابلىنىدۇ، دۇنيا بويىچە 5-ئورۇندا تۇرىدۇ. دېڭىز قىرغىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 7400 كىلومېتىردىن ئارتۇق بولۇپ، دېڭىز تېررىتورىيىسى قىرغىقىنىڭ كەڭلىكى 12 دېڭىز مىلى؛ دېڭىز تېررىتورىيىسى سىرتىدىكى مەخسۇس ئىقتىسادىي رايونى 188 دېڭىز مىلى. زېمىنىنىڭ %80تىن ئارتۇقى تىروپىك بەلۋاغ رايونىغا جايلاشقان، ئەڭ جەنۇبىي ئۇچى سۇبتروپىك بەلۋاغ كىلىماتىغا تەۋە. شىمالىي قىسمىدىكى ئامازون تۈزلەڭلىكى ئېكۋاتور ئىقلىمىغا تەۋە، يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 27 سېلسىيە گىرادۇس بىلەن 29 سېلسىيە گىرادۇس ئارىلىقىدا. ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئېگىزلىكلەر تروپىك بەلۋاغ ئوتلاق كىلىماتىغا تەۋە بولۇپ، قۇرغاقچىلىق ۋە ھۆلچىلىك پەسلىلا بار. جەنۇبىي قىسىم رايونلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 16 سېلسىيە گىرادۇستىن 19 سېلسىيە گىرادۇسقىچە.

  مەمۇرىي رايونلارغا بۆلۈنۈشى: پۈتۈن مەملىكەت 26 ئىشتات ۋە بىر فېدېراتسىيە رايونى(برازىلىيە فېدېراتسىيە رايونى)غا بۆلۈنىدۇ، ئىشتات قارمىقىدا شەھەر تەسىس قىلىنغان. مەملىكەت بويىچە 5562 شەھەر بار.

  قىسقىچە تارىخى: قەدىمكى برازىلىيە ئىندىئانلارنىڭ ماكانى بولۇپ، مىلادى 16-ئەسىردە، پورتۇگالىيەلىك دېڭىزچى پېدرو كابرال بىرازىلىيەگە يېتىپ بارغان. شۇنىڭدىن كېيىن پورتوگالىيەلىكلەر بىرازىلىيەگە قوشۇن ئەۋەتىپ، بىرازىلىيەدە مۇستەملىكە قۇرغان ھەم بىرازىلىيەگە 3 ئەسىرگە يېقىن ھۆكۈمرانلىق قىلغان. 1822-يىلى، برازىلىيە مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرگەن، برازىلىيە خانلىقى قۇرۇلغان. 1889-يىلى، خانلىق تۈزۈم ئاغدۇرۇپ تاشلىنىپ، برازىلىيە قوشما ئىشتاتلىرى قۇرۇلغان، 1976-يىلى دۆلەت نامى «بىرازىلىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتى»گە ئۆزگەرتىلگەن.

مەنبە؛خەلق گېزىتى تورى
http://uyghur.people.com.cn/165019/15141182.html

بىزگە نىسپەتەن ھازىر ئەڭ مۇھىمى <<نىمە قىلىش كىرەك >> دىگەن سوئال بولماستىن بەلكى <<مەن نىمە قىلالايمەن >> دىگەن سوئالدۇر

ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە~

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1249
يازما سانى: 476
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 51680
تۆھپە نۇمۇرى: 594
توردا: 1956 سائەت
تىزىم: 2010-5-28
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-6 10:51:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاھ، ئاياللار بەك جىقكەن-ھە [s:154]

بىرگە بىر دېمە، بىرگە بىر ئەمەس، مىڭغا بىرمەن~      http://www.azizim.net

تامغان تامچة تاش

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 599
يازما سانى: 1080
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11725
تۆھپە نۇمۇرى: 308
توردا: 10144 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2014-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-6 11:03:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
3مىليون300مىڭ ئيال ئارتۇقمىكەن؟ ماۋۇ ياخشى خەۋەركەن!

ئىتتىپاقلىق كۈچ!

har kandak kixi oz tarihini bi

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11197
يازما سانى: 236
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8674
تۆھپە نۇمۇرى: 373
توردا: 615 سائەت
تىزىم: 2010-9-22
ئاخىرقى: 2012-1-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-6 11:04:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىدەك ئىزورا نى يوللاپ قويسىڭىزچۇ ئەجەپ كىنو ئىدى ئۇ

تارىخ بىر ئەينەك

ئادەم ياشىغىلى ئ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1933
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 28410
تۆھپە نۇمۇرى: 380
توردا: 1330 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2011-11-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-7 02:05:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بىر ئاز تۇلۇقلاپ قوياي.
بىرازىلىيەنىڭ يەنە <<پۇتبول دۆلىتى>> دېگەن چىرايلىق نامىمۇ بار بۇلۇپ، پۇتبول چولپانلىرى ناھايىتى كۆپ يېتىشىپ چىقىدۇ. چۈنكى بۇ دۆلەتنىڭ ھەر قانداق بىر ئىشلىرى پۇتبول بىلەن چېتىشلىق. بالىلارنىڭ ئايىقى چىققاندىن باشلاپ توپ تېپىشنى ئۆگىتىدۇ، مەكتەپلەردىمۇ كۈندىلىك دەرسلەردە مەخسۇس پۇتبول دەرسى تەسىس قىلىنغان، ھەتتا زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىدىغان نامزاتلارمۇ چۇقۇم پۇتبول مۇسابىقە قائىدىلىرىنى پىششىق بىلىشى ۋە مەلۇم ئاساستا پۇتبول ماھارىتى بۇلۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.
بىرازىلىيە پۇتبول كوماندىسى پۇتبول تارىخىدا ئىنتايىن كۆپ شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىدە 5 قېتىم، ئامېرىكا قىتئەسى لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىدە 8 قېتىم چىمپىيۇن بولغان ھەم باشقا تۈرلۈك مۇسابىقىلەردىمۇ نۇرغۇن ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن.
بىرازىلىيەنىڭ ئاياللار پۇتبول كوماندىسىمۇ دۇنياغا داڭلىق بۇلۇپ، نۇرغۇن شانلىق نەتىجىلىرى بار.

بىر تۈپ كۆچەت تىكىڭ، كېيىنكىلەر مېۋىسىگە ئېغىز تەگسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20065
يازما سانى: 379
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6991
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 82 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-7 03:12:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىرازىلىيەبىلەن بىزنىڭ ئويغۇرپۇتبولچىلىرمىز بىرمۇسابقىگە قاتناشباققان بوسا بۇلاركەن [s:165]  [s:165]  [s:165]

تاماكا چەكمەڭ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 424
يازما سانى: 3568
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2399
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 7192 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-7 10:09:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاياللار ھەجەپ كۆپكىنا ،،، ئۇ يەردىكى نىكاھلىنىش تۈزۈمى قانداقتۇ ؟  [s:163]  [s:139]ھى ھى ھى چاقچاق  قىپ قويدۇم جۇمۇ .... رەھمەت سىزگە . مۇشۇ باھانىدە بىرازىلىيە بىلەن تۇنۇشۇۋالدىم ئاخشام تېخى <<نانيا رىۋايىتى>> نى  كۈرۈپ ئەجەپ چىرايلىق يەركەن دەپ يۈرگەن ...

ئاسمان يېرىلغاندا، يۇلتۇزلار تۆكۈلگەندە، دېڭىزلار بىرـ بىرىگە قوشۇلغاندا، ئۆلۈكلەر چىقىرىلغاندا ھەر ئادەم ئىلگىرى كېيىن قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23579
يازما سانى: 107
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4000
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 77 سائەت
تىزىم: 2010-12-24
ئاخىرقى: 2011-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-18 07:20:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پۇتبولغا يامان جۇمۇ بۇلار

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش