مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1751|ئىنكاس: 26

جاھالەت ئىسيانكارلىرى 1.موللا زەيدىن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

...........خەير...........

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2924
يازما سانى: 1752
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18621
تۆھپە نۇمۇرى: 429
توردا: 4765 سائەت
تىزىم: 2010-6-23
ئاخىرقى: 2011-8-8
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-21 12:14:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     موللا زەيدىن 1815-يىلى لۈكچۈندىكى باغرا يېزىسدا نامرات دېھقان ئائىلىسدە دۇنياغا كەلگەن .ئالتە يېشدىلا خەت-ساۋادىنى چىقارغاندىن كېيىن ،11يېشىدا مەدرىسكە ئوقۇشقا كىرىپ 17يېشىغىچە پۈتۈن قارى بولۇپ يېتشكەن ،ئەرەبچە كىتاب ۋە قۇرئانلارغا مەنە ئېيتالايدىغان بولغان .ئۇ 17يېشىغىچە كافىيدىن باشلاپ ،شەرھىي موللغىچە ئوقۇغان ،شۇنداقلا نەۋايى ،سوپى ئاللا يار ،خوجا -ھاپىز قاتارلىقلارنىڭ مۇناجەت -قەسىدە كىتابلىرىنى ،قول غوجا ئەھمەت ،شامەشرەپ قاتارلىقلارنىڭ شېئىرلىرىنى ئۆگىنىپ "موللا زەيدىن "دەپ نام ئالغان .
     موللا زەيدىن دەسلەپتە زالىم قازىلاردىن تارتىپ ،خۇراپىي بۈۋىلەرگىچە ئۇلارنىڭ مۇتەئەسسپلىكلىرىنى سۆككەن پاش قىلغان ،مۇشۇ توغرىسدا مەدرسىنىڭ مۇدەررىسى ،زاھىر قازاجى تەرىپىدىن بىر قانچە قېتىم جازاغا تارتىلغان ،قازى ئۇنىڭ گەپچىلىكىدىن قورقۇپ ،ئۇنىڭ قوشاق نەزمە يېزىشىنى چەكلىگەن ئىكەن .جامائەتچىلىك لۈكچۈنلۈك ئەپرىدۇن ۋاڭنىڭ مۇشۇنداق بىر پاراڭچى ئىزدەپ يۈرگىنىنى ئاڭلاپ ئۇنى ئوردا خىزمىتىگە كۆرسەتكەن .
  موللا زەيدىن ۋاڭنىڭ ۋە ئوردىنىڭ ئىچكى ئەھۋالى بىلەن تونۇشقان ۋاقتى ئۇنىڭ 20ياشلارغا كىرگەن ۋاقتى ئىدى ،ئۇ ئۆز ھاياتىدا جەمئىيەتتىكى تەڭسىزلىككە قارىتا غەزەپ-نەپرىتىنى بوشاشتۇرماي ،تۈرلۈك قىزىقچىلىق گەپ سۆزلەر بىلەن تونۇلۇپ كەتكەن ،موللا زەيدىن مۇشۇنداق قىلغانلىقى تۈپەيلى ۋاڭ ئوردىسىدىن سەككىز قېتىم قوغلىنىپ ،9-قېتىم يەنە چاقىرتىۋىلىنغان ،ئەپرىدۇن ۋاڭ موللا زەيدىنگە "شېرىن دۈشمىنىم "دەپ ناممۇ بېرىپتىكەن .ۋاڭ بېيجىڭغان بارغاندىمۇ ،قەشقەرگە ۋاڭ بولۇپ بارغاندىمۇ موللا زەيدىننى ئۆز يېنىدا ئېلىپ يۈرگەن ...
   ۋاڭ موللا زەيدىن بىلەن قەشقەردە 9 يىل بىللە تۇرغان ،ئۇ ۋاڭنىڭ كەلگۈسى ئاقىۋىتى ھەققىدە نۇرغۇن شېئىرلارنى يېزىپ قالدۇرغان .1860-يىلى ئىستىپا سوراپ يۇرتىغا قايتىپ قوغۇنچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان .1880-يىللىرى ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى ئۆز قەۋرىسىنى لۈكچۈن شەھەر سىرتىدىكى شەرقىي دەرۋازا سىرتىدىكى ئاچا يولغا چاپتۇرۇپ ،گۈمبەز ياسىتىپ ،بېشىغا بىر تاختا بېكىتىپ ئۇنىڭغا بىر نەچچە مىسرا ھەجۋىي شېئىر يېزىپ قالدۇرغان ...

                                      موللا زەيدىننىڭ سوراققا تارتلىشى

    موللا زەيدىن خۇراپىي ئۆرپ-ئادەتلەرگە قارىتا نۇرغۇن قاپىيلىك گەپ سۆزلەرنى ،بېيت -قوشاقلارنى چىقارغاندىن كېيىن ،كونىلىق تەرەپدارلىرى مۇتەئەسسپلەر قازىخانىغا موللا زەيدىننى چېقىپتۇ .
   بىر كۈنى قازى موللا زەيدىننى چاقىرىتىپ كېلىپ قازىخانىدا سوراققا تارتىپتۇ :
  -سەن كۇپرى سۆز -بېيتلەرنى كىمدىن ئۆگەندىڭ؟
  موللا زەيدىن :  كۇفرى سۆزلەر چىقاردۇر
                      كۇفرى ئادەمدىن .
                      ھەق سۆزلەر چىقاردۇر
                       توغرا ئادەمدىن .
  قازى :سېنىڭ بۇ ئېيتقان ھەم يازاغانلىرىڭ كۇفرى تۇرۇپتىغۇ ،سەن كاپىرمۇ نېمە ؟
  موللا زەيدىن : موللىنى كاپىر دېمىسلە
                     موللا كاپىردىن يامان .
                     موللىنى كاپىر دېگەنلەر،
                     ھەممە كاپىردىن يامان .
  قازى :ئۆلىمالارنىڭ ھەممىسىگە لەقەم قويۇشقا بائىسى نېمە ؟
موللا زەيدىن :موللىلارنىڭ ئىشىدىن .
                   بايقاپ قېرى -يېشدىن .
                   لەقەم چۈشەر قىلمىشىغا،
                   ئۆتكۈزدىلەر بېشىدىن .
قازى :ھەي خوتۇنى تالاق ،سەن نېمانچە قوشاقچى بولۇپ كەتتىڭ ؟!
موللا زەيدىن : چېكىلىدىغان چۈجەكنىڭ ،
                     تۇخۇمى پالاق بولۇرمۇ ؟
                     ئۆيلەنمىگەن يىگىتنىڭ ،
                     خوتۇنى تالاق بولۇرمۇ ؟
                    ............................
    ھەر بىر جاۋابتىن كېيىن چوڭ-كىچىك موللىلارنى ھەممسى ئىختىيارسىز كۈلۈپ تۇرغانلىقىتىن ،قازى ئۆزى بىر ئاچچىقلىنىپ كۈلۈپ تاشلاپتۇ .
    قازى :سېنى بىز سوراق قىلىمىزمۇ ؟سەن بىزنى سوراق قىلامسەن قايسى ھەق ؟
   موللا زەيدىن :ھەق -ناھەقنىڭ مۇساپىسى
                   كۆز بىلەن قۇلاق ئارىسى .
                   كۆرمەي تۇرۇپ راست دېگەن ،
                  ھاماقەتنىڭ چاي خالتسى .......
    قازى :ئۆلىمالار تەسقىر قىلىپ قويغان لەقەملەرگە دەلىل -ئىسپات كۆرسىتىپ بېرەلەمسەن ؟
   موللازەيدىن: دەلىل -ئىسپات تەيياردۇر ،
                    ئاسماندىن چۈشەر لەقەم .
                    مەرتلىك بىلەن چىدىسىلا ،
                   ماڭا سالماي دەرد ئەلەم .
  قازى ئۇنىڭ گەپچىلىكىنى ئاڭلىغۇسى كېلىپ ،تاكى گېپى تۈگىگىچە گەپ قىلماي شۈك تۇرۇشقا كېپىللىك بېرىپتۇ ،شۇنىڭ بىلەن موللا زەيدىن قازىخانىغا بۇ تاماشانى كۆرگىلى كەلگەن خەلققە قاراپ مەغرۇرانە قىياپەتتە مۇنداق مۇخەممەسلەرنى ئوقۇپتۇ :  

                  مەدرىسكە تەئەللۇق كۆردۈم ۋەخپە بارلىغىن ،
                  ئاخۇنۇملار تالاشىدۇر ،كۆردۈم ئىچى تارلىغىن ،
                  ئەلەم ئاخۇن ھاكاۋۇر تۇتماس خۇدا يارلىغىن ،
                  مۇپتى پەتىۋا ھەققى يەپ بىلمەس كۆڭلى قارىلىغىن ،
                  قارام ،پىخسىق نەپسىكەشلەر، كەلمەس ئاخىر زامانە.

                  قارى يادار قۇرئاننى مەنىسىدىن بىخەۋەر ،
                 خاتىپ ئوقۇر خۇتبىنى ،ئۇلۇغ شاھنى مەدھىيلەر ،
                 موللا  كۆپ ،نەممام تولا قىلىپ بىر بىر ھىيلىلەر ،
                 مۇرات-مەقسەت بۇلارنىڭ ئۆز نەپسىنى شەرھىلەر،
                  پىتنە -پاسات ،غەيۋەتلەر بولماس ئاخىر زامانە .

                 قىرىق تاشنى توققۇز تىزىپ كاھىن ئېيتۇر يالغاننى ،
                 ساھىر ئالۇر جۇدا قىلدىم دەپ پالدىن ئېشىپ قالغاننى ،
                 ھۆكما سۈپەت پېرىخون كېلىپ كۆردۈم داپنى چالغاننى ،
                 ئاغزىدا لاپ، قولىدا داپ ،بىلمەس قولى تالغاننى ،
                 سېھرىگەرلىك ئالدامچىلىق كەلمەس ئاخىر زامانە.

                 ئىشان ماڭۇر ئايلىدا ،تۈزەپ ساقال -بۇرتنى ،
                 سوپىلار ماڭۇر پادا ياڭلىغ ئەگەشتۈرۈپ مۇرۇتنى ،
                 غايىپ رىزقى تەمەسىدە شەيخلەر ئوقۇر دۇرۇتنى،
                 مەخسۇم نامنى بۇلغاپ ،كولار مەقئەت قۇرتنى ،
                 سالىھ سۈپەت ،ھايۋان سۈرەت كەلمەس ئاخىر زامانە.

                 قۇشقاچ ئارا قۇرغۇي كەبى كەلسە خەلپەت موللىغا ،
                 نەمرۇت ھەم شەددات كەبى ئالسا دەررە قولىغا ،
                 قىيامەتتە گۈل ئۈنەركەن زەربە قىلۇر بالىغا،
                 ئاخۇنۇملار سۈكۈت قىلدى زالىملارنىڭ يولىغا،
                 مۇنداق باغرۇ-كۆڭلى قارا،كەلمەس ئاخىر زامانە.
              ................................................................
  موللا زەيدىن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش نەزمىلەردىن خېلى كۆپ ئوقۇپتۇ ھەممەيلەن شۈك تۇرۇپ قۇلاق سېلىپ ئاڭلاپتۇ،ئاخىرى ئۇ كۆپچىلىككە سالام بېرىپ ،"تەتىل قىلىش "قاتارلىق مەتەئەسسىپلەرنىڭ ئەيش-ئشرەتلىك چېرىك تۇرمۇشىغا دائىر يازغان شېئىرلىرىنىڭ بارلىقنى جاكارلاپتۇ .
   موللا زەيدىننى خەلق ئاممىسى ھۈرمەتلەپ قۇچاقلىۋاپتۇ .قازى ،ئەلەم مۇپتى ............لار خەلقنىڭ موللا زەيدىننى مۇنداق ھىمايە قىلغانلىقىدىن جازا بېرىشكە ئامالسىز قاپتۇ ،پەقەت"مۇشرىك"،"جەدىت"دەپ نام بېرىپتۇ.

              
      <<  بۇلاق>> دىگەن كىتاپتىن قىسقارتىپ ئېلىندى.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
polatalamdar + 100 ياخشى تىما

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 100   باھا خاتىرىسى

سۆيسە سۆيىمەن ،    يەر بىلەن يەكسان بولسا.      سۆيمىسە سۆيمەيمەن ،          گەر مىسرغا سۇلتان بولسا.

...........خەير...........

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2924
يازما سانى: 1752
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18621
تۆھپە نۇمۇرى: 429
توردا: 4765 سائەت
تىزىم: 2010-6-23
ئاخىرقى: 2011-8-8
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-21 12:45:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
.................................................................................

سۆيسە سۆيىمەن ،    يەر بىلەن يەكسان بولسا.      سۆيمىسە سۆيمەيمەن ،          گەر مىسرغا سۇلتان بولسا.

...........خەير...........

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2924
يازما سانى: 1752
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18621
تۆھپە نۇمۇرى: 429
توردا: 4765 سائەت
تىزىم: 2010-6-23
ئاخىرقى: 2011-8-8
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-21 12:56:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

2-قەۋەت (تەنھا88) نىڭ يازمىسىغا

بار ئىككىنچى ،ئۈچىنچىلىرى  [s:16]

سۆيسە سۆيىمەن ،    يەر بىلەن يەكسان بولسا.      سۆيمىسە سۆيمەيمەن ،          گەر مىسرغا سۇلتان بولسا.

...........خەير...........

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2924
يازما سانى: 1752
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18621
تۆھپە نۇمۇرى: 429
توردا: 4765 سائەت
تىزىم: 2010-6-23
ئاخىرقى: 2011-8-8
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-21 01:04:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

4-قەۋەت (تەنھا88) نىڭ يازمىسىغا

ياق ئاپامدىن ئۆگەنگەن  [s:152]

سۆيسە سۆيىمەن ،    يەر بىلەن يەكسان بولسا.      سۆيمىسە سۆيمەيمەن ،          گەر مىسرغا سۇلتان بولسا.

...........خەير...........

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2924
يازما سانى: 1752
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18621
تۆھپە نۇمۇرى: 429
توردا: 4765 سائەت
تىزىم: 2010-6-23
ئاخىرقى: 2011-8-8
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-21 01:13:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خۇدايىم بۇيرىسا بىر ھەپتە ئىچىدە تەييار بولىدۇ  [s:153]

سۆيسە سۆيىمەن ،    يەر بىلەن يەكسان بولسا.      سۆيمىسە سۆيمەيمەن ،          گەر مىسرغا سۇلتان بولسا.

خوراز چصللصماقت

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2645
يازما سانى: 1036
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13447
تۆھپە نۇمۇرى: 616
توردا: 10606 سائەت
تىزىم: 2010-6-13
ئاخىرقى: 2014-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-21 01:15:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزەنلەرگە ھوقۈق مەنسەپ ئىدىييىسى سىڭىپ كەتكەندەك، بەزەنلەرگە ئادالەت، ھەققانىيەت، باراۋەرلىك، ئىدىيىسى سىڭگەن بولىدىكەن. ۋاڭ ئوردىسىدىن ئىستىپا بېرىپ قوغۈنچىلىق بىلەن شۈغۈللانغان خارەكتىرى مىنى جەلىپ قىلىۋالدى.

بالام خوراز چىللىغىلى نەۋاق تېخىچە ئويغانمىدىڭما؟

جاندىن كەچمىگۈچ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8076
يازما سانى: 2108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7883
تۆھپە نۇمۇرى: 419
توردا: 1390 سائەت
تىزىم: 2010-8-27
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-21 01:28:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوھو موللازەيدىنكام مەنچەك ئوقىماپتىكەنغۇ ھى ھى  [s:181] كاپىيەدىن شەرھىموللىغىچەئوقىغانغا قورئاندىن مەنەئىيتقىلى بولمايدۇ !قارىلىقى راس
لىكىن بۇئادەمنىڭ ئاشۇنداق نەزمە قوشاق شېئىرلىرى بىلەن خۇراپى بىدئەت جاھالەت تىكى ئادەملەرنى قامچىلايدىغان خىسلىتىگە مەن قايىل! يەتقات يىرىڭىز قەبرە ئاخىرەتتە جەننەتكە ئىرشىشىڭىزنى ئاللاھدىن تىلەيمەن مانابىزدەك ئەۋلاتلىرىڭىزنىڭ ھالى ..........................مۇشۇنچىلىك

سىزگەدەيدىغىنىم كۆڭۇلنىڭ كەينىگە كىرمەڭ !

جاندىن كەچمىگۈچ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8076
يازما سانى: 2108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7883
تۆھپە نۇمۇرى: 419
توردا: 1390 سائەت
تىزىم: 2010-8-27
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-21 01:30:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Re:2-قەۋەت (تەنھا88) نىڭ يازمىسىغا

ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 3قەۋەت DILNAZUK كە 2010-12-21 12:56 AMئەۋەتىلدى 2-قەۋەت (تەنھا88) نىڭ يازمىسىغا :
  بار ئىككىنچى ،ئۈچىنچىلىرى  [s:16]

ئۇنداق تا ساقلىغۇدەكمىزغۇ ؟
2سى دىسەم دىمسەم تۈمۈرخەلپەم شۇنداقمۇ ؟

سىزگەدەيدىغىنىم كۆڭۇلنىڭ كەينىگە كىرمەڭ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21766
يازما سانى: 164
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6671
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 171 سائەت
تىزىم: 2010-12-11
ئاخىرقى: 2014-11-24
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-21 01:43:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىت ئۇرغۇچىغا ئامراق دەپ راست ئېيتىپتىكەن كونىلار .موللا زەيدىن ۋاڭنى شۇنچە سۆكسىمۇ، ۋاڭ يەنىلا موللا زەيدىنگە ئامراقكەن

تالۇس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18939
يازما سانى: 177
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6597
تۆھپە نۇمۇرى: 302
توردا: 1415 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-21 01:57:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يامان ئادەمكەنتۇق ئۇ [s:152]  [s:152]  [s:152]

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش