مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 9201|ئىنكاس: 92

مېنى سۆيگەن يىگىت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئىتقاد بارچە بار

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6587
يازما سانى: 1896
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11056
تۆھپە نۇمۇرى: 738
توردا: 2651 سائەت
تىزىم: 2010-8-17
ئاخىرقى: 2014-12-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-6 06:12:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[ئاشۇ چاغلارنى ئەسلىسەم ئاچچىق ھېسلار قوينىدا يۈرۈكۈم قاتتىق ئىزتىراپ ھېس قىلىدۇ، پۇشايمانلىق كۆز ـ ياشلار ئىختىيارىمسىز ئېقىپ چۈشىدۇ.
مەن بۇ گۈزەل شەھەرنىڭ ئەركىن مەلىكىسى ئىدىم، ئاپام، دادام يەنە ئاكام مېنى تۇلىمۇ ياخشى كۈرەتتى، ئائىلىمىزمۇ شەھەردىكى ھاللىق ئائىلىلەردىن بۇلۇپ، دادام تۇنۇلغان تىجارەتچى ئىدى، شۇنداق بولغاچقىمىكىن كىشىلەرنىڭ ماڭا بولغان مۇئامىلىسىمۇ ئالاھىدە ئىدى. كىچىكىمدىن بىرەرىنىڭ ئالدىدا قىزىرىپ ـ تاتىرىپ باققىنىمنى ئەسلىيەلمەيتىم، بىزگە مۇناسىۋەتلىك تۇنۇش بىلىشلەر ماڭا ھەۋەس بىلەن قارىشاتتى، دوسلىرىمنىڭ ئىچىدىمۇ ماڭا ھەۋەس قىلىدىغانلىرىمۇ ھەسەت قىلىدىغانلىرىمۇ كۆپ ئىدى...مەن شۇنداق غەمسىز ئىدىم، خۇشال ئىدىم...  بالىلىقىمدا كۆز ـ ياش تۆككەن كۈنۈم بار دىيىلسە مومام ئۈلۈپ كەتكەن ئاشۇ چاغلار بولغىيتى...
ھايات مۇھەببەت كەچمىشىم توغۇرلۇق سۆزلىمەكچى بوپ قالدىم.
ھەممە ئىشلار ئالى مەكتەپكە چىققان ئاشۇ يىلىدىن باشلاندى، ئازاپلىق كەچمىشلىرىم سانسىزلىغان كۆز ـ ياشلىرىم ئاشۇ چاغدىن باشلاپ تۈكۈلدى...
ئۈزەمنىڭ چىرايلىق ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم، ئۇقۇتقۇچى ـ ئۇستازلىرىم،ساۋاغداشلىرىم مېنىڭ گۈزەللىكىمگە ھەۋەس قىلاتتى، ماڭا چىن دىلىدىن چىقىرىپ ئامراقلىق قىلىدىغانلىرىمۇ كۆڭلۈمگە ئايان ئىدى، يات شەھەردە ماڭا دۈشمەنلىك قىلىدىغانلارمۇ ئاز بولمىدى ئەلۋەتتە:
ـ نادىرە، بۈگۈن مېىنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم، تۆت بەش يېقىن دوسلار كىلىشىپ قويغان، سەنمۇ بىللە بارساڭ، ئولتۇرۇپ كىلەيلى بەك كەش قالمايمىز...ــ بۇ قىز مەن ئالى مەكتەپكە كەلگەندە تۇنۇشقان ياتاقدىشىم، كۆڭلۈمدىن چىقىرىپ ئامراقلىقىم كېلىدىغان يېقىن دوستۇم مۇشۇ شەھەرلىك قىز گۈلشات ئىدى.
ـ دەپ قويماپسەنغۇ، ساڭا سوۋغىمۇ تەييارلىماپتىمەن.
ـ ھېچقىسى يوق، كۆڭۈل سېنىڭ بەرگەن سوۋغىتىڭدا ئەمەسقۇ، راسلا كۆڭلۈمنى ئىزلىسەڭ، مەن بىلەن ئولتۇرۇشۇمىزغا ئۈلپەتلىشىپ بەرسەڭ ـ ئۇنىڭ سۆزلىرى شۇ قەدەر تەبى يېقىملىق ئىدى.
ـ ئۇنداق دىمىگىنە، ـ مەن چامدانىمنى ئاقتۇرۇپ، ئاكام ئالدىنقى ھەپتە ئېلىپ بەرگەن قىزىل كۆينىمىنى ئۇنۇڭغا سۇندۇم :
ـ مېنىڭ كۆڭلۈم، بۇ كۆڭلەڭنى مەن تېخى بىر قېتىممۇ كىيىپ باقمىغان، ساڭا سوۋغام بولسۇن.
ـ كۆڭۈل سوۋغىدا ئەمەس دىدىمغۇ؟ مەن بىلەن ئولتۇرۇشقا بېرىشقا قۇشۇلامسەن ؟ قۇشۇلمامسەن؟
ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ پىشانىسىدىن سۈيۈپ قويدۇم، ئىلگىرى يۇرتۇمدا چاغلاردا بۇنداق ئولتۇرۇشلارغا كۆپ قاتنىشىپ تۇراتتىم، ئەمما ئۇ چاغلاردىكى مەن قاتناشقان سورۇنلار شۇنچىلىك ئەدەپلىك، ئۈلپەتلىك ئىدى، شۇڭلاشقىمۇ ئۈزەمنى خېلى ئىش كۆرگەن، دەپ ئويلاپ بۇنداق سورۇنلارنىڭ قانچىلىك خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم.
ـ چاتاق يوق.
........
گۈلشاتمۇ چىرايلىق قىز ئىدى، ئۇنىڭ يوغان كۆزلىرى بىلەن ئۇپا ـ ئەڭلىك قۇشۇلۇپ ئانچە ـ مۇنچە سىزىقچە بىلەن قارامتۇل داغ قاپلىغان چىرايىدىكى نوقساننى يۇشۇرۇپ، ئۇنى ساھىپجامال قىزلار قاتارىغا كىرگۈزۈپ قۇياتتى.
ـ ئاداش ئولتۇرۇش دەۋاتاتتىڭ، بىز بۇ قورۇغا كەپ قالدۇققۇ؟
ـ ئولتۇرۇش، سەن بايۋەتتە بىلمەيسەن، بىزدە رىستۇرانلاردا ئولتۇرغىدەك پۇل يوق، شۇڭا دوستۇمنىڭ ئۈيىگە تۈزدۇق سورۇننى.
ـ ئۇنچە قىلىپ كەتمىسەڭمۇ مەندە بارغۇ، دوسلىرىڭغا تېلغۇن قىل، بۈگۈنكى سورۇننىڭ چىقىمىنى مەن كۈتۈرىمەن ياخشىراق رىستۇرانغا بارايلى...
ـ ۋاي ياق، مۇشۇ يەردە ئولتۇرۇۋېرەيلى، ھەممە نەرسىلەر تەييار ئىسراپ بولمامدۇ..
نىمىشقىكىن كۆڭلۈم خالىماي تۇراتتى:
ـ ئەجەپ كىرگۈم كەلمەي قالدىغۇ بۇ قورۇغا...شۇنداق يېقىمسىز تۇيغۇ بېرىدىكەن.
ـ سەن مەلىكە، ھېچكىمنى ياراتمايسەن، ئەمدى بۇ قورودىنمۇ قۇسۇر تاپقىلى تۇردۇڭ، بۇ دىگەن، يىڭىدىن سېلىنغان قورۇ، شەھەرنى مەركىزىگە جايلاشقىنى كۆرمىدىڭمۇ، كۇۋادىرات مېتىرى نەچچە مىڭ يۈەن..
ـ ۋاي بولدى، بولدى...
ھەر ئىككلىمىزلا كۈلىۋەتتۇق.
4 ـ قەۋەتكە چىققاندا گۈلشات بىرىگە تېلغۇن قىلىۋىدى، ئىشىڭ ئېچىلدى. ئىشىڭ ئاچقان 24 ياشلار ئەتراپىدىكى يىگىت كىشىگە ئىللىق تەسىرات بېرەتتى. مەن ھەر ھالدا بۇ يەرگە كېلىپ پۇشايمان قىلمايدىغانلىقىمنى ھېس قىلغاندەك بولدۇم.
ـ ھوي گۈلشات، پەرىزاتنى باشلاپ كېلىمەن دەۋاتاتتىڭ، راسلا ھۆركەنغۇ، نەچچە ساتىسەن بۇ قىزنى...
مەن تېخى بايىلا ماڭا ئىللىق تەسىر بەرگەن بالىنىڭ ئاغزىدىن بۇ سۆزنىڭ چىقىشىنى ئاڭلاپمۇ باقمىغان ئىدىم.
ـ قىپقىزىل قىز دىگىنە، باھاسىمۇ يۇقۇرى.
ئۆپكە ئۆرلەپ يۈزلىرىمگە ئوت كەتتى:
ـ نىمىلەرنى دەيدىغانسەن گۈلشات، تازا قاملاشمىغان قىلىقىڭلار باركەن...
ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسى كۈلۈشۈپ كەتتى، ئارىدا گۈلشاتمۇ ئىشىڭ ئاچارمۇ بار ئىدى:
ـ بەش مىڭ دىسەم ئالامسەن؟
گۈلشاتنىڭ ئاغزىدىن بۇ گەپنى ئاڭلاپ يۈرۈكۈم قېپىدىن چىكەتكىلى تاسلا قالدى.
ـ نىمە دەۋاتىسەن گۈلشات.
ـ ھاھاھاھا، چاقچاق ئاداش چاقچاق، ھەممەيلەن چاقچاقلىشىپ قويدۇق.
ئۇ شۇنداق دىگەچ مېنى تارتىپ ئالدىدىكى كىرىسلودا بىللە ئولتۇردۇق.
ـ بۇ ياقنىڭ ئىسىمى نادىرە مەكتىپىزمىڭ گۈلى... يېڭى ئوقۇغۇچى...
ـ بۇزاي دەپ ئەكەلدىڭمۇ بۇ قىزنى بۇ يەرگە...
بۇ گەپ بىلە تەڭ گۈلشاتنىڭ گۈل كۈرىنىدىغان چىرايى باشقىچە سەتلىشىپ كەتتى...
ـ نىمە دەۋاتىسەن سابا... ئۇ شۇنداق دەپ مۈرەمدىن چىڭ قاماللاپ قويدى...مېنىڭ كۆڭۈلمۇ بىرەر شۇملۇقنى سەزگەندەك بۇ يەردىن تېزراق چىقىپ كېتىشنىڭ بىرەر ئەپچىل چارىسىنى ئىزلەۋاتاتتىم....
ـ ئاكام ياتاققا كەلمەكچى ئىدى ئاداش ئىسىمدە كەپ قاپتىمەن، بالىلار بىلەنمۇ كۈرۈشتۇق، مەن قايتاي ئاكامدىن تىل ئاڭلاپ كەتمەي يەنە.
ـ نىم بولدۇڭ ئاداش ـ گۈلشاتنىڭ چىرايىدىن خاپا بولغانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى ـ بۇنداق دەپ مېنىڭ يۈزۈمنى يوق قىلساڭ بۇلامدۇ؟ ھەممەيلەننىڭ كۈزى سەندە
ـ ئاداش مېن كەچۈر، راسلا قالالمىغىدەكمەن، ئاكامنى سەنمۇ بىلىسەن، مېنىڭ ياتاقتا يوقلىقىمنى بىلسە ...
ئۇنداق دەپمۇ بۇ يەردىن كىتەلمىدىم، بۇ يەردىن كىتەلمىگەنسىرى كۆڭلۈمدىكى شۇملۇق ۋەھىمىسى تېخىممۇ ئېشىپ باراتتى.
بۇ يەردىكى بىر نەچچە قىز ئوغۇللار بىلەن تەڭ ئولتۇرۇپ ئىچىۋاتاتتى، كۆڭۈلممۇ تېخىممۇ ئېغىپ تۇراتتى...
ئىككى جۈپ قىز يىگىت كىتىدىغانلىقى ئېتيىپ ماڭماقچى بولدى، مەنمۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ گۈلشاتقا كىتەيلى دەپ تۇرۇۋالدىم، ئەمما گۈلشات باياتىقى ئىشىك ئاچار ئۇنى ئىسمى ئېرپان بىلەن دىيىشىدىغان ئازراق پارىڭى بارلىقى 10 مىنۇت ئولتۇرۇپ بېرىشىنى ئېتىپ تۇرۇۋېلىپ ئۇلار بىلەن تەڭ ئىشىكتىن چىقالمىدىم. ئەمدى بۇ ئۆيدە مەن گۈلشات يەنە ئىرپانلا قالدى، بەش مىنۇت ئۈتۈپ كەتكەن بولسىمۇ گۈلشات بىلەن ئىرپاننىڭ پارىڭى باشلانغاندەك ئەمەس ئىدى:
ـ گۈلشات مەن ئىشىكنىڭ ئالىدا ساقلاپ تۇراي، سىلەرنىڭ گىپىڭلار تۈگۈگەندە ئىشىڭنىڭ ئالدىغا چىق بىللە ماڭايلى...
گۈلشات دەرھال ئاغزىنى تۇرۇپ ئىشىك تەرەپكە يۈگۈردى، ئۇنۇڭ تۇرقىدىن ياندۇرماقچى بولغاندەك تۇراتتى، مەن دەرھال بېرىپ ئۇنى يۈلىدىم. ئۇ ماڭا قاراپ ئىللىق كۈلۈمسىرەپ :
ـ مېنى ئىچىدە بەش مىنۇت ساقلاپ تۇر، مەن ھازىرلا چىقىمەن، دەپ ئۇدۇلدىكى ئىشىكتىن كىرىپ كەتتى...
ـ كېلىڭ، ـ ئىرپاننىڭ سۆزلىرى ئىلمىي ئىدى ـ ئىچىدە ساقلاپ تۇرايلى، گۈلشاتنىڭ ئازراق ئىشى باركەن.
ئۇ شۇنداق دەپلا ئىشىكنى تاقىۋالدى.
ـ ھەي نىم قىلىۋاتىسىز.
ـ ئۇنىڭ ئاۋازى كۈچلۈك ھەم سىللىق ئىدى. مەن چىرايىمغا زورىغا كۈلكىگە يۈگۈرتۈپ:
ـ مەن يەنىلا ئىشىك ئالدىدا ساقلاپ تۇراي
ئۇ بېرىپ ئىشىكنى چۆرىۋەتتى، سى ئەمدى چىكىتەلمەيسىز؟
ئۇنىڭ گەپلىرى يۈرۈكۈمنى سۇغۇرۇۋالغاندەك قاتتىق ئىدى
ـ نىمىشقا؟
ـ گۈلشات سىزنى ماڭا سېتىۋەتتى...
ئىشەنگىم كەلمىسىمۇ ئىشەنمەسلىككە ئامالىم يوق ئىدى.
ـ سىلەر نىمىشقا ماڭا بۇنداق مۇئامىلە قىلىسىلەر؟
ـ ئامال يوق، بۇ سىزنىڭ ساددىلىقىڭىز، دوستىڭىزغا شۇنچە ئىشەنگەندىن كېين مۇشۇنداق بۇلىدىغان گەپ.ـ ئۇ شۇنداق دىگەچ كىرىسلوغا يۈلۈپ تاماكىدىن بىرنى تۇتاشتۇردى.
ـ سىز بەك ساددىكەنسىز، ھازىر قىزلاردا ۋاپا يوق، بىز ئوغۇل بالا تۇرۇپ قىزلارغا ئىشەنمەيسىز، سىز قىز بالا تۇرۇپ قىز بالىنى چۈشەنمەمسىز؟
تۇيۇقسىز كۆزلىرىمگە يىغا ياماشتى، قانداقلارچە تىزلىنىپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن:
ـ ئاكا ئۈتۈنۈپ قالاي، مەن سىزنىڭ سىڭلىڭىزغا ئوخشايمەن، مەن سىزگە پۇل بېرەي، مېنى چىقىرۋېتىڭ بۇلامدۇ؟
ئۇنىڭ يېقىمسىز كۈلكىسى بىلەن قوپال قولىرى مۈرەمدىن قاماللىدى:
ـ كىيىملىرىڭىزنى سېلىڭ.
ـ نىمە؟
دەرھال ئۈزۈمنىڭ قاچۇرۇپ ھاجەتخانا تەرەپكە ئۈتۈۋالدىم، قانداقلارچە ھاجاتخانا ئىچىگە كىرىپ ئىشىكنى تاقىۋالغانلىقىمنىمۇ بىلمەيمەن، قۇللۇرۇم تېلغۇندا ئاكامنىڭ نۇمۇرىنى ئىزلەيتى...
ـ ۋەي ئاكا، مەن نادىرە،،، ئاۋازىمدىمۇ قۇرقۇنۇش ئارلاشقا يىغا بار ئىدى.
ـ نادىرە ساڭا نىم بولدى... ـ ئىشىڭنى قوپال ئۇرۇپ جالاقلاۋاتقان ئاۋازىنى ئاڭلىغان بولسا كېرەك ...
ـ نادىرە سەن نەدە
ـ مەن مۇشۇ ئۆينىڭ ئادىرىسىنى بايا كەلگەندا گۈلشاتنىڭ ئاڭلىغىنىم بويىنچە ئېنىق دەپ بەردىم...
شۇنداق ئۇ كۈنى ئاكام بىر نەچچە ئاغىينىلىرىنى باشلاپ كېلىپ مېنى بۇ يەردىن ئېلىپ كەتتى، گەرچە مەن ھېچقانداق يامانلىققا ئۇچرىمىغان بولساممۇ يۈرۈكۈم ئېغىر يارلاندى، نەچچە كۈنگىچە ھۇشۇمنى ئالالماي دوختۇرخانىدا ياتتىم...

ئاخىرى بار..،

خىزمىتىم سەل ئالدىراش بوپ قالغاچقا بىراقلا يوللاشقا ئامالىسىز قالدىم، ئاخىرىنى دۈشەنبە كۈنى يوللايمەن، خۇدا خالىسا...

ئۇنتۇشنىڭ تەس بۇلۇشىدىكى سەۋەپ ـــ سىزنىڭ ئۇنتۇشنى خالىمىغانلىقىزڭىزدا...

ھەق-ناھەق ئالدىد

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10784
يازما سانى: 478
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9064
تۆھپە نۇمۇرى: 436
توردا: 5442 سائەت
تىزىم: 2010-9-18
ئاخىرقى: 2011-12-13
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-6 09:18:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي نىمانداق قورقۇنۇچلۇق ،،خۇدا ساقلىسۇن جۇمۇ ،قوينۇمدىن چايان چىقتى دىگەندەكلا

مەندە گۇناھ يوق!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3585
يازما سانى: 389
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11995
تۆھپە نۇمۇرى: 696
توردا: 1515 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2014-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-6 09:20:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي !!!!! نېمىمۇ دېگىلى بولسۇن بۇ ئىشلارغا .... مۇنبەردە تەنقىدلەپ ئەسەر يازدۇق، ژورناللاردا تەنىقىدى ئەسەرلەرمۇ چىقتى. نېمىمۇ دەرمىز ئەمدى؟

قان بىلەن يازىمەن...

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12382
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32424
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4448 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-6 09:38:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى چىققاندا بىراقلا بېرەي باھانى....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

سىنى ئەمدى قەدىر

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8222
يازما سانى: 519
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9462
تۆھپە نۇمۇرى: 360
توردا: 5484 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2013-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-6 11:48:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇغ اللاھ ئۇنداق دوستلاردىن يىراق قىلغىن ، نىمىدىگەن پەس نىمە ئۇ ، لەنەت ساڭا ؟  [s:176] ،،،،،،، سەنمۇ ئادەممۇ ؟
ياخشى چىقىپتۇ ، قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن

jula 0997  misranimdiki barl

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13458
يازما سانى: 768
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9830
تۆھپە نۇمۇرى: 408
توردا: 1745 سائەت
تىزىم: 2010-10-11
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-7 12:12:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىغا تەشنامەن سۇبات . تىزراق بۇلارسىز ھە تەقەززا قىلماي .

ئى ئاللاھ،بىلىپ-بىلمەي ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىمنى مەغفىرەت قىلغايسەن،ماڭا شۇنداقلا بارلىق مۇسۇلمان مۆئىمىنلەرگە ئىمان ئاتا قىلغايسەن،ئامىن!!!...

قېرىماس نەرسە يو

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16512
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7069
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 670 سائەت
تىزىم: 2010-11-6
ئاخىرقى: 2010-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-7 01:32:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇڭا قىز بالىنىڭ دوستى  يوق   دىگەن گەپكە مەن  بەكلا  ئىشىنىمەن  ھەي...........     بىر دوستۇمدىن  كۆڭلۈم  ئازار  يەپ   دوسلۇققا  ئشەنمەسلا   بولدۇم    بىز  قىزلار  راسلا   بەك  ساددا  ........   خۇدايىم   ساخلىسۇن ھەممەيلەننى .....    رەخمەت  سىزگە .

مىھرىئاي

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11356
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8314
تۆھپە نۇمۇرى: 393
توردا: 91 سائەت
تىزىم: 2010-9-24
ئاخىرقى: 2011-7-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-7 02:28:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىقىپتۇ ، قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14865
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8763
تۆھپە نۇمۇرى: 393
توردا: 376 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-7 03:46:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نېمىمۇ دەرمىىز ئۇنداق پەسكەش قىزلارغا.....

رەنجىمە كۆڭلۈم!

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8930
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8153
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 226 سائەت
تىزىم: 2010-9-2
ئاخىرقى: 2015-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-7 03:51:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسەر كۆرگەندە ھىسياتنى ئىپادىلەشتىن بۇرۇن نۆۋەتتىكى مەسىلىدىن ئۆزىمىزنى قانداق قاچۇرۇش ۋە قانداق تەرىقىدە ئاكتىپ بولۇشنى ئويلايلى قېرىنداشلا!

تېرمنى سويۇشۇم ھاۋانىڭ ئىسسىقلىقىدىنمۇ؟
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش