مۇشائىرەگە چاقىرىق!
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ئەزىز مىسرانىم ئىشتىراكچىلىرى، ئالدى بىلەن ھەممىڭلارنىڭ تىنىڭلارنىڭ سالامەت، تۇرمۇشۇڭلارنىڭ خوشال-خۇرام، ھەربىر كۈنلىرىڭلارنىڭ مەنىلىك ئۆتىشىنى ئۇلۇغ ئاللادىن تىلەيمەن. ئۇنۇڭدىن باشقا يەنە، مۇشۇ مىسرانىم تورنىڭ قۇرغۇچىسى ئابابەكرى ئاكىمىز بىلەن مىسرانىم تورى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ خىزمەت قىلىۋاتقان بارىلىق مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرىغا ئالى ئىھتىرام بىلدۈرىمەن.
ئەمدى گەپكە كەلسەك، مۇنبەرنى بىردەم بولسىمۇ ئاۋاتلاشتۇرۇش ئۈچۈن، مەن تۆۋەندىكى شېئىرىم بىلەن مۇشائىرەنى باشلىسام، كۆپچىلىكنىڭ مۇشۇ تىمىدا، بىر كۇبلىتتىن بولسىمۇ مۇشائىرەگە ئىشتىراك قىلىپ، كەلمىگەن ئىلھاملارنى كەلتۈرىشىنى ئۆمۈت قىلىمەن. باشلىدىم ئەمسە!
ئاق كۆڭۈل بىلەن دانا كۆپ مىسرانىمنىڭ مۇنبىرىدە،
ئەل-مىللەتكە ئەڭ سادىق ھەر بىر ئەزالار سۆزىدە.
تىرىشايلى تورداشلار ! زەپەر قۇچسۇن مىسرانىم،
يولتۇز بولۇپ چاقنىسۇن كۆرەلمەسلەر كۆزىدە.
ياخشى ئىشنى تەشۋىق قىلىپ يامىنىنى قامچىلار،
پىسخىكىڭىززنى دەپ بىرەر بەكمۇ كۆپتۇر پالچىلار.
سىزگە ھوزۇر بىرىدۇ ناخشا، ئىتۇت، چاقچىغى،
ھەربىر ئەسەر تىمىدىن مېھنەت تەرى تامچىلار.
كومپىيوتورنى ئاچسىڭىز مىسرانىمنى ئۇنتىماڭ،
پايدىسى يوق تىمىنى ھەرگىز ھەرگىز يوللىماڭ.
بىر تىمىڭىز ئۆچۈرلۈپ چىقماي قالسا ئەگەردە،
مەغلۇبىيەتكە تەن بەرمەي يىزىشتىنمۇ توختىماڭ.
بىزنىڭ قايناق مۇنبەردە ئادەم دىگەن باس-باس،
ئىشەنمىسەڭ كۆرۈپ باق دەيسەن چوقۇم راس-راس.
بۇ مۇنبەردىن ئايرىلسام قالىمەن ئۆلگىلى تاس-تاس،
بۇ شېئىرىم ئۈچۈن مىسرانىم ماڭا مىداللار ئاس-ئاس.