A B S D E F G…..
:Aئاھ ئۇرۇپ ھەسرەتتە قالدىم، ئۇنتۇلۇپ مەن بارىنى،
:Bبىر سەنەم ئۆتكەندە ياندىن، يەلپۈتۈپ ئۇز ساچىنى.
:Cسارغىيىپ شۇندىن بۇيان، زەپىران بولدى بەدەن،
:Dدەردىغەم كەلدى باشىمگە، كۆرمەيىن دىلدارىنى.
:Eئېپ كىتەر بولسا ئەجەل، خۇش بۇلۇپ ھەشقاللا دەي،
:Fفونتان بۇلۇپ تاشار ئاھىم،ئويلىسام دىل يارىنى.
:Gگۈلمىكىن گۈل يۈزلىرى، بۇلبۇلنى خۇنزىر ئەيلىگەن،
:Hخىنە قويغان قوللىرىگۈل، ئۇزقىلىپ رۇخسارىنى.
:Iئىككى دۇنيالىق تىلەگىم ،باشىمگە بىر ئۇرسا قىلىچ،
:Jجانىم بىلەن ئەيلەپ جاۋاپ، كۆرسەم ئۇ دىلبەرىنى.
:Kكى ئۇنىڭسىز بۇ جاھان،بولدى ماڭا ۋەيلۇن دۇزاق،
:Lلال قىلىپ جانۇ تىنىمنى ،ئاتسابىر كۆز نازىنى.
:Mمەن غېرىپ مىسكىن بىچارە، ياريۇلىغا تەلمۈرگەن،
:Nنى بالالار ئۆتتى باشتىن، ئىزلەپ ئۇ سەكپارىنى.
:Oئوتتا كۆيدۈم سۇدا ئاقتىم، تاغ دالا دەشتلەر كېزىپ ،
:Pپۇتلىرىم ئىزدەر يەنە ئۇ، كۆزلىرى خۇمارىنى.
:Qچاك- چاك بولغان يۈرەگىم،بىر قېتىم يايرار ئىدى،
:Rرەھمە ئەيلەپ قادىر ئاللا، كۆرسەتسەبىر دىلدارىنى.
:Sسەراتان سەراپ كەبى، ئازدۇردى بۇ سۆيگۈ يولى،
:Tتاڭ ساباسى بەرمىدى، ياردىن ۋىسال خەۋەرىنى.
:Uئۇزلىقى بەرنالىقى، ئۇتسا كۈڭىلنىڭ مەيلىنى،
:Wۋىجدانى ساپ دىللىقى ،چەكتى يۈرەكنىڭ تارىنى.
:Xشۇل سەۋەپتىن باغلىنىپ، يار زۇلپىغا زەنجىر كەبى،
:Yيازىمەن يارغا ئاتاپ ،بۇ قۇشاق داستانىنى.
:Zزىنداندا ياتسام يار بىلەن، توي ماڭا ئۆتكەن كۈنۈم،
:غاردا ياتقان شىر كەبى قوغداپ گۈلىم گۈلنازىنى.
مەنبە:
qartikin