yasenm يوللىغان ۋاقتى 2015-7-29 10:43 PM ![]()
شادىمانىيۇ نىم بوپتۇ . كۆردىغاننى كۆرۇپ ،كۇلدىغاننى ك ...
ناھايىتى دۇرۇس گەپ قىپىسىز. ئۆزىمىز قىلالمىغاندىكىن، باشىقىلار قىلغان ئىشلارنىڭ ئانچە-مۇنچە ئارتۇقچىلىقىنىمۇ تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ، ئاندىن خاتا كەتكەن يەرلىرىنى چىرايلىق سۆزلەر بىلەن تەنقىدلىسەك، ئۇلارمۇ خاتالىقىنى تۈزىتىدۇ. بىز ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن ئەدەپ-ئەخلاقلىق بىر مىللەت بولغاندىكىن، باشقىلارنىڭ خاتالىقىنى تەنقىدلىگەندە چىرايلىق سۆز ئىبارىلەرنى ئىشلىتەيلى قېرىنداشلار. خاتالاشمايدىغان ئىنسان يوق، لېكىن ھاقارەتلىك سەت گەپلەر بىلەن تۈزىلىدىغان ئادەم ناھايىتى ئاز.
مۇشۇ مۇنبەردە سەت گەپ-سۆزلەر بىلەن بىر-بىرىنى ھاقارەتلەپ ئىنكاس يازىدىغان تورداشلار ماڭا تولىمۇ مەدەنىيەتسىز كىشىلەردەك تۇيۇلىدۇ.