رۇبائىيلار
ئەخمەتجان مەمتىمىن ( ئەلىشىر 13 )
قوندۇرساڭ ئۆزۈڭگە ھۇرۇنلۇق دېغى ،
قۇرۇيدۇ ئۆمرۈڭنىڭ گۈلىستان بېغى .
بىلىمنى ئىرادە ئوتىدا تاۋلاپ ،
چاينىغىن تۆھپەڭنىڭ قايمىقى ، يېغى .
داۋانلار ئۈمىدنىڭ سۇلماس تومۇرى ،
جەسۇر ئەر ئەل – يۇرتنىڭ ۋىجدان – غورۇرى .
ئىدىرلىق يوللارغا تىز پۈككەنلەرگە ،
نۇر چاچماس شەرەپنىڭ ساخاۋەت نۇرى .
ئەركەككە لازىمى ۋىجدان ۋە غورۇر ،
. ياشايدۇ شۇندىلا سالماق ۋە مەغرۇر
ۋىجدانسىز، نامەردلەر ئۆتەر خارۇ – زار ،
تولمايدۇ ھاياتى مەنا ۋە ھوزۇر .
بىلىمنىڭ بۇلىقى چەكسىز ئوكياندۇر ،
كىتابتۇر ئىنسانغا سۇلماس قالقاندۇر .
سەرخىل كىتابلارنى ئوقۇيلى تاللاپ ،
قاغجىرغان قەلىبكە روھىي داۋادۇر .
ئادەمدىن كەتسە گەر ئەخلاق ۋە ھايا ،
ئورنىغا كېلىدۇ تۈگىمەس بالا .
ۋىجداننى يوقاتقان ئىنساننىڭ ھامان ،
ھايۋاندىن قىلچىلىك پەرقى يوق گويا .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alixir13 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-7-2 09:32 PM