رەھمەتلىك ئاپام مارىيە ئابلىز
روشەن ئابباس
1938-يىلى18-مارت كۈنى رەھمەتلىك ئاپام مارىيە ئابلىزنىڭ دۇنياغا كەلگەن كۈنى ئىدى. خۇددى ئۇ ھايات ۋاقتىدا بۇ قۇتلۇق كۈننى ھەرقېتىم تەبرىكلىگىنىمدەك، ئۇ ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كەتكەندىن كېيىنكى يىللاردىمۇ ھەر يىلنىڭ بۈگۈنىدە ئۇنىڭغا ئاتاپ بىرەر مەرسىيە يازىمەن ياكى ئاز-تولا قەلەم تەۋرىتىپ قەلبىمدىكى ھەسرەتنى تۆككۈم كېلىدۇ. بۇ 18-مارت ئۇنىڭ ۋاپات تاپقىنىغا دەل 11 يىل بولغان كۈن ئىدى.
ئۇ بىرمەسئۇلىيەتچان ئانا ئىدى، ئۇ سەرۋى قامەتلىك، مېھرىبال بىر ئايال زاتى، يەنە مەسئۇلىيەتچان، كەسىپتە پىشقان بىر دۇختۇر ئىدى. ئاپام دۇنيادىن مەڭگۈلۈك ئايرىلغان چاغدا، ئەينى ۋاقىتتىكى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى ھۆرمەتلىك يۈسۈپ ئەيسا ئەپەندىم ئاپام ھەققىدە گەپ قىلىپ: «بۈگۈن ساخاۋەت ئاسمىنىدىن بىر يۇرۇق يۇلتۇز ئۆچتى» دەپ تەسۋىرلىگەن ئىكەن. بەئەينى قەدىدى ئىگىز دەرەخلەرمۇ تۇپراققا مۇھتاج بولغىنىدەك، ھەرقانچە ئوتقاشتەك قىزىلگۈلمۇ قۇياشقا مۇشتاق بولغىنىدەك، ھاياتلىق سۇسىز مەۋجۈت بولمىغاندەك، ھاۋا بولمىسا نەپەس ئالغىلى بولمىغاندەك، ھەر بىر ئىشتا ئاپامغا ئېھتىياجلىق بولدىغىنىمنى ھىس قىلاتتىم. ئۇ ئاق لالە گۈلنى ياخشى كۆرەتتى ۋە ئاشۇ گۈلدەك ساپ، گۈزەل ئەمما ئاددى ۋە مەغرۇر ئىدى. ھاياتىمدا ھەرزامان ماڭا جاسارەت بېغىشلايتتى، قەدىر قىممەت ۋە شان-شۆھرەتنىڭ قانداق قولغا كېلىدىغىنىنى ئۈگىتەتتى. ئۇ قەلبى بىلەن مەن ھېچكىمگە ئېيتىپ باقمىغان سىرلىرىمنى، ئارمانلىرىمنى ھىس قىلىۋالالايتتى، ماڭماقچى بولغان يوللىرىمنى نۇرلاندۇراتتى. ئۇنىڭ مېھرىبانلىقى ھاياتتا تاللىغان نىشانىمغا يېتىش يولۇمدا ماڭا ئىلھام ۋە مەدەت بولدى. ئۇ ماڭا ھۆرمەتلىنىشنى ئۈگەتكەن، ئۇنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشلىرى ماڭا قەددىمنى تىك تۇتۇپ، بېشىمنى ئىگىز كۆتۈرۈپ ياشاشنى، كۆز ياشلىرىمنى قەيسەرلىك بىلەن سۈرتۈشنى ئۈگەتكەن ئىدى. ئۇ ھاياتتا ھەر زامان مېنىڭ ھەممە نەرسەم----دوستۇم، قېرىندىشىم، ئىچ سىردىشىم، سەبدىشىم.... ئىدى. ھالبۇكى، ئۇنىڭ ئورنىنى ھېچكىم، ھېچبىر ئىنسان تولدۇرالمايتتى! قەلبىمدە ھەسرەتلىك بىر نىدا چۇقان سالماقتا: --جېنىم ئاپا! ---مەندىن ئەنسىرىمىگىن، تنچلىق ئىچىدە خاتىرجەم پېتى جەننەتۇل فىردەۋسلەردە بولغىن، سالھىلارنىڭ، مۆمىنلەرنىڭ، مەن ۋە باشقا پەرزەنتلەرنىڭ دۇئالىرىدابولغىن. ئاللاھىم سېنى رەھمەت نۇرىغاچۈمكەپ، جەننەتتىن ئىبارەت مەڭگۈلۈك نىئامەتتىن بەھرىمان قىلغاي.
ئۇ تۇغۇلغان بۇكۈننىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن، ئۆزەم ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان بۇ كۈينى ئۇنىڭغا سوغا قىلدىم: جەننەتتىكى كۆز يېشى
ئېرىك كلاپتون
(ئېرىك كلاپتون بۇ ناخشىنى نيويوركتىكى ئىگىز بىربىنادا تۇرۇۋاتقاندا ئوغلىغا ئاتاپ يازغان. ئەينى چاغدا ئۇنىڭ 4 ياشلىق ئوغلى چوڭلار دىققەت قىلماي قالغاندا ئۆينىڭ بالكونىدىن پەسكە چۈشۈپ كېتىپ ئۆلۈپ كەتكەن. ئۇ ئۆز يۈرەك پارىسىنىڭ ئۆلىمىگە قايغۇرۇپ، چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن بۇ ناخشىنى ئۇنىڭغا ئاتاپ يېزىپ چىققان ئىكەن)
بىلەرسەنمۇ ئىسمىمنى مېنىڭ، گەر جەننەتتە قالساق ئۇچرىشىپ، بۇرۇنقىدەك بولارمۇ ئۇ پەيت، گەر جەننەتتە قالساق ئۇچرىشىپ؛
شۇ ئېنىقكى، مەن بۇندا تېخى، ھەم باقمىدىم جەننەتكە كىرىپ، ياشاش كېرەك يەنە تىرىشىپ، قوللىرىمغا ئېسىلار سەنمۇ؟ گەر جەننەتتە قالساق ئۇچرىشىپ؟
كۈچ بولارمۇ ماڭا سىماھىڭ؟ گەر جەننەتتە قالساق ئۇچرىشىپ؟ تەمتىلەيمەن كۈندۈز ۋە كىچە، ئىنتىلىمەن نىشانىم تامان، ۋاقىت ئۆتەر، قەلبىم ھەسرەتتە، مەن ئەمەسمەن تېخى جەننەتتە؛
ئىشىنىمەن ئاچسام ئىشىكنى، تنىچ بىر جاي ئۇنىڭ قارشىسى، بىلىمەن ھەم، بولسام يېنىڭدا، كۆز ياشلىرىم تۈگەرمۇ ئۇندا؟
ناخشىنىڭ ئەسلى تېىستى:
;Tears in Heaven By Eric Clapton
?Would you know my name if I saw you in Heaven
?Would it be the same if I saw you in Heaven
,I must be strong and carry on
.'Cause I know I don't belong here in Heaven
?Would you hold my hand if I saw you in Heaven
?Would you help me stand if I saw you in Heaven
,I'll find my way through night and day
.'Cause I know I just can't stay here in Heaven
.Time can bring you down; time can bend your knees
.Time can break your heart, have you begging please, begging please
,Beyond the door there's peace I'm sure
.And I know there'll be no more tears in Heaven
يۇكۇ دىكى ئادرىسى:
http://v.youku.com/v_show/id_XOTE0NTkxNTE2.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا mamtimin6 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-18 03:44 PM
|