ئىنىمغا
ھەسەنجان ئۆمەر
يېگىرمىدىن ئېشىپ كەتتى يېشىڭ ئىنىم.
قاچانغىچە ئاق-قارىنى بىلەلمەيسەن.
سەن تۈپەيلى بارچىمىزنىڭ يۈرىكى قان،
نەسەۋەپتىن شۇ قىماردىن كېچەلمەيسەن؟
<<ياخشى سۆزدىن تاشمۇ ئىرۇر>>دەپ ئاڭلىغان،
بىراق تاشتىن قاتتىق ئىكەن سېنىڭ دىلىڭ.
ياخشى سۆزنى ئاڭلىمايسەن،گەر كايىساق،
<<مەن ئۆلەي>>دەپ قورقىتىسەن تۆكۈپ يېشىڭ.
ھېچ ئېۋەنسىز قاۋۇل يىگىت ئىدىڭ ئەسلى،
بارا-بارا چېھرىڭ سامان رەڭگىن ئالدى
يانمىغاچ سەن ئۆيگە بەزەن كېچىلىرى،
ئىزدەپ ھەريان تۇققانلارنىڭ پۇتى تالدى.
بىر كۈنىسى ئاتاڭ ئازراق كايىپ قويسا،
گۆلەيدىڭ-دە،ئاتاڭغىمۇ شۇئان ياندىڭ.
بۇنى ئاز دەپ ئەي ۋاپاسىز، تۇزكور ئىنىم،
ئەتىسىلا يانچۇق كولاپ ئېلىپ قاچتىڭ.
شۇندىن بىرى گەپ-سۆز ئاۋۇپ مەلىمىزدە،
چىدىغۇسىز ئاھانەتكە پېتىپ كەتتۇق.
<<تاياق ياندىن،گەپ-سۆز جاندىن>>دېگەن راستكەن،
يۈرەك زەرداپ ،بولۇپ بىمار يېتىپ كەتتۇق.
بىزنى تاشلاپ كېتىشكە سەن چىدىساڭمۇ،
بىز تۇققانلار ساڭا يەنە چىدىمىدۇق.
قەيەلەردە تېنەپ يۈرەر ئىنىمىز دەپ،
شۇئان ئىزدەپ ھەر قاياققا يۈرۈپ كەتتۇق.
ئاخىر تاپتۇق ئىنىم سېنى توختىتىشتىن،
بىزگە قاراپ كۆزلىرىڭدىن ياش تۆكۈلدى.
قانۇن سوتى چۈشۈرىپتۇ سېنى تورغا.
قىلمىشلىرىڭ ئاڭلاپ شۇئان دىل ئۆكۈندى.
بەختىڭ ئىزدەپ يەنە نىجىس شۇ قىماردىن،
پالاكەتنىڭ پاتقىقىغا پېتىپ قاپسەن.
ئۆيدىن ئېلىپ قاچقان پۇلنى دوغا تىكىپ،
ئۆزگىلەرنىڭ يانچۇقىغا قولمۇ ساپسەن.
ئاڭلا ئىنىم،ھايات دېگەن بىر كېلىدۇ،
شۇ ھاياتنى قەدىرلەشنى بىلىش كىرەك.
يامان ئىشتىن قولنى ئۈزۈپ،ھالال مېھنەت-
تۇلپارىغا مەھكەم يۈگەن سېلىش كىرەك.
ئۈمىدىمىز،دوستلارنىڭ ھەم ئۈمىدىدۇر،
كىرنى يۇيۇپ پاكىز ئادەم بولغىن ئەمدى.
تۇققانلىرىڭ يەنە ئىللىق قۇچاق ئاچار،
ئېسىل ئەخلاق دەرياسىدا ئۈزگىن ئەمدى.
مەنبە؛ئىجادىيىتىم