ئۆز يارىڭ
كۆرۈنمەس ئېگىز تاغ ھەرگىز يىراقتەك،
قارىسام شۇنىڭغا ئىشقى -پىراقتەك .
ئۆزگىلەر قېشىدىن سورايسەن ئىشىق،
ئۆز يارىڭ بار تۇرسا يانداچىراقتەك .
جاۋاھىر سانىدىڭ باشقا بەرسە تاش،
ئەمەنلا تېتىدى جۈپتۈڭ ئەتكەن ئاش.
پۈكۈلدى ئۆزگىلەر ئۈچۈن قامىتىڭ،
ئۆزيارىڭ يەنىلا سەن دەپ تۆكەر ياش.
كىيىمگە،ئويۇنغا چىقار ياندىن پۇل ،
ئەسكەرتەر ئۆز يارىڭ-ھەي بۇ خاتا يول.
ئىشرەتنىڭ قوينىدا رازى ھەممىگە.
بىرەر رەت يارىڭغا سۇنماي دەستە گۈل
ئىزدەيسەن لالمىدەك كوچىدىن سۆڭەك،
كۆيىسەن باشقىغا بۇ قانداق يۈرەك .
ياشلىقىڭ،بايلىقىڭ ئەمەسم بەخشەندە،
يەنىلا ئۆز يارىڭ مەڭگۈ يار يۆلەك
.
ئۇ بىلدى ئەر سېنى يېرىم خۇدا دەپ.
تىلەيدۇ ئىنسابى كىلەر بۇدا دەپ .
ئۆزگىلەر ئەل قىلماس بىرتال چېچىنى،
قارغايدۇ بىر كۈنى خۇدا ئۇرا دەپ .
ئۆزگىلەر مال-دۇنيا پۇلۇڭغا ئاشىق،
يەپ ئىچىش ،تاماشا،گۈلۈڭگە ئاشىق.
ئۆز يارىڭ نامازدا قىلىدۇ دۇئا .
كۆڭلۈڭگە،مېھرىڭگە يولۇڭغا ئاشىق .
ئەپچىلەم ئىجادىيىتى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ap~qilam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-7 06:45 PM