|
|
|
|
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم مىسرانىم تورىدىكى بارلىق تورداش دوستلار ،يېڭى تورداش دوستىڭلار كەمىنە لاھىيەدىن ھەممىڭلارغا چوڭقۇر سالام....
تور دۇنياسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ تارقىلىش سۈرئېتى تىز ھەم كەڭرى بولغاچقا ، مىسرانىم مۇكاپاتلىق لاھىيە پائالىيتى خەۋىرى يولنى يىراق كۆرمەي بىزنىڭ مەكتەپلەرگىچە يىتىپ كەلدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزۈمنىڭمۇ مۇشۇ كەسپكە نىسبەتەن ئالاھىدە ئىشتىياقىم بولغاچقا ئەسەرلىرىمدىن بىر نەچچە پارچىسنى ھوزۇرىڭلارغا ئالغاچ كەلدىم.
لاھىيە ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە :
ئىشلىتىلگەن قوراللار :AiبىلەنPs .
لاھىيە ئۇسلۇبى ھەققىدە :
1-خىل لاھىيە :رۇسلان شىركىتىنىڭ بىزگە بېرىلگەن ئېنىقلىمىسىغا ئاساسەن ، كامېرانى R شەكىلدە ئىپادىلەپ ئاستىغا لاتىنچە ھەم ئۇيغۇرچە رۇسلان دىگەن سۆز كىرگۈزۈلدى ، بۇ بەلگىنىڭ قوللىنىشچانلىقى كۆپ بولۇپ، ۋاقتى كەلگەندە مۇشۇ بەلگىدىن پايدىلنىپ قىسقىغىنە تەشۋىقات شەكىلدىكى كارتون لاھىيلەشكىمۇ بولىدۇ.
2-خىل لاھىيە : 1- خىل لاھىيە ئاساسىدا ئۆزگەرتىپ لاھىيلەنگەن بولۇپ بۇنىڭدا ئاساسلىقى بۇخىل لاھىينىڭ ئۆزگەرتىشكە قولايلىق بولدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ . (ناۋادا كىيىنچە كارتون ئىشلەش توغرا كەپ قالسا ھەرخىل شەكىللەرنى چىقىرىپ پايدىلنىشقا بولىدۇ. )
3-خىل لاھىيە :بىۋاستە لاتىنچە R ھەرپىنىڭ كۆركەم ئىپادىلنىشى بولۇپ ، ئادەمنىڭ كۆزىگە كۆركەم ھەمدە ئازادە كۆرىندۇ دەپ ئويلاش ئاساسىدا لاھىيلەندى.
4-خىل لاھىيە : ئەمدى بۇخىل لاھىيگە كەلسەك ،بۇخىل لاھىيە بىرخىل ئاددىي كۆرىندىغان بولۇپ ھەرخىل تەگلىكلەردە رەڭ ئۆزگەرتىپ ئالماشتۇرۇشقا ئەپلىك . ئۇنىڭ ئۈستىگە قىرلىرى ئاز بولغاچقا تۇنجى كۆرگەن ئادەمگە بىرخىل ئىللىق كەيپىيات بېغىشلايدۇ .
مۇنبەرگە رەسىم يوللاش چەكلىمىسى بولغانلىق سەۋەبىدىن بىرقىسىم مەزمۇنلار چالا يوللىنىپ قالدى كىيىنچە مەزمۇنلار تولۇقلاپ يوللىۋىتەي...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا لاھىيە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-5 07:11 PM
|
|
|
|
|
|