ئابدۇشۈكۈر قاسىم
تۈگىمەس خىزمەت
(تېيىپجان ئېليۇپنىڭ«تۈگىمەس ناخشا»سىغا تەقلىد )
ھەر كۈن ئالدىراش چېپىپ يۈرۈيمەن،
خىزمەت،خىزمەت دەپ ئويناپ كۈلەلمەي.
بىر پەللىنى كۆزلەپ ماڭىمەن،
ئاۋارىمەن تېخى يىتەلمەي.
بۈگۈن ئاخشاممۇ ئشلەۋاتاتتىم،
كومپىيۇتېردا ماتېرىيال يېزىپ.
بىر چاغلاردا ئىشىك غىچىلداپ،
كايىپ كەتتى جان دادام كىرىپ.
-ئشلەيدىكەنسەن ھەر كۈنى شۇنداق،
ماشىنىمۇ سەن دەم ئالمايدىغان.
ياكى ئادەمگە ئۇيقۇ بەرمەيسەن،
قانداق خىزمەت بۇ تۈگىمەيدىغان.
كايىما دادا سەنمۇ بىر چاغدا،
بىلسەم خىزمەت دەپ ئۇخلىمايدىغان
سەنمۇ ئىشلەپ تۈگىتەلمىگەن ،
شۇنداق خىزمەت بۇ تۈگىمەيدىغان.
ئىجادىيىتىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئا.قاسىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-2 10:21 PM