|
|
|
|
بىز يۇلغۇن
بۇلبۇلنى باغلاردىن قوغلىغانمۇ بىز،
قۇزغۇننى باغلارغا باشلىغانمۇ بىز.
ھۇقۇشنى بەس-بەستە ماختاپ ئۇچۇرۇپ،
ئەنقانى قەپەزگە تاشلىغانمۇ بىز.
بۈركۈتنىڭ پىيىنى قىرقىغانمۇ بىز،
ھۆپۈپنى لاچىن دەپ ماختىغانمۇ بىز.
تۈلكىگە توخۇنى كۆرسىتىپ قويۇپ،
بۆرىنى قوتانغا باشلىغانمۇ بىز.
نەپ ئۈچۈن ۋىجداننى،غورۇرنى سېتىپ،
چىرىتىپ پاك روھنى بۇلغىغانمۇ بىز.
بىر نىيەت،مەخسەتتە توۋلىشىپ ‹‹ھۇررا!››،
چىلبۆرە،تۈلكىنى قوغلىغانمۇ بىز.
ئازغىنە نەپنى دەپ شەيتان چالسا داپ،
بەسلىشىپ ئۇسۇلنى ئوينىغانمۇ بىز.
بولدى بەس ياشايلى ئەجدادىمىزدەك،
ئوت يۈرەك ئەجداتلار پۇشتىدىنغۇ بىز.
|
|
|
|
|
|