كانادا BMG گوروھىنىڭ باش لىدىرى Nick Barisheff چەت-ئەل ۋاستىللىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنۇلارنى دىدى: بۇنىڭىدىن بۇرۇنقى ئىقتىسادى ئەھۋاللار بىلەن يەر شارىنىڭ ھازىرىقى ئىقتىسادى تەۋرىنىش يۆنىلىشىنى سېلىشتۇرغاندا پەرىق ئىنتايىن چوڭ، يەنى قىممەتلىك مېتاللار بازىرىدىكى ئالتۇن، كۈمۈش، پىلاتىنا قاتارلىقلارنىڭ ھازىرىقى باھاسى ئىلگىرىكى باھاغا قارىغاندا خېللا تۆۋەن بولۇپ، بولۇپمۇ پىلاتىنا باھاسىنىڭ ھازىرىقىدەك تۆۋەن بولۇشى كەمدىن-كەم ئۇچرايدۇ. بۇ يىل ئالتۇن باھاسىنىڭ كۈمۈش باھاسىغا بولغان نىسبەت قىممىتى 73 نىڭ 1 گە بولۇپ، بۇ خىل تاناسىپلىق مۇناسىۋەتمۇ ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىكەن. ئامىرىكا گىئولوگىيە ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىدىن مەلۇم بولىشىچە، يەر قاتلىمىدىكى كۈمۈشنىڭ مىقدارى ئالتۇن مىقدارىنىڭ 60 ھەسسىگە توغرا كىلىدىكەن.
تۈنۈگۈن دوللار كۆرسەتكۈچى يۇقىرى ئۆرلىگەن بولسىمۇ ئەمما ئالتۇن باھاسىغا ئانچە تەسىر كۆرسەتمىدى ، گەرچە ئامېرىكا چىداشلىق بۇيۇم زاكاز مەلۇماتى مۆلچەردىن ياخشى چىققان بولسىمۇ، بىراق ئامېرىكا CPI سانلىق مەلۇماتى پۇل پاخاللىشىش ھالىتىنى تۆۋەنلىتىشى مۇمكىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكا ئىشسىزلىق سوممىسىنى ئىلتىماس قىلغان سانلىق مەلۇماتى ئادەتتىكىچە چىققان، ياۋرونىڭ توساتتىن چۈشۈپ كېتىشى خەۋپتىن ساقلىنىش كەيپىياتىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، شۇنىڭ بىلەن ئالتۇن باھاسى 1200 دوللاردىن يۇقىرى بولغان نۇقتىنى ساقلاپ قالدى.
ياۋروپا سودا بازىرى ۋاقتىدا، گېرمانىيە 2 - ئايلىق CPI يىللىق نىسبىتى دەسلەپكى قىممىتى ئېلان قىلىنىدۇ، ئەگەر CPI دەسلەپكى قىممىتى ئاجىز چىقسا، ياۋرو يەنە بېسىمغا ئۇچراپ ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈش يۆلىنىشىنى چەكلەپ قويۇشى مۇمكىن. ئامېرىكا سودا بازىرى ۋاقتىدا ، ئامېرىكا بىر قاتار ئىقتىسادى سانلىق مەلۇماتلار ئېلان قىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىم بولغىنى، ئامېرىكا 4 - پەسىللىك ئەمەلىي GDP تۈزەتمە قىممەت سانلىق مەلۇماتى بولۇپ، ئەگەر بۇ سانلىق مەلۇمات نەتىجىسىنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولسا، دوللارغا تىرەش كۈچى بولىشى مۇمكىن، ئەگەر ئىپادىسى ناچار بولسا، دوللار بېسىمغا ئۇچرىشى مۇمكىن.
مەزكۇر ئەسەر ئەجداد خەلقئارالىق سوداچەكلىك شىركىتىنىڭ ئقتىساد مۇنبىرىدىن ئىلىندى http://www.xjabs.com/show/?id=2611
بۇ ھەقتە تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگەبولماقچى بولسىڭىز 18699850319 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
ئۈندىدار سالونىمىز: ajdadsoda
تور بەت ئادىرىسىمىز : www.xjabs.com